زەكەرىيا
1
ئاتا-بوۋىلىرىڭلاردەك بولماڭلار!
دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى سەككىزىنچى ئايدا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىددونىڭ نەۋرىسى، بەرەكىيانىڭ ئوغلى زەكەرىيا پەيغەمبەرگە كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ «دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى سەككىزىنچى ئايدا...» ــ «دارىئۇس پادىشاھ» يەنى «دارىئۇس خىسپاستېس» (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 521-485-يىلى). «سەككىزىنچى ئايدا...» ــ كىتابتا ئېيتىلغان ئايلار يەھۇدىيلارنىڭ كونا كالېندارى بويىچە ئىدى. بۇ ئاي مىلادىيەدىن ئىلگىرى 520-يىلى ئۆكتەبرگە توغرا كېلىدۇ.
ــ «پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭلاردىن ئىنتايىن قاتتىق غەزەپلەندى. شۇڭا سەن ئۇلارغا: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار: ــ «مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلىڭلار، مەن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا قايتىپ كېلىمەن» دەيدۇ»، ــ دېگىن. «شۇڭا سەن ئۇلارغا: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار: ــ «...» دەيدۇ»، ــ دېگىن» ــ ئەسلى شەكلى: «شۇڭا سەن ئۇلارغا: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلىڭلار» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ «مەن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا يېنىپ كېلىمەن» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار!».
ــ ئاتا-بوۋىلىرىڭلاردەك بولماڭلار؛ چۈنكى ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار: ــ رەزىل يوللىرىڭلاردىن، رەزىل قىلمىشلىرىڭلاردىن يېنىپ توۋا قىلىڭلار، دېگەن»، ــ دەپ جاكارلىغان. بىراق ئۇلار ماڭا قۇلاق سالمىغان، بويسۇنمىغان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. يەش. 31‏:6؛ يەر. 3‏:12؛ 18‏:11؛ ئ‍ەز. 18‏:30؛ ھوش. 14‏:2
ــ سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ھازىر قېنى؟ پەيغەمبەرلەر بولسا، مەڭگۈ ياشامدۇ؟ «پەيغەمبەرلەر بولسا، مەڭگۈ ياشامدۇ؟» ــ مەزكۇر رېتورىك سوئال بەلكىم خەلقنىڭ دىققىتىنى پەيغەمبەرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ يەتكۈزگەن خەۋەرلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئېيتىلغان. ھەتتا پەيغەمبەرلەرمۇ دۇنيادىن كېتىدۇ، بىراق ئۇلارنىڭ سۆزلىرى، يەنى خۇدانىڭ سۆزلىرى يەنىلا ئىناۋەتلىك، شۇنداقلا ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقتا (6-ئايەتنى كۆرۈڭ).
بەزى ئالىملار: «پەيغەمبەرلەر مەڭگۈ ياشامدۇ؟» دېگەن سوئالنى خەلقنىڭ زەكەرىيا پەيغەمبەرنىڭ سۆزىگە رەددىيە بەرمەكچى بولۇپ ئىمانسىزلىك بىلەن بەرگەن جاۋابىدۇر، دەپ قارايدۇ.
لېكىن مېنىڭ پەيغەمبەرلەرگە بۇيرۇغان سۆزلىرىم ۋە بەلگىلىمىلىرىم، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ بېشىغىمۇ چۈشكەن ئەمەسمىدى؟».
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يولىدىن يېنىپ: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار يوللىرىمىز ۋە قىلمىشلىرىمىز بويىچە بىزنى قانداق قىلىمەن دېسە، شۇنداق قىلدى، ــ دېگەن. «شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يولىدىن يېنىپ: ــ ... پەرۋەردىگار يوللىرىمىز ۋە قىلمىشلىرىمىز بويىچە بىزنى قانداق قىلىمەن دېسە، شۇنداق قىلدى، ــ دېگەن» ــ «ئۇلار» بەلكىم نەق مەيداندا زەكەرىياغا قۇلاق سېلىپ توۋا قىلغان خەلق.   يىغ. 1‏:18
 
