14
پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى، پەرۋەردىگارنىڭ پادىشاھلىقى
مانا، پەرۋەردىگارغا خاس كۈن كېلىدۇ؛ ئۇ كۈنى ئاراڭدىن مال-مۈلكۈڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىپ بۆلۈشۈۋېلىنىدۇ. يو. 2‏:10، 31؛ 3‏:15؛ يەش. 2‏:12-22؛ 13‏:6-13؛ 24‏:23؛ ئام. 8‏:9؛ مات .24‏:29؛ روس. 2‏:20؛ ۋەھ. 6‏:12-13. مەن بارلىق ئەللەرنى يېرۇسالېمغا جەڭ قىلىشقا يىغىمەن؛ شەھەر ئىشغال قىلىنىدۇ، ئۆيلەر بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىپ، قىز-ئاياللار ئاياغ-ئاستى قىلىنىدۇ؛ شەھەرنىڭ يېرىمى ئەسىرگە چۈشۈپ سۈرگۈن قىلىنىدۇ؛ تىرىك قالغان خەلق شەھەردىن ئېلىپ كېتىلمەيدۇ.يەش. 13‏:16
ئاندىن پەرۋەردىگار چىقىپ شۇ ئەللەر بىلەن ئۇرۇشىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭ جەڭ قىلغان كۈنىدىكىدەك ئۇرۇشىدۇ. «... پەرۋەردىگار چىقىپ شۇ ئەللەر بىلەن ئۇرۇشىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭ جەڭ قىلغان كۈنىدىكىدەك ئۇرۇشىدۇ» ــ «جەڭ قىلغان كۈنىدىكىدەك» بەلكىم پەرۋەردىگار ئىسرائىلنى مىسىردىن قۇتقۇزغان كۈنىنى («مىس.» 14-15-باب) ياكى يەشۇئا پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدە ئۇنىڭ ئامورىيلار بىلەن قىلغان جېڭىنى كۆرسىتىدۇ («يەشۇئا» 10-باب).  يەش. 42‏:13 ئۇنىڭ پۇتلىرى شۇ كۈنى يېرۇسالېمنىڭ شەرقىي تەرىپىنىڭ ئەڭ ئالدى بولغان زەيتۇن تېغىدا تۇرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن زەيتۇن تېغى ئوتتۇرىدىن شەرق ۋە غەرب تەرەپكە يېرىلىدۇ؛ زور يوغان بىر جىلغا پەيدا بولىدۇ؛ تاغنىڭ يېرىمى شىمال تەرەپكە، يېرىمى جەنۇب تەرەپكە يۆتكىلىدۇ. «ئۇنىڭ پۇتلىرى شۇ كۈنى يېرۇسالېمنىڭ شەرقىي تەرىپىنىڭ ئەڭ ئالدى بولغان زەيتۇن تېغىدا تۇرىدۇ» ــ ئوقۇرمەنلەر ئىنجىلدىن شۇنى بىلىدۇكى، ئەيسا مەسىھ دۇنيادىن ئايرىلىپ كەتكەندە ئۇ دەل مۇشۇ تاغدىن كۆتۈرۈلگەن، ۋە شۇ چاغدا پەرىشتىلەر روسۇللىرىغا: «ئەيسا ئاسمانغا چىقىپ كەتتى. بىراق ئۇ قانداق كۆتۈرۈلگەن بولسا، كەلگۈسىدە يەنە دەل سىلەر كۆرگەن پېتى قايتىپ كېلىدۇ» ــ دېدى. «شۇنىڭ بىلەن زەيتۇن تېغى ئوتتۇرىدىن شەرق ۋە غەرب تەرەپكە يېرىلىدۇ؛ زور يوغان بىر جىلغا پەيدا بولىدۇ؛ تاغنىڭ يېرىمى شىمال تەرەپكە، يېرىمى جەنۇب تەرەپكە يۆتكىلىدۇ» ــ گېئولوگلار زەيتۇن تېغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شەرقتىن-غەربكە سوزۇلغان بىر «يەر پوستى ئۈزۈلمىسى»نى تاپقان. ئۇ «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى»دە يېرىلىشنى كۈتمەكتە.  دان. 7‏:13؛ ئ‍ەز.11‏:23؛ مات. 24‏:30؛ مار. 13‏:26؛ لۇقا 21‏:27؛ 1تېس. 1‏:10؛ 2تېـس. 1‏:10؛ ۋەھ. 1‏:7. ۋە سىلەر مېنىڭ تاغلىرىمنىڭ دەل مۇشۇ جىلغىسى بىلەن قاچىسىلەر؛ چۈنكى تاغلارنىڭ جىلغىسى ئازەلگىچە بارىدۇ؛ سىلەر يەھۇدا پادىشاھى ئۇززىيانىڭ كۈنلىرىدە بولغان يەر تەۋرەشتە قاچقىنىڭلاردەك قاچىسىلەر. ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدايىم كېلىدۇ؛ ھەمدە سەن بىلەن بارلىق «مۇقەددەس بولغۇچىلار»مۇ كېلىدۇ! «سىلەر مېنىڭ تاغلىرىمنىڭ دەل مۇشۇ جىلغىسى بىلەن قاچىسىلەر؛ چۈنكى تاغلارنىڭ جىلغىسى ئازەلگىچە بارىدۇ» ــ «ئازەل»نىڭ قەيەردىلىكى ھازىرچە بىزگە نامەلۇم. ھازىرقى ئەھۋالدا، يېرۇسالېمدىن شەرققە قېچىش مۇمكىن ئەمەس؛ «كىدرون جىلغىسى»، شۇنداقلا ئىنتايىن تىك بولغان زەيتۇن تېغىنىڭ ئۆزى مۇشۇنداق «قېچىش يولى»نى توسۇۋالىدۇ. «ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدايىم كېلىدۇ؛ ھەمدە سەن بىلەن بارلىق «مۇقەددەس بولغۇچىلار»مۇ كېلىدۇ!» ــ «مۇقەددەس بولغۇچىلار» بارلىق كېرۇب-پەرىشتىلەر ۋە بەلكىم ئۆلۈمدىن تىرىلگەن خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىنى كۆرسىتىدۇ («1تېس.» 13:4-17نى كۆرۈڭ).  ئام. 1‏:1 شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، نۇر توختاپ قالىدۇ؛ پارلاق يۇلتۇزلارمۇ قاراڭغۇلىشىپ كېتىدۇ؛ بىراق ئۇ پەرۋەردىگارغا مەلۇم بولغان ئالاھىدە بىر كۈن، يا كېچە يا كۈندۈز بولمايدۇ؛ شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، كەچ كىرگەندە، ئالەم يورۇتۇلىدۇ.«بىراق ئۇ پەرۋەردىگارغا مەلۇم بولغان ئالاھىدە بىر كۈن، يا كېچە يا كۈندۈز بولمايدۇ؛ شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، كەچ كىرگەندە، ئالەم يورۇتۇلىدۇ» ــ بەزى ئالىملار بۇ نۇر مەسىھنىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرىغىچە يېتىدۇ، دەپ قارايدۇ. دېمەك، شۇ كۈنلەردە كېچىدە كۈندۈزگە ئوخشاش يورۇقلۇق بولىدۇ. خۇداغا نىسبەتەن بۇ «مىڭ يىل» پەقەت «بىر كۈن»دەك بولىدۇ («2پېت.»، 8:3، «ۋەھ.» 20-بابنى كۆرۈڭ). بىز بۇ پىكىرگە قوشۇلىمىز. «قوشۇمچە سۆز»دە ئۇنىڭ ئۈستىدىمۇ توختىلىمىز.  ۋەھ. 21‏:25
شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ھاياتلىق سۇلىرى يېرۇسالېمدىن ئېقىپ چىقىدۇ؛ ئۇلارنىڭ يېرىمى شەرقىي دېڭىزغا، يېرىمى غەربىي دېڭىزغا قاراپ ئاقىدۇ؛ يازدا ۋە قىشتا شۇنداق بولىدۇ.«ئۇلارنىڭ ، يەنى سۇلارنىڭ يېرىمى شەرقىي دېڭىزغا، يېرىمى غەربىي دېڭىزغا قاراپ ئاقىدۇ...» ــ «شەرقىي دېڭىز» يەنى «ئۆلۈك دېڭىز»، «غەربىي دېڭىز» يەنى «ئوتتۇرا دېڭىز».  ئ‍ەز. 47‏:1-12؛ يو. 3‏:18؛ ۋەھ. 22‏:1
پەرۋەردىگار پۈتكۈل يەر يۈزى ئۈستىدە پادىشاھ بولىدۇ؛ شۇ كۈنى پەقەت بىر «پەرۋەردىگار» بولىدۇ، يەر يۈزىدە بىردىنبىر ئۇنىڭلا نامى بولىدۇ. «پەرۋەردىگار پۈتكۈل يەر يۈزى ئۈستىدە پادىشاھ بولىدۇ؛ شۇ كۈنى پەقەت بىر «پەرۋەردىگار» بولىدۇ...» ــ دېمەك، نە ئىسرائىللار نە ئەللەر ھېچقانداق بۇتنى (بۇرۇنقىدەك خالىغانچە) «پەرۋەردىگار» دەۋالمايدۇ. 