14
«روھىي ئىلتىپاتلار»دىن قانداق پايدىلىنىش كېرەك
مېھىر-مۇھەببەتكە ئىنتىلىپ ئۇنى قوغلىشىڭلار ۋە ھەم روھىي ئىلتىپاتلارغا، بولۇپمۇ بېشارەت بېرىشكە ئىنتىزار بولۇڭلار. چۈنكى نامەلۇم تىلدا سۆزلەيدىغان كىشى ئادەملەرگە ئەمەس، بەلكى خۇداغا سۆزلەيدۇ؛ ئاڭلىغۇچىلاردىن ھېچكىم ئۇنى چۈشەنمەيدۇ، ئەمما ئۇ روھتا سىرلىق ئىشلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ. لېكىن بېشارەت بېرىدىغان كىشى بولسا ئادەملەرنىڭ ئېتىقادىنى قۇرۇشقا، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈشكە ۋە تەسەللى بېرىشكە سۆزلەيدۇ. نامەلۇم تىلدا سۆزلىگۈچى ئۆز روھىنى قۇرىدۇ؛ ئەمما بېشارەت بەرگۈچى جامائەتنىڭ ئېتىقادىنى قۇرىدۇ. ئەمدىلىكتە مەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنىڭ نامەلۇم تىللاردا سۆزلىيەلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، لېكىن بېشارەت بېرىشىڭلارنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىمەن. نامەلۇم تىلدا سۆزلىگۈچى سۆزىنى تەرجىمە قىلمىسا، جامائەتنىڭ ئېتىقاد قۇرۇلۇشىدا بېشارەت بەرگۈچى ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ بولىدۇ.
قېرىنداشلار، مەن يېنىڭلارغا كېلىپ، نامەلۇم تىللاردىلا سۆزلىگىنىم بىلەن مەلۇم ۋەھىي، بىلىم، بېشارەت ياكى تەلىمنى يەتكۈزمىسەم، مەن سىلەرگە نېمە پايدا تەگكۈزىمەن؟ ھەتتا ئاۋاز چىقىرالايدىغان جانسىز نەرسىلەر، مەيلى نەي بولسۇن، چىلتار بولسۇن شۇنداق؛ ئۇلارنىڭ ئاھاڭلىرىنىڭ بىر-بىرىدىن پەرقى بولمىسا، ئۇلاردا چېلىنغان پەدە قانداقمۇ پەرق ئېتىلسۇن؟ جەڭ كانىيىمۇ بەلگىلىك بىر ئاھاڭدا چېلىنمىسا، كىم جەڭگە ھازىرلانسۇن؟ شۇنىڭدەك سىلەر تىلدا ئېنىق چۈشىنەلىگۈدەك سۆز قىلمىساڭلار، نېمە دېمەكچى بولغىنىڭلارنى كىم چۈشىنەلەيدۇ؟ سىلەر ھاۋاغا گەپ قىلغاندەك بولىسىلەر. 10 جاھاندا، شۈبھىسىزكى، خىلمۇخىل تىل-ئاۋازلار بار ۋە ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى مەنىسىز ئەمەس؛ 11 ئەگەر ئەمدى مەن مەلۇم ئاۋاز-تىلنىڭ مەنىسىنى بىلمىسەم، مەن سۆزلىگۈچىگە نىسبەتەن يات ۋە ئۇ ماڭا نىسبەتەن يات بولىدۇ. 12 ئەھۋال سىلەردىمۇ شۇنداق. شۇڭا، سىلەر روھىي ئىلتىپاتلارغا قىزغىنلىق بىلەن ئىنتىلگەنىكەنسىلەر، جامائەتنىڭ ئېتىقادىنى قۇرىدىغان ئىلتىپاتلارغا باي بولۇشقا ئىنتىلىڭلار. 13 شۇڭا، نامەلۇم تىلدا سۆزلەيدىغان كىشى سۆزلىگەنلىرىنى تەرجىمە قىلىپ بېرەلەيدىغان بولسام دەپ دۇئا قىلسۇن. 14 چۈنكى نامەلۇم تىلدا دۇئا قىلغىنىمدا، روھىم دۇئا قىلىدۇ، لېكىن ئەقىل-ئىدراكىمدىن بولسا مېۋە چىقمايدۇ.
