106
106-كۈي •••• خۇدانىڭ ۋاپادارلىقى ۋە سەۋر-تاقىتى؛ ئىنساننىڭ ۋاپاسىزلىقى
ھەمدۇسانا!
پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار!
چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر، ئەبەدىيدۇر ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى. «پەرۋەردىگار... مېھرىباندۇر، ئەبەدىيدۇر ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى...» ــ بۇ كۈيدە تەۋراتتىكى «مىس.» 1-24-بابلار، «چۆل.» 11-17، 20-بابلار، «يەشۇئا»، «باتۇر ھاكىملار» ھەم «پادىشاھلار» دېگەن قىسىملاردىكى تارىخ كۆزدە تۇتۇلىدۇ.   1تار. 16‏:34-36؛ زەب. 107‏:1؛ 118‏:1؛ 136‏:1
پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرەتلىك قىلغانلىرىنى كىم سۆزلەپ بېرەلەيدۇ؟
ئۇنىڭ بار شان-شۆھرىتىنى كىم جاكارلاپ بېرەلەيدۇ؟
بەختلىكتۇر ئادالەتنى تۇتقان،
دائىم ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزگەن كىشى!
خەلقىڭگە بولغان ھىممىتىڭ بىلەن مېنى ئەسلىگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛
نىجاتلىقىڭ بىلەن يېنىمغا كېلىپ خەۋەر ئالغىن! «نىجاتلىقىڭ بىلەن يېنىمغا كېلىپ خەۋەر ئالغىن!» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «نىجاتلىقىڭ بىلەن مېنى يوقلىغايسەن» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن، سەن تاللىغانلىرىڭنىڭ بەرىكىتىنى كۆرەي،
ئۆز ئېلىڭنىڭ شادلىقى بىلەن شاد بولاي،
ئۆز مىراسىڭ بولغان خەلقىڭ بىلەن پەخىرلىنىپ، يايراپ يۈرەي!
بىز ئاتا-بوۋىلىرىمىز قاتارىدا گۇناھ ئۆتكۈزدۇق،
قەبىھلىك قىلدۇق، يامانلىق ئەيلىدۇق. لاۋ. 26‏:40؛ يەر. 3‏:25؛ دان. 9‏:5
مىسىردا تۇرغان ئاتا-بوۋىلىرىمىز مۆجىزىلىرىڭنى نەزىرىگە ئالماي،
كۆپ مېھرىبانلىقلىرىڭنى ئېسىگە ئالمىدى؛
بەلكى دېڭىزدا، قىزىل دېڭىز بويىدا ئىسيان كۆتۈردى. مىس. 14‏:11،12
بىراق ئۇ قۇدرىتىمنى نامايان قىلاي دەپ،
ئۆز نامى ئۈچۈن ئۇلارنى قۇتقۇزدى. مىس. 9‏:16
ئۇنىڭ قىزىل دېڭىزغا تەنبىھ بېرىشى بىلەن،
ئۇ قۇپقۇرۇق بولدى؛
خۇددى قاغجىراق چۆللۈكتىن يېتەكلەپ ماڭغاندەك،
ئۇ ئۇلارنى دېڭىز تەگلىرىدىن قۇرۇق ئۆتكۈزدى. مىس. 14‏:21،22،29
10 ئۇلارنى ئۆچ كۆرگەنلەرنىڭ قولىدىن ھۆرلۈككە چىقاردى،
ئۇلارغا ھەمجەمەت بولۇپ دۈشمەن چاڭگىلىدىن قۇتقۇزدى.
11 ياۋلارنى سۇلار باستى،
ئۇلارنىڭ ھېچبىرسى ساق قالمىدى. مىس. 14‏:27؛ 15‏:5
12 شۇندىلا ئۇلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنچ قىلدى؛
ئۇلار ئۇنى كۈيلىدى. مىس. 14‏:31؛ 15‏:1
13 ئۇلار ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى شۇنچە تېز ئۇنتۇدى،
نەسىھەتىنى كۈتمىدى؛
14 بەلكى دالادا ئاچ كۆزلۈككە بالادەك بېرىلدى،
چۆل-باياۋاندا تەڭرىنى سىنىدى. مىس. 16‏:3؛ چۆل. 11‏:4،6،33؛ زەب. 78‏:18؛ 1كور. 10‏:6
15 شۇڭا ئۇ سورىغىنىنى ئۇلارغا بەردى،