سەككىز ئالامەت كۆرۈنۈش •••• بىرىنچى ئالامەت كۆرۈنۈش ــ ئاتلىق ئادەم ۋە ئۈچ خىل رەڭلىك ئاتلار
دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى، ئون بىرىنچى ئاي، يەنى «شېبات ئېيى»نىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى، پەرۋەردىگارنىڭ كالامى ئىددونىڭ نەۋرىسى، بەرەكىيانىڭ ئوغلى زەكەرىيا پەيغەمبەرگە كەلدى. ئۇ مۇنداق بېشارەتنى كۆردى: ــ «دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى، ئون بىرىنچى ئاي، يەنى «شېبات ئېيى»نىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى...» ــ مىلادىيەدىن ئىلگىرى 519-يىلى، 15-فېۋرال.
مەن كېچىدە ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنى كۆردۈم؛ مانا، تورۇق ئاتقا مىنگەن بىر ئادەمنى كۆردۈم؛ ئۇ چوڭقۇر ئويمانلىقتىكى خاداس دەرەخلىرى ئارىسىدا تۇراتتى؛ ئۇنىڭ كەينىدە تورۇق، ئالا-تاغىل ۋە ئاق ئاتلار بار ئىدى. «چوڭقۇر ئويمانلىقتىكى خاداس دەرەخلىرى ئارىسىدا » ــ «خاداس دەرىخى» پاكار ئۆسىدىغان، خۇش پۇراقلىق، دارچىندەك بىر دەرەخ. «ئالا-تاغىل» ــ ياكى «جەدە رەڭلىك»، «قوڭۇر رەڭلىك». مەن ئۇنىڭدىن: «تەقسىر، بۇلار نېمە؟» ــ دەپ سورىدىم. مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە ماڭا: «مەن ساڭا بۇلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىمەن» ــ دېدى. «مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە» ــ ئىزاھات: «خاداس دەرەخلىرى ئارىسىدا تۇرغان ئادەم» (8-، 10-ئايەتتە) بولسا «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى». «مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە» بولسا «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» ئەمەس. تەۋراتتىكى باشقا قىسىملاردىن بىلىمىزكى، «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشىتىسى» خۇدانىڭ ۋەكىلى بولۇپلا قالماي، يەنە خۇدانىڭ تەبىئىتىدە بولغان بىر شەخس؛ ئىشىنىمىزكى، ئۇ مەسىھ-قۇتقۇزغۇچى بولۇپ، ئىنسانلار دۇنياسىدا تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى، «ئادەم» قىياپىتىدە دۇنيادا كۆرۈنگەن. كېيىنكى تېكىستلەتدىن قارىغاندا، «مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە» بولسا «ئاددىي بىر پەرىشتە» ئىدى (ئۇ 2-باب، 3-4-ئايەتتە باشقا پەرىشتە تەرىپىدىن ئىشقا بۇيرۇلغان). ئۇ بەلكىم زەكەرىياغا ئالامەت كۆرۈنۈشتە يولباشچى ھەم چۈشەندۈرگۈچى رولىدا بولغان.
10 خاداس دەرەخلىرى ئارىسىدا تۇرغان زات جاۋابەن: «بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يەر يۈزىنى ئۇيان-بۇيان كېزىشكە ئەۋەتكەنلىرى» ــ دېدى.
11 بۇ ئاتلار خاداس دەرەخلىرى ئارىسىدا تۇرغان پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە جاۋاب قىلىپ: «بىز يەر يۈزىدە ئۇيان-بۇيان كېزىپ كەلدۇق؛ مانا، پۈتكۈل يەر يۈزى تىپتىنچ، ئاراملىقتا تۇرۇۋاتىدۇ» ــ دېدى.
12 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى جاۋابەن: «ئى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، قاچانغىچە سەن بۇ يەتمىش يىلدىن بېرى ئاچچىقلىنىپ كېلىۋاتقان يېرۇسالېم ۋە يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىگە رەھىم قىلمايسەن؟» ــ دېدى. «...سەن بۇ يەتمىش يىلدىن بېرى ئاچچىقلىنىپ كېلىۋاتقان يېرۇسالېم ۋە يەھۇدانىڭ شەھەرلىرى...» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بار بولۇشى كېرەككى، ئىسرائىل خۇدانىڭ جازاسى بىلەن بابىل ئىمپېرىيەسىدە 70 يىل سۈرگۈن بولغان («يەر.» 11:25-12، «دان.» 2:9نى كۆرۈڭ).
13 پەرۋەردىگار مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىگە يېقىملىق سۆزلەر، تەسەللى بەرگۈچى سۆزلەر بىلەن جاۋاب بەردى.
14 شۇنىڭ بىلەن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە ماڭا مۇنداق دېدى: «سەن مۇنداق جاكارلىغىن: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار: «يېرۇسالېم ۋە زىئونغا بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىمدىن يۈرىكىم لاۋىلداپ كۆيىدۇ! 15 شۇنىڭ بىلەن مەن ئەركىن-ئازادىلىكتە ياشاۋاتقان ئەللەرگە قاتتىق غەزەپلىنىمەن؛ چۈنكى مەن خەلقىمگە سەللا غەزەپلىنىپ قويىۋىدىم، ئۇلار ھەددىدىن ئېشىپ خەلقىمگە زور ئازار قىلدى»، دەيدۇ. «شۇنىڭ بىلەن مەن ئەركىن-ئازادىلىكتە ياشاۋاتقان ئەللەرگە قاتتىق غەزەپلىنىمەن» ــ تەۋرات ھەم زەبۇردىكى «ئەللەر» دېگەن سۆز ئادەتتە ئىسرائىلدىن باشقا بارلىق خەلقلەرنى، يەنى «يەھۇدىي ئەمەسلەر»نى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بەزىدە «يات ئەللەر» دەپ تەرجىمە قىلىمىز. تەۋراتتا «ئەللەر»، «تائىپىلەر»، «يات ئەللەر» ياكى «خەلق-مىللەتلەر» دېيىلسە، ھەردائىم مۇشۇ مەنىنى بىلدۈرىدۇ. «چۈنكى مەن خەلقىمگە سەللا غەزەپلىنىپ قويىۋىدىم، ئۇلار ھەددىدىن ئېشىپ خەلقىمگە زور ئازار قىلدى» ــ خۇدا ئىسرائىلدىن (بۇتپەرەسلىكى تۈپەيلىدىن) غەزەپلىنىپ ئۇلارغا «يات ئەللەر» ئارقىلىق ئازار بەرگۈزۈپ جازالاپ، بابىل ئىمپېرىيەسىگە 70 يىل سۈرگۈن قىلدۇرغان. بىراق «يات ئەللەر» بۇ ئىشتا خۇدانىڭ جازاسىنىڭ دائىرىسىدىن چىقىپ تولىمۇ رەھىمسىزلىك قىلغان. 16 شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن يېرۇسالېمغا رەھىم-شەپقەتلەر بىلەن قايتىپ كەلدىم؛ مېنىڭ ئۆيۈم ئۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇلىدۇ» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ «ۋە يېرۇسالېم ئۈستىگە «ئۆلچەم تانىسى» يەنە تارتىلىدۇ». ««ئۆلچەم تانىسى تارتىلىدۇ» ــ دېمەك، ئۆلچەم تانىسىدا شەھەرنى ئۆلچەش يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ قايتىدىن تولۇق قۇرۇلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.   ئ‍ەز. 11‏:23
17 ــ يەنە مۇنداق جاكارلىغىن: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ شەھەرلىرىم يەنە ئاۋاتلىشىدۇ، پەرۋەردىگار يەنە زىئونغا تەسەللى بېرىدۇ ۋە يېرۇسالېمنى يەنە تاللىۋالىدۇ».
 
