زەفانىيا
1
ئاموننىڭ ئوغلى يوسىيا يەھۇداغا پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا، ھەزەكىيانىڭ چەۋرىسى، ئامارىيانىڭ ئەۋرىسى، گەدالىيانىڭ نەۋرىسى، كۇشىنىڭ ئوغلى زەفانىياغا يەتكەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى: ــ
 
سوراققا تارتىشنىڭ ئومۇمىيلىقى
مەن يەر يۈزىدىن ھەممىنى قۇرۇتۇۋېتىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛
ــ ئىنسان ھەم ھايۋاننى قۇرۇتۇۋېتىمەن،
ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار ھەم دېڭىزدىكى بېلىقلارنى،
بارلىق پۇتلىكاشاڭلارنى رەزىل ئادەملەر بىلەن تەڭ قۇرۇتۇۋېتىمەن،
ئىنسانىيەتنى يەر يۈزىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.يار. 6‏:7
 
يەھۇدانىڭ سوراققا تارتىلىشى
ــ شۇنىڭ بىلەن مەن يەھۇدا ئۈستىگە،
بارلىق يېرۇسالېمدىكىلەر ئۈستىگە قولۇمنى سوزىمەن؛
مۇشۇ يەردە «بائال»نىڭ قالدۇقىنى،
«قېمار»لارنىڭ نامىنى كاھىنلار بىلەن بىللە ئۈزۈپ تاشلايمەن؛«مۇشۇ يەردە «بائال»نىڭ قالدۇقىنى، «قېمار»لارنىڭ نامىنى كاھىنلار بىلەن بىللە ئۈزۈپ تاشلايمەن» ــ «بائال» پەلەستىندىكىلەر چوقۇنىدىغان بىر بۇت ئىدى. «بائالنىڭ قالدۇقى» «بائال» دېگەن بۇتقا چوقۇنغانلاردىن قېلىپ قالغان كىشىلەر.
«كاھىنلار» دېگەن خۇدانىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدا ئىشلەيدىغان مەخسۇس «قۇربانلىق قىلغۇچىلار».
«قېمار»لار بولسا ئۆزلىرىنى بۇتلارغا بېغىشلىغان «قۇربانلىق قىلغۇچىلار» ئىدى («2پاد.» 23:23، «ھوش.» 5:10نى كۆرۈڭ). خۇداغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئادەملەر بولسا، «خۇدا «قېمار»لارنى يوقىتىشى مۇقەررەر» دەپ ئويلىسا كېرەك. بىراق بۇ ئاخىرقى جۈملىدىن قارىغاندا «كاھىنلار» بىرىنچى بولۇپ ئەيىبلەندى. سۆزگە قارىغاندا ئۇلارمۇ بۇتپەرەس بولۇپ قالدى. شۇڭا ئۇلار «قېمار»لاردىن تېخىمۇ ئەيىبلىك، «قېمىلار»غا نىسبەتەن ئۇلار ھەقىقەتنى ئوبدان چۈشىنىشى كېرەك ئىدى.
شۇنداقلا ئۆگزىدە تۇرۇپ ئاسماندىكى جىسىملارغا باش ئۇرىدىغانلارنى،
پەرۋەردىگارغا باش ئۇرۇپ، شۇنداقلا ئۇنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ تۇرۇپ، «مالكام»نىڭ نامى بىلەنمۇ قەسەم قىلىدىغانلارنى،««مالكام»نىڭ نامى بىلەنمۇ قەسەم قىلىدىغانلار...» ــ دېمىسەكمۇ «مالكام» يەنە بىر بۇت.
پەرۋەردىگاردىن تەزگەنلەرنى،
پەرۋەردىگارنى ئىزدىمەيدىغان ياكى ئۇنىڭدىن يول سورىمىغانلارنىمۇ ئۈزۈپ تاشلايمەن.يەش. 1‏:4؛ 59‏:13؛ يەر. 15‏:6
رەب پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرى ئالدىدا سۈكۈت قىلىڭلار؛
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى يېقىندۇر؛
چۈنكى پەرۋەردىگار قۇربانلىقنى تەييارلىدى،
