64
64-كۈي •••• ئامانلىق تىلەش دۇئاسى 
  1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ  
ئى خۇدا، ئاھلىرىمنى كۆتۈرگەندە، مېنى ئاڭلىغايسەن!  
ھاياتىمنى دۈشمەننىڭ ۋەھشىلىكىدىن قۇغدىغايسەن!   
 2 قارا نىيەتلەرنىڭ يوشۇرۇن سۇيىقەستلىرىدىن،  
يامانلىق ئەيلىگۈچى قاغا-قۇزغۇنلاردىن ئامان قىلغايسەن.   
 3-4 ئۇلار تىللىرىنى قىلىچتەك ئۆتكۈر بىلىدى؛  
مۇكەممەل ئادەمنى يوشۇرۇن جايدىن ئېتىش ئۈچۈن،  
ئۇلار ئوقىنى بەتلىگەندەك زەھەرلىك سۆزىنى تەييارلىدى.  
ئۇلار قىلچە ئەيمەنمەي تۇيۇقسىز ئوق چىقىرىدۇ.   
 5 ئۇلار بەتنىيەتتە بىر-بىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپ،  
يوشۇرۇن تۇزاق قۇرۇشنى مەسلىھەتلىشىپ،  
«بىزنى كىم كۆرەلەيتتى؟» ــ دېيىشمەكتە.   
 6 ئۇلار قەبىھلىككە ئىنتىلىپ: ــ  
«بىز ئىزدىنىپ، ئەتراپلىق بىر تەدبىر تېپىپ چىقتۇق!» ــ دەيدۇ؛  
ئىنساننىڭ ئىچ-باغرى ۋە قەلبى دەرۋەقە چوڭقۇر ۋە بىلىپ بولماس بىر نەرسىدۇر!   
 7 لېكىن خۇدا ئۇلارغا ئوق ئاتىدۇ؛  
ئۇلار تۇيۇقسىز زەخىملىنىدۇ.   
 8 ئۇلار ئۆز تىلى بىلەن پۇتلىشىدۇ؛  
ئۇلارنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى نېرى تارتىدۇ. ◼«ئۇلارنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى نېرى تارتىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۇلارنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى بېشىنى سىلكىيدۇ».   
 9 ھەممە ئادەمنى قورقۇنچ باسىدۇ؛  
ئۇلار خۇدانىڭ ئىشلىرىنى بايان قىلىدۇ،  
بەرھەق، ئۇلار ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى ئويلىنىپ ساۋاق ئالىدۇ.   
 10 ھەققانىيلار پەرۋەردىگاردا خۇشال بولۇپ،  
ئۇنىڭغا تايىنىدۇ؛  
كۆڭلى دۇرۇس ئادەملەر روھلىنىپ شادلىنىدۇ.   
◼64:8 «ئۇلارنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى نېرى تارتىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۇلارنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى بېشىنى سىلكىيدۇ».