ئىككىنچى ئالامەت كۆرۈنۈش ــ «تۆت مۈڭگۈز» ۋە «تۆت ھۈنەرۋەن»
18 ئاندىن مەن بېشىمنى كۆتۈردۈم، مانا تۆت مۈڭگۈزنى كۆردۈم. 19 مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: «بۇلار نېمە؟» دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا: «بۇ يەھۇدا، ئىسرائىل ۋە يېرۇسالېمنى تارقىتىۋەتكەن مۈڭگۈزلەردۇر» ــ دېدى.
20 ۋە پەرۋەردىگار ماڭا تۆت ھۈنەرۋەننى كۆرسەتتى. 21 مەن: «بۇ ھۈنەرۋەنلەر نېمە ئىش قىلغىلى كەلدى؟» دەپ سورىدىم. ئۇ: «مانا بۇلار بولسا يەھۇدادىكىلەرنى ھېچكىم قەددىنى رۇسلىيالمىغۇدەك دەرىجىدە تارقىتىۋەتكەن مۈڭگۈزلەر؛ بىراق بۇ ھۈنەرۋەنلەر مۈڭگۈزلەرنى دەككە-دۈككىگە چۈشۈرگىلى، يەنى ئەللەرنىڭ يەھۇدانىڭ زېمىنىنى تارقىتىۋېتىش ئۈچۈن كۆتۈرگەن مۈڭگۈزلىرىنى يەرگە تاشلىۋەتكىلى كەلدى!» ــ دېدى. «مەن: «بۇ (ھۈنەرۋەنلەر) نېمە ئىش قىلغىلى كەلدى؟» دەپ سورىدىم...» ــ ئەمدى بۇ «تۆت مۈڭگۈز» ۋە «تۆت ھۈنەرۋەن» نېمىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق پىكىرلىشىمىز.
 