ئۇ مېھمانلارنى «تاھارەت قىلدۇرۇپ» ھالال قىلدى؛«پەرۋەردىگار قۇربانلىقنى تەييارلىدى، ئۇ مېھمانلارنى «تاھارەت قىلدۇرۇپ» ھالال قىلدى» ــ تەۋرات دەۋرىدىكى قۇربانلىقلاردىن بەزىلىرىنى يېگىلى بولاتتى، قۇربانلىقلار سۇنۇلغاندا مېھمانلارنى چاقىرىش ئادەتتىكى ئىش ئىدى. بىراق 8-9-ئايەتكە قارىغاندا، مېھمانلارنىڭ ئۆزى بۇ «قۇربانلىق»نىڭ بىر قىسمى بولىدۇ. ئۇلارنى «تاھارەت قىلدۇرۇش»، مۇشۇ يەردە «ناپاك نەرسىلەردىن ئايرىۋېتىش، يۇيۇش» ياكى «خۇداغا ئايرىۋېتىش» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. ئاندىن ئۇلار ئۆزى «قۇربانلىق» بولۇشقا «ھالال» بولىدۇ. «مېھمانلار»نىڭ كۆپىنچىسى بولسا خۇداغا قارشى چىققانلارنىڭ نۇرغۇن جەسەتلىرىنى يەيدىغان، شۇنداقلا ئەسلىدە «ھارام بولغان» قۇشلار ۋە ھايۋاناتلار بولىدۇ («يەش.» 6:34، «يەر.» 10:46، «ئەز.» 17:39-19نىمۇ كۆرۈڭ).
پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىقىنىڭ كۈنىدە شۇنداق بولىدۇكى،
مەن ئەمىرلەرنى، پادىشاھلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ۋە يات ئەللەرنىڭ كىيىملىرىنى كىيىۋالغانلارنىڭ ھەممىسىنى جازالايمەن؛«مەن ئەمىرلەرنى، پادىشاھلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ۋە يات ئەللەرنىڭ كىيىملىرىنى كىيىۋالغانلارنىڭ ھەممىسىنى جازالايمەن» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، زەفانىيا «پادىشاھنىڭ ئوغلى» ئىدى. شۇڭا ئۇ بۇ ئوردىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ناھايىتى ئوبدان بىلەتتى. مۇشۇنداق «يات ئەللەرنىڭ كىيىملىرىنى (ئەجنەبىيچە كىيىمنى) كىيىۋېلىش» بەلكىم بۇتپەرەسلىككە ياكى تەكەببۇرلۇققا مۇناسىۋەتلىك گۇناھ بولسا كېرەك.
شۇ كۈنى مەن بوسۇغىدىن دەسسىمەي ئاتلايدىغانلارنى،
يەنى زۇلۇم-زوراۋانلىق ھەم ئالدامچىلىققا تايىنىپ، خوجايىنلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى تولدۇرىدىغانلارنى جازالايمەن.«شۇ كۈنى مەن بوسۇغىدىن دەسسىمەي ئاتلايدىغانلارنى، يەنى زۇلۇم-زوراۋانلىق ھەم ئالدامچىلىققا تايىنىپ، خوجايىنلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى تولدۇرىدىغانلارنى جازالايمەن» ــ خۇدا مۇشۇ يەردە پەيغەمبەر ئارقىلىق خۇراپىيلىقنى ئەيىبلىگەن بولسا كېرەك. «ئۆي بوسۇغىسىنى دەسسمەسلىك كېرەك، يامان بولىدۇ» دېگەنلىك ئېنىق بىر مىسالدۇر. ئۇلار ئەسلىدىنلا تەۋراتتىكى مۇقەددەس قانۇنغا خىلاپ بولغان مۇشۇنداق خۇراپىي ئۇششاق-چۈششەك قائىدىگە رىئايە قىلغىنى بىلەن، زۇلۇمنى ھېچۋەقەسى يوق دەپ قورقماي قىلىۋېرىدۇ.  1سام. 5‏:4، 5.
10 شۇ كۈنىدە، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار،
«بېلىق دەرۋازىسى»دىن «ۋايداد»،
«ئىككىنچى مەھەللە»دىن ھۆركىرەشلەر،
دۆڭ-ئېگىزلىكلەردىن غايەت زور «گۇم-گۇم» قىلىپ ۋەيران قىلىنغان ئاۋازلار ئاڭلىنىدۇ.««بېلىق دەرۋازىسى»دىن «ۋايداد»، «ئىككىنچى مەھەللە»دىن ھۆركىرەشلەر...» ــ «بېلىق دەرۋازىسى» ھەم «ئىككىنچى مەھەللە» يېرۇسالېمنىڭ شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، شەھەرنىڭ باشقا ئۈچ تەرىپى تىك يار ئىدى، ھۇجۇم كەلسە دائىم شىمالىي تەرىپىدىن كېلەتتى.
11 «ھۆركىرەڭلار، ئى «ئويمانلىق مەھەللىسى»دىكىلەر؛
چۈنكى «سودىگەر خەلق»نىڭ ھەممىسى قىلىچلاندى،
