21
يېڭى ئاسمان، يېڭى زېمىن
ئاندىن، يېڭى ئاسمان ۋە يېڭى زېمىننى كۆردۈم؛ چۈنكى بۇرۇنقى ئاسمان ۋە زېمىن ئۆتۈپ كەتكەنىدى، دېڭىزمۇ مەۋجۇت بولمىدى.يەش. 65‏:17؛ 66‏:22؛ 2پېت. 3‏:13. مۇقەددەس شەھەرنىڭ، يەنى خۇدادىن چىققان، خۇددى ئۆز يىگىتىگە توي پەردازلىرىنى قىلىپ ھازىرلانغان قىزدەك يېڭى يېرۇسالېمنىڭ ئەرشتىن چۈشۈۋاتقانلىقنى كۆردۈم.ۋەھ. 3‏:12؛ 21‏:10. ئەرشتىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «مانا، خۇدانىڭ ماكانى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىدۇر؛ ئۇ ئۇلار بىلەن بىللە ماكانلىشىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ خەلقى بولىدۇ. خۇدا ئۆزىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىدۇ. «شەرشتىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بىر ئاۋاز» ــ بەزى كونا كۆچۈرۈلمىلەردە: «تەختتىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بىر ئاۋاز» دېيىلىدۇ. «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «يەش.» 14:7، «يەر.» 7:24، 33:31، «زەك.» 8:8.  ئ‍ەز. 43‏:7. ئۇ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى ھەر تامچە ياشنى سۈرتىدۇ؛ ئەمدى ئۆلۈم ئەسلا بولمايدۇ، نە ماتەم، نە يىغا-زار، نە قايغۇ-ئەلەم بولمايدۇ، چۈنكى بۇرۇنقى ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى».«مۇناسىۋەتلىك ئايەت» ــ «يەش.» 8:25.  يەش. 25‏:8؛ ۋەھ. 7‏:17.
تەختتە ئولتۇرغۇچى:
ــ مانا، ھەممىنى يېڭى قىلىمەن! ــ دېدى. ئۇ ماڭا يەنە:
بۇلارنى خاتىرىلىۋال! چۈنكى بۇ سۆزلەر ھەقىقىي ۋە ئىشەنچلىكتۇر، ــ دېدى.يەش. 43‏:19؛ 2كور. 5‏:17؛ ۋەھ. 4‏:2؛ 19‏:9؛ 20‏:11. ئۇ يەنە ماڭا مۇنداق دېدى: ــ
«ئىش تامام بولدى! مەن «ئالفا» ۋە «ئومېگا»دۇرمەن، مۇقەددىمە ۋە خاتىمە ئۆزۈمدۇرمەن. ئۇسسىغان ھەركىمگە ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلىقىدىن ھەقسىز بېرىمەن.«مەن «ئالفا» ۋە «ئومېگا»دۇرمەن» ــ گرېك تىلىدا «ئالفا» بىرىنچى ھەرپ، «ئومېگا» ئاخىرقى ھەرپتۇر ــ دېمەك، خۇدا باش ۋە ئاخىردۇر.  يەش. 41‏:4؛ 44‏:6؛ 55‏:1؛ ۋەھ. 1‏:8؛ 16‏:17؛ 22‏:13.
غەلىبە قىلغۇچى ھەركىم بۇلارغا مىراسخورلۇق قىلىدۇ؛ مەن ئۇنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇمۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولىدۇ.زەك. 8‏:8؛ ئىبر. 8‏:10. لېكىن قورقۇنچاقلار، ئېتىقادسىزلار، يىرگىنچلىكلەر، قاتىللار، بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، سېھىرگەرلەر، بۇتپەرەسلەر ۋە بارلىق يالغانچىلارغا بولسا، ئۇلارنىڭ قىسمىتى ئوت بىلەن گۈڭگۈرت يېنىپ تۇرۇۋاتقان كۆلدۇر ــ بۇ بولسا ئىككىنچى ئۆلۈمدۇر».ۋەھ. 20‏:15،14؛ 22‏:15.
 
