7
مۆھۈرلەنگەن 144000 كىشى 
  1 ئۇنىڭدىن كېيىن مەن كۆردۈمكى، تۆت پەرىشتە يەر يۈزىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدا تۇراتتى. ئۇلار ھەرقانداق شامالنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز ھەم دەل-دەرەخلەرگە ئۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن يەر يۈزىنىڭ تۆت تەرىپىدىن چىقىدىغان شامالنى تىزگىنلەپ تۇراتتى.   
2 مەن ھايات خۇدانىڭ مۆھۈرىنى ئالغان، كۈن چىقىشتىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان باشقا بىر پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇ قاتتىق ئاۋاز بىلەن قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزلارنى ۋەيران قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەن ئاشۇ تۆت پەرىشتىگە:   
3 «بىز خۇدانىڭ قۇل-خىزمەتكارلىرىنىڭ پېشانىسىگە مۆھۈر باسقۇچە، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە دەل-دەرەخلەرنى ۋەيران قىلماڭلار!» دەپ توۋلىدى.   
4 مەن مۆھۈرلەنگەنلەرنىڭ سانىنى ئاڭلىدىم ــ ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىدىن بىر يۈز قىرىق تۆت مىڭ كىشى، يەنى: ــ 
◘       
  5 يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى،  
رۇبەن قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى،  
گاد قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى،   
 6 ئاشىر قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى،  
نافتالى قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى،  
ماناسسەھ قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى،   
 7 شىمېئون قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى،  
لاۋىي قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى،  
ئىسساكار قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى،   
 8 زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى،  
يۈسۈپ قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى،  
بىنيامىن قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى مۆھۈرلەنگەنىدى. 
◼      
  نىجاتنى تاپقان زور بىر تۇپ خالايىق 
  9 بۇ ئىشلاردىن كېيىن كۆردۈمكى، مانا ھەر ئەل، ھەر قەبىلە، ھەر مىللەتتىن بولغان، ھەرخىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان سان-ساناقسىز زور بىر توپ خالايىق تەختنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا تۇراتتى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئاق تون كىيدۈرۈلگەن بولۇپ، قوللىرىدا خورما شاخلىرى تۇتقانىدى.   10 ئۇلار يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ  
«نىجات تەختتە ئولتۇرغۇچى خۇدايىمىزغا ۋە قوزىغا مەنسۇپ بولغاي!» دەپ ۋارقىرىشاتتى. 
◼    11 بارلىق پەرىشتىلەر تەختنىڭ، ئاقساقاللارنىڭ ۋە تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ ئەتراپىغا ئولاشقانىدى. ئۇلار تەختنىڭ ئالدىدا يىقىلىپ، خۇداغا سەجدە قىلىپ مۇنداق دېيىشەتتى: ــ   
   
  12 «ئامىن! ھەمد-مەدھىيە، شان-شەرەپ،  
دانالىق ۋە تەشەككۈر،  
ھۆرمەت ۋە كۈچ-قۇدرەت  
خۇدايىمىزغا ئەبەدىلئەبەدگىچە مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!»   
   
  13 ئەمدى ئاقساقاللاردىن بىرى مەندىن:  
ــ بۇ ئاق تون كىيدۈرۈلگەن كىشىلەر كىم بولىدۇ، قەيەردىن كەلدى؟ ــ دەپ سورىدى.   
 14 ــ تەقسىر، بۇ ئۆزلىرىگە مەلۇمدۇر، ــ دېدىم.  
ئۇ ماڭا:  
ــ بۇلار دەھشەتلىك ئازاب-ئوقۇبەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ كەلگەنلەر. ئۇلار تونلىرىنى قوزىنىڭ قېنىدا يۇيۇپ ئاپئاق قىلغان.   
15 شۇڭا ئۇلار خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ئىبادەتخانىسىدا كېچە-كۈندۈز ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ؛ تەختتە ئولتۇرغۇچى بولسا ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چېدىرىنى سايىۋەن قىلىدۇ. 
◼   16 ئۇلار يەنە ھېچ ئاچ قالمايدۇ، ھېچ ئۇسسىمايدۇ، ئۇلارغا نە ئاپتاپ، نە پىژىغىرىم ئىسسىق ھېچ ئۇرمايدۇ. 
◘   17 چۈنكى ئۇلارنى تەختنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قوزا باقىدۇ ۋە ھاياتلىق سۈيى بۇلاقلىرىغا ئېلىپ بارىدۇ؛ ۋە خۇدا ئۇلارنىڭ ھەربىر كۆز يېشىنى سۈرتىدۇ، ــ دېدى. 
◼  ◘