10 گېبادىن يېرۇسالېمنىڭ جەنۇبىدىكى رىممونغىچە بولغان پۈتۈن زېمىن «ئاراباھ»دەك تۈزلەڭلىككە ئايلاندۇرۇلىدۇ؛ يېرۇسالېم بولسا «بىنيامىن دەرۋازىسى»دىن «بىرىنچى دەرۋازا»غىچە ۋە يەنە «بۇرجەك دەرۋازىسى»غىچە، «ھانانىيەلنىڭ مۇنارى»دىن پادىشاھنىڭ شاراب كۆلچەكلىرىگىچە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، لېكىن شەھەر يەنىلا ئۆز جايىدا شۇ پېتى تۇرىدۇ؛ «يېرۇسالېم بولسا «بىنيامىن دەرۋازىسى»دىن «بىرىنچى دەرۋازا»غىچە ۋە يەنە «بۇرجەك دەرۋازىسى»غىچە، «ھانانىيەلنىڭ مۇنارى»دىن پادىشاھنىڭ شاراب كۆلچەكلىرىگىچە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ» ــ ««بىنيامىن دەرۋازىسى»دىن «بىرىنچى دەرۋازا»غىچە ۋە يەنە «بۇرجەك دەرۋازىسى»غىچە»» دېگەن ئارىلىق يېرۇسالېمنىڭ شەرقىدىن غەربىغىچە بارلىق جايلارنى ۋە ««خانانەلنىڭ مۇنارى»دىن «پادىشاھنىڭ شاراب كۆلچەكلىرى»گىچە» دېگەن ئارىلىق ئۇنىڭ شىمالىدىن جەنۇبىغىچە بولغان بارلىق جايلارنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، پۈتۈن شەھەرنى بىلدۈرىدۇ، پۈتۈن شەھەر كۆتۈرۈلىدۇ. «لېكىن شەھەر يەنىلا ئۆز جايىدا شۇ پېتى تۇرىدۇ» ــ بۇ ئايەت بويىچە يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى تاغلىق رايونلار (60 كىلومېترچە ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىكتە) تۈزلەڭلىككە ئايلاندۇرۇلىدۇ. شۇنداق دېگىنى بىلەن «شەھەر يەنىلا ئۆز جايىدا شۇ پېتى تۇرىدۇ». 11 ئادەملەر يەنە ئۇنىڭدا تۇرىدۇ. «ھالاك پەرمانى» يەنە ھېچ چۈشۈرۈلمەيدۇ؛ يېرۇسالېم خاتىرجەملىكتە تۇرىدۇ.««ھالاك پەرمانى» يەنە ھېچ چۈشۈرۈلمەيدۇ؛ يېرۇسالېم خاتىرجەملىكتە تۇرىدۇ» ــ «ھالاك پەرمانى» ــ ئۆتكەندە خۇدا (ئېغىر گۇناھ تۈپەيلىدىن) مەلۇم بىر نەرسە، ئادەم، ئائىلە، شەھەر ياكى ھەتتا پۈتۈن بىر خەلق توغرۇلۇق «ھالاك پەرمانى» چۈشۈرگەن بولسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىش كېرەك ئىدى. دېمەك، ئىسرائىلدا ھازىر «ھالاك پەرمانى» چۈشۈرۈلگۈدەك گۇناھلار ھېچ تېپىلمايدۇ.
12 ۋە پەرۋەردىگار يېرۇسالېمغا جەڭ قىلغان بارلىق ئەللەرنى ئۇرۇشقا ئىشلەتكەن ۋابا شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار ئۆرە بولسىلا گۆشلىرى چىرىپ كېتىدۇ؛ كۆزلىرى چاناقلىرىدا چىرىپ كېتىدۇ؛ تىللىرى ئاغزىدا چىرىپ كېتىدۇ. «كۆزلىرى چاناقلىرىدا چىرىپ كېتىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «كۆزى». «تىللىرى ئاغزىدا چىرىپ كېتىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «تىلى». 13 شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا پەرۋەردىگاردىن زور بىر ئالاقزادىلىك چۈشىدۇ؛ ئۇلار ھەربىرى ئۆز يېقىنىنىڭ قولىنى تۇتۇشىدۇ، ھەربىرىنىڭ قولى يېقىنىنىڭ قولىغا قارشى كۆتۈرۈلىدۇ. 14 يەھۇدامۇ يېرۇسالېمدا جەڭ قىلىدۇ؛ ئەتراپىدىكى بارلىق ئەللەرنىڭ مال-مۈلۈكلىرى جەم قىلىپ يىغىلىدۇ ــ سان-ساناقسىز ئالتۇن-كۈمۈش ۋە كىيىم-كېچەكلەر بولىدۇ. 15 ئات، قېچىر، تۆگە، ئېشەك، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بارگاھلىرىدا بولغان بارلىق مال-ۋارانلار ئۈستىگە چۈشكەن ۋابا يۇقىرىقى ۋاباغا ئوخشاش بولىدۇ.
