12
روھىي ئىلتىپاتلار
ئەمما ئى قېرىنداشلار، روھىي ئىلتىپاتلارغا كەلسەك، سىلەرنىڭ ئۇلار توغرۇلۇق بىلمەي قېلىشىڭلارنى خالىمايمەن. سىلەر تائىپىلەرنىڭ ئارىسىدا بولغان ۋاقتىڭلاردا ھەرخىل يوللارغا باشلىنىپ، گاس-گاچا بۇتلارغا چوقۇنۇشقا ئازدۇرۇلۇپ كەتكىنىڭلارنى بىلىسىلەر. شۇڭا مەن سىلەرگە ئۇقتۇرىمەنكى، ھېچكىم خۇدانىڭ روھىدا تۇرۇپ: «ئەيساغا لەنەت!» دېمەيدۇ ۋە ھەرقانداق بىرى مۇقەددەس روھتا بولماي تۇرۇپ «ئەيسا رەبدۇر!» دەپ ئېيتالمايدۇ. ئەمما ئىلتىپاتلار خىلمۇخىل، لېكىن روھ بولسا بىردۇر.   خىزمەتلەر بولسا ھەرخىل، ئەمما بىز خىزمىتىنى قىلىدىغان رەب بىردۇر. ئىشلەش يوللىرى ھەرخىل، ئەمما ھەممەيلەندە ھەممە ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغۇچى خۇدا بىردۇر. ئەمما ھەممەيلەننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەربىرىگە روھنىڭ نامايان بولۇشى بېغىشلىنىدۇ. چۈنكى روھ ئارقىلىق بىرىگە دانالىق يەتكۈزگۈچى سۆز، يەنە بىرىگە شۇ ئوخشاش روھ ئارقىلىق خەۋەر يەتكۈزگۈچى سۆز تەقسىم قىلىنىدۇ؛ يەنە ئوخشاش روھ ئارقىلىق باشقا بىرىگە ئالاھىدە ئىشەنچ، يەنە بىرىگە ئوخشاش روھ ئارقىلىق كېسەللەرنى ساقايتىش ئىلتىپاتلىرى، 10 بىراۋغا مۆجىزىلەرنى يارىتىش تەقسىم قىلىنىدۇ؛ بىراۋغا ۋەھىي-بېشارەت بېرىش؛ بىراۋغا ھەرخىل روھلارنى پەرق ئېتىش، بىراۋغا نامەلۇم تىللاردا سۆزلەش، يەنە بىراۋغا نامەلۇم تىللارنى تەرجىمە قىلىش ئىلتىپاتى تەقسىم قىلىنىدۇ. 11 ئەمما بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يۈرگۈزگۈچى ئوخشاش شۇ بىر روھتۇر، ئۇ ھەربىرىگە ئۆزى لايىق كۆرۈپ، ئايرىم-ئايرىم تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ.
12 چۈنكى ئىنسانىي تەن بىر بولسىمۇ نۇرغۇن ئەزالىرى بولغىنىدەك، شۇنداقلا ئەزالىرى نۇرغۇن بولسىمۇ ئۆزئارا قوشۇلۇپ بىر تەن بولغاندەك، مەسىھ ئۆزىمۇ ھەم شۇنداقتۇر. 13 چۈنكى ھەممىمىز، مەيلى يەھۇدىيلار بولساقمۇ، گرېكلەر بولساقمۇ، قۇللار بولساقمۇ، ھۆرلەر بولساقمۇ، بىر روھتا بىر تەنگە كىرىشكە چۆمۈلدۈرۈلدۇق ۋە بىر روھتىن ئىچىشكە نېسىپ قىلىندۇق. 14 چۈنكى تەن بىرلا ئەزادىن ئەمەس، بەلكى كۆپ ئەزالاردىن تەركىب تاپىدۇ. 15 ئەگەر پۇت: «مەن قول بولمىغىنىم ئۈچۈن مەن تەنگە تەۋە ئەمەسمەن» دېسىلا، ئۇنداقتا ئۇ ھەقىقەتەن تەنگە تەۋە ئەمەس بولامدۇ؟ 16 قۇلاق: «مەن كۆز ئەمەس، شۇڭا مەن تەنگە تەۋە ئەمەسمەن» دېسىلا، ئۇنداقتا ئۇ ھەقىقەتەن تەنگە تەۋە ئەمەس بولامدۇ؟ 