111
111-كۈي •••• خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى سېغىنىش •••• 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ 
  1 ھەمدۇسانا!  
كۆڭلى دۇرۇسلارنىڭ مەشرىپىدە،  
ھەم جامائەتتە تۇرۇپ،  
پەرۋەردىگارغا پۈتۈن قەلبىم بىلەن تەشەككۈر ئېيتىمەن. ◼«ھەمدۇسانا! كۆڭلى دۇرۇسلارنىڭ مەشرىپىدە، *ھەم جامائەتتە تۇرۇپ...» ــ بۇ كۈي «ئېلىپبە تەرتىپىلىك» كۈي؛ بىراق ئىبرانىي تىلىنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا جۈملە تەرتىپلىرىنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكى تۈپەيلىدىن، «ئېلىپبەلىك» نۇسخىنى كۆرسىتەلمىدۇق.   
 2 پەرۋەردىگارنىڭ ياسىغانلىرى ئۇلۇغدۇر؛  
بۇلاردىن خۇرسەن بولغانلار ئىزدىنىپ ئۇلارنى سۈرۈشتۈرمەكتە.   
 3 ئۇنىڭ ئەجرى شەرەپ ۋە ھەيۋەتتۇر،  
ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈگە تۇرىدۇ.   
 4 ئۇ ئۆز مۆجىزىلىرىنى ياد ئەتكۈزىدۇ؛  
پەرۋەردىگار مۇھەببەتلىك ھەم رەھىمدىللىقتۇر.   
 5 ئۇ ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلارنى ئاش بىلەن تەمىنلەيدۇ؛  
ئۆز ئەھدىسىنى ھەمىشە ياد ئېتىدۇ.   
 6 ئۇ ئەمەللىرىدىكى قۇدرىتىنى ئۆز خەلقىگە كۆرسىتىپ،  
باشقا ئەللەرنىڭ مىراس-زېمىنىنى ئۇلارغا تەقدىم قىلدى.   
 7 ئۇنىڭ قولى قىلغانلىرى ھەقىقەت-ساداقەت ۋە ئادىللىقتۇر؛  
ئۇنىڭ بارلىق كۆرسەتمىلىرى ئىشەنچلىكتۇر.   
 8 بۇلار ئەبەدىلئەبەدگىچە ئىناۋەتلىكتۇر؛  
ھەقىقەتتە ھەم دۇرۇسلۇقتا چىقىرىلغاندۇر.   
 9 ئۇ ئۆز خەلقىگە نىجاتلىق ئەۋەتتى؛  
ئۆز ئەھدىسىنى ئەمر قىلىپ مەڭگۈگە بېكىتتى؛  
مۇقەددەس ھەم سۈرلۈكتۇر ئۇنىڭ نامى.   
 10 پەرۋەردىگاردىن قورقۇش دانالىقنىڭ باشلىنىشىدۇر؛  
ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى تۇتقانلارنىڭ ھەممىسى يورۇتۇلغان ئادەملەردۇر؛  
ئۇنىڭ مەدھىيىسى مەڭگۈ تۇرىدۇ.   
◼111:1 «ھەمدۇسانا! كۆڭلى دۇرۇسلارنىڭ مەشرىپىدە، *ھەم جامائەتتە تۇرۇپ...» ــ بۇ كۈي «ئېلىپبە تەرتىپىلىك» كۈي؛ بىراق ئىبرانىي تىلىنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا جۈملە تەرتىپلىرىنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكى تۈپەيلىدىن، «ئېلىپبەلىك» نۇسخىنى كۆرسىتەلمىدۇق.