15 ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ مەن بەزىدە روھىم بىلەن دۇئا قىلىمەن، ھەم بەزىدە ئەقىل-ئىدراكىم بىلەنمۇ دۇئا قىلىمەن؛ مەن بەزىدە روھىم بىلەن مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىمەن، ھەم بەزىدە ئەقىل-ئىدراكىم بىلەنمۇ مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىمەن؛ 16 بولمىسا، پەقەت روھىڭ بىلەنلا مەدھىيە ئوقۇساڭ، ئىشلەتكەن تىلىڭنى بىلمىگەنلەرنىڭ قاتارىدا ئولتۇرغۇچى تەشەككۈرۇڭگە قانداقمۇ «ئامىن» دېيەلىسۇن؟ چۈنكى ئۇ ئېيتقىنىڭنى چۈشەنمەيدۇ. 17 سەن دەرھەقىقەت تەشەككۈرنى ياخشى ئېيتىسەن، ئەمما يېنىڭدىكى ئاڭلىغۇچىنىڭ ئېتىقادى قۇرۇلغىنى يوق. 18 مەن بۇنداق نامەلۇم تىللاردا شەخسەن ھەممىڭلاردىن كۆپ سۆزلەيدىغانلىقىم ئۈچۈن خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ 19 ھالبۇكى، جامائەتتە بولغاندا، نامەلۇم تىلدا تۈمەن ئېغىز سۆزلىگىنىمدىن كۆرە، باشقىلارغا تەلىم-تەربىيە بېرەلىگۈدەك چۈشىنىشلىك سۆزدىن بەش ئېغىزلا سۆزلىيەلىسەم دەيمەن. 20 قېرىنداشلار، ئەقىل-ھوشۇڭلاردا بالا بولماڭلار؛ يامانلىق جەھەتىدە بوۋاق بولۇڭلار، ئەمما ئەقىل-ھوشۇڭلاردا پىشقەدەم بولۇڭلار.
21 تەۋراتتا: «چەت تىللىقلارنىڭ سۆزى ۋە يات ئادەملەرنىڭ لەۋلىرى ئارقىلىق مەن مۇشۇ خەلققە گەپ قىلىمەن؛ لېكىن شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار يەنىلا ماڭا قۇلاق سالمايدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار» دەپ پۈتۈلگەندۇر.    22 شۇڭا «نامەلۇم تىللار» بولسا بىر ئالامەت بەلگىدۇر؛ ئېتىقادچىلارغا ئەمەس، بەلكى ئېتىقادسىزلارغا ئالامەت بەلگىدۇر؛ ۋەھىي-بېشارەتلەر بولسا، ئېتىقادسىزلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئېتىقادچىلار ئۈچۈن بولىدۇ. 23 شۇنىڭ ئۈچۈن پۈتكۈل جامائەت بىر يەردە جەم بولغاندا، ھەممىسى ئۆز ئالدىغا بۇنداق نامەلۇم تىللاردا سۆزلەۋەرسە ۋە ساددا ياكى ئېتىقادسىز كىشىلەر كىرىپ قالسا، ئۇلار ھەممىڭلارنى ساراڭ بولۇپ قاپسىلەر دېيىشمەمدۇ؟ 24 ئەمما ھەممىڭلار ۋەھىي-بېشارەت يەتكۈزسەڭلار، ئېتىقادسىز ياكى ساددا كىشى ئاراڭلارغا كىرىپ قالسا، ھەممىڭلار تەرىپىدىن ئۇنىڭ گۇناھلىرىغا تەنبىھ بېرىلىدۇ، ھەممىڭلار تەرىپىدىن ئۇنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ؛ 25 قەلبىدىكى سىرلار ئاشكارە قىلىنغاندا، ئۇ ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ: ــ «خۇدا ھەقىقەتەن ئاراڭلاردىدۇر» دەپ خۇداغا سەجدە قىلىدۇ.