16 شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، يېرۇسالېمغا جەڭ قىلىشقا كەلگەن ھەممە ئەللەردىن بارلىق تىرىك قالغانلار ھەر يىلى يېرۇسالېمغا، پادىشاھقا، يەنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشقا ۋە «كەپىلەر ھېيتى»نى تەبرىكلەشكە چىقىدۇ. يەش. 66‏:23 17 شۇنداق بولىدۇكى، يەر يۈزىدىكى قوۋم-جەمەتلەردىن پادىشاھقا، يەنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا ئىبادەتكە چىقمىغانلار بولسا، ئەمدى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يامغۇر ياغمايدۇ.
18 مىسىر جەمەتى چىقىپ ھازىر بولمىسا، ئۇلارغىمۇ يامغۇر بولمايدۇ؛ بىراق پەرۋەردىگار «كەپىلەر ھېيتى»نى تەبرىكلەشكە چىقمايدىغان بارلىق ئەللەر ئۈستىگە چۈشۈرىدىغان ۋابا ئۇلارغىمۇ چۈشۈرۈلىدۇ. «مىسىر جەمەتى چىقىپ ھازىر بولمىسا، ئۇلارغىمۇ يامغۇر بولمايدۇ؛ بىراق پەرۋەردىگار «كەپىلەر ھېيتى»نى تەبرىكلەشكە چىقمايدىغان بارلىق ئەللەر ئۈستىگە چۈشۈرىدىغان ۋابا ئۇلارغىمۇ چۈشۈرۈلىدۇ» ــ مىسىرنىڭ تېرىقچىلىقى يامغۇرغا ئانچە تايانمايدۇ، بەلكى نىل دەرياسىغا تايىنىدۇ؛ شۇڭا ئۇلارغا ئەسكەرتىلىدۇكى، قوشۇمچە بىر «ۋابا» ئۇلارغا چۈشىدۇ. بۇ قانداق ۋابا دېيىلمىدى. 19 بۇ مىسىرنىڭ جازاسى، شۇنداقلا «كەپىلەر ھېيتى»نى تەبرىكلەشكە چىقمايدىغان بارلىق ئەللەرنىڭ جازاسى بولىدۇ.
20 شۇ كۈنى ئاتلارنىڭ قوڭغۇراقلىرى ئۈستىگە «پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ پاك-مۇقەددەس بولسۇن!» دەپ يېزىلىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق قاچا-قۇچىلارمۇ قۇربانگاھ ئالدىدىكى قاچىلارغا ئوخشاش ھېسابلىنىدۇ؛ 21 يېرۇسالېمدىكى ۋە يەھۇدادىكى بارلىق قاچا-قۇچىلارمۇ پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ پاك-مۇقەددەس بولىدۇ؛ قۇربانلىق قىلغۇچىلار كېلىپ ئۇلارنى ئېلىپ قۇربانلىق گۆشلىرىنى پىشۇرىدۇ؛ شۇ كۈنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە «قانائانلىق-سودىگەر» ئىككىنچى بولمايدۇ.«... پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ پاك-مۇقەددەس بولىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «پەرۋەردىگارغا قارىتا پاك-مۇقەددەسلىك» دېيىلىدۇ. بۇ سۆزلەر باش كاھىننىڭ بېشىغا تاقالغان ئالتۇن ئوتۇغاتقا نەقىشلەنگەن («مىس.» 36:28نى كۆرۈڭ). «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە «قانائانلىق-سودىگەر» ئىككىنچى بولمايدۇ» ــ «قانائانلىق-سودىگەر» ئىبرانىي تىلىدا «قانائانلىق»، پەلەستىندىكى قەدىمكى بۇتپەرەس مىللەتلەرنى ھەم «سودىگەر» دېگەن ئىككى مەنىنى كۆرسىتىدۇ. خۇدانىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدا ھېچقانداق بۇتپەرەس (خۇدانى بىرىنچى ئورۇنغا قويمىغان) كىشى ياكى «ئىبادەتنى سودىغا ئايلاندۇرىدىغان» مەنپەئەتپەرەس بولغۇچى تېپىلمايدۇ.  يەش. 35‏:8؛ يو. 3‏:17؛ ۋەھ. 21‏:27؛ 22‏:15