17 پۈتۈن تەن كۆزلا بولسا، ئۇنداقتا ئاڭلاش سېزىمىمىز نەدىن بولىدۇ؟ پۈتۈن تەن قۇلاقلا بولسا، ئۇنداقتا پۇراش سېزىمىمىز نەدىن بولىدۇ؟ 18 ھالبۇكى، خۇدا ئۆزىگە لايىق كۆرگەن تەن ئەزالىرىنىڭ ھەربىرىنى ئايرىم-ئايرىم ئۆز جايىغا ئورۇنلاشتۇرغان؛ 19 ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ئەزا بولسا، ئۇنداقتا ئۇنى قانداقمۇ تەن دېگىلى بولاتتى؟ 20 ئەمدىلىكتە ئەزالار كۆپ، تەن بولسا بىردۇر. 21 كۆز قولغا: «مېنىڭ ساڭا ئېھتىياجىم چۈشمەيدۇ!» دېيەلمەيدۇ؛ ياكى باش بولسا پۇتلارغا: «مېنىڭ سىلەرگە ئېھتىياجىم چۈشمەيدۇ!» دېيەلمەيدۇ. 22 دەل ئەكسىچە، تەندىكى ئاجىز-ئەرزىمەس دەپ كۆرۈنگەن ئەزالار كەم بولسا بولمايدۇ؛ 23 ۋە ھەم تەندىكى بىز ئېتىۋارسىز دەپ ھېسابلىغان ئەزالارغا بولسا، تېخىمۇ كۆپرەك ئېتىۋار قىلىمىز؛ شۇنداقلا ئىسكەتسىز دەپ قارالغان ئەزالىرىمىز تېخىمۇ ئىسكەتلىك قىلىنىدۇ؛ 24 ئەسلىدە يارىشىملىق بولغان ئەزالىرىمىزغا بولسا شۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمما خۇدا پۈتۈن تەننى شۇنداق بىرلەشتۈرگەنكى، ئۇ ئېتىۋارسىز دەپ ھېسابلانغان ئەزالارغا تېخىمۇ كۆپ ئېتىۋار بېرىدۇ. 25 بۇنىڭدىن مەقسەت تەندە ھېچ بۆلۈنۈشلەر بولماسلىقى، بەلكى بارلىق ئەزالار ئۆزئارا ئوخشاش كۆيۈمچانلىقتا بولۇشى ئۈچۈندۇر. 26 بىر ئەزا جاپا-دەرد تارتسا، بارلىق ئەزالار ئۇنىڭ بىلەن تەڭ جاپا-دەرد تارتىدۇ؛ بىر ئەزاغا شەرەپ كەلسە، بارلىق ئەزالار ئۇنىڭ بىلەن تەڭ شادلىنىدۇ.
27 ئەمدى سىلەر مەسىھنىڭ تېنىدۇرسىلەر، ھەربىرىڭلار ئۇنىڭ ئايرىم-ئايرىم ئەزاسىدۇرسىلەر. 28 خۇدا جامائەتتە مۇشۇنداقلارنى ئورۇنلاشتۇرغان: ــ ئاۋۋال روسۇللارنى، ئاندىن پەيغەمبەرلەرنى، ئۈچىنچى بولۇپ تەلىم بەرگۈچىلەرنى؛ ئاندىن مۆجىزە كۆرسەتكۈچىلەرنى، ئاندىن تۈرلۈك كېسەللەرنى ساقايتىش ئىلتىپاتلىرىغا ئىگە بولغانلارنى، ياردەم بەرگۈچىلەرنى، يېتەكچىلىك قىلغۇچىلارنى، ھەرخىل نامەلۇم تىللاردا سۆزلەيدىغانلارنى تەيىنلەپ ئورۇنلاشتۇرغاندۇر.    29 ھەممەيلەن روسۇلمۇ؟ ھەممەيلەن پەيغەمبەرمۇ؟ ھەممەيلەن تەلىم بەرگۈچىمۇ؟ ھەممەيلەن مۆجىزە كۆرسەتكۈچمۇ؟ 30 ھەممەيلەندە ساقايتىش ئىلتىپاتلىرى بارمۇ؟ ھەممەيلەن نامەلۇم تىللاردا سۆزلەمدۇ؟ ھەممەيلەن نامەلۇم تىللارنى تەرجىمە قىلالامدۇ؟ 31 ئەمما سىلەر چوڭراق ئىلتىپاتلارنى تەقەززا بولۇپ قوغلاڭلار؛ ھالبۇكى، مەن ھازىر سىلەرگە ھەممىدىن ئەۋزەل بىر يولنى كۆرسىتىپ بېرەي.