 

1:1 «دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى سەككىزىنچى ئايدا...» ــ «دارىئۇس پادىشاھ» يەنى «دارىئۇس خىسپاستېس» (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 521-485-يىلى). «سەككىزىنچى ئايدا...» ــ كىتابتا ئېيتىلغان ئايلار يەھۇدىيلارنىڭ كونا كالېندارى بويىچە ئىدى. بۇ ئاي مىلادىيەدىن ئىلگىرى 520-يىلى ئۆكتەبرگە توغرا كېلىدۇ.

1:3 «شۇڭا سەن ئۇلارغا: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار: ــ «...» دەيدۇ»، ــ دېگىن» ــ ئەسلى شەكلى: «شۇڭا سەن ئۇلارغا: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلىڭلار» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ «مەن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا يېنىپ كېلىمەن» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار!».

1:4 يەش. 31‏:6؛ يەر. 3‏:12؛ 18‏:11؛ ئ‍ەز. 18‏:30؛ ھوش. 14‏:2

1:5 «پەيغەمبەرلەر بولسا، مەڭگۈ ياشامدۇ؟» ــ مەزكۇر رېتورىك سوئال بەلكىم خەلقنىڭ دىققىتىنى پەيغەمبەرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ يەتكۈزگەن خەۋەرلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئېيتىلغان. ھەتتا پەيغەمبەرلەرمۇ دۇنيادىن كېتىدۇ، بىراق ئۇلارنىڭ سۆزلىرى، يەنى خۇدانىڭ سۆزلىرى يەنىلا ئىناۋەتلىك، شۇنداقلا ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقتا (6-ئايەتنى كۆرۈڭ). بەزى ئالىملار: «پەيغەمبەرلەر مەڭگۈ ياشامدۇ؟» دېگەن سوئالنى خەلقنىڭ زەكەرىيا پەيغەمبەرنىڭ سۆزىگە رەددىيە بەرمەكچى بولۇپ ئىمانسىزلىك بىلەن بەرگەن جاۋابىدۇر، دەپ قارايدۇ.

1:6 «شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يولىدىن يېنىپ: ــ ... پەرۋەردىگار يوللىرىمىز ۋە قىلمىشلىرىمىز بويىچە بىزنى قانداق قىلىمەن دېسە، شۇنداق قىلدى، ــ دېگەن» ــ «ئۇلار» بەلكىم نەق مەيداندا زەكەرىياغا قۇلاق سېلىپ توۋا قىلغان خەلق.

1:6 يىغ. 1‏:18

1:7 «دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى، ئون بىرىنچى ئاي، يەنى «شېبات ئېيى»نىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى...» ــ مىلادىيەدىن ئىلگىرى 519-يىلى، 15-فېۋرال.