كۈمۈش بىلەن چىڭدالغانلار قىرىلدى!»«چۈنكى «سودىگەر خەلق»نىڭ ھەممىسى قىلىچلاندى، ...» ــ بۇ بەلكىم كىنايىلىك گەپ. ئىبرانىي تىلىدا «سودىگەر» ۋە «قانائان» دېگەنلەر ئوخشاش بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئىسرائىل خەلقى ئەسلى بۇتپەرەس بولغان «قانائان خەلقى»نى پەلەستىندىن (قانائاندىن) ھەيدىۋەتكەنىدى. بىراق ئىسرائىل ئۆزى ھازىر «خۇدانىڭ خەلقى» ئەمەس، بەلكى «سودىگەر خەلق» ھەم «بۇتپەرەس بىر خەلق» بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ. ئۇلارنىڭ قىلغان سودىسىمۇ خۇدانىڭ نەزىرىدە ھارام ئوخشايدۇ.
12 ــ ۋە شۇ چاغدا شۇنداق بولىدۇكى،
مەن يېرۇسالېمنى چىراغلار بىلەن ئاختۇرىمەن،
ئارزاڭلىرى ئۈستىدە تىنغان شارابتەك تۇرغان ئەندىشىسىز ئادەملەرنى،
يەنى كۆڭلىدە: «پەرۋەردىگار ھېچ ياخشىلىقنى قىلمايدۇ، يامانلىقنىمۇ قىلمايدۇ» دېگەنلەرنى جازالايمەن.«ئارزاڭلىرى ئۈستىدە تىنغان شارابتەك تۇرغان ئەندىشىسىز ئادەملەر...» ــ «ئارزاڭلىرى ئۈستىدە تىنغان شاراب» شاراب تىنىشى ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت مىدىرلىماي تۇرۇشى كېرەك. تىنغان «ئارزاڭلار»، (دۇغ، چۆكۈندە) ناھايىتى ئاچچىق بىر نەرسە، ئەلۋەتتە.
13 ئەمدى بايلىقلىرى ئولجا،
ئۆيلىرى بەربات بولىدۇ؛
ئۇلار ئۆيلەرنى سالغىنى بىلەن،
ئۇلاردا تۇرمايدۇ؛
ئۈزۈمزارلارنى بەرپا قىلغىنى بىلەن،
ئۇلارنىڭ شارابىنى ئىچمەيدۇ.
14 پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ كۈنى يېقىندۇر؛
بەرھەق يېقىندۇر، ئىنتايىن تېز يېتىپ كېلىدۇ؛
ئاڭلا، پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىنىڭ ساداسى!
يېتىپ كەلگەندە پالۋانمۇ ئەلەملىك ۋارقىرايدۇ. يو. 2‏:10، 31؛ 3‏:15؛ يەش. 2‏:12-22؛ 13‏:10؛ 24‏:23؛ ئام. 9:8؛ مات. 24‏:29؛ روس. 2‏:20؛ ۋەھ. 6‏:12-13
15 شۇ كۈنى قەھر ئېلىپ كېلىدىغان بىر كۈن،
كۈلپەتلىك ھەم دەرد-ئەلەملىك بىر كۈن،
ۋەيرانچىلىق ھەم بەرباتلىق چۈشىدىغان بىر كۈن،
زۇلمەتلىك ھەم سۈرلۈك بىر كۈن،
بۇلۇتلار ھەم قاپ-قاراڭغۇلۇق بىلەن قاپلانغان بىر كۈن،
16 ئىستىھكاملاشقان شەھەرلەرگە، سېپىلنىڭ ئېگىز پوتەيلىرىگە ھۇجۇم قىلىدىغان،
كاناي چېلىنىدىغان، ئاگاھ سىگنالى كۆتۈرۈلىدىغان بىر كۈن بولىدۇ.«ئاگاھ سىگنالى كۆتۈرۈلىدىغان بىر كۈن بولىدۇ» ــ ياكى «جەڭ ۋارقىراشلىرى كۆتۈرۈلىدىغان بىر كۈن بولىدۇ».
17 مەن ئادەملەر ئۈستىگە كۈلپەتلەرنى چۈشۈرىمەن، ــ
ئۇلار قارىغۇلاردەك يۈرىدۇ؛
چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ قىلدى؛
ئۇلارنىڭ قانلىرى توپا-چاڭدەك،
ئۇلارنىڭ ئۈچەي-قېرىنلىرى پوقتەك تۆكۈلىدۇ؛
18 پەرۋەردىگارنىڭ قەھرى چۈشكەن كۈنىدە ئالتۇن-كۈمۈشلىرى ئۇلارنى قۇتقۇزالمايدۇ؛
بەلكى پۈتكۈل جاھان ئۇنىڭ غەزەپ ئوتى تەرىپىدىن يەۋېتىلىدۇ؛
چۈنكى ئۇ بارلىق يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ئۈستىگە مۇتلەق بىر ھالاكەت، دەھشەتلىك بىر ھالاكەت چۈشۈرىدۇ.«مۇتلەق بىر ھالاكەت، دەھشەتلىك بىر ھالاكەت» ــ ياكى «مۇتلەق بىر ھالاكەت، چاقماقتەك بىر ھالاكەت».  پەند. 11‏:4؛ ئ‍ەز. 7‏:19؛ زەف. 1‏:14-16
 
