7
تەنھا ھايات ۋە ئەر-ئاياللىق
ئەمدى ھازىر سىلەر خېتىڭلاردا ئوتتۇرىغا قويغان سوئاللارغا كېلەيلى، ــ «ئەر ئايال زاتىنىڭ تېنىگە تەگمىسە ياخشىدۇر».
دۇرۇس. ئەمما بۇزۇقچىلىقلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەربىر ئەركەكنىڭ ئۆزىنىڭ ئايالى بولسۇن، ھەربىر ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ ئېرى بولسۇن. ئەر ئايالىغا نىسبەتەن ئەرلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلسۇن، ئايالمۇ ئېرىگە نىسبەتەن ئاياللىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلسۇن.   ئايال ئۆز تېنىنىڭ ئىگىسى ئەمەس، بەلكى ئېرى ئۇنىڭ ئىگىسىدۇر؛ شۇنىڭغا ئوخشاشلا، ئەر ئۆز تېنىنىڭ ئىگىسى ئەمەس، بەلكى ئايالى ئۇنىڭ ئىگىسىدۇر. پەقەت پۈتۈن زېھنىڭلار بىلەن دۇئالارغا بېرىلىش مەقسىتىدە ئۆز ماقۇللۇقۇڭلار بىلەن ۋاقتىنچە بىرگە ياتماسلىققا كېلىشكەندىنلا باشقا، ئەر-ئايال ئۆزئارا بىر-بىرىنىڭ جىنسىي ھەق-تەلىپىنى رەت قىلمىسۇن. شۇنداق ئالاهىدە مەزگىلدىن كېيىن يەنە بىرگە بولۇڭلار. بولمىسا، ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋالالمايدىغانلىقىڭلاردىن شەيتان سىلەرنى ئازدۇرۇش پۇرسىتىنى تېپىشى مۇمكىن. ئەمما مۇنداق دېيىشىم بۇيرۇق يولىدا ئەمەس، بەلكى مەسلىھەت يولىدىدۇر. ئەمدى مەن بارلىق ئادەملەرنىڭ ماڭا ئوخشاش بويتاق بولۇشىنى خالايتتىم؛ لېكىن بۇ ئىشتا خۇدانىڭ ھەممە ئادەمگە بەرگەن ئۆز ئىلتپاتى بار؛ بىرسى ئۇنداق، يەنە بىرسى بۇنداق.   ئەمما مەن جورىسىز تەنھا ياشىغانلار ۋە تۇللارغا شۇنى ئېيتىمەنكى، مەندەك تەنھا تۇرىۋەرسە ياخشى بولىدۇ؛ ئەمما ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋالالمىساڭلار، نىكاھلىنىڭلار؛ چۈنكى ئىشق ئوتىدا كۆيگەندىن كۆرە نىكاھلىق بولغان ياخشى.
10 ئەمما نىكاھلانغانلارغا كەلسەك، ئۇلارغا مەن شۇنى تاپىلايمەنكى، ــ (بۇ ئەمەلىيەتتە مېنىڭ تاپىلىغىنىم ئەمەس، يەنىلا رەبنىڭكى)، ئايال ئېرىدىن ئاجراشمىسۇن    11 (ئەمما ئۇ ئاجراشقان بولسا، ئۇ تەنھا ئۆتسۇن، ياكى ئېرى بىلەن يارىشىۋالسۇن)؛ ۋە ئەرمۇ ئايالىنى قويۇپ بەرمىسۇن. 