1:8 «چوڭقۇر ئويمانلىقتىكى خاداس دەرەخلىرى ئارىسىدا » ــ «خاداس دەرىخى» پاكار ئۆسىدىغان، خۇش پۇراقلىق، دارچىندەك بىر دەرەخ. «ئالا-تاغىل» ــ ياكى «جەدە رەڭلىك»، «قوڭۇر رەڭلىك».

1:9 «مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە» ــ ئىزاھات: «خاداس دەرەخلىرى ئارىسىدا تۇرغان ئادەم» (8-، 10-ئايەتتە) بولسا «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى». «مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە» بولسا «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» ئەمەس. تەۋراتتىكى باشقا قىسىملاردىن بىلىمىزكى، «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشىتىسى» خۇدانىڭ ۋەكىلى بولۇپلا قالماي، يەنە خۇدانىڭ تەبىئىتىدە بولغان بىر شەخس؛ ئىشىنىمىزكى، ئۇ مەسىھ-قۇتقۇزغۇچى بولۇپ، ئىنسانلار دۇنياسىدا تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى، «ئادەم» قىياپىتىدە دۇنيادا كۆرۈنگەن. كېيىنكى تېكىستلەتدىن قارىغاندا، «مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە» بولسا «ئاددىي بىر پەرىشتە» ئىدى (ئۇ 2-باب، 3-4-ئايەتتە باشقا پەرىشتە تەرىپىدىن ئىشقا بۇيرۇلغان). ئۇ بەلكىم زەكەرىياغا ئالامەت كۆرۈنۈشتە يولباشچى ھەم چۈشەندۈرگۈچى رولىدا بولغان.

1:12 «...سەن بۇ يەتمىش يىلدىن بېرى ئاچچىقلىنىپ كېلىۋاتقان يېرۇسالېم ۋە يەھۇدانىڭ شەھەرلىرى...» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بار بولۇشى كېرەككى، ئىسرائىل خۇدانىڭ جازاسى بىلەن بابىل ئىمپېرىيەسىدە 70 يىل سۈرگۈن بولغان («يەر.» 11:25-12، «دان.» 2:9نى كۆرۈڭ).

1:15 «شۇنىڭ بىلەن مەن ئەركىن-ئازادىلىكتە ياشاۋاتقان ئەللەرگە قاتتىق غەزەپلىنىمەن» ــ تەۋرات ھەم زەبۇردىكى «ئەللەر» دېگەن سۆز ئادەتتە ئىسرائىلدىن باشقا بارلىق خەلقلەرنى، يەنى «يەھۇدىي ئەمەسلەر»نى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بەزىدە «يات ئەللەر» دەپ تەرجىمە قىلىمىز. تەۋراتتا «ئەللەر»، «تائىپىلەر»، «يات ئەللەر» ياكى «خەلق-مىللەتلەر» دېيىلسە، ھەردائىم مۇشۇ مەنىنى بىلدۈرىدۇ. «چۈنكى مەن خەلقىمگە سەللا غەزەپلىنىپ قويىۋىدىم، ئۇلار ھەددىدىن ئېشىپ خەلقىمگە زور ئازار قىلدى» ــ خۇدا ئىسرائىلدىن (بۇتپەرەسلىكى تۈپەيلىدىن) غەزەپلىنىپ ئۇلارغا «يات ئەللەر» ئارقىلىق ئازار بەرگۈزۈپ جازالاپ، بابىل ئىمپېرىيەسىگە 70 يىل سۈرگۈن قىلدۇرغان. بىراق «يات ئەللەر» بۇ ئىشتا خۇدانىڭ جازاسىنىڭ دائىرىسىدىن چىقىپ تولىمۇ رەھىمسىزلىك قىلغان.

1:16 ««ئۆلچەم تانىسى تارتىلىدۇ» ــ دېمەك، ئۆلچەم تانىسىدا شەھەرنى ئۆلچەش يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ قايتىدىن تولۇق قۇرۇلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

1:16 ئ‍ەز. 11‏:23

1:21 «مەن: «بۇ (ھۈنەرۋەنلەر) نېمە ئىش قىلغىلى كەلدى؟» دەپ سورىدىم...» ــ ئەمدى بۇ «تۆت مۈڭگۈز» ۋە «تۆت ھۈنەرۋەن» نېمىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق پىكىرلىشىمىز.