بىراق جۈدەتكۈچى بىر كېسەلنى جانلىرىغا تەگكۈزدى. چۆل. 11‏:20، 33؛ زەب. 78‏:29-31؛ يەش. 10‏:16
16 ئۇلار بارگاھدا مۇساغا ھەسەت قىلدى،
خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىسى ھارۇننىمۇ كۆرەلمىدى. چۆل. 16
17 يەر ئېچىلىپ داتاننى يۇتۇۋەتتى،
ئابىرامنى ئادەملىرى بىلەن قاپسىۋالدى. چۆل. 16‏:31،32،33؛ قان. 11‏:6
18 ئەگەشكۈچىلىرى ئارىسىدا ئوت يېقىلدى؛
يالقۇن رەزىللەرنى كۆيدۈرىۋەتتى. چۆل. 16‏:35،46
19 ئۇلار ھورەب تېغىدا موزاي بۇتنى ياسىدى،
قۇيما ھەيكەلگە سەجدە قىلىپ، مىس. 32‏:4
20 ئۆزلىرىنىڭ پەخىر-شۆھرىتى بولغۇچىنىڭ ئورنىغا،
ئوت-چۆپ يەيدىغان ئۆكۈزنىڭ سۈرىتىنى ئالماشتۇردى.
21 مىسىردا ئۇلۇغ ئىشلارنى كۆرسەتكەن نىجاتكارى تەڭرىنى ئۇلار ئۇنتۇدى.
22 دەرۋەقە، ھام دىيارىدا مۆجىزىلەر ياراتقان،
قىزىل دېڭىز بويىدا قورقۇنچلۇق ئىشلارنى كۆرسەتكەن خۇدانى ئۇنتۇدى.
23 ئۇ ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن دېگەنىدى ــ
ئۆز تاللىغىنى مۇسا قەھرىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ئارىچى بولۇپ تىك تۇرمىغان بولسا،
ــ دەرۋەقە شۇنداق قىلغان بولار ئىدى. مىس. 32‏:11،32؛ قان. 9‏:13،14؛ 10‏:10
24 ئۇلار يەنە گۈزەل زېمىننى كەمسىتىپ رەت قىلدى،
ئۇنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنمىدى؛ چۆل. 14‏:1، 2
25 بەلكى چېدىرلىرىدا قاقشاپ يۈرۈپ،
پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالمىدى.
26 شۇڭا ئۇ ئۇلارغا قەسەم قىلىپ قول كۆتۈرۈپ: ــ
سىلەرنى چۆلدە يىقىتىپ تۈگەشتۈرىمەن ــ چۆل. 14‏:28
27 ئەۋلادلىرىڭلارنىمۇ ئەللەر ئارىسىدا يىقىتىپ تۈگەشتۈرۈپ،
ياقا يۇرتلار ئارا تارقىتىۋېتىمەن» ــ دېدى. زەب. 44‏:10-14؛ ئ‍ەز. 20‏:23
28 ئۇلار بائال-پېئور بۇتقا ئۆزىنى ئېتىپ چوقۇنۇپ،
ئۆلۈكلەرگە ئاتىغان قۇربانلىقلارنى يېدى. «ئۇلار بائال-پېئور بۇتقا ئۆزىنى ئېتىپ چوقۇنۇپ، ئۆلۈكلەرگە ئاتىغان قۇربانلىقلارنى يېدى» ــ «ئۆلۈكلەرگە قۇربانلىق قىلىش»، «ياغ پۇرىتىش» قاتارلىق ھەرقانداق پائالىيەتلەر تەۋراتتا قەتئىي مەنئى قىلىنغان.   چۆل. 25‏:3؛ 31‏:16؛ ۋەھ. 2‏:14
29 ئۇلار قىلمىشلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈردى،
ئۇلار ئارىسىدا ۋابا قوزغالدى؛
30 فىنىھاس تۇردى-دە، ھۆكۈم يۈرگۈزدى،
شۇنىڭ بىلەن ۋابا توسۇلدى؛
31 بۇ ئىش فىنىھاسقا ھەققانىيەت دەپ ھېسابلاندى،
ئۇنىڭ نەسلىگىمۇ ئەۋلادىدىن ئەۋلادىغىچە، ئەبەدىي شۇنداق ھېسابلاندى.
32 ئۇلار يەنە پەرۋەردىگارنى مېرىباھ سۇلىرى بويىدا غەزەپكە كەلتۈردى،
ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن مۇساغىمۇ زەرەر يەتتى؛ چۆل. 20‏:12؛ زەب. 95‏:8
33 چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ روھىنى تېرىكتۈردى،