12 قالغانلىرىڭلارغا كەلسەك، مەن شۇنى ئېيتىمەنكى (بۇ رەبنىڭ ئېيتقىنى ئەمەس)، قېرىنداشنىڭ ئېتىقادسىز ئايالى بولسا ۋە ئايالى ئۇنىڭ بىلەن تۇرۇۋېرىشكە رازى بولسا، ئۇ ئۇنى قويۇپ بەرمىسۇن؛ 13  ئېتىقادچى ئايالنىڭ ئېتىقادسىز ئېرى بولسا ۋە ئېرى ئۇنىڭ بىلەن تۇرۇۋېرىشكە رازى بولسا، ئۇ ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتمىسۇن. 14 چۈنكى ئېتىقادسىز ئەر بولسا ئېتىقاد قىلغان ئايالدا پاك دەپ ھېسابلىنىدۇ؛ ئېتىقادسىز ئايال بولسا ئېتىقاد قىلغان قېرىنداشتا پاك دەپ ھېسابلىنىدۇ؛ بولمىسا، پەرزەنتلىرىڭلار ھارامدىن بولغان بولاتتى؛ ئەمما ئۇلار ئەمدى پاك بولدى. 15 لېكىن ئېتىقادسىز بولغان تەرەپنىڭ كەتكۈسى بولسا، ئۇ ئاجرىشىپ كەتسۇن؛ بۇنداق ئەھۋاللاردا قېرىنداش ئاكا-ئۇكىلار، ھەدە-سىڭىللار نىكاھ مەجبۇرىيىتىگە باغلىنىپ قالغان بولمايدۇ؛ قانداقلا بولمىسۇن خۇدا بىزنى ئىناق-خاتىرجەملىكتە ياشاشقا چاقىرغاندۇر. 16 ئەي ئېتىقادچى ئايال، ئېرىڭنى ئېتىقاد قىلدۇرۇپ قۇتۇلدۇرالايدىغانلىقىڭنى نەدىن بىلىسەن؟ ئەي ئېتىقادچى ئەر، خوتۇنۇڭنى ئېتىقاد قىلدۇرۇپ قۇتۇلدۇرالايدىغانلىقىڭنى نەدىن بىلىسەن؟  
 
ئېتىقاد يولىغا چاقىرىلغان ۋاقىتتىكى سالاھىيەتتە تۇرىۋېرىڭلار
17 ھالبۇكى، رەب ھەرقايسىمىزغا قانداق تەقسىم قىلغان بولسا، قانداق ھالەتتە چاقىرغان بولسا، ئۇ شۇنىڭدا مېڭىۋەرسۇن؛ مەن ھەممە جامائەتلەردە شۇنداق يوليورۇقنى تاپىلايمەن. 18 بىرسى سۈننەتلىك ھالەتتە چاقىرىلدىمۇ؟ ئۇ قايتا سۈننەتسىز قىلىنمىسۇن؛ بىرسى سۈننەتسىز ھالەتتە چاقىرىلدىمۇ؟ ئۇ ئەمدى سۈننەت قىلىنمىسۇن. 19 سۈننەتلىك بولۇش ھېچنەرسە ھېسابلانماس، سۈننەتسىز بولۇشمۇ ھېچنەرسە ھېسابلانماس؛ ھېساب بولىدىغىنى خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. 20 ھەركىم قايسى ھالەتتە چاقىرىلغان بولسا، شۇ ھالەتتە قالسۇن.    21 سەن چاقىرىلغاندا قۇل ھالىتىدە ئىدىڭمۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن كارىڭ بولمىسۇن؛ لېكىن ئەگەر ھۆرلۈك پۇرسىتى كەلسە، ئۇنى قولۇڭدىن بەرمە. 22 چۈنكى رەبتە چاقىرىلغان قۇل بولسا رەبنىڭ ھۆر ئادىمىدۇر؛ ئۇنىڭغا ئوخشاش، چاقىرىلىپ ھۆر بولغۇچىمۇ مەسىھنىڭ قۇلىدۇر. 23 سىلەر چوڭ بەدەل بىلەن سېتىۋېلىندىڭلار؛ ئىنسانلارغا قۇل بولماڭلار. 24 ئى قېرىنداشلار، ھەربىرىڭلار قايسى ھالەتتە چاقىرىلغان بولساڭلار، شۇ ھالەتتە خۇدا بىلەن بىللە تۇرۇڭلار.