14:1 يو. 2‏:10، 31؛ 3‏:15؛ يەش. 2‏:12-22؛ 13‏:6-13؛ 24‏:23؛ ئام. 8‏:9؛ مات .24‏:29؛ روس. 2‏:20؛ ۋەھ. 6‏:12-13.

14:2 يەش. 13‏:16

14:3 «... پەرۋەردىگار چىقىپ شۇ ئەللەر بىلەن ئۇرۇشىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭ جەڭ قىلغان كۈنىدىكىدەك ئۇرۇشىدۇ» ــ «جەڭ قىلغان كۈنىدىكىدەك» بەلكىم پەرۋەردىگار ئىسرائىلنى مىسىردىن قۇتقۇزغان كۈنىنى («مىس.» 14-15-باب) ياكى يەشۇئا پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدە ئۇنىڭ ئامورىيلار بىلەن قىلغان جېڭىنى كۆرسىتىدۇ («يەشۇئا» 10-باب).

14:3 يەش. 42‏:13

14:4 «ئۇنىڭ پۇتلىرى شۇ كۈنى يېرۇسالېمنىڭ شەرقىي تەرىپىنىڭ ئەڭ ئالدى بولغان زەيتۇن تېغىدا تۇرىدۇ» ــ ئوقۇرمەنلەر ئىنجىلدىن شۇنى بىلىدۇكى، ئەيسا مەسىھ دۇنيادىن ئايرىلىپ كەتكەندە ئۇ دەل مۇشۇ تاغدىن كۆتۈرۈلگەن، ۋە شۇ چاغدا پەرىشتىلەر روسۇللىرىغا: «ئەيسا ئاسمانغا چىقىپ كەتتى. بىراق ئۇ قانداق كۆتۈرۈلگەن بولسا، كەلگۈسىدە يەنە دەل سىلەر كۆرگەن پېتى قايتىپ كېلىدۇ» ــ دېدى. «شۇنىڭ بىلەن زەيتۇن تېغى ئوتتۇرىدىن شەرق ۋە غەرب تەرەپكە يېرىلىدۇ؛ زور يوغان بىر جىلغا پەيدا بولىدۇ؛ تاغنىڭ يېرىمى شىمال تەرەپكە، يېرىمى جەنۇب تەرەپكە يۆتكىلىدۇ» ــ گېئولوگلار زەيتۇن تېغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شەرقتىن-غەربكە سوزۇلغان بىر «يەر پوستى ئۈزۈلمىسى»نى تاپقان. ئۇ «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى»دە يېرىلىشنى كۈتمەكتە.