ئۇنىڭ لەۋلىرى بىخەستىلىكتە گەپ قىلىپ سالدى. «چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ روھىنى تېرىكتۈردى» ــ بەزى تەرجىمىلەردە «ئۇنىڭ روھى» مۇسانىڭ روھى ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ روھى دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ. «... ئۇلار ئۇنىڭ روھىنى تېرىكتۈردى، ئۇنىڭ لەۋلىرى بىخەستىلىكتە گەپ قىلىپ سالدى» ــ «چۆل.» 7:20-13نى كۆرۈڭ.
34 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ،
شۇ يەردىكى قوۋملارنى يوقاتمىدى؛
35 بەلكى يات ئەللەر بىلەن ئارىلىشىپ،
ئۇلارنىڭ قىلىقلىرىنى ئۆگەندى؛ ھاك. 2‏:2؛ 3‏:5، 6
36 ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇندى،
بۇلار ئۆزلىرىگە بىر تۇزاق بولۇپ چىقتى؛
37 چۈنكى ئۇلار ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىنى سويۇپ، جىنلارغا قۇربانلىققا بېغىشلىدى. لاۋ. 18‏:21؛ قان. 12‏:31؛ 2پاد. 16‏:3؛ 17‏:17؛ 21‏:6؛ 2تار. 28‏:3؛ 33‏:6
38 شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىگۇناھ قاننى،
يەنى قانائاندىكى بۇتلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ قېنىنى تۆكتى؛
زېمىنى قانغا بۇلغىنىپ كەتتى. چۆل. 35‏:33
39 ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرى بىلەن بۇلغاندى؛
قىلىقلىرى بىلەن پاھىشە ئايالدەك بۇزۇلدى.
40 شۇڭا پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىدىن قاتتىق غەزەپلەندى،
ئۇ ئۆز مىراسىدىن يىرگەندى؛
41 ئۇلارنى يات ئەللەرنىڭ قولىغا بەردى،
ئۇلارغا ئۆچمەنلەر ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
42 دۈشمەنلىرى ئۇلارنى ئەزدى،
ئۇلار ياۋ قولى ئاستىدا ئېگىلىپ پۈكۈلدى.
43 كۆپ قېتىم پەرۋەردىگار ئۇلارنى قۇتقۇزدى؛
بىراق ئۇلار بولسا، ئۆز خاھىشلىرى بىلەن ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلدى،
ئۇلار ئۆز قەبىھلىكى بىلەن پەس ھالغا چۈشتى.
44 شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۇلارنىڭ نالە-پەريادىنى ئاڭلىغاندا،
ئۇلارنىڭ جەبىر-جاپالىرىغا ئېتىبار بەردى؛
45 ھەم ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئەسلىدى،
زور مېھىر-شەپقىتى بىلەن، غەزىپىدىن ياندى، «زور مېھىر-شەپقىتى بىلەن،...» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «زور مېھىر-شەپقەتلىرى بىلەن...».
46 ئۇ ئۇلارنى سۈرگۈن قىلغانلارنىڭ قەلبىدە رەھىم ئويغاتتى.
47 بىزنى قۇتقۇزغايسەن، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز!
مۇقەددەس نامىڭغا تەشەككۈر ئېيتىشقا،
تەنتەنە قىلىپ سېنى مەدھىيىلەشكە،
بىزنى ئەللەر ئارىسىدىن يېنىڭغا يىغىۋالغايسەن! 1تار. 16‏:35
48 ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا،
ئەزەلدىن تا ئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن!
پۈتكۈل خەلق «ئامىن» دېسۇن!
ھەمدۇسانا! 1تار. 16‏:36
 
