ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا «مۇقەددەس قانۇننى بىلمىگەنلەر» يەھۇدىي ئەمەسلەر («يات ئەللەر»)نى كۆرسىتىدۇ، «مۇقەددەس قانۇننى بىلگەنلەر» يەھۇدىيلارنى كۆرسىتىدۇ.
«تەۋرات» ۋە «تەۋرات قانۇنى» توغرۇلۇق «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ. 13 (چۈنكى خۇدانىڭ ئالدىدا قانۇننى ئاڭلىغانلار ئەمەس، بەلكى قانۇنغا ئەمەل قىلغۇچىلار ھەققانىي ھېسابلىنىدۇ. ■مات. 7:21؛ ياق. 1:22؛ 1يۇھ. 3:7. 14 چۈنكى تەۋرات قانۇنىنى بىلمەيدىغان ئەللىكلەر تەبىئىي ھالدا بۇ قانۇنغا ئۇيغۇن ئىشلارنى قىلسا، گەرچە بۇ قانۇندىن خەۋەرسىز بولسىمۇ، تەۋرات قانۇنى ئۇلاردا كۆرۈنگەن بولىدۇ. 15 ئۇلارنىڭ بۇ قىلغانلىرى ئۆز قەلبلىرىگە قانۇن تەلەپلىرىنىڭ پۈتۈكلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ؛ شۇنىڭدەك، ئۇلارنىڭ ۋىجدانلىرىمۇ ئۆزلىرىگە ھەقىقەتنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپ، ئوي-پىكىرلىرى ئۆزىنى ئەيىبلەيدۇ ياكى ئۆزىنى ئاقلايدۇ) 16 ــ مەن يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بۇ خۇش خەۋەرگە ئاساسەن خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە پۈككەن مەخپىي ئىشلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدىغان كۈنىدە، يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىشلار چوقۇم يۈز بېرىدۇ.□«يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىشلار چوقۇم يۈز بېرىدۇ» ــ «يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىشلار» 6-12 ئايەتلەردە ئېيتىلغان ئىشلارنى، دېمەك خۇدانىڭ سوراق قىلىدىغىنىنى كۆرسىتىدۇ. ■مات. 25:31.
■2:1 2سام. 12:5؛ مات. 7:1؛ 1كور. 4:5.
■2:4 2پېت. 3:15.
■2:5 رىم. 9:22.
■2:6 زەب. 62:12؛ يەر. 17:10؛ 32:19؛ مات. 16:27؛ رىم. 14:12؛ 1كور. 3:8؛ 2كور. 5:10؛ گال. 6:5؛ ۋەھ. 2:23؛ 22:12.
□2:7 «ھۆرمەت-ئېھتىرام ۋە باقىيلىق...» ــ گرېك تىلىدا «ھۆرمەت-ئېھتىرام ۋە چىرىمەسلىك...».
■2:8 2تېـس. 1:8.
□2:9 «يەھۇدىيلارغا، ئاندىن گرېكلەرگە...» ــ «گرېكلەر» (ياكى «يۇنانلىقلار») يەردە ۋە 10-ئايەتتە بارلىق يەھۇدىي ئەمەس ئەللىلەر ۋە مىللەتلەرگە ۋەكىل كېلىدۇ.
■2:11 قان. 10:17؛ 2تار. 19:7؛ ئايۇپ 34:19؛ روس. 10:34؛ گال. 2:6؛ ئەف. 6:9؛ كول. 3:25؛ 1پېت. 1:17.
