6
بىر-بىرى بىلەن دەۋالىشىشقا بولامدۇ؟
سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆزئارا ئارازلىق ئىش بولسا، ئۇنى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرماي، ھەققانىيسىزلارنىڭ ئالدىدا دەۋالىشىشقا پېتىنالامسىلەر؟ مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ دۇنيانى سوراق قىلىدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ ئەگەر دۇنيانى سىلەر سوراق قىلىدىغان ئىش بولسا، ئەمدى زىغىرچىلىك ئىشلارنى ھەل قىلىشقا يارىمامسىلەر؟ پەرىشتىلەر ئۈستىدىنمۇ ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىمىزنى بىلمەمسىلەر؟ شۇنداق بولغانىكەن، بۇ ھاياتتىكى ئىشلارنى ھەل قىلىش قانچىلىك ئىش ئىدى؟ سىلەردە مۇشۇ ھاياتتىكى ئىشلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىش زۆرۈر تېپىلغاندا، جامائەت ئارىسىدا تۆۋەن دەپ قارالغانلارنى ئۇنى ھەل قىلىشقا سالمامسىلەر؟ مۇشۇلارنى سىلەرنى خىجالەتكە قالدۇرۇش ئۈچۈن دەۋاتىمەن. ئەجەبا، ئاراڭلاردا ئۆز قېرىنداشلىرى ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقارغۇدەك دانا كىشى يوقمۇ، ھەتتا بىرىمۇ يوقمۇ؟ ئۇنىڭ ئورنىدا، قېرىنداش بىلەن قېرىنداش دەۋالىشىۋاتىدۇ، ــ ۋە كاپىرلار ئالدىدا شۇنداق قىلىدۇ! ئەمەلىيەتتە ئۆز ئاراڭلاردا دەۋالارنىڭ بولغانلىقىنىڭ ئۆزى سىلەرگە نىسبەتەن بىر ئەيىبتۇر. نېمىشقا ئۇۋالچىلىققا چىدىمايسىلەر؟ نېمىشقا ناھەقچىلىككە يول قويمايسىلەر؟ ئەكسىچە، سىلەر ناھەقچىلىك قىلىۋاتىسىلەر، خىيانەت قىلىۋاتىسىلەر، يەنە كېلىپ قېرىنداشلىرىڭلارغا شۇنداق قىلىسىلەر!
ھەققانىيسىزلارنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلالمايدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ ئالدىنىپ كەتمەڭلار! بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار، بۇتپەرەسلەر، زىنا قىلغۇچىلار، بەچچىۋازلار، باشقا ئەرلەر بىلەن بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، 10 ئوغرىلار، نەپسانىيەتچىلەر، ھاراقكەشلەر، تۆھمەتخورلار ياكى ئالدامچى-كاززاپلار خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلالمايدۇ؛ 11 بەزىڭلار دەرۋەقە شۇنداق بولغانسىلەر؛ ئەمما سىلەر رەب ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا ۋە خۇدايىمىزنىڭ روھى بىلەن يۇيۇلدۇڭلار، پاك-مۇقەددەس قىلىندىڭلار، ھەققانىي قىلىندىڭلار.