 

106:1 «پەرۋەردىگار... مېھرىباندۇر، ئەبەدىيدۇر ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى...» ــ بۇ كۈيدە تەۋراتتىكى «مىس.» 1-24-بابلار، «چۆل.» 11-17، 20-بابلار، «يەشۇئا»، «باتۇر ھاكىملار» ھەم «پادىشاھلار» دېگەن قىسىملاردىكى تارىخ كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

106:1 1تار. 16‏:34-36؛ زەب. 107‏:1؛ 118‏:1؛ 136‏:1

106:4 «نىجاتلىقىڭ بىلەن يېنىمغا كېلىپ خەۋەر ئالغىن!» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «نىجاتلىقىڭ بىلەن مېنى يوقلىغايسەن» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

106:6 لاۋ. 26‏:40؛ يەر. 3‏:25؛ دان. 9‏:5

106:7 مىس. 14‏:11،12

106:8 مىس. 9‏:16

106:9 مىس. 14‏:21،22،29

106:11 مىس. 14‏:27؛ 15‏:5

106:12 مىس. 14‏:31؛ 15‏:1

106:14 مىس. 16‏:3؛ چۆل. 11‏:4،6،33؛ زەب. 78‏:18؛ 1كور. 10‏:6

106:15 چۆل. 11‏:20، 33؛ زەب. 78‏:29-31؛ يەش. 10‏:16

106:16 چۆل. 16

106:17 چۆل. 16‏:31،32،33؛ قان. 11‏:6

106:18 چۆل. 16‏:35،46

106:19 مىس. 32‏:4

106:23 مىس. 32‏:11،32؛ قان. 9‏:13،14؛ 10‏:10

106:24 چۆل. 14‏:1، 2

106:26 چۆل. 14‏:28

106:27 زەب. 44‏:10-14؛ ئ‍ەز. 20‏:23

106:28 «ئۇلار بائال-پېئور بۇتقا ئۆزىنى ئېتىپ چوقۇنۇپ، ئۆلۈكلەرگە ئاتىغان قۇربانلىقلارنى يېدى» ــ «ئۆلۈكلەرگە قۇربانلىق قىلىش»، «ياغ پۇرىتىش» قاتارلىق ھەرقانداق پائالىيەتلەر تەۋراتتا قەتئىي مەنئى قىلىنغان.

106:28 چۆل. 25‏:3؛ 31‏:16؛ ۋەھ. 2‏:14

106:32 چۆل. 20‏:12؛ زەب. 95‏:8

106:33 «چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ روھىنى تېرىكتۈردى» ــ بەزى تەرجىمىلەردە «ئۇنىڭ روھى» مۇسانىڭ روھى ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ روھى دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ. «... ئۇلار ئۇنىڭ روھىنى تېرىكتۈردى، ئۇنىڭ لەۋلىرى بىخەستىلىكتە گەپ قىلىپ سالدى» ــ «چۆل.» 7:20-13نى كۆرۈڭ.

106:35 ھاك. 2‏:2؛ 3‏:5، 6

106:37 لاۋ. 18‏:21؛ قان. 12‏:31؛ 2پاد. 16‏:3؛ 17‏:17؛ 21‏:6؛ 2تار. 28‏:3؛ 33‏:6

106:38 چۆل. 35‏:33

106:45 «زور مېھىر-شەپقىتى بىلەن،...» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «زور مېھىر-شەپقەتلىرى بىلەن...».

106:47 1تار. 16‏:35

106:48 1تار. 16‏:36