134
134-كۈي •••• ئىبادەت 
  1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»  
مانا، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار،  
ئى، كېچىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تۇرىدىغان،  
پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق قۇللىرى!   
 2 مۇقەددەس جايدا تۇرۇپ قوللىرىڭلارنى كۆتۈرۈپ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار!   
 3 ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچى پەرۋەردىگار سىلەرنى زىئوندىن بەرىكەتلىگەي! ◼«...پەرۋەردىگار سىلەرنى زىئوندىن بەرىكەتلىگەي!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇش» (1-ئايەت) ھەم «بەرىكەتلەش» دېگەنلەر بىرلا سۆز («باراك») بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   
◼134:3 «...پەرۋەردىگار سىلەرنى زىئوندىن بەرىكەتلىگەي!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇش» (1-ئايەت) ھەم «بەرىكەتلەش» دېگەنلەر بىرلا سۆز («باراك») بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.