13
مېھىر-مۇھەببەت ھەممىدىن ئۇلۇغ
مەن ئەگەردە بۇ دۇنيادىكى كىشىلەر سۆزلەۋاتقان ھەرخىل تىللار ھەتتا پەرىشتىلەرنىڭ تىللىرى بىلەنمۇ سۆزلىيەلەيدىغان بولساممۇ، بىراق مەن مېھىر-مۇھەببەتسىز بولسام، ئۇ چاغدا مەن پەقەت بىر «داڭ-داڭ» قىلىدىغان مىس داڭ، بىر «چاڭ-چاڭ» قىلىدىغان چاڭ بولۇپ قالىمەن، خالاس. ئەگەر مەن پەيغەمبەرلىك قىلالىسام، بارلىق سىرلار، بارلىق بىلىملەرنى چۈشىنىپ بولغان بولساممۇ، ھەم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تاغلارنى يۆتكىيەلىگۈدەك تولۇق ئىشەنچتە بولساممۇ، ئەمما مەندە مېھىر-مۇھەببەت بولمىسا، ئۇنداقتا مەن ھېچنەرسە بولمىغان بولىمەن. ئەگەر بارلىق مال-مۈلكۈمنى سەدىقىگە ئاتاپ ھەم تېنىمنى خۇدانىڭ يولىدا قۇربانلىق سۈپىتىدە كۆيدۈرۈلۈشكە سۇنغان تەغدىردىمۇ، ئەمما مەندە يەنىلا مېھىر-مۇھەببەت بولمىسا، ئۇنداقتا مېنىڭ ھېچقانداق پايدام يوق بولغان بولىدۇ.
مۇھەببەت سەۋر-تاقەتلىك بولۇش ھەم مېھرىبانلىقتۇر؛
مۇھەببەت ھەسەتخورلۇق قىلمايدۇ:
مۇھەببەت ئۆزىنى ماختىمايدۇ،
تەكەببۇرلۇق قىلمايدۇ،
نومۇسسىزلىق قىلمايدۇ،
ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەپ يۈرمەيدۇ،
تېرىكتۈرۈلمەيدۇ،
كۆڭلىدە ئۆچمەنلىك ساقلىمايدۇ؛
ھەققانىيسىزلىقتىن خۇشال بولمايدۇ،
بەلكى ئەمەلىيەتتىن، ھەقىقەتتىن خۇشال بولىدۇ؛
ھەممە ئىشتا قورسىقى كەڭلىك قىلىدۇ، ھەممىگە يۈزلىنىپ خۇداغا ئىشىنىدۇ، ھەممە ئىشقا ئۈمىد باغلايدۇ، ھەممىگە چىدايدۇ.
مېھىر-مۇھەببەت ھەرگىز ئاخىرلاشمايدۇ. بېشارەتلەر بولسا، كارغا كەلمەيدۇ: «نامەلۇم تىللار» بولسا، تۈگەيدۇ: مۆجىزىلىك بىلىملەرمۇ كارغا كەلمەيدۇ. چۈنكى بىزنىڭ بىلىدىغانلىرىمىز قىسمەن، بېشارەت بېرىدىغانلىرىمىز قىسمەن؛ 10 لېكىن مۇكەممەللىك كەلگەندە، قىسمەنلىك يوقىلىدۇ. 11 مەن كىچىكىمدە بالىلارچە سۆزلىدىم، بالىلارچە ئويلىدىم، بالىلارچە ھېسابلىدىم؛ چوڭ بولغىنىمدا، مەن بالىلىقنى تاشلىدىم. 12 چۈنكى بىز ھازىر بىر تۇتۇق دېرىزىدىن مۈجمەل ھالدا كۆرىمىز، لېكىن شۇ چاغدا يۈزمۇيۈز كۆرىمىز: ھازىر مەن قىسمەن تونۇيمەن، شۇ چاغدا مەن خۇدا مېنى تونۇپ كېلىۋاتقاندەك تونۇيمەن.
13 ھازىر ئىشەنچ، ئۈمىد، مېھىر-مۇھەببەتتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ نەرسە تۇرۇپتۇ؛ بۇلاردىن ئەڭ ئۈستۈن تۇرىدىغىنى مېھىر-مۇھەببەتتۇر.
 
 
13:1 «مەن ئەگەردە بۇ دۇنيادىكى كىشىلەر سۆزلەۋاتقان ھەرخىل تىللار ھەتتا پەرىشتىلەرنىڭ تىللىرى بىلەنمۇ سۆزلىيەلەيدىغان بولساممۇ...» ــ دېمەك، «شۇنداق ئىنتايىن كۈچلۈك روھىي ئىلتىپات مەندە بولسىمۇ،...». بۇ ئايەتتىن يەنە شۇنداق دېيەلەيمىزكى، ھەقىقەتەن خۇدادىن كەلگەن ھەربىر «نامەلۇم تىل» ئەمەلىيەتتە دۇنيادىكى مەلۇم بىر مىللەتنىڭ تىلى ياكى پەرىشتىلەرنىڭ تىلىدۇر. 13:2 مات. 7‏:22؛ 17‏:20؛ 21‏:21؛ مار. 11‏:23؛ لۇقا 17‏:6؛ رىم. 12‏:7. 13:4 پەند. 10‏:12؛ 1پېت. 4‏:8. 13:5 1كور. 10‏:24؛ فىل. 2‏:4. 13:6 2يۇھ. 4. 13:7 «ھەممە ئىشتا قورسىقى كەڭلىك قىلىدۇ...» ــ ياكى «ھەممە ئىشنى ياپىدۇ...» ــ دېمەك، مۇمكىن بولسا باشقىلارنىڭ سەۋەنلىك-گۇناھلىرىنى چىتقا يايمايدۇ. 13:12 2كور. 3‏:18.