47
47-كۈي •••• خۇدا مەڭگۈ غەلىبە قىلغۇچىدۇر 
  1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ  
بارلىق قوۋملار، خۇدانى ئالقىشلاڭلار!  
ئۇنىڭغا يۇقىرى ئاۋازىڭلار بىلەن خۇشاللىق تەنتەنىسىنى ياڭرىتىڭلار!   
 2 چۈنكى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى، پەرۋەردىگار، دەھشەتلىك ۋە ھەيۋەتلىكتۇر،  
پۈتكۈل جاھاننى سورىغۇچى بۈيۈك پادىشاھتۇر. ◼«...پەرۋەردىگار، دەھشەتلىك ۋە ھەيۋەتلىكتۇر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «دەھشەتلىك» ھەم «ھەيۋەتلىك» بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ.   
 3 ئۇ بىزگە خەلقلەرنى بويسۇندۇرۇپ،  
بىزنى ئەل-مىللەتلەر ئۈستىگە ھاكىم قىلىدۇ. ◼«... بىزنى ئەل-مىللەتلەر ئۈستىگە ھاكىم قىلىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا: ــ «... ئەل-مىللەتلەرنى پۇتىمىز ئاستىدا قىلىدۇ».   
 4 ئۇ بىز ئۈچۈن مىراسىمىزنى تاللاپ،  
يەنى ئۆزى سۆيگەن ياقۇپنىڭ پەخرى بولغان زېمىننى بېكىتىپ بەردى.  
سېلاھ!   
 5 خۇدا تەنتەنە ساداسى ئىچىدە،  
پەرۋەردىگار سۇناي ساداسى ئىچىدە يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى؛   
 6 خۇداغا ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار، ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار!  
پادىشاھىمىزغا ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار، ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار!   
 7 خۇدا پۈتكۈل جاھاننىڭ پادىشاھىدۇر؛  
زېھنىڭلار بىلەن ئۇنىڭغا ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار!   
 8 خۇدا ئەللەر ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرىدۇ؛  
ئۇ ئۆزىنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدۇ.   
 9 ئەل-يۇرتلارنىڭ كاتتىلىرى جەم بولۇپ،  
ئىبراھىمنىڭ خۇداسىنىڭ خەلقىگە قوشۇلدى؛  
چۈنكى جاھاندىكى بارلىق قالقانلار خۇداغا تەۋەدۇر؛  
ئۇ نەقەدەر ئالىيدۇر! ◼«... جاھاندىكى بارلىق قالقانلار خۇداغا تەۋەدۇر» ــ «قالقانلار» بەلكىم دۇنيادىكى بارلىق قورال-ياراقلارنى كۆرسىتىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «پادىشاھلار».   
◼47:2 «...پەرۋەردىگار، دەھشەتلىك ۋە ھەيۋەتلىكتۇر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «دەھشەتلىك» ھەم «ھەيۋەتلىك» بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ.
◼47:3 «... بىزنى ئەل-مىللەتلەر ئۈستىگە ھاكىم قىلىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا: ــ «... ئەل-مىللەتلەرنى پۇتىمىز ئاستىدا قىلىدۇ».
◼47:9 «... جاھاندىكى بارلىق قالقانلار خۇداغا تەۋەدۇر» ــ «قالقانلار» بەلكىم دۇنيادىكى بارلىق قورال-ياراقلارنى كۆرسىتىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «پادىشاھلار».