 
 
12:1 «روھىي ئىلتىپاتلارغا كەلسەك...» ــ «روھىي ئىلتىپاتلار» دېگەنلەر مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان، مۇشۇ بابتا «تەبىئەتتىن تاشقىرى» مۆجىزىلىك قابىلىيەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. 12:3 مار. 9‏:39؛ يـۇھ. 13‏:13؛ 1كور. 8‏:6. 12:4 «ئەمما ئىلتىپاتلار خىلمۇخىل، لېكىن روھ بولسا بىردۇر» ــ «روھ» دېگەن خۇدانىڭ روھى، مۇقەددەس روھ. 12:4 رىم. 12‏:6؛ 1پېت. 4‏:10. 12:8 «... روھ ئارقىلىق بىرىگە دانالىق يەتكۈزگۈچى سۆز، يەنە بىرىگە شۇ ئوخشاش روھ ئارقىلىق خەۋەر يەتكۈزگۈچى سۆز تەقسىم قىلىنىدۇ» ــ بۇ ئىككى ئىلتىپات ۋە تۆۋەندىكى يەنە يەتتە «روھىي ئىلتىپات» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 12:9 «كېسەللەرنى ساقايتىش ئىلتىپاتلىرى» ــ گرېك تىلىدا «ساقايتىشلارنىڭ ئىلتىپاتلىرى» ــ دېمەك، مۇقەددەس روھنىڭ مۆجىزىلىك ساقايتىش يوللىرى بىرخىللا ئەمەس. 12:10 «ۋەھىي-بېشارەت بېرىش» ــ گرېك تىلىدا: «پەيغەمبەرلىك سۆز قىلىش». «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 12:11 رىم. 12‏:3، 6؛ 1كور. 7‏:7؛ 2كور. 10‏:13؛ ئ‍ەف. 4‏:7. 12:12 رىم. 12‏:4، 5؛ ئ‍ەف. 4‏:16. 12:13 گال. 3‏:28. 12:27 رىم. 12‏:5؛ ئ‍ەف. 1‏:23؛ 4‏:12؛ 5‏:23؛ كول. 1‏:24. 12:28 «ئاۋۋال روسۇللارنى، ئاندىن پەيغەمبەرلەر...» ــ «تەۋرات دەۋرىدىكى پەيغەمبەرلەر» ۋە «ئىنجىل دەۋرىدىكى پەيغەمبەرلەر» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «نامەلۇم تىللار» ــ «روھىي تىللار» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چۈنكى بۇ تىللارنى خۇدانىڭ روھى ئىنساننىڭ روھىغا تاپشۇرىدۇ؛ بەزى ۋاقىتلاردا بىز ئۇلارنى «كارامەت تىل»، «ناتونۇش تىل»، «غەيرىي تىل» دەپمۇ ئاتايمىز، چۈنكى بۇ تىل سۆزلىگۈچى ۋە ئاڭلىغۇچىلارغا چۈشىنىشلىك ئەمەس؛ «تەبىئەتتىن تاشقىرى» بولغان بۇ خىل تىلنى «دۇئا تىلى» دەپ تەرىپلىسەكمۇ بولىدۇ. 12:28 ئ‍ەف. 2‏:20؛ 4‏:11.