يېڭى يېرۇسالېم
ئاخىرقى يەتتە بالايىئاپەت بىلەن تولغان يەتتە چىنىنى تۇتقان يەتتە پەرىشتىدىن بىرى كېلىپ، ماڭا سۆزلەپ:
ــ كەل! ساڭا قوزىنىڭ جورىسى بولىدىغان قىزنى كۆرسىتىپ قوياي، ــ دېدى.ۋەھ. 15‏:6، 7.
10 ئاندىن ئۇ مېنى روھنىڭ ئىلكىدە بولغان ھالدا يوغان ۋە ئېگىز بىر تاغقا ئېلىپ قويدى. ئۇ يەردىن ماڭا خۇدادىن چىققان مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمنىڭ ئەرشتىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. «ئاندىن ئۇ مېنى روھنىڭ ئىلكىدە بولغان ھالدا يوغان ۋە ئېگىز بىر تاغقا ئېلىپ قويدى» ــ «روھ» مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنى كۆرسىتىدۇ.  ئىبر. 12‏:22؛ ۋەھ. 1‏:10؛ 21‏:2. 11 ئۇنىڭدا خۇدانىڭ شان-شەرىپى بار ئىدى، ئۇنىڭ جۇلاسى ئىنتايىن قىممەتلىك گۆھەرنىڭ، يېشىل ياقۇتتەك يالتىرىغان خرۇستالنىڭ جۇلاسىغا ئوخشايتتى. 12 ئۇنىڭ چوڭ ھەم ئېگىز سېپىلى بار ئىدى؛ سېپىلنىڭ ئون ئىككى دەرۋازىسى بولۇپ، دەرۋازىلاردا ئون ئىككى پەرىشتە تۇراتتى. ھەربىر دەرۋازىنىڭ ئۈستىگە ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىدىن بىرىنىڭ ئىسمى يېزىلغانىدى. 13 مەشرىق تەرىپىدە ئۈچ دەرۋازا، شىمال تەرىپىدە ئۈچ دەرۋازا، جەنۇب تەرىپىدە ئۈچ دەرۋازا ۋە مەغرىپ تەرىپىدە ئۈچ دەرۋازا بار ئىدى. 14 شەھەرنىڭ سېپىلىنىڭ ئون ئىككى ئۇل تېشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئون ئىككى ئىسىم، يەنى قوزىنىڭ روسۇلىنىڭ ئىسىملىرى پۈتۈكلۈكتۇر.«مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «ئەز.» 31:48-34.  ئ‍ەف. 2‏:20.
15 ماڭا سۆز قىلغان پەرىشتىنىڭ قولىدا شەھەرنى، ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى ۋە ئۇنىڭ سېپىلىنى ئۆلچەيدىغان ئالتۇن قومۇش ئۆلچىگۈچ ھاسا بار ئىدى. ئ‍ەز. 40‏:3؛ زەك. 1‏:18. 16 شەھەر تۆت چاسا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى بىلەن كەڭلىكى ئوخشاش ئىدى. پەرىشتە شەھەرنى ھاسا بىلەن ئۆلچىدى ــ ئون ئىككى مىڭ ستادىيون كەلدى (ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى تەڭدۇر). «ئون ئىككى مىڭ ستادىيون» ــ بىر ستادىيون 185 مېتر بولۇپ، بۇ 2200 كىلومېتردۇر. 17 ئۇ سېپىلنىمۇ ئۆلچىدى. سېپىلنىڭ قېلىنلىقى ئىنسانلارنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە، يەنى شۇ پەرىشتىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە بىر يۈز قىرىق تۆت جەينەك كەلدى. «سېپىلنىڭ قېلىنلىقى ئىنسانلارنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە، يەنى شۇ پەرىشتىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە بىر يۈز قىرىق تۆت جەينەك كەلدى» ــ «جەينەك» بولسا (ياكى «گەز») جەينەكتىن قولىنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىق، يەنى يېرىم مېتر؛ دېمەك، سېپىلنىڭ قېلىنلىقى 65 مېترچە ئىدى. 18 سېپىلنىڭ قۇرۇلۇشى بولسا يېشىل ياقۇتتىن، شەھەر ئەينەكتەك سۈزۈك ساپ ئالتۇندىن بىنا قىلىنغانىدى. 