109
109-كۈي •••• ئىنتىقام ئۈچۈن ئوقۇلغان دۇئا
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ
 
ئى مەدھىيەمنىڭ ئىگىسى خۇدايىم، جىم تۇرما!
مانا رەزىللەرنىڭ ئاغزى، مەككارلارنىڭ ئاغزى كۆز ئالدىمدا يوغان ئېچىلدى؛
ئۇلار يالغانچى تىل بىلەن ماڭا قارشى سۆزلىدى.
نەپرەتلىك سۆزلەر بىلەن مېنى چۇلغاپ،
ئۇلار بىكاردىن-بىكار ماڭا زەربە بەرمەكتە. زەب. 69‏:4
مۇھەببىتىم ئۈچۈن ئۇلار ماڭا قارشى شىكايەتچى بولدى،
مەن بولسام ــ دۇئاغا بېرىلدىم.
ياخشىلىقىم ئۈچۈن يامانلىق،
سۆيگۈم ئۈچۈن نەپرەت قايتۇردى.
ھەربىرىنىڭ ئۈستىدە رەزىل بىر ئادەم تەيىنلىگەيسەن،
ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا بىر دەۋاگەر تۇرغاي. زەك. 3‏:1، 2
ئۇ سوراق قىلىنغاندا ئەيىبدار بولۇپ چىققاي،
دۇئاسى گۇناھ دەپ ھېسابلانغاي. پەند. 15‏:8؛ 28‏:9
كۈنلىرى قىسقا بولغاي،
مەنسىپىنى باشقىسى ئىگىلىغاي.
بالىلىرى يېتىم قالقاي،
خوتۇنى تۇل بولغاي.
10 ئوغۇللىرى سەرگەردان تىلەمچى بولغاي،
تۇرغان خارابىلىكلىرىدىن نان ئىزدەپ.
11 جازانىخور ئۇنىڭ ئىگىلىكى ئۈستىگە تور تاشلىغاي،
مېھنەت ئەجرىنى ياتلار بۇلاپ-تالىغاي.
12 ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىدىغان بىرسى بولمىغاي،
يېتىم قالغان بالىلىرىغا ئىلتىپات قىلغۇچى بولمىغاي.
13 ئۇنىڭ نەسلى قۇرۇتۇلغاي؛
كېلەر ئەۋلادىدا ناملىرى ئۆچۈرۈلگەي.
14 ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبىھلىكىنىڭ ئەيىبلىرى پەرۋەردىگارنىڭ يادىدا قالقاي،
ئانىسىنىڭ گۇناھى ئۆچۈرۈلمىگەي.
15 بۇلارنىڭ ئەيىبلىرى دائىم پەرۋەردىگارنىڭ كۆز ئالدىدا بولغاي،
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ نام-ئەمىلىنى يەر يۈزىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ. ئايۇپ 18‏:17؛ زەب. 34‏:16
16 چۈنكى رەزىل كىشى مېھرىبانلىق كۆرسىتىشنى ھېچ ئېسىگە كەلتۈرمىدى،
بەلكى ئېزىلگەن، يوقسۇل ھەم دىلى سۇنۇقلارنى ئۆلتۈرمەككە قوغلاپ كەلدى.
17 ئۇ لەنەت ئوقۇشقا ئامراق ئىدى،
شۇڭا لەنەت ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدۇ؛
بەخت تىلەشكە رايى يوق ئىدى،
شۇڭا بەخت ئۇنىڭدىن يىراق بولىدۇ.
18 ئۇ لەنەتلەرنى ئۆزىگە كىيىم قىلىپ كىيگەن؛
شۇڭا بۇلار ئاققان سۇدەك ئۇنىڭ ئىچ-باغرىغا،
مايدەك، سۆڭەكلىرىگە كىرىدۇ؛
19 بۇلار ئۇنىڭغا يېپىنغان تونىدەك،
ھەردائىم باغلانغان بەلۋېغىدەك چاپلانغاي.
20 بۇلار بولسا مېنى ئەيىبلىگۈچىلەرگە پەرۋەردىگارنىڭ بېكىتكەن مۇكاپاتى بولغاي!
مېنىڭ يامان گېپىمنى قىلغانلارنىڭ ئىنئامى بولغاي!
21 بىراق سەن، پەرۋەردىگار رەببىم،
ئۆز نامىڭ ئۈچۈن مېنىڭ تەرىپىمدە بىر ئىش قىلغايسەن،
مېھىر-مۇھەببىتىڭ ئەلا بولغاچقا،
مېنى قۇتقۇزغايسەن؛
22 چۈنكى مەن ئېزىلگەن ھەم ھاجەتمەندۇرمەن،
قەلبىم خەستە بولدى.
23 مەن قۇياش ئۇزارتقان كۆلەڭگىدەك يوقىلاي دەپ قالدىم،
چېكەتكە قېقىۋېتىلگەندەك چەتكە قېقىۋېتىلدىم.
24 روزا تۇتقىنىمدىن تىزلىرىم كېتىدۇ،
ئەتلىرىم سىزىپ كېتىدۇ.
25 شۇڭلاشقا مەن ئۇلار ئالدىدا رەسۋا بولدۇم؛
ئۇلار ماڭا قاراشقاندا، بېشىنى سىلكىشمەكتە.
26 ماڭا ياردەملەشكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم،
ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بويىچە مېنى قۇتقۇزغايسەن؛
27 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇنىڭ سېنىڭ قولۇڭدىكى ئىش ئىكەنلىكىنى،
بۇنى قىلغۇچىنىڭ سەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلگەي.
28 ئۇلار لەنەت ئوقۇۋەرگەي، سەن بەخت ئاتا قىلغايسەن؛
ئۇلار ھۇجۇم قىلىشقا تۇرغاندا، خىجالەتتە قالقاي،
بىراق قۇلۇڭ شادلانغاي!
29 مېنى ئەيىبلىگۈچىلەر خىجالەت بىلەن كىيىنغاي،
ئۇلار ئۆز شەرمەندىلىكىنى ئۆزلىرىگە تون قىلىپ يېپىنغاي.
30 ئاغزىمدا پەرۋەردىگارغا زور تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۈرىمەن؛
بەرھەق، كۆپچىلىك ئارىسىدا تۇرۇپ ئۇنى مەدھىيىلەيمەن؛
31 چۈنكى ھاجەتمەننىڭ جېنىنى گۇناھقا بېكىتمەكچى بولغانلاردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن،
پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرىدۇ.
 
 

109:3 زەب. 69‏:4

109:6 زەك. 3‏:1، 2

109:7 پەند. 15‏:8؛ 28‏:9

109:15 ئايۇپ 18‏:17؛ زەب. 34‏:16