 
تېنىڭلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدۇر
12 «ھەممە نەرسە ماڭا ھالالدۇر»، ئەمما ھەممە نەرسە پايدىلىق بولۇۋەرمەيدۇ؛ «ھەممە نەرسە ماڭا ھالالدۇر»، ئەمما مەن ھېچقانداق نەرسىنىڭ خۇمارىغا قۇل بولمايمەن.    13 «يېمەكلىكلەر ئاشقازان ئۈچۈن، ئاشقازان بولسا يېمەكلىكلەر ئۈچۈندۇر»؛ ئەمما خۇدا ئۇ ۋە بۇ ھەر ئىككىسىنى يوققا چىقىرىدۇ؛ تەن بولسا بۇزۇقچىلىق ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى رەب ئۈچۈندۇر؛ رەب تەن ئۈچۈندۇر. 14 خۇدا رەبنى تىرىلدۈردى، شۇنىڭدەك بىزنىمۇ ئۆز قۇدرىتى بىلەن ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرىدۇ. 15 تېنىڭلارنىڭ مەسىھنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟ ئۇنداقتا، مەسىھنىڭ ئەزالىرىنى ئېلىپ، پاھىشە ئايالنىڭ ئەزالىرى قىلسام بولامدۇ؟ ھەرگىز بولمايدۇ! 16 كىم پاھىشە ئايال بىلەن باغلانغان بولسا ئۇنىڭ بىلەن بىر تەن بولىدۇ، دەپ بىلمەمسىلەر؟ چۈنكى «ئەر-ئايال ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ» ــ دېيىلگەنىدى.    17 ئەمما رەبگە باغلانغۇچى بولسا ئۇنىڭ بىلەن بىر روھتۇر. 18 بۇزۇقلۇقتىن قېچىڭلار. «ئىنسانلارنىڭ ھەربىر سادىر قىلغان گۇناھى ئۆز تېنىنىڭ سىرتىدا بولىدۇ!» ــ ئەمما بۇزۇقلۇق سادىر قىلغۇچى ئۆز تېنىگە قارشى گۇناھ قىلىدۇ. 19 سىلەرنىڭ تېنىڭلار سىلەرنى تۇرالغۇ قىلغان، خۇدا تەرىپىدىن سىلەرگە ئىلتىپات قىلىنغان مۇقەددەس روھنىڭ ئىبادەتخانىسى، سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈمنىڭكى ئەمەس دەپ بىلمەمسىلەر؟    20 چۈنكى سىلەر چوڭ بەدەل بىلەن سېتىۋېلىنغانسىلەر؛ شۇڭا تېنىڭلاردا خۇدانى ئۇلۇغلاڭلار.
 
 
6:1 «سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆزئارا ئارازلىق ئىش بولسا، ئۇنى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرماي، ھەققانىيسىزلارنىڭ ئالدىدا دەۋالىشىشقا پېتىنالامسىلەر؟» ــ «پېتىنالامسىلەر؟» ــ خۇدانىڭ بۇ ئىشلارغا قاراتقان غەزىپىگە يۈزلىنىشكە پېتىنالامسىلەر؟، دېمەك. 6:2 مات. 19‏:28؛ لۇقا 22‏:30. 6:3 «مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ دۇنيا ئۈستىدىن سوراق قىلىشى ... (2-ئايەت) ... پەرىشتىلەر ئۈستىدىنمۇ ھۆكۈم چىقىرىشى» ــ بۇ ئىشلار توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 6:4 «جامائەت ئارىسىدا تۆۋەن دەپ قارالغانلارنى ئۇنى ھەل قىلىشقا سالمامسىلەر؟» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇنى ھەل قىلىشقا جامائەتتە ھېچ ئورنى يوقلارنى سالامسىلەر؟». لېكىن 5-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ. 6:7 پەند. 20‏:22؛ مات. 5‏:39؛ رىم. 12‏:17؛ 1تېس. 5‏:15؛ 1پېت. 3‏:9. 