 
تەنھا ياشاش
25 ئەمما نىكاھلانمىغانلار توغرۇلۇق رەبدىن بۇيرۇق تاپشۇرۇۋالمىدىم؛ شۇنداقتىمۇ رەبدىن بولغان رەھىم-شەپقەتكە مۇيەسسەر بولغانلىقىم ئۈچۈن سادىق ئادەم سۈپىتىدە ئۆز پىكرىمنى ئېيتىمەن. 26 ئەمدى ھازىرقى قىيىنچىلىققا قارىغاندا، ئەر كىشىنىڭ شۇ تەنھا ھالەتتە بولۇشىنى ياخشى ئىش دەيمەن. 27 ئايالغا باغلانغان بولساڭ، ئۇنداقتا، ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىشنى ئويلىما؛ ئايالىڭدىن ئاجرىشىپ كەتتىڭمۇ؟ ئۇنداقتا يەنە ئۆيلىنىشنى ئويلىما. 28 لېكىن ئۆيلەنسەڭ، سەن گۇناھ قىلغان بولمايسەن؛ ۋە نىكاھلانمىغانلار نىكاھلانسا، ئۇلارمۇ گۇناھ قىلغان بولمايدۇ. ئەمما شۇنداق قىلسا ئۇلار جىسمانىي جەھەتتە جاپاغا ئۇچرايدۇ؛ مېنىڭ سىلەرنى ئۇنىڭدىن خالىي قىلغۇم بار. 29 ئەمما شۇنى دېگۈم باركى، ئى قېرىنداشلار ــ ۋاقىت قىسقىدۇر. شۇڭا ئاياللىق بولغانلار ئايالسىزلاردەك بولسۇن؛ 30 ماتەم تۇتقانلار ماتەم تۇتمىغانلاردەك بولسۇن؛ بەخت-خۇشاللىقتا بولغانلار بەخت-خۇشاللىقتا بولمىغانلاردەك بولسۇن؛ مال-مۈلۈك سېتىۋالغانلار مال-مۈلۈكسىزلەردەك بولسۇن؛ 31 بۇ دۇنيادىكى بايلىقلاردىن بەھرىمەن بولغانلار دۇنيانى ئۆزىنىڭ تەئەللۇقاتى دەپ بىلمىسۇن؛ چۈنكى بۇ دۇنيادىكى ھازىرقى ھالەت ئۆتۈپ كېتىدۇ.    32 ئەمما سىلەرنىڭ غەمسىز بولۇشۇڭلارنى خالايمەن. ئايالسىز كىشى بولسا رەبنىڭ ئىشلىرىنى ئويلايدۇ، قانداق قىلىپ رەبنى خۇرسەن قىلىشنىڭ غېمىدە بولىدۇ. 33 ئەمما ئاياللىق كىشى قانداق قىلىپ ئايالىنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئىشلارنىڭ غېمىدە بولىدۇ؛ 34 يەنە كېلىپ ئايال ۋە نىكاھلانمىغان قىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرق بار؛ نىكاھلانمىغان قىز بولسا رەبنىڭ ئىشلىرىنىڭ، قانداق قىلىپ ھەم تەندە ھەم روھتا پاك-مۇقەددەس بولۇشنىڭ غېمىدە بولىدۇ؛ ئەمما ياتلىق بولغان ئايال قانداق قىلىپ ئېرىنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، بۇ دۇنيادىكى ئىشلارنىڭ غېمىدە بولىدۇ. 35 ئەمما مەن بۇ سۆزنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلارنى كۆزدە تۇتۇپ دەۋاتىمەن؛ بوينۇڭلارغا سىرتماق سېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئىشلىرىڭلارنىڭ گۈزەل بولۇشى، كۆڭلۈڭلار بۆلۈنمىگەن ھالدا رەبگە بېرىلىپ ئۇنى كۈتۈشۈڭلار ئۈچۈن دەۋاتىمەن.
36 ئەمما ئەگەر بىرسى نىيەت قىلغان قىزغا نىسبەتەن مۇئامىلەمنىڭ دۇرۇس بولمىغان يېرى بار دەپ قارىسا، ئۇ قىز ياشلىق باھارىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، ئىككىسى ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىسا، ئۇ خالىغىنىنى قىلسۇن، ئۇ گۇناھ قىلغان بولمايدۇ؛ ئۇلار نىكاھ قىلسۇن.
