95
95-كۈي •••• ھەقىقىي ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ئاڭلاش كېرەك
كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنى ياڭرىتىپ كۈيلەيلى،
نىجاتلىقىمىز بولغان قورام تېشىمىزغا تەنتەنە قىلايلى!
تەشەككۈرلەر بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلەيلى،
ئۇنىڭغا كۈيلەر بىلەن تەنتەنە قىلايلى!
چۈنكى پەرۋەردىگار ــ بۈيۈك بىر ئىلاھتۇر،
پۈتكۈل ئىلاھلار ئۈستىدىكى بۈيۈك بىر پادىشاھتۇر. «... پەرۋەردىگار ــ بۈيۈك بىر ئىلاھتۇر، پۈتكۈل ئىلاھلار ئۈستىدىكى بۈيۈك بىر پادىشاھتۇر» ــ بۇ ئايەتتىكى «ئىلاھلار»: (1) تائىپىلار چوقۇنىدىغان بۇتلارنى (ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ كەينىدە تۇرغان جىن-شەيتانلارنى ــ «زەب.» 4:96-5، «1كور.» 4:8-6 ۋە 19:10-21نى كۆرۈڭ) ياكى (2) خۇدانىڭ سۆزىگە مەسئۇل بولغان ئىسرائىل ھاكىملىرىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.
يەرنىڭ تەگلىرى ئۇنىڭ قولىدىدۇر،
تاغلارنىڭ چوققىلىرىمۇ ئۇنىڭكىدۇر.
دېڭىز ئۇنىڭكى، ئۇ ئۇنى ياراتقان؛
قۇرۇقلۇقنى ئۇنىڭ قوللىرى شەكىللەندۈردى.
كېلىڭلار، ئۇنىڭغا باش ئۇرۇپ سەجدە قىلايلى،
پەرۋەردىگار ياراتقۇچىمىز ئالدىدا تىز پۈكەيلى!
چۈنكى ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر،
بىز بولساق ئۇنىڭ يايلىقىدىكى خەلق،
ئۇنىڭ قولى باقىدىغان قويلارمىز.
بۈگۈن، ئەگەر ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار، زەب. 100‏:3؛ ئىبر. 3‏:7
ئەينى چاغلاردا مەرىباھدا بولغاندەك، چۆل-باياۋاندىكى ماسساھدا بولغان كۈندەك،
يۈرىكىڭلارنى جاھىل قىلماڭلار! «ئەينى چاغلاردا مەرىباھدا بولغاندەك، چۆل-باياۋاندىكى ماسساھدا بولغان كۈندەك، يۈرىكىڭلارنى جاھىل قىلماڭلار!» ــ «مەرىباھ» ۋە «ماسساھ» دېگەن جايلاردا ئىسرائىللار خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، مۇسا پەيغەمبەرگە قارشى ئىسيان-ئاسىيلىق كۆتۈرگەن. بۇ ۋەقەلەر «مىس.» 17-باب، «چۆل.» 20-بابتا خاتىرىلەنگەن.   مىس. 17‏:7؛ چۆل. 20‏:1،3،13؛ قان. 6‏:16
مانا شۇ يەردە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مېنى سىنىدى، ئىسپاتلىدى ھەم قىلغىنىمنى كۆردى. ئىبر. 3‏:9
10 مەن قىرىق يىل شۇ دەۋردىن بىزار بولۇپ: ــ
«بۇلار كۆڭلىدە ئاداشقان بىر خەلقتۇر،
مېنىڭ يوللىرىمنى ھېچ بىلىپ يەتمىگەن» ــ دېدىم. ئىبر. 3‏:17
11 شۇڭا مەن غەزەپلىنىپ قەسەم ئىچىپ: ــ
«ئۇلار ھەرگىز مېنىڭ ئارامگاھىمغا كىرمەيدۇ» ــ دېدىم. «ئۇلار ھەرگىز مېنىڭ ئارامگاھىمغا كىرمەيدۇ» ــ «مېنىڭ ئارامگاھىم» (1) خۇدا ئىسرائىللارغا ۋەدە بەرگەن قانائان (پەلەستىن) زېمىنىنى كۆرسىتىدۇ. مىسىردىن چىقىپ چۆل-باياۋاندا قىرىق يىل سەرسان بولۇپ يۈرگەن شۇ دەۋردە ئىسرائىللار ئىتائەتسىزلىك قىلىپ ئۇ زېمىنغا كىرمىگەن. (2) «ئارامگاھ» پەقەت زېمىننىلا ئەمەس، بەلكى يەنە خۇدانىڭ پاناھى، يېتەكچىلىكى ھەم شەپقىتى ئاستىدا ياشاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (ئىنجىل، «ئىبرانىيلارغا»، 4-بابنىمۇ كۆرۈڭ).
 
 

95:3 «... پەرۋەردىگار ــ بۈيۈك بىر ئىلاھتۇر، پۈتكۈل ئىلاھلار ئۈستىدىكى بۈيۈك بىر پادىشاھتۇر» ــ بۇ ئايەتتىكى «ئىلاھلار»: (1) تائىپىلار چوقۇنىدىغان بۇتلارنى (ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ كەينىدە تۇرغان جىن-شەيتانلارنى ــ «زەب.» 4:96-5، «1كور.» 4:8-6 ۋە 19:10-21نى كۆرۈڭ) ياكى (2) خۇدانىڭ سۆزىگە مەسئۇل بولغان ئىسرائىل ھاكىملىرىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.

95:7 زەب. 100‏:3؛ ئىبر. 3‏:7

95:8 «ئەينى چاغلاردا مەرىباھدا بولغاندەك، چۆل-باياۋاندىكى ماسساھدا بولغان كۈندەك، يۈرىكىڭلارنى جاھىل قىلماڭلار!» ــ «مەرىباھ» ۋە «ماسساھ» دېگەن جايلاردا ئىسرائىللار خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، مۇسا پەيغەمبەرگە قارشى ئىسيان-ئاسىيلىق كۆتۈرگەن. بۇ ۋەقەلەر «مىس.» 17-باب، «چۆل.» 20-بابتا خاتىرىلەنگەن.

95:8 مىس. 17‏:7؛ چۆل. 20‏:1،3،13؛ قان. 6‏:16

95:9 ئىبر. 3‏:9

95:10 ئىبر. 3‏:17

95:11 «ئۇلار ھەرگىز مېنىڭ ئارامگاھىمغا كىرمەيدۇ» ــ «مېنىڭ ئارامگاھىم» (1) خۇدا ئىسرائىللارغا ۋەدە بەرگەن قانائان (پەلەستىن) زېمىنىنى كۆرسىتىدۇ. مىسىردىن چىقىپ چۆل-باياۋاندا قىرىق يىل سەرسان بولۇپ يۈرگەن شۇ دەۋردە ئىسرائىللار ئىتائەتسىزلىك قىلىپ ئۇ زېمىنغا كىرمىگەن. (2) «ئارامگاھ» پەقەت زېمىننىلا ئەمەس، بەلكى يەنە خۇدانىڭ پاناھى، يېتەكچىلىكى ھەم شەپقىتى ئاستىدا ياشاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (ئىنجىل، «ئىبرانىيلارغا»، 4-بابنىمۇ كۆرۈڭ).