70
70-كۈي •••• «پەرۋەردىگار، تېز كەلگەيسەن!» 
  1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ئەسلىتىش ئۈچۈن» ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ  
پەرۋەردىگار، مېنى قۇتقۇزۇشقا ئالدىرىغايسەن!  
پەرۋەردىگار، تېز كېلىپ ماڭا ياردەم قىلغايسەن! ◘زەب. 40:13-17   
 2 مېنىڭ جېنىمنى ئىزدەۋاتقانلار يەرگە قارىتىلىپ رەسۋا قىلىنسۇن؛  
مېنىڭ زىيىنىمدىن خۇرسەن بولغانلار كەينىگە ياندۇرۇلۇپ شەرمەندە بولغاي. ◘زەب. 35:4،26؛ 71:13   
 3 مېنى: ــ «ۋاھ! ۋاھ!» دەپ مەسخىرە قىلغانلار ئۆز شەرمەندىلىكىدىن كەينىگە يانغاي!   
 4 بىراق سېنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى سەندە شادلىنىپ خۇشال بولغاي!  
نىجاتلىقىڭنى سۆيگەنلەر ھەمىشە: «خۇدا ئۇلۇغلانسۇن» دېيىشكەي.   
 5 بىراق مەن ئېزىلگەنمەن، ھەم يوقسۇلمەن؛  
يېنىمغا تېزدىن كەل، ئى خۇدا!  
سەن مېنىڭ ياردەمچىم، مېنىڭ ئازاد قىلغۇچىم؛  
ئى پەرۋەردىگار، كېچىكمەي كەلگەيسەن!