 
جامائەت ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك قائىدىلەر
26 ئەمدى قېرىنداشلار، قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ سىلەر بىر يەرگە جەم بولغىنىڭلاردا، ھەربىرىڭلاردا بىر ئىلتىپات بولىدۇ؛ بىرسىدە مەدھىيە ناخشىسى، بىرسىدە تەلىم، بىرسىدە نامەلۇم تىل، بىرسىدە ۋەھىي، بىرسىدە نامەلۇم تىلنىڭ يېشىمى بولىدۇ. ھەممە ئىشلار ئېتىقادنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بولسۇن. 27 نامەلۇم تىلدا سۆزلىگۈچىلەر بولۇپ قالسا، ئىككىسى ياكى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچى نۆۋەت بىلەن سۆزلىسۇن ۋە بىرسى ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئۆرىسۇن. 28 ئەمما جامائەتتە ئۆرىگۈچى بولمىسا، ئۇ سۈكۈت قىلسۇن؛ ئۆز-ئۆزىگە ۋە خۇداغا ئېيتسۇن. 29 ۋەھىي-بېشارەت يەتكۈزگۈچىلەر بولسا، ئىككى-ئۈچى سۆزلىسۇن؛ قالغانلار گەپلىرىنىڭ ۋەزنىنى دىتلاپ تۇرسۇن؛ 30 ئەمما ئولتۇرغانلار ئارىسىدىن باشقا بىر كىشىگە مەلۇم بىر ۋەھىي بېرىلسە، سۆزلەۋاتقان كىشى سۆزىنى توختىتىپ نۆۋەتنى ئۇنىڭغا بەرسۇن. 31 چۈنكى ھەممىڭلار بىر-بىرلەپ ۋەھىي-بېشارەت يەتكۈزسەڭلار بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن ئۆگىنىدۇ، ھەممەيلەن رىغبەتلىنىدۇ. 32 پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆز روھلىرى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئىتائەت قىلىدۇ. 33 چۈنكى خۇدا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرغۇچى ئەمەس، بەلكى تىنچ-خاتىرجەملىك بەرگۈچىدۇر. بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ جامائەتلىرىدە شۇنداق تەرتىپ بار.
34 ئاراڭلاردىكى ئاياللار جامائەتلەردە سۈكۈتتە ئولتۇرسۇن؛ ئۇلارنىڭ سۆزلىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان؛ تەۋرات قانۇنىدا بەلگىلەنگەندەك، ئۇلار تەرتىپكە بويسۇنسۇن.    35 ئەمما ئۇلار مەلۇم ئىشنى بىلمەكچى بولسا، ئۆيىدە ئۆز ئەرلىرىدىن سورىسۇن؛ ئايالنىڭ جامائەتتە سۆزلىشى ئۇياتلىق ئىشتۇر.
36 خۇدانىڭ سۆز-كالامى سىلەردىن باشلانغانمۇ؟! ياكى يالغۇز سىلەرگىلا يېتىپ كەلگەنمۇ؟! 37 بىرسى ئۆزىنى ۋەھىي-بېشارەتچى ياكى روھىي كىشى دەپ سانىسا، ئۇ سىلەرگە ھازىر يازغان بۇ سۆزۈمنىڭ ھەقىقەتەن رەبنىڭ ئەمرى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسۇن. 38 بىرسى بۇنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىسا، ئۇ ئېتىراپ قىلىنمايدۇ. 39 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئى قېرىنداشلار، ۋەھىي-بېشارەتلەرنى يەتكۈزۈشكە تەلمۈرۈپ ئىنتىلىڭلار، شۇنداقلا نامەلۇم تىللاردا سۆزلەشنى چەكلىمەڭلار.
40  خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەربىر ئىش چىرايلىق، تەرتىپلىك قىلىنسۇن.