□2:12 «تەۋرات قانۇنى» ــ ياكى پەقەت «قانۇن» ياكى «مۇقەددەس قانۇن»، مۇشۇ يەردە ۋە تۆۋەندىكى بارلىق ئايەتلەردە خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرگەن قانۇننى كۆرسىتىدۇ. بۇ قانۇن مۇقەددەس كىتابنىڭ ئاۋۋالقى بەش قىسمىنى تەشكىل قىلغان؛ شۇڭا يەھۇدىي خەلقى بەزىدە مۇشۇ بەش قىسىمنى «قانۇن-يوليورۇق» (ئىبرانىي تىلىدا «توراھ») دەپ ئاتايدۇ. ئەرەب تىلىدىكى «تەۋرات» مۇشۇ سۆزدىن چىققان. ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا «مۇقەددەس قانۇننى بىلمىگەنلەر» يەھۇدىي ئەمەسلەر («يات ئەللەر»)نى كۆرسىتىدۇ، «مۇقەددەس قانۇننى بىلگەنلەر» يەھۇدىيلارنى كۆرسىتىدۇ. «تەۋرات» ۋە «تەۋرات قانۇنى» توغرۇلۇق «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.
■2:13 مات. 7:21؛ ياق. 1:22؛ 1يۇھ. 3:7.
□2:16 «يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىشلار چوقۇم يۈز بېرىدۇ» ــ «يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىشلار» 6-12 ئايەتلەردە ئېيتىلغان ئىشلارنى، دېمەك خۇدانىڭ سوراق قىلىدىغىنىنى كۆرسىتىدۇ.
■2:16 مات. 25:31.
□2:17 «خۇداغا تەۋەمەن دەپ ماختانساڭ...» ــ گرېك تىلىدا «خۇدادا ماختانساڭ...».
■2:17 رىم. 9:4.
□2:24 «سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن خۇدانىڭ نامى تائىپىلەر ئارىسىدا كۇپۇرلۇققا ئۇچرىماقتا» ــ «يەش.» 5:52.
■2:24 يەش. 52:5؛ ئەز. 36:2.
□2:25 «تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلساڭ، خەتنە قىلىنغىنىڭنىڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلساڭ، خەتنە قىلىنغىنىڭ خەتنە قىلىنمىغاندەك ھېسابلىنىدۇ.» ــ دېمىسەكمۇ، يەھۇدىيلار تەۋرات قانۇنى بويىچە خەتنە قىلىدۇ. خەتنىلىكنىڭ ئۆزى «مەن خۇدانىڭ ئادىمىمەن» دېگەنلىكنى ۋە «يەھۇدىي بولۇش»نىڭ سىمۋولى دەپ قارىلاتتى.
■2:28 يـۇھ. 8:39؛ رىم. 9:7.
□2:29 «روھىدا يەھۇدىي بولغىنى ھەقىقىي يەھۇدىيدۇر؛ ئۇنىڭ خەتنە قىلىنغىنى خەتنە قانۇن دەستۇرى ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى قەلبىدە، روھتىندۇر» ــ «روھتىندۇر» بولسا، مۇقەددەس روھتىندۇر. بەزى ئالىملار «روھتىن»نى «روھتا» دەپ چۈشىنىدۇ، شۇنداقلا بۇنداق ئايەتنى «...خەتنە قەلبدە، روھتا،... دەستۇرىدىن ئەمەستۇر» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. خەتنە توغرۇلۇق «ئەزاكىيال»، «فىلىپپىلىقلارغا» ۋە «كولوسسىلىكلەرگە»دىكى «قوشۇمچە سۆز»لىرىمىزنى كۆرۈڭ. «بۇنداق كىشىنىڭ تەرىپلىنىشى ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدا تەرىپىدىن بولىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «يەھۇدا» دېگەننىڭ ئەسلىي مەنىسى: «ماختاش»، «تەرىپلەش»، «تەرىپ» دېگەنلىكتۇر. شۇڭا ئايەتنىڭ تېگىدىكى مەنىسى: ««ھەقىقىي يەھۇدىي» بولۇش ئۈچۈن، ئۇ خۇدا تەرىپىدىن تەرىپلەنگەن («يەھۇدا») بولۇشى كېرەك.
■2:29 قان. 10:16؛ يەر. 4:4؛ فىل. 3:2، 3؛ كول. 2:11.