91
91-كۈي •••• خۇدانىڭ ھەرخىل يامانلىقتىن، جىن-شەيتانلاردىن قوغدىشى
ئەڭ ئالىي بولغۇچىنىڭ مەخپىي جايىدا تۇرغۇچى،
ھەممىگە قادىرنىڭ سايىسىدە ئارامخۇدا ياشايدۇ.
مەن پەرۋەردىگارنى: ــ
«مېنىڭ باشپاناھىم، مېنىڭ قورغىنىم؛
مېنىڭ خۇدايىم، ئۇنىڭغا تايىنىمەن» ــ دەيمەن.
بەرھەق، ئۇ قىلتاقچىنىڭ توزىقىدىن سېنى قۇتۇلدۇرىدۇ،
شۇم بالا-قازادىن ھەم خالاس ئېتىدۇ. زەب. 124‏:7
ئۇ پەيلىرى بىلەن سېنى ياپىدۇ؛
قاناتلىرى ئاستىدا پاناھ تاپىسەن؛
ئۇنىڭ ھەقىقىتى ساڭا قالقان ھەم ئىستىھكامدۇر. زەب. 57‏:1
سەن نە كېچىدىكى ۋەھىمىدىن،
نە كۈندۈزى ئۇچۇۋاتقان ئوقتىن، ئايۇپ 5‏:19،20؛ پەند. 3‏:25؛ كۈي. 3‏:8
نە قاراڭغۇلۇقتا كەزگۈچى ۋابادىن،
نە چۈش ۋاقتىدا ۋەيرانچىلىق قىلغۇچى ھالاكەتتىن قورقمايسەن.
سېنىڭ يېنىڭدا مىڭى يىقىلىپ،
ئوڭ يېقىڭدا ئون مىڭى غۇلاپ چۈشسىمۇ،
لېكىن بالا-قازا ساڭا يېقىنلاشمايدۇ.
سەن پەقەت كۆزلىرىڭ بىلەن بېقىپ،
پاسىقلارغا بېرىلگەن جازانى كۆرىسەن.
پەرۋەردىگارنى پاناھىم دەپ بىلگىنىڭ ئۈچۈن،
ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنى ماكان قىلغىنىڭ ئۈچۈن، «پەرۋەردىگارنى پاناھىم دەپ بىلگىنىڭ ئۈچۈن، *ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنى ماكان قىلغىنىڭ ئۈچۈن، ...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى، ئىبرانىي تىلغا سۆزمۇسۆز ئەگىشىپ: ــ «چۈنكى سەن پەرۋەردىگار، مېنىڭ پاناھىم، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنى ماكان قىلغىنىڭ ئۈچۈن، ...». بۇ تەرجىمىسى توغرا بولسا، خۇدا مەسىھكە سۆز قىلىپ، ئۇنى «مېنىڭ پاناهىم» دەيدي ــ دېمەك، مەسىه بولسا خۇدا پۈتكۈل ئىنسانلار ئۈچۈن تەمىنلىگەن باشپاناهدۇر.
10 بېشىڭغا ھېچ پالاكەت چۈشمەيدۇ،
ۋابامۇ چېدىرىڭغا يېقىنلاشمايدۇ.
11 ئۇ ئۆز پەرىشتىلىرىگە سېنىڭ ھەققىڭدە ئەمر قىلىدۇ،
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پۈتكۈل يوللىرىڭدا سېنى ساقلايدۇ. زەب. 34‏:7؛ مات. 4‏:6؛ لۇقا 4‏:10
12 ئايىغىڭ تاشقا ئۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن،
ئۇلار سېنى قوللىرىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ. لۇقا 4‏:11
13 شىر ۋە كوبرا يىلان ئۈستىدىن بېسىپ ئۆتىسەن،
ئارسلان ۋە ئەجدىھانى دەسسەپ-چەيلەيسەن. ئايۇپ 5‏:22،23
14 «ئۇ ماڭا مۇھەببىتىنى باغلىغانلىقى ئۈچۈن،
مەن ئۇنى قۇتۇلدۇرىمەن؛
ئۇ نامىمنى تەن ئالغىنى ئۈچۈن يۇقىرىدا ساقلايمەن.
15 ئۇ ماڭا نىدا قىلىدۇ، مەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىمەن؛
ئېغىر كۈن ئۇنى باسقاندا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن؛
مەن ئۇنى خالاس قىلىپ، ئىززەت-ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرىمەن.
16 ئۇزاق ئۆمۈر بىلەن ئۇنى قاناتلەندۇرىمەن،
ھەم نىجاتلىقىمنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىمەن».
 
 

91:3 زەب. 124‏:7

91:4 زەب. 57‏:1

91:5 ئايۇپ 5‏:19،20؛ پەند. 3‏:25؛ كۈي. 3‏:8

91:9 «پەرۋەردىگارنى پاناھىم دەپ بىلگىنىڭ ئۈچۈن، *ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنى ماكان قىلغىنىڭ ئۈچۈن، ...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى، ئىبرانىي تىلغا سۆزمۇسۆز ئەگىشىپ: ــ «چۈنكى سەن پەرۋەردىگار، مېنىڭ پاناھىم، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنى ماكان قىلغىنىڭ ئۈچۈن، ...». بۇ تەرجىمىسى توغرا بولسا، خۇدا مەسىھكە سۆز قىلىپ، ئۇنى «مېنىڭ پاناهىم» دەيدي ــ دېمەك، مەسىه بولسا خۇدا پۈتكۈل ئىنسانلار ئۈچۈن تەمىنلىگەن باشپاناهدۇر.

91:11 زەب. 34‏:7؛ مات. 4‏:6؛ لۇقا 4‏:10

91:12 لۇقا 4‏:11

91:13 ئايۇپ 5‏:22،23