3
يېڭى ئەھدىنىڭ خىزمەتكارلىرى
بىز يەنە ئۆزىمىزنى تەۋسىيە قىلغىلى تۇرۇۋاتامدۇق؟ ياكى باشقا بەزىلەرگە كېرەك بولغاندەك، سىلەرگە يېزىلغان ياكى سىلەر يازغان تەۋسىيىنامىلەر بىزگە كېرەكمۇ؟ سىلەر ئۆزۈڭلار بىزنىڭ تەۋسىيىنامىمىزدۇرسىلەر، قەلبىمىزدە پۈتۈلگەن، ھەر ئىنسانغا تونۇش بولغان ۋە ئوقۇلىدىغان. سىلەرنىڭ بىز تەرىپىمىزدىن پەرۋىش قىلىنغان، مەسىھنىڭ مەكتۇپى ئىكەنلىكىڭلار ئايان بولدى (بۇ مەكتۇپ سىياھ بىلەن ئەمەس، بەلكى تىرىك خۇدانىڭ روھى بىلەن يېزىلغان، تاش تاختايلارغا ئەمەس، بەلكى قەلبنىڭ ئەتلىك تاختايلىرىغا پۈتۈكلۈكتۇر).   ئەمدى بىزنىڭ مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا قارايدىغان شۇنچە زور ئىشەنچىمىز بار؛ ئۆزىمىزنى بىرەرنەرسىنى قىلغۇدەك ئىقتىدارىمىز بار دەپ چاغلىغىنىمىز يوقتۇر؛ ئىقتىدارلىقىمىز بولسا بەلكى خۇدادىندۇر.
ئۇ بىزنى يېڭى ئەھدىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولۇشقا ئىقتىدارلىق قىلدى؛ بۇ ئەھدە پۈتۈكلۈك سۆز-جۈملىلەرگە ئەمەس، بەلكى روھقا ئاساسلانغان. چۈنكى پۈتۈكلۈك سۆز-جۈملىلەر ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ؛ لېكىن روھ بولسا ئادەمگە ھايات كەلتۈرىدۇ.   ئەمما سۆز-جۈملىلەر بىلەن تاشلارغا ئويۇلغان، ئۆلۈم كەلتۈرىدىغان خىزمەت شان-شەرەپ بىلەن بولغان ۋە شۇنداقلا ئىسرائىللار مۇسانىڭ يۈزىدە جۇلالانغان شان-شەرەپتىن ئۇنىڭ يۈزىگە كۆزلىرىنى تىكىپ قارىيالمىغان يەردە (گەرچە شۇ شان-شەرەپ ھازىر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ)،   روھ بىلەن يۈرگۈزۈلىدىغان خىزمەت تېخىمۇ شان-شەرەپلىك بولمامدۇ؟ چۈنكى ئادەمنىڭ گۇناھىنى بېكىتىدىغان خىزمەت شەرەپلىك بولغان يەردە، ئىنساننى ھەققانىي قىلىدىغان خىزمەتنىڭ شەرىپى تېخىمۇ ئېشىپ تاشمامدۇ!؟ 10 چۈنكى ئەسلىدە شان-شەرەپلىك بولغان ئىشنىڭ ھازىرقى غايەت زور شان-شەرەپلىك ئىشنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق شان-شەرەپلىكلىكى يوقتۇر؛ 11 چۈنكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىش ئەسلىدە شان-شەرەپ بىلەن كەلتۈرۈلگەن يەردە، ھازىر ئورنىنى باسقان ئىش تېخىمۇ شان-شەرەپلىك بولىدۇ. 12 بىزدە شۇنچە زور شۇنداق بىر ئۈمىد بولغانىكەن، بىز تولىمۇ يۈرەكلىك بولىمىز. 13 بىز ئىسرائىللارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغان ئەھدىنىڭ پارلاق نۇرىغا كۆزىنى تىكىپ قاراشنىڭ ئاقىۋىتىگە ئۇچراپ كەتمىسۇن دەپ يۈزىگە چۈمپەردە تارتىۋالغان مۇساغا ئوخشىمايمىز.
