93
93-كۈي •••• پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك ھۆكۈمراندۇر 
  1 پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ!  
ئۇ ھەيۋەتنى كىيىم قىلىپ كىيگەن؛  
پەرۋەردىگار كىيىنگەن،  
ئۇ بېلىنى قۇدرەت بىلەن باغلىغان؛  
بەرھەق، شۇڭا دۇنيا مەزمۇت قىلىنغان،  
ئۇ تەۋرەنمەس ئەسلا.   
 2 سېنىڭ تەختىڭ قەدىمدىلا بەرپا قىلىنغان؛  
سەن ئەزەلدىن بار بولغۇچىسەن!   
 3 كەلكۈن-تاشقىنلار ئۆز ساداسىنى كۆتۈردى، ئى پەرۋەردىگار،  
كەلكۈن-تاشقىنلار ئۆز ساداسىنى كۆتۈردى!  
كەلكۈن-تاشقىنلار كۈچلۈك دولقۇنلىرىنى يۇقىرى كۆتۈردى!   
 4 كۆپ سۇلارنىڭ شاۋقۇنلىرىدىن،  
دېڭىز-ئوكياندىكى قۇدرەتلىك دولقۇنلاردىن،  
ئۈستۈن تۇرغان پەرۋەردىگار قۇدرەتلىكتۇر! ◼«دېڭىز-ئوكياندىكى قۇدرەتلىك دولقۇنلار» ــ «دولقۇنلار» ئىبرانىي تىلىدا «چېقىۋەتكۈچىلەر».   
 5 سېنىڭ ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭ نېمىدېگەن ئىشەنچلىك-ھە!  
زامان ئاخىرىغىچە، ئى پەرۋەردىگار،  
ئۆيۈڭگە پاك-مۇقەددەسلىك ئەبەدىلئەبەد راۋادۇر.