19 شەھەر سېپىلىنىڭ ئۇللىرى ھەرخىل قىممەتلىك ياقۇتلار بىلەن بېزەلگەنىدى. بىرىنچى ئۇل تاش يېشىل ياقۇت، ئىككىنچىسى كۆك ياقۇت، ئۈچىنچىسى ھېقىق، تۆتىنچىسى زۇمرەت، 20 بەشىنچىسى قىزىل ھېقىق، ئالتىنچىسى قىزىل قاشتاش، يەتتىنچىسى سېرىق كۋارتس، سەككىزىنچىسى سۇس يېشىل ياقۇت، توققۇزىنچىسى توپاز، ئونىنچىسى يېشىل كۋارتس، ئون بىرىنچىسى سۆسۈن ياقۇت ۋە ئون ئىككىنچىسى پىروزا ئىدى. «قىزىل ھېقىق» ــ ياكى «ساردونىكس». «قىزىل قاشتاش» ــ ياكى «ساردىئۇس»، ياكى «پارقىراق قىزىل قاشتېشى». «سېرىق كۋارتس» ــ ياكى «خرىزولىت»، «پېرىدوت». «سۇس يېشىل ياقۇت» ــ ياكى «بېرىل». «توپاز» ــ «توپاز» بولسا سېرىق رەڭلىك بىر ياقۇت. «يېشىل كۋارتس» ــ ياكى «خرىزوپراس». «پىروزا» ــ ياكى «ئامېتىست». 21 ئون ئىككى دەرۋازا ئون ئىككى مەرۋايىت ئىدى، دېمەك دەرۋازىلارنىڭ ھەربىرى بىردىن مەرۋايىتتىن ياسالغانىدى. شەھەرنىڭ غول يولى ئەينەكتەك سۈزۈك ساپ ئالتۇندىن ئىدى.
22 شەھەردە ھېچقانداق ئىبادەتخانا كۆرمىدىم، چۈنكى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا ۋە قوزا ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدۇر. 23 شەھەرنىڭ يورۇتۇلۇشى ئۈچۈن قۇياشقا ياكى ئايغا موھتاج ئەمەس، چۈنكى خۇدانىڭ شان-شەرىپى ئۇنى يورۇتقانىدى، ئۇنىڭ چىرىغى بولسا قوزىدۇر. يەش. 60‏:19؛ زەك. 14‏:7. 24 ئەللەر شەھەردىكى يورۇقلۇقتا يۈرىدۇ؛ يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار شانۇشەۋكىتىنى ئۇنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كېلىدۇ. «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «يەش.» 19:60-20، «زەك.» 22:8.  يەش. 60‏:3. 25 ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى كۈندۈزدە ھەرگىز تاقالمايدۇ (ئەمەلىيەتتە ئۇ يەردە كېچە زادى بولمايدۇ). يەش. 60‏:11؛ ۋەھ. 22‏:5. 26 ھەرقايسى ئەللەرنىڭ شانۇشەۋكىتى ۋە ھۆرمەت-ئىززىتى ئۇنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كېلىنىدۇ.«مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «يەش.» 5:60-7، «ھاگ.» 7:2. 27 ھەرقانداق ھارام نەرسە ۋە ھەرقانداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغۇچى ياكى يالغانچىلىق قىلغۇچى ئۇنىڭغا كىرەلمەيدۇ؛ پەقەت نامى قوزىنىڭ ھاياتلىق دەپتىرىدە يېزىلغانلارلا كىرەلەيدۇ.مىس. 32‏:32؛ زەب. 69‏:28؛ فىل. 4‏:3؛ ۋەھ. 3‏:5؛ 20‏:12.
 