 
 
14:1 «بېشارەت بېرىش» ــ گرېك تىلىدا «پەيغەمبەرلىك سۆز قىلىش» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «تەۋرات دەۋرىدىكى پەيغەمبەرلەر» ۋە «ئىنجىل دەۋرىدىكى پەيغەمبەرلەر» توغرۇلۇق قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 14:4 «نامەلۇم تىلدا سۆزلىگۈچى ئۆز روھىنى قۇرىدۇ» ــ گرېك تىلىدا «نامەلۇم تىلدا سۆزلىگۈچى ئۆزىنى قۇرىدۇ». 14-ئايەتنى كۆرۈڭ. 14:6 «مەلۇم ۋەھىي، بىلىم، بېشارەت ياكى تەلىم...» ــ بۇلار چۈشىنىشلىك سۆزلەر بىلەن يەتكۈزۈلۈشى كېرەك، ئەلۋەتتە. 14:15 ئ‍ەف. 5‏:19؛ كول. 3‏:16. 14:19 «باشقىلارغا تەلىم-تەربىيە بېرەلىگۈدەك چۈشىنىشلىك سۆزدىن...» ــ گرېك تىلىدا «باشقىلارغا تەلىم-تەربىيە بېرەلىگۈدەك زېھنىم بىلەن (سۆزلىنىدىغان) سۆزدىن...» دەپ ئىپادىلىنىدۇ. 14:20 مات. 18‏:3؛ 19‏:14؛ ئ‍ەف. 4‏:14؛ 1پېت. 2‏:1، 2. 14:21 «چەت تىللىقلارنىڭ سۆزى ۋە يات ئادەملەرنىڭ لەۋلىرى ئارقىلىق مەن مۇشۇ خەلققە گەپ قىلىمەن؛ لېكىن شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار يەنىلا ماڭا قۇلاق سالمايدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار» ــ «يەش.» 11:28-12. 14:21 قان. 28‏:49؛ يەش. 28‏:11-12. 14:24 «ھەممىڭلار ۋەھىي-بېشارەت يەتكۈزسەڭلار...» ــ «نامەلۇم تىللار» ۋە «ۋەھىي-بېشارەتلەر»نىڭ «ئالامەت بەلگە» بولۇشى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 14:32 «پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆز روھلىرى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئىتائەت قىلىدۇ» ــ بۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر سۆز. دېمەك، مۇقەددەس روھ ھەرقانداق روھىي ئىلتىپاتلارنى يەتكۈزگەندە، ئۇ ھەرگىز ئىلتىپاتنى قوبۇل قىلغۇچى كىشىنى ئۇنى دەرھال بىئىختىيار ھالدا ئىپادىلەشكە مەجبۇرلىمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋەھىي-بېشارەت يەتكۈزىدىغان كىشىلەر بىر-بىرىنى كۈتۈپ نۆۋەت بىلەن سۆزلىسە بولىدۇ. 14:34 «ئاراڭلاردىكى ئاياللار جامائەتلەردە سۈكۈتتە ئولتۇرسۇن؛ ئۇلارنىڭ سۆزلىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان؛ تەۋرات قانۇنىدا بەلگىلەنگەندەك، ئۇلار تەرتىپكە بويسۇنسۇن» ــ بۇ يوليورۇق قىز-ئاياللار پۈتۈنلەي سۈكۈت قېلىشى كېرەك، دېگەنلىك ئەمەس؛ چۈنكى يۇقىرىدا (2:11-11) ئۇ قىز-ئاياللارنىڭ جامائەتتە دۇئا قىلىشى ۋە ۋەھىي-بېشارەت يەتكۈزۈشىدىكى بەلگىلىمىلەر توغرۇلۇق ئېيتىپ بەردى. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 14:34 يار. 3‏:16؛ ئ‍ەف. 5‏:22؛ كول. 3‏:18؛ 1تىم. 2‏:12؛ تىت. 2‏:5؛ 1پېت. 3‏:1. 14:35 «ئەمما ئۇلار (ئاياللار) مەلۇم ئىشنى بىلمەكچى بولسا، ئۆيىدە ئۆز ئەرلىرىدىن سورىسۇن؛ ئايالنىڭ جامائەتتە سۆزلىشى ئۇياتلىق ئىشتۇر» ــ 34-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. مەنىسى بەلكىم: «جامائەتتىكى تەرتىپنى بۇزۇپ سۆزلەش ئاياللارغا ياراشمايدۇ» دېگەنلىك بولۇشى مۇمكىن. 14:38 «بىرسى بۇنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىسا، ئۇ ئېتىراپ قىلىنمايدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بىرسى بۇنى بىلىپ يېتىشنى خالمىسا، ئۇ بىلىمسىز قالسۇن».