37 بىراق، بىرسى ئۆز كۆڭلىدە مۇقىم تۇرۇپ، ھېچقانداق ئىشق بېسىمى ئاستىدا بولماي، بەلكى ئۆز ئىرادىسىنى باشقۇرۇپ، كۆڭلىدە نىيەت قىلغان قىزىنى ئەمرىگە ئالماسلىقنى قارار قىلغان بولسا، ياخشى قىلغان بولىدۇ. 38 قىسقىسى، ئۆيلەنگەننىڭ ئۆيلەنگىنىمۇ ياخشى ئىش، ئۆيلەنمىگەننىڭ ئۆيلەنمىگىنىمۇ تېخىمۇ ياخشى ئىش.
39 ئېرى ھايات چاغدا ئايالى ئۇنىڭغا باغلانغاندۇر؛ ئەمما ئېرى ئۆلۈمدە ئۇخلىغان بولسا، ئۇ خالىغان كىشىگە (پەقەت رەبدە، ئەلۋەتتە) نىكاھلىنىشقا ئەركىن بولىدۇ.    40 لېكىن قارىشىمچە ئۇ تۇل قالسا، تېخىمۇ بەختلىك بولىدۇ؛ مەندىمۇ خۇدانىڭ روھى بار، دەپ ئىشىنىمەن!  
 
 
7:1 «ئەر ئايال زاتىنىڭ تېنىگە تەگمىسە ياخشىدۇر» ــ «ئەر ئايال زاتىنىڭ تېنىگە تەگمىسە (جىنسىي مۇناسىۋەتتە بىرگە بولۇش، ياكى توي قىلىشنى كۆرسىتىدۇ) ياخشى ئىشتۇر» دېگەن سۆزلەر توغرۇلۇق: ــ ئەھۋالغا قارىغاندا كورىنتلىقلار ئارىسىدا: «توي قىلماي، پەقەت رەبنىڭ خىزمىتىدە بولۇش ياخشى» ياكى «ئەر-ئاياللىق جىنسىي مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈلمىسۇن، كۆپرەك دۇئا-تىلاۋەتكە بېرىلىسۇن» دېگەندەك گەپلەر تارقالغان بولۇشى مۇمكىن. پاۋلۇس بۇ يەردە مۇشۇ مەسىلىلەر توغرۇلۇق سۆزلىمەكچى. 7:3 «ئەر ئايالىغا نىسبەتەن ئەرلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلسۇن، ئايالمۇ ئېرىگە نىسبەتەن ئاياللىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلسۇن» ــ «ئەرلىك مەجبۇرىيىتى»، «ئاياللىق مەجبۇرىيىتى» جىنسىي ھەقلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەلۋەتتە. 7:3 1پېت. 3‏:7. 7:5 يو. 2‏:16. 7:6 «ئەمما مۇنداق دېيىشىم بۇيرۇق يولىدا ئەمەس» ــ بۇ ئايەتتىكى «دېيىشىم»نى بەزى ئالىملار «ۋاقىتلىق ئايرىلىپ تۇرۇش توغرىسىدىكى بىر تەكلىپ، بۇيرۇق ئەمەس» دەپ چۈشىنىدۇ، «ئەمما مۇنداق دېگىنىم بۇيرۇق يولىدا ئەمەس، بەلكى مەسلىھەت يولىدىدۇر» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. يەنە بەزىلەر بىزنىڭ تەرجىمىمىزدەك «دېگىنىم»نى پاۋلۇسنىڭ ئەر-ئاياللىق ئوغرۇلۇق ھازىر ئېيتقان بارلىق سۆزلىرى دەپ قاراپ، «مۇنداق دېيىشىم بۇيرۇق يولىدا ئەمەس، بەلكى رۇخسەت يولىدا...» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ (7-ئايەتنى كۆرۈڭ). 7:7 «بۇ ئىشتا خۇدانىڭ ھەممە ئادەمگە بەرگەن ئۆز ئىلتپاتى بار» ــ يەنى، بالا-چاقىلىق بولۇش، ياكى تەنھا بولۇش. پاۋلۇس ئۆزى تەنھا بولۇپ، پۈتۈن ئۆمرىدە ئائىلىسىز ھالدا خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولغان. 7:7 مات. 19‏:12؛ روس. 26‏:29؛ 1كور. 12‏:11. 7:8 «ئەمما مەن جورىسىز تەنھا ياشىغانلار ۋە تۇللارغا شۇنى ئېيتىمەنكى...» ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «جورىسىز تەنھا ياشىغانلار» دېگەن سۆز گرېك تىلىدا ئۆز جورىسىدىن (مەيلى ئەردىن، مەيلى ئايالدىن، ئۆلۈم تەرىپىدىن ياكى قانۇن تەرىپىدىن) ئاجرىشىپ كەتكەنلەرنى كۆرسىتىدۇ، ۋە شۇنداقلا توي قىلمىغانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 7:9 1تىم. 5‏:14. 7:10 «ئەمما نىكاھلانغانلارغا كەلسەك، ئۇلارغا مەن شۇنى تاپىلايمەنكى، ــ (بۇ ئەمەلىيەتتە مېنىڭ تاپىلىغىنىم ئەمەس، يەنىلا رەبنىڭكى)...» ــ پاۋلۇس ئۆز تەلىمىنى رەب ئەيسانىڭ يەر يۈزىدە تۇرغان ۋاقتىدىكى تەلىمىدىن ئايرىۋېتىدۇ. بۇ ئىش توغرۇلۇق ۋە ئومۇمەن بۇ باب ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 7:10 مال. 2‏:14؛ مات. 5‏:32؛ 19‏:9؛ مار. 10‏:11؛ لۇقا 16‏:18. 7:12 «قالغانلىرىڭلارغا كەلسەك، مەن شۇنى ئېيتىمەنكى (بۇ رەبنىڭ ئېيتقىنى ئەمەس)، ...» ــ رەب ئەيسا يەر يۈزىدە بولغىنىدا بۇ ئىشلار توغرۇلۇق تەلىم بەرمىگەنىدى. 7:14 «چۈنكى ئېتىقادسىز ئەر بولسا ئېتىقاد قىلغان ئايالدا پاك دەپ ھېسابلىنىدۇ؛ ئېتىقادسىز ئايال بولسا ئېتىقاد قىلغان قېرىنداشتا پاك دەپ ھېسابلىنىدۇ؛ بولمىسا، پەرزەنتلىرىڭلار ھارامدىن بولغان بولاتتى؛ ئەمما ئۇلار ئەمدى پاك بولدى» ــ بۇ ئايەتكە قارىغاندا، كورىنتتىكى بەزىلەر «ئېتىقادچى ئەر ياكى ئايالنىڭ جورىسى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغان بولسا ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ نىكاھى بۇلغانغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئاجرىشىشى كېرەك، شۇنداقلا بالىلىرى «ھارام»دىن بولغان بولىدۇ» دەپ قارايدۇ. بۇنداق كۆزقاراش خاتا. 7:15 «لېكىن ئېتىقادسىز بولغان تەرەپنىڭ كەتكۈسى بولسا، ئۇ ئاجرىشىپ كەتسۇن؛ بۇنداق ئەھۋاللاردا قېرىنداش ... نىكاھ مەجبۇرىيىتىگە باغلىنىپ قالغان بولمايدۇ؛ قانداقلا بولمىسۇن خۇدا بىزنى ئىناق-خاتىرجەملىكتە ياشاشقا چاقىرغاندۇر» ــ بۇ مۇھىم ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 7:16 «ئەي ئېتىقادچى ئايال، ئېرىڭنى ئېتىقاد قىلدۇرۇپ قۇتۇلدۇرالايدىغانلىقىڭنى نەدىن بىلىسەن؟ ئەي ئېتىقادچى ئەر، خوتۇنۇڭنى ئېتىقاد قىلدۇرۇپ قۇتۇلدۇرالايدىغانلىقىڭنى نەدىن بىلىسەن؟» ــ بىزنىڭچە پاۋلۇس مۇشۇ يەردە، ئىشەنمىگەن جورا نىكاھتىن ئاجراشماقچى بولغان بولسا، ئۇنى ئېتىقاد قىلدۇرۇپ قۇتقۇزۇش پەقەت خۇدانىڭلا قىلىدىغان ئىشىدۇر، بىز ئاجىز بەندىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس، شۇڭا (جورىسىنىڭ كەتكۈسى بولسا) ئۇنى ئەركىنلىككە قويۇۋەرگىن، دېمەكچى. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى يەنە كۆرۈڭ. 