87
87-كۈي •••• زىئوننىڭ ئۇلۇغلۇقى
كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي-ناخشا: ــ
ئۇنىڭ ئۇلى بولسا مۇقەددەس تاغلاردىدۇر. «ئۇنىڭ ئۇلى بولسا مۇقەددەس تاغلاردىدۇر» ــ «ئۇنىڭ ئۇلى» ــ خۇدانىڭ ئۇلى، دېمەك.
پەرۋەردىگار ئەۋزلك كۆرەر ياقۇپنىڭ بارلىق جايلىرىدىنمۇ،
پەقەتلا زىئون دەرۋازىلىرىنى؛
شەرىپىڭگە ئۇلۇغ ئىشلار ئېيتىلماقتا، ئى خۇدانىڭ شەھىرى!
سېلاھ.
«راھاب ۋە بابىللىقلار باردۇر مېنى تونۇغانلار ئارىسىدا؛
فىلىستىيەلىك، تۇر بىلەن ئېفىئوپىيەلىق شۇ قاتاردا» ــ دەيمەن؛
بۇ ئادەم تۇغۇلغاندۇر شۇ يەردە. «... ئارىسىدا راھاب بىلەن بابىللىقلار» ــ «راھاب» بۇ يەردە مىسىرنى بىلدۈرىدۇ (مەنىسى: «تەكەببۇر». «يەش.» 7:30نى كۆرۈڭ). ««مېنى تونۇپ بىلگەنلەر ئارىسىدا راھاب بىلەن بابىلنى تىلغا ئالىمەن... مانا بۇ ئادەم شۇ يەردە تۇغۇلغان» ــ دەيمەن» ــ سۆزلىگۈچى خۇدا ئۆزى بولسا كېرەك.
بەرھەق، زىئون توغرۇلۇق شۇنداق ئېيتىلار: ــ
«بۇ ئادەم، پالانچى-پوكۇنچى ئۇنىڭدا تۇغۇلغان،
ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئۆزى ئۇنى مۇستەھكەملەيدۇ».
خەلق-قوۋملارنى خاتىرىلىگىنىدە پەرۋەردىگار: ــ
«بۇ كىشى بۇ يەردە تۇغۇلغان» ــ دەپ ئالاھىدە خاتىرىگە يېزىپ قويىدۇ.
سېلاھ. ««بۇ كىشى بۇ يەردە تۇغۇلغان» ــ دەپ ئالاھىدە خاتىرىگە يېزىپ قويىدۇ» ــ بۇ سىرلىق سۆز خۇدانىڭ يەھۇدىي بولمىغان («يات ئەللىك») ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغۇچىلارنى ئېتىقادى ئارقىلىق «ئۆزۈمگە تەۋە ئادەم، ئۆزۈمنىڭ ئائىلەمدىكى ئادەم» دەپ ھېسابلاپ، ئۇلارغا ئىلتىپات قىلىپ: «يېرۇسالېمدا تۇغۇلغان» دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.  زەب. 31:22: ئىنر. 23-22:12
ناخشىچىلار، ئۇسسۇلچىلار شۇنى تەڭ ئېيتىدۇ: ــ
«مېنىڭ بارلىق بۇلاق-مەنبەلىرىم سېنىڭدىدۇر!» «مېنىڭ بارلىق بۇلاق-مەنبەلىرىم سېنىڭدىدۇر!» ــ «سېنىڭدا» بەلكىم زىئوندا دېگەن مەنىدە. بەزى ئالىملار مەنىسىنى «خۇدا ئۆزىدە» دەپ قارايدۇ.
 
 

87:1 «ئۇنىڭ ئۇلى بولسا مۇقەددەس تاغلاردىدۇر» ــ «ئۇنىڭ ئۇلى» ــ خۇدانىڭ ئۇلى، دېمەك.

87:4 «... ئارىسىدا راھاب بىلەن بابىللىقلار» ــ «راھاب» بۇ يەردە مىسىرنى بىلدۈرىدۇ (مەنىسى: «تەكەببۇر». «يەش.» 7:30نى كۆرۈڭ). ««مېنى تونۇپ بىلگەنلەر ئارىسىدا راھاب بىلەن بابىلنى تىلغا ئالىمەن... مانا بۇ ئادەم شۇ يەردە تۇغۇلغان» ــ دەيمەن» ــ سۆزلىگۈچى خۇدا ئۆزى بولسا كېرەك.

87:6 ««بۇ كىشى بۇ يەردە تۇغۇلغان» ــ دەپ ئالاھىدە خاتىرىگە يېزىپ قويىدۇ» ــ بۇ سىرلىق سۆز خۇدانىڭ يەھۇدىي بولمىغان («يات ئەللىك») ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغۇچىلارنى ئېتىقادى ئارقىلىق «ئۆزۈمگە تەۋە ئادەم، ئۆزۈمنىڭ ئائىلەمدىكى ئادەم» دەپ ھېسابلاپ، ئۇلارغا ئىلتىپات قىلىپ: «يېرۇسالېمدا تۇغۇلغان» دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

87:6 زەب. 31:22: ئىنر. 23-22:12

87:7 «مېنىڭ بارلىق بۇلاق-مەنبەلىرىم سېنىڭدىدۇر!» ــ «سېنىڭدا» بەلكىم زىئوندا دېگەن مەنىدە. بەزى ئالىملار مەنىسىنى «خۇدا ئۆزىدە» دەپ قارايدۇ.