  
14 ئەمما ئۇلارنىڭ ئوي-كۆڭۈللىرى قاداقلاشقانىدى؛ چۈنكى بۈگۈنگە قەدەر كونا ئەھدىنى ئوقۇغىنىدا مۇشۇ چۈمپەردە ئېلىۋېتىلمەي كەلدى؛ چۈنكى پەقەت مەسىھدە بولغاندىلا ئۇ ئېلىپ تاشلىۋېتىلىدۇ.    15 ئەمما بۈگۈنگە قەدەر، مۇسانىڭ يازمىلىرى ئوقۇلغىنىدا شۇ چۈمپەردە يەنىلا قەلبىنى يېپىۋالماقتا. 16 ئەمما ھەركىم رەبگە قاراپ بۇرۇلسا، چۈمپەردە ئېلىپ تاشلىنىدۇ. 17 ئەمما رەب شۇ روھتۇر؛ ۋە رەبنىڭ روھى قەيەردە بولسا، شۇ يەردە ھۆرلۈك بولىدۇ.    18 ۋە بىز ھەممىمىزنىڭ يۈزىمىز چۈمپەردىسىز ھالدا رەبنىڭ شان-شەرىپىگە قارىغىنىدا، ئۇنىڭ ئوخشاش سۈرىتىدە بولۇشقا روھ بولغان رەب تەرىپىدىن شان-شەرەپ ئۈستىگە شان-شەرەپ قوشۇلۇپ ئۆزگەرتىلمەكتىمىز.  
 
 
3:1 2كور. 5‏:12؛ 10‏:8. 3:2 «سىلەر ئۆزۈڭلار بىزنىڭ تەۋسىيىنامىمىزدۇرسىلەر، قەلبىمىزدە پۈتۈلگەن، ھەر ئىنسانغا تونۇش بولغان ۋە ئوقۇلىدىغان» ــ دېمەك، كورىنتتىكى ئېتىقادچىلارنىڭ نىجاتنى يېڭى قوبۇل قىلغان ۋاقتىدا مۇتلەق ئۆزگەرتىلگەن يېڭى يۈرۈش-تۇرۇشلىرى پاۋلۇسنىڭ ئەجرىنىڭ ھەر ئادەمگە كۆرۈنەرلىك بولغان مېۋىسى، ئۇنىڭ ھەقىقىي روسۇل ئىكەنلىكىگە ئىسپات ئىدى. 3:3 «سىلەرنىڭ بىز تەرىپىمىزدىن پەرۋىش قىلىنغان، مەسىھنىڭ مەكتۇپى ئىكەنلىكىڭلار» ــ «پەرۋىش قىلىنغان» ياكى «يەتكۈزۈلىدىغان، يوللانغان». گرېك تىلىدا «كۆيۈنۈپ بېقىلغان» ياكى «خىزمىتى قىلىنغان». «بۇ مەكتۇپ سىياھ بىلەن ئەمەس، بەلكى تىرىك خۇدانىڭ روھى بىلەن يېزىلغان، تاش تاختايلارغا ئەمەس، بەلكى قەلبنىڭ ئەتلىك تاختايلىرىغا پۈتۈكلۈكتۇر» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن «تاش تاختالار»غا پۈتۈكلۈك ئىدى. مۇشۇ يەردىكى «ئەتلىك» سەلبىي مەنىدە ئەمەس، بەلكىم «يۇمشاق، قاتتىق بولمىغان»، «تاش»نىڭ ئەكسىنى بىلدۈرىدۇ. 3:3 مىس. 24‏:12؛ 34‏:1؛ يەر. 31‏:33؛ ئ‍ەز. 11‏:19؛ 36‏:26؛ ئىبر. 8‏:10. 3:6 «ئۇ بىزنى يېڭى ئەھدىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولۇشقا ئىقتىدارلىق قىلدى؛ بۇ ئەھدە پۈتۈكلۈك سۆز-جۈملىلەرگە ئەمەس، بەلكى روھقا ئاساسلانغان» ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «پۈتۈكلۈك سۆز-جۈملىلەر» مۇساغا چۈشۈرۈلگەن قانۇننى، يەنى «كونا ئەھدە»نى كۆرسىتىدۇ؛ «روھ» بولسا خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. «يېڭى ئەھدە» توغرۇلۇق «يەر.» 31:31-34 ۋە «يەرەمىيا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»نى كۆرۈڭ. «چۈنكى پۈتۈكلۈك سۆز-جۈملىلەر ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ؛ لېكىن روھ بولسا ئادەمگە ھايات كەلتۈرىدۇ» ــ بۇ سۆزلەرنىڭ تولۇق مەنىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن «رىم.» 19:3-23، 7-باب ۋە 1:8-16نى كۆرۈڭ. «روھ» خۇدانىڭ روھى، ئەلۋەتتە. 3:6 2كور. 5‏:18؛ ئىبر. 8‏:6، 8. 