7:16 1پېت. 3‏:1. 7:18 «بىرسى سۈننەتلىك ھالەتتە چاقىرىلدىمۇ؟ ئۇ قايتا سۈننەتسىز قىلىنمىسۇن» ــ بەزى يەھۇدىيلار مەلۇم سەۋەبلەردىن سۈننىتىدىن خىجىل بولۇپ، «يات ئەللەردەك بولاي» دەپ، ئۆزىنى «سۈننەتسىز» كۆرسەتمەكچى بولۇپ بىرخىل ئوپېراتسىيەنى قىلدۇراتتى. 7:20 «ھەركىم قايسى ھالەتتە چاقىرىلغان بولسا، شۇ ھالەتتە قالسۇن» ــ «قايسى ھالەتتە چاقىرىلغان بولسا...» گرېك تىلىدا «قانداق چاقىرىلغانلىقى بولسا...» دېيىلىدۇ. دېمەك، خۇدا ھەربىرىمىزنى مەسىھگە چاقىرغىنىدا، ئەھۋال-ھالىتىمىزنى بىلىپ، ئۇ ھالىتىمىزنى ئۇنىڭ يولىدا ئىشلەتمەكچى بولىدۇ. 7:20 ئ‍ەف. 4‏:1؛ فىل. 1‏:27؛ كول. 1‏:10؛ 1تېس. 2‏:12. 7:23 1كور. 6‏:20؛ ئىبر. 9‏:12؛ 1پېت. 1‏:18. 7:25 «... نىكاھلانمىغانلار توغرۇلۇق رەبدىن بۇيرۇق تاپشۇرۇۋالمىدىم...» ــ مۇشۇ يەردە «نىكاھلانمىغانلار» بولسا ھېچقاچان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ باقمىغان پاك يىگىت ياكى پاك قىزلارنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايمىز. بەزى ئالىملار بۇ سۆز پەقەت قىزلارنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمدى 36-ئايەتكە قارايدىغان بولساق، بۇ ئايەت ھەم يىگىتلەرنىمۇ ھەم قىزلارنىمۇ كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايقايمىز. 7:26 «ئەمدى ھازىرقى قىيىنچىلىققا قارىغاندا،...» ــ پاۋلۇس مۇشۇ خەتنى يازغان ۋاقىتتا رىم ئىمپېرىيەسى بويىچە كۆپ ساندىكى ئىشەنگۈچىلەر زور زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتاتتى. 7:28 «ئەمما شۇنداق قىلسا ئۇلار جىسمانىي جەھەتتە جاپاغا ئۇچرايدۇ» ــ پاۋلۇسنىڭ بۇ سۆزى، ھەربىر ئەر-ئاياللىقتىكى نورمال مۇناسىۋەتتە بولغان مۇشەققەت-جاپالار، ئېگىز-پەسلىكلەر توغرۇلۇق ئېيتىلىدۇ، دەپ قارايمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشۇ دەۋردىكى زىيانكەشلىك ئاستىدىمۇ ئەر-ئاياللارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتى ئۈچۈن، بىر-بىرىنى ئېغىرچىلىقتىن ئاياش ئۈچۈن تارتقان دەرد-ئەلەملىرى تېخىمۇ ئېغىر بولۇشى مۇمكىن ئىدى. 7:29 «ۋاقىت قىسقىدۇر. شۇڭا ئاياللىق بولغانلار ئايالسىزلاردەك بولسۇن...» ــ 31-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. 7:31 «... بۇ دۇنيادىكى بايلىقلاردىن بەھرىمەن بولغانلار دۇنيانى ئۆزىنىڭ تەئەللۇقاتى دەپ بىلمىسۇن؛ چۈنكى بۇ دۇنيادىكى ھازىرقى ھالەت ئۆتۈپ كېتىدۇ» ــ «ۋاقىت قىسقىدۇر» 29-31-ئايەتلەردە پاۋلۇس ئۇلارغا بارلىق ۋاقىتنى، خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولۇش پۇرسەتلىرىنى قەدىرلەشنى دەۋەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي مەنىسى، مۇشۇ دۇنيادىكى بەخت-بايلىقلار بىزدە بولسا ئۇلاردىن ھۇزۇرلانساق بولىدۇ، لېكىن مۇشۇ ئالەم «بەش كۈنلۈك» بولغاچقا، خۇدانىڭ خىزمىتىدە، مەڭگۈلۈك پايدىلىق بولغان ئىشلارغا قاراپ مېڭىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، دېمەكچى. 