 

21:1 يەش. 65‏:17؛ 66‏:22؛ 2پېت. 3‏:13.

21:2 ۋەھ. 3‏:12؛ 21‏:10.

21:3 «شەرشتىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بىر ئاۋاز» ــ بەزى كونا كۆچۈرۈلمىلەردە: «تەختتىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بىر ئاۋاز» دېيىلىدۇ. «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «يەش.» 14:7، «يەر.» 7:24، 33:31، «زەك.» 8:8.

21:3 ئ‍ەز. 43‏:7.

21:4 «مۇناسىۋەتلىك ئايەت» ــ «يەش.» 8:25.

21:4 يەش. 25‏:8؛ ۋەھ. 7‏:17.

21:5 يەش. 43‏:19؛ 2كور. 5‏:17؛ ۋەھ. 4‏:2؛ 19‏:9؛ 20‏:11.

21:6 «مەن «ئالفا» ۋە «ئومېگا»دۇرمەن» ــ گرېك تىلىدا «ئالفا» بىرىنچى ھەرپ، «ئومېگا» ئاخىرقى ھەرپتۇر ــ دېمەك، خۇدا باش ۋە ئاخىردۇر.

21:6 يەش. 41‏:4؛ 44‏:6؛ 55‏:1؛ ۋەھ. 1‏:8؛ 16‏:17؛ 22‏:13.

21:7 زەك. 8‏:8؛ ئىبر. 8‏:10.

21:8 ۋەھ. 20‏:15،14؛ 22‏:15.

21:9 ۋەھ. 15‏:6، 7.

21:10 «ئاندىن ئۇ مېنى روھنىڭ ئىلكىدە بولغان ھالدا يوغان ۋە ئېگىز بىر تاغقا ئېلىپ قويدى» ــ «روھ» مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنى كۆرسىتىدۇ.

21:10 ئىبر. 12‏:22؛ ۋەھ. 1‏:10؛ 21‏:2.

21:14 «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «ئەز.» 31:48-34.

21:14 ئ‍ەف. 2‏:20.

21:15 ئ‍ەز. 40‏:3؛ زەك. 1‏:18.

21:16 «ئون ئىككى مىڭ ستادىيون» ــ بىر ستادىيون 185 مېتر بولۇپ، بۇ 2200 كىلومېتردۇر.

21:17 «سېپىلنىڭ قېلىنلىقى ئىنسانلارنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە، يەنى شۇ پەرىشتىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە بىر يۈز قىرىق تۆت جەينەك كەلدى» ــ «جەينەك» بولسا (ياكى «گەز») جەينەكتىن قولىنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىق، يەنى يېرىم مېتر؛ دېمەك، سېپىلنىڭ قېلىنلىقى 65 مېترچە ئىدى.

21:20 «قىزىل ھېقىق» ــ ياكى «ساردونىكس». «قىزىل قاشتاش» ــ ياكى «ساردىئۇس»، ياكى «پارقىراق قىزىل قاشتېشى». «سېرىق كۋارتس» ــ ياكى «خرىزولىت»، «پېرىدوت». «سۇس يېشىل ياقۇت» ــ ياكى «بېرىل». «توپاز» ــ «توپاز» بولسا سېرىق رەڭلىك بىر ياقۇت. «يېشىل كۋارتس» ــ ياكى «خرىزوپراس». «پىروزا» ــ ياكى «ئامېتىست».

21:23 يەش. 60‏:19؛ زەك. 14‏:7.

21:24 «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «يەش.» 19:60-20، «زەك.» 22:8.

21:24 يەش. 60‏:3.

21:25 يەش. 60‏:11؛ ۋەھ. 22‏:5.

21:26 «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «يەش.» 5:60-7، «ھاگ.» 7:2.

21:27 مىس. 32‏:32؛ زەب. 69‏:28؛ فىل. 4‏:3؛ ۋەھ. 3‏:5؛ 20‏:12.