14:4 دان. 7‏:13؛ ئ‍ەز.11‏:23؛ مات. 24‏:30؛ مار. 13‏:26؛ لۇقا 21‏:27؛ 1تېس. 1‏:10؛ 2تېـس. 1‏:10؛ ۋەھ. 1‏:7.

14:5 «سىلەر مېنىڭ تاغلىرىمنىڭ دەل مۇشۇ جىلغىسى بىلەن قاچىسىلەر؛ چۈنكى تاغلارنىڭ جىلغىسى ئازەلگىچە بارىدۇ» ــ «ئازەل»نىڭ قەيەردىلىكى ھازىرچە بىزگە نامەلۇم. ھازىرقى ئەھۋالدا، يېرۇسالېمدىن شەرققە قېچىش مۇمكىن ئەمەس؛ «كىدرون جىلغىسى»، شۇنداقلا ئىنتايىن تىك بولغان زەيتۇن تېغىنىڭ ئۆزى مۇشۇنداق «قېچىش يولى»نى توسۇۋالىدۇ. «ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدايىم كېلىدۇ؛ ھەمدە سەن بىلەن بارلىق «مۇقەددەس بولغۇچىلار»مۇ كېلىدۇ!» ــ «مۇقەددەس بولغۇچىلار» بارلىق كېرۇب-پەرىشتىلەر ۋە بەلكىم ئۆلۈمدىن تىرىلگەن خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىنى كۆرسىتىدۇ («1تېس.» 13:4-17نى كۆرۈڭ).

14:5 ئام. 1‏:1

14:7 «بىراق ئۇ پەرۋەردىگارغا مەلۇم بولغان ئالاھىدە بىر كۈن، يا كېچە يا كۈندۈز بولمايدۇ؛ شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، كەچ كىرگەندە، ئالەم يورۇتۇلىدۇ» ــ بەزى ئالىملار بۇ نۇر مەسىھنىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرىغىچە يېتىدۇ، دەپ قارايدۇ. دېمەك، شۇ كۈنلەردە كېچىدە كۈندۈزگە ئوخشاش يورۇقلۇق بولىدۇ. خۇداغا نىسبەتەن بۇ «مىڭ يىل» پەقەت «بىر كۈن»دەك بولىدۇ («2پېت.»، 8:3، «ۋەھ.» 20-بابنى كۆرۈڭ). بىز بۇ پىكىرگە قوشۇلىمىز. «قوشۇمچە سۆز»دە ئۇنىڭ ئۈستىدىمۇ توختىلىمىز.

14:7 ۋەھ. 21‏:25

14:8 «ئۇلارنىڭ ، يەنى سۇلارنىڭ يېرىمى شەرقىي دېڭىزغا، يېرىمى غەربىي دېڭىزغا قاراپ ئاقىدۇ...» ــ «شەرقىي دېڭىز» يەنى «ئۆلۈك دېڭىز»، «غەربىي دېڭىز» يەنى «ئوتتۇرا دېڭىز».

14:8 ئ‍ەز. 47‏:1-12؛ يو. 3‏:18؛ ۋەھ. 22‏:1

14:9 «پەرۋەردىگار پۈتكۈل يەر يۈزى ئۈستىدە پادىشاھ بولىدۇ؛ شۇ كۈنى پەقەت بىر «پەرۋەردىگار» بولىدۇ...» ــ دېمەك، نە ئىسرائىللار نە ئەللەر ھېچقانداق بۇتنى (بۇرۇنقىدەك خالىغانچە) «پەرۋەردىگار» دەۋالمايدۇ.