7:31 يەش. 40‏:6؛ ياق. 1‏:10؛ 4‏:14؛ 1پېت. 1‏:24؛ 1يۇھ. 2‏:17. 7:32 1تىم. 5‏:5. 7:36 «ئەگەر بىرسى نىيەت قىلغان قىزغا نىسبەتەن مۇئامىلەمنىڭ دۇرۇس بولمىغان يېرى بار دەپ قارىسا...» ــ «نىيەت قىلىنغان قىزى» دېگەننىڭ باشقا بىر چۈشەنچىسى «ۋەدىلەشكەن قىزى». ئىشقىلىپ، بۇ ئايەت بويىچە، توي قىلمىغان ئەر كىشى كۆڭلىدە بىر قىزنى ئويلايدۇ. قىزغا «مۇئامىلەمنىڭ دۇرۇس بولمىغان يېرى بار» دېگەنلىكى بەلكىم: (1) قىزغا بولغان ئىشقىنى سۆز ياكى ھەرىكەت بىلەن بىلدۈرۈشتىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالماسلىق، لېكىن ئۇنىڭغا تېخى ئېنىق ۋەدە قىلماسلىق، شۇنداقلا قىزنى قىيناش؛ ياكى (2) قىزغا ۋەدە بەرگەندىن كېيىن يەنە ئىككىلىنىپ ۋاقىتنى كەينىگە سۈرۈش، شۇنداقلا قىزنى قىيناش؛ ياكى (3) توينىڭ ۋاقتىنى بېكىتكەن بولسىمۇ، ئۇلار توي ۋاقتىنى كۈتۈشكە ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالالمىسا، توينى بالدۇرراق قىلسا بولىدۇ. قىسقىسى، ئوغۇل بالىلارنىڭ قىزلارنىڭ سۆيگۈسى ياكى ھېسسىياتلىرى بىلەن ئوينىشىشىغا ھەرگىز بولمايدۇ. تولۇق ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەمما ئەگەر بىرسى ئۆزىنىڭ تەنھالىقىغا قاراپ نامۇۋاپىق يۈرگەن بولسا، ياشلىق باھارىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، ئۆزىنى تۇتىۋالالمىسا، ئۇ خالىغىنىچە قىلسۇن، ئۇ گۇناھ قىلغان بولمايدۇ؛ ئۇلار نىكاھ قىلسۇن» يەنە باشقا تەرجىمىلىرىمۇ بار؛ «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 7:39 «ئېرى ئۆلۈمدە ئۇخلىغان بولسا» ــ مۇشۇ سۆز، ئۆلۈپ كەتكەنلىكنى كۆرسىتىدۇ. تەۋرات-ئىنجىل بويىچە ئېتىقادچىلارغا نىسبەتەن ئۆلۈش پەقەت ۋاقىتلىق ئۇخلاش، خالاس. «ئۇ خالىغان كىشىگە (پەقەت رەبدە، ئەلۋەتتە) نىكاھلىنىشقا ئەركىن بولىدۇ» ــ «پەقەت رەبدە (نىكاھلانسۇن)» ــ (1) پەقەت ئېتىقادچىغا نىكاھلانسۇن؛ (2) رەبنىڭ شەخسىي يوليورۇقى بىلەن نىكاھلانسۇن، دېگەن ئىككى مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن. 7:39 رىم. 7‏:2. 7:40 «مەندىمۇ خۇدانىڭ روھى بار، دەپ ئىشىنىمەن» ــ بۇ كىنايىلىك سۆز. كورىنت شەھىرىدىكى جامائەتتىكى بەزى ئادەملەر ئۆزلىرىنى «پەيغەمبەر» ھېسابلاپ، پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىنى قوبۇل قىلمايتتى (36:14، 37نى كۆرۈڭ). 7:40 1تېس. 4‏:8.