 

1:3 يار. 6‏:7

1:4 «مۇشۇ يەردە «بائال»نىڭ قالدۇقىنى، «قېمار»لارنىڭ نامىنى كاھىنلار بىلەن بىللە ئۈزۈپ تاشلايمەن» ــ «بائال» پەلەستىندىكىلەر چوقۇنىدىغان بىر بۇت ئىدى. «بائالنىڭ قالدۇقى» «بائال» دېگەن بۇتقا چوقۇنغانلاردىن قېلىپ قالغان كىشىلەر. «كاھىنلار» دېگەن خۇدانىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدا ئىشلەيدىغان مەخسۇس «قۇربانلىق قىلغۇچىلار». «قېمار»لار بولسا ئۆزلىرىنى بۇتلارغا بېغىشلىغان «قۇربانلىق قىلغۇچىلار» ئىدى («2پاد.» 23:23، «ھوش.» 5:10نى كۆرۈڭ). خۇداغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئادەملەر بولسا، «خۇدا «قېمار»لارنى يوقىتىشى مۇقەررەر» دەپ ئويلىسا كېرەك. بىراق بۇ ئاخىرقى جۈملىدىن قارىغاندا «كاھىنلار» بىرىنچى بولۇپ ئەيىبلەندى. سۆزگە قارىغاندا ئۇلارمۇ بۇتپەرەس بولۇپ قالدى. شۇڭا ئۇلار «قېمار»لاردىن تېخىمۇ ئەيىبلىك، «قېمىلار»غا نىسبەتەن ئۇلار ھەقىقەتنى ئوبدان چۈشىنىشى كېرەك ئىدى.

1:5 ««مالكام»نىڭ نامى بىلەنمۇ قەسەم قىلىدىغانلار...» ــ دېمىسەكمۇ «مالكام» يەنە بىر بۇت.

1:6 يەش. 1‏:4؛ 59‏:13؛ يەر. 15‏:6

1:7 «پەرۋەردىگار قۇربانلىقنى تەييارلىدى، ئۇ مېھمانلارنى «تاھارەت قىلدۇرۇپ» ھالال قىلدى» ــ تەۋرات دەۋرىدىكى قۇربانلىقلاردىن بەزىلىرىنى يېگىلى بولاتتى، قۇربانلىقلار سۇنۇلغاندا مېھمانلارنى چاقىرىش ئادەتتىكى ئىش ئىدى. بىراق 8-9-ئايەتكە قارىغاندا، مېھمانلارنىڭ ئۆزى بۇ «قۇربانلىق»نىڭ بىر قىسمى بولىدۇ. ئۇلارنى «تاھارەت قىلدۇرۇش»، مۇشۇ يەردە «ناپاك نەرسىلەردىن ئايرىۋېتىش، يۇيۇش» ياكى «خۇداغا ئايرىۋېتىش» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. ئاندىن ئۇلار ئۆزى «قۇربانلىق» بولۇشقا «ھالال» بولىدۇ. «مېھمانلار»نىڭ كۆپىنچىسى بولسا خۇداغا قارشى چىققانلارنىڭ نۇرغۇن جەسەتلىرىنى يەيدىغان، شۇنداقلا ئەسلىدە «ھارام بولغان» قۇشلار ۋە ھايۋاناتلار بولىدۇ («يەش.» 6:34، «يەر.» 10:46، «ئەز.» 17:39-19نىمۇ كۆرۈڭ).