6:9 گال. 5‏:19؛ ئ‍ەف. 5‏:5؛ ۋەھ. 22‏:15. 6:11 ئ‍ەف. 2‏:2؛ كول. 3‏:7؛ تىت. 3‏:3؛ ئىبر. 10‏:22. 6:12 «ھەممە نەرسە ماڭا ھالالدۇر» ــ بۇ سۆز-ئىبارە بەلكىم كورىنتلىقلار ئۈچۈن ئىنجىلدىكى يېمەك-ئىچمەكلەر توغرۇلۇق بولغان تەلىملەرنىڭ بىر قىسقارتىلمىسى بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھەقىقەتكە يېقىن بولغىنى بىلەن، پاۋلۇس ھازىر ئۇلارغا يېمەك-ئىچمەكلەر توغرۇلۇق باشقا تەرەپلەردىنمۇ ئويلاش كېرەك، دەپ تەلىم بەرمەكچى. 6:12 1كور. 10‏:23. 6:13 «يېمەكلىكلەر ئاشقازان ئۈچۈن، ئاشقازان بولسا يېمەكلىكلەر ئۈچۈندۇر» ــ باشقىچە ئېيتقاندا: «يېمەكلىكلەر قورساقنى تويدۇرۇش ئۈچۈن، قورساق بولسا يېمەكلىكلەرنى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن». كورىنتلىقلاردىن بەزىلىرى بۇ گەپنى باشقا ئىشلارغا تەتبىقلاپ، «تېنىمىزنىڭ ھەرقانداق ئېھتىياجلىرى ياكى ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى خالىغانچە قاندۇرۇۋەرسەك بولىدۇ» دەپ ئويلايتتى. لېكىن، جىنسىي ئەخلاقسىزلىققا كەلسەك بۇ توغرا ئەمەس، ئەلۋەتتە. «رەب تەن ئۈچۈندۇر» ــ ئادەمنى ھەيران قىلارلىق بۇ بايان توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 6:14 رىم. 8‏:11؛ 2كور. 4‏:14. 6:16 «ئەر-ئايال ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ» ــ بۇ خۇدانىڭ ئادەمئاتىمىز ۋە ھاۋائانىمىز توغرۇلۇق بولغان سۆزى («يار.» 24:2)؛ بۇ سۆز ھەربىر ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. 6:16 يار. 2‏:24؛ مات. 19‏:5؛ مار. 10‏:8؛ ئ‍ەف. 5‏:31. 6:17 ئ‍ەز. 36‏:26-28؛ 1كور. 12‏:13؛ يار. 2‏:24 6:18 «ئىنسانلارنىڭ ھەربىر سادىر قىلغان گۇناھى ئۆز تېنىنىڭ سىرتىدا بولىدۇ!» ــ بەزى ئالىملار، بۇ سۆزلەرنى پاۋلۇسنىڭ ئۆزىنىڭكى، دەپ قارايدۇ؛ ئەمما باشقا گۇناھلىرىمىز (مەسىلەن، نەپسانىيەتچىلىك، ھاراقكەشلىك)مۇ تېنىمىزگە يامان تەسىر يەتكۈزمەمدۇ؟ يەتكۈزىدۇ، ئەلۋەتتە. شۇڭا بىزنىڭچە بۇ سۆزلەرنى كورىنتلىقلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭكى خاتا كۆزقارىشى دەپ ئويلايمىز؛ ئۇلار بۇ سۆزنى بۇزۇقلۇق (ۋە باشقا «جىسمانىي» گۇناھلارنى) قىلىشقا باھانە قىلاتتى. پاۋلۇس ئۇنى ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ خاتا كۆزقاراشلىرىنى توغرىلىماقچى بولۇۋاتاتتى. 6:19 «خۇدا تەرىپىدىن سىلەرگە ئىلتىپات قىلىنغان» ــ بىزنىڭچە «سىلەرگە ئىلتىپات قىلىنغان» دېگەنلىك «مۇقەددەس روھ»نى كۆرسىتىدۇ. شۇنداقمۇ مۇمكىنچىلىك باركى، ئۇ بۇ ئايەتتىكى «سىلەرنىڭ تېنىڭلار» ياكى «ئىبادەتخانا»نى كۆرسىتىدۇ. 6:19 1كور. 3‏:16؛ 2كور. 6‏:16؛ ئ‍ەف. 2‏:21؛ ئىبر. 3‏:6؛ 1پېت. 2‏:5. 6:20 1كور. 7‏:23؛ گال. 3‏:13؛ ئىبر. 9‏:12؛ 1پېت. 1‏:18.