14:10 «يېرۇسالېم بولسا «بىنيامىن دەرۋازىسى»دىن «بىرىنچى دەرۋازا»غىچە ۋە يەنە «بۇرجەك دەرۋازىسى»غىچە، «ھانانىيەلنىڭ مۇنارى»دىن پادىشاھنىڭ شاراب كۆلچەكلىرىگىچە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ» ــ ««بىنيامىن دەرۋازىسى»دىن «بىرىنچى دەرۋازا»غىچە ۋە يەنە «بۇرجەك دەرۋازىسى»غىچە»» دېگەن ئارىلىق يېرۇسالېمنىڭ شەرقىدىن غەربىغىچە بارلىق جايلارنى ۋە ««خانانەلنىڭ مۇنارى»دىن «پادىشاھنىڭ شاراب كۆلچەكلىرى»گىچە» دېگەن ئارىلىق ئۇنىڭ شىمالىدىن جەنۇبىغىچە بولغان بارلىق جايلارنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، پۈتۈن شەھەرنى بىلدۈرىدۇ، پۈتۈن شەھەر كۆتۈرۈلىدۇ. «لېكىن شەھەر يەنىلا ئۆز جايىدا شۇ پېتى تۇرىدۇ» ــ بۇ ئايەت بويىچە يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى تاغلىق رايونلار (60 كىلومېترچە ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىكتە) تۈزلەڭلىككە ئايلاندۇرۇلىدۇ. شۇنداق دېگىنى بىلەن «شەھەر يەنىلا ئۆز جايىدا شۇ پېتى تۇرىدۇ».

14:11 ««ھالاك پەرمانى» يەنە ھېچ چۈشۈرۈلمەيدۇ؛ يېرۇسالېم خاتىرجەملىكتە تۇرىدۇ» ــ «ھالاك پەرمانى» ــ ئۆتكەندە خۇدا (ئېغىر گۇناھ تۈپەيلىدىن) مەلۇم بىر نەرسە، ئادەم، ئائىلە، شەھەر ياكى ھەتتا پۈتۈن بىر خەلق توغرۇلۇق «ھالاك پەرمانى» چۈشۈرگەن بولسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىش كېرەك ئىدى. دېمەك، ئىسرائىلدا ھازىر «ھالاك پەرمانى» چۈشۈرۈلگۈدەك گۇناھلار ھېچ تېپىلمايدۇ.

14:12 «كۆزلىرى چاناقلىرىدا چىرىپ كېتىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «كۆزى». «تىللىرى ئاغزىدا چىرىپ كېتىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «تىلى».

14:16 يەش. 66‏:23

14:18 «مىسىر جەمەتى چىقىپ ھازىر بولمىسا، ئۇلارغىمۇ يامغۇر بولمايدۇ؛ بىراق پەرۋەردىگار «كەپىلەر ھېيتى»نى تەبرىكلەشكە چىقمايدىغان بارلىق ئەللەر ئۈستىگە چۈشۈرىدىغان ۋابا ئۇلارغىمۇ چۈشۈرۈلىدۇ» ــ مىسىرنىڭ تېرىقچىلىقى يامغۇرغا ئانچە تايانمايدۇ، بەلكى نىل دەرياسىغا تايىنىدۇ؛ شۇڭا ئۇلارغا ئەسكەرتىلىدۇكى، قوشۇمچە بىر «ۋابا» ئۇلارغا چۈشىدۇ. بۇ قانداق ۋابا دېيىلمىدى.

14:21 «... پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ پاك-مۇقەددەس بولىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «پەرۋەردىگارغا قارىتا پاك-مۇقەددەسلىك» دېيىلىدۇ. بۇ سۆزلەر باش كاھىننىڭ بېشىغا تاقالغان ئالتۇن ئوتۇغاتقا نەقىشلەنگەن («مىس.» 36:28نى كۆرۈڭ). «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە «قانائانلىق-سودىگەر» ئىككىنچى بولمايدۇ» ــ «قانائانلىق-سودىگەر» ئىبرانىي تىلىدا «قانائانلىق»، پەلەستىندىكى قەدىمكى بۇتپەرەس مىللەتلەرنى ھەم «سودىگەر» دېگەن ئىككى مەنىنى كۆرسىتىدۇ. خۇدانىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدا ھېچقانداق بۇتپەرەس (خۇدانى بىرىنچى ئورۇنغا قويمىغان) كىشى ياكى «ئىبادەتنى سودىغا ئايلاندۇرىدىغان» مەنپەئەتپەرەس بولغۇچى تېپىلمايدۇ.

14:21 يەش. 35‏:8؛ يو. 3‏:17؛ ۋەھ. 21‏:27؛ 22‏:15