1:8 «مەن ئەمىرلەرنى، پادىشاھلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ۋە يات ئەللەرنىڭ كىيىملىرىنى كىيىۋالغانلارنىڭ ھەممىسىنى جازالايمەن» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، زەفانىيا «پادىشاھنىڭ ئوغلى» ئىدى. شۇڭا ئۇ بۇ ئوردىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ناھايىتى ئوبدان بىلەتتى. مۇشۇنداق «يات ئەللەرنىڭ كىيىملىرىنى (ئەجنەبىيچە كىيىمنى) كىيىۋېلىش» بەلكىم بۇتپەرەسلىككە ياكى تەكەببۇرلۇققا مۇناسىۋەتلىك گۇناھ بولسا كېرەك.

1:9 «شۇ كۈنى مەن بوسۇغىدىن دەسسىمەي ئاتلايدىغانلارنى، يەنى زۇلۇم-زوراۋانلىق ھەم ئالدامچىلىققا تايىنىپ، خوجايىنلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى تولدۇرىدىغانلارنى جازالايمەن» ــ خۇدا مۇشۇ يەردە پەيغەمبەر ئارقىلىق خۇراپىيلىقنى ئەيىبلىگەن بولسا كېرەك. «ئۆي بوسۇغىسىنى دەسسمەسلىك كېرەك، يامان بولىدۇ» دېگەنلىك ئېنىق بىر مىسالدۇر. ئۇلار ئەسلىدىنلا تەۋراتتىكى مۇقەددەس قانۇنغا خىلاپ بولغان مۇشۇنداق خۇراپىي ئۇششاق-چۈششەك قائىدىگە رىئايە قىلغىنى بىلەن، زۇلۇمنى ھېچۋەقەسى يوق دەپ قورقماي قىلىۋېرىدۇ.

1:9 1سام. 5‏:4، 5.

1:10 ««بېلىق دەرۋازىسى»دىن «ۋايداد»، «ئىككىنچى مەھەللە»دىن ھۆركىرەشلەر...» ــ «بېلىق دەرۋازىسى» ھەم «ئىككىنچى مەھەللە» يېرۇسالېمنىڭ شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، شەھەرنىڭ باشقا ئۈچ تەرىپى تىك يار ئىدى، ھۇجۇم كەلسە دائىم شىمالىي تەرىپىدىن كېلەتتى.

1:11 «چۈنكى «سودىگەر خەلق»نىڭ ھەممىسى قىلىچلاندى، ...» ــ بۇ بەلكىم كىنايىلىك گەپ. ئىبرانىي تىلىدا «سودىگەر» ۋە «قانائان» دېگەنلەر ئوخشاش بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئىسرائىل خەلقى ئەسلى بۇتپەرەس بولغان «قانائان خەلقى»نى پەلەستىندىن (قانائاندىن) ھەيدىۋەتكەنىدى. بىراق ئىسرائىل ئۆزى ھازىر «خۇدانىڭ خەلقى» ئەمەس، بەلكى «سودىگەر خەلق» ھەم «بۇتپەرەس بىر خەلق» بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ. ئۇلارنىڭ قىلغان سودىسىمۇ خۇدانىڭ نەزىرىدە ھارام ئوخشايدۇ.

1:12 «ئارزاڭلىرى ئۈستىدە تىنغان شارابتەك تۇرغان ئەندىشىسىز ئادەملەر...» ــ «ئارزاڭلىرى ئۈستىدە تىنغان شاراب» شاراب تىنىشى ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت مىدىرلىماي تۇرۇشى كېرەك. تىنغان «ئارزاڭلار»، (دۇغ، چۆكۈندە) ناھايىتى ئاچچىق بىر نەرسە، ئەلۋەتتە.

1:14 يو. 2‏:10، 31؛ 3‏:15؛ يەش. 2‏:12-22؛ 13‏:10؛ 24‏:23؛ ئام. 9:8؛ مات. 24‏:29؛ روس. 2‏:20؛ ۋەھ. 6‏:12-13

1:16 «ئاگاھ سىگنالى كۆتۈرۈلىدىغان بىر كۈن بولىدۇ» ــ ياكى «جەڭ ۋارقىراشلىرى كۆتۈرۈلىدىغان بىر كۈن بولىدۇ».

1:18 «مۇتلەق بىر ھالاكەت، دەھشەتلىك بىر ھالاكەت» ــ ياكى «مۇتلەق بىر ھالاكەت، چاقماقتەك بىر ھالاكەت».

1:18 پەند. 11‏:4؛ ئ‍ەز. 7‏:19؛ زەف. 1‏:14-16