3:7 «ئىسرائىللار مۇسانىڭ يۈزىدە جۇلالانغان شان-شەرەپتىن ئۇنىڭ يۈزىگە كۆزلىرىنى تىكىپ قارىيالمىغان يەردە» ــ بۇ ۋەقە «مىس.» 29:34-35دە خاتىرىلەنگەن. «(گەرچە شۇ شان-شەرەپ ھازىر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ)» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «گەرچە شۇ نۇر ئاستا-ئاستا يوقىلىۋاتقان بولسىمۇ». پاۋلۇس بۇ ئىككى بىسلىق سۆزلەرنى بەلكىم ئەتەي ئىشلەتكەن، شۇڭا ئىككىلا تەرجىمىسى بەلكىم توغرىدۇر. 3:7 مىس. 24‏:12؛ 34‏:1،30؛ قان. 10‏:1. 3:11 «چۈنكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىش ئەسلىدە شان-شەرەپ بىلەن كەلتۈرۈلگەن يەردە،...» ــ «ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىش» ياكى «ئاجىزلاپ يوقىلىۋاتقان ئىش». 3:12 «بىز تولىمۇ يۈرەكلىك بولىمىز» ــ ياكى «بىز جاسارەتلىك سۆزلەيمىز». 3:13 «ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغان ئەھدە» ــ «كونا ئەھدە»نىڭ «ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى»نى تولۇقراق چۈشىنىش ئۈچۈن «رىم.» 19:3-25:4، 7:7-4:8، «گال.» 2:1-7:4نى ئوقۇڭ) باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۆچۈپ كېتىۋاتقان ئەھدە...». «ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغان ئەھدىنىڭ پارلاق نۇرىغا كۆزىنى تىكىپ قاراشنىڭ ئاقىۋىتىگە ئۇچراپ كەتمىسۇن دەپ...» ــ «قاراشنىڭ ئاقىۋىتى» ــ بىز بۇ سۆزنى شۇ مەنىدە چۈشىنىمىزكى، كونا ئەھدە (مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن) ئاستىدا، ئىنساننىڭ گۇناھقا پاتقان ھالىتى پاش قىلىنغاچقا، خۇدانىڭ شان-شەرىپىگە بىۋاسىتە قاراشنىڭ ئاقىۋىتى ئۆلۈم بولاتتى. «مىس.» 34:34نى كۆرۈڭ. 3:13 مىس. 34‏:35؛ رىم. 10‏:4. 3:14 «چۈنكى بۈگۈنگە قەدەر كونا ئەھدىنى ئوقۇغىنىدا مۇشۇ چۈمپەردە ئېلىۋېتىلمەي كەلدى...» ــ «كونا ئەھدە» مۇشۇ يەردە، بولۇپمۇ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇننى، يەنى تەۋراتنىڭ «يارىتىلىش»تىن «قانۇن شەرھى»گىچە بولغان بەش قىسمىنى كۆرسىتىدۇ. 3:14 يەش. 6‏:10؛ ئ‍ەز. 12‏:2؛ مات. 13‏:11؛ روس. 28‏:26؛ رىم. 11‏:8. 3:16 مات. 13‏:11؛ رىم. 11‏:23؛ 1كور. 2‏:10. 3:17 «ئەمما رەب شۇ روھتۇر» ــ «روھ» بولسا خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى»، يەنى «يېڭى ئەھدە» ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ھاياتنى ئېلىپ كېلىدىغان روھنى كۆرسىتىدۇ. 3:17 يـۇھ. 4‏:24. 3:18 «بىز ھەممىمىزنىڭ يۈزىمىز چۈمپەردىسىز ھالدا رەبنىڭ شان-شەرىپىگە قارىغىنىدا، ئۇنىڭ ئوخشاش سۈرىتىدە بولۇشقا روھ بولغان رەب تەرىپىدىن شان-شەرەپ ئۈستىگە شان-شەرەپ قوشۇلۇپ ئۆزگەرتىلمەكتىمىز» ــ «ئوخشاش سۈرىتى» (ياكى «ئوخشاش سۈرەت-ئوبرازى») ــ رەب ئەيسانىڭ ئۆزىنىڭ سۈرىتى. 3:18 1كور. 13‏:12؛ 2كور. 5‏:7.