4
پاۋلۇسنىڭ جامائەتلەرنىڭ خىزمىتىدە بولغان چىداملىق، سەۋر-تاقەتلىكى ــ خىزمەتتە چىداملىق
شۇڭا خۇدا بىزگە رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەندەك، بۇ خىزمەت بىزگە ئامانەت قىلىنغانىكەن، بىز بەل قويۋەتمەيمىز؛ ئەمدىلىكتە شەرمەندىلىككە ئائىت يوشۇرۇن ئىشلارنى تاشلاپ، نە ئالدامچىلىقتا ماڭماي، نە خۇدانىڭ سۆزىنى بۇرمىلىماي، بەلكى ھەقىقەتنى ئەينەن ئايان قىلىش بىلەن خۇدا ئالدىدا دۇرۇسلۇقىمىزنى ھەر ئادەمنىڭ ۋىجدانىغا كۆرسىتىمىز. ئەمما خۇش خەۋىرىمىز چۈمكەلگەن بولسىمۇ، ئۇ ھالاك بولۇۋاتقانلارغا نىسبەتەن چۈمكەلدى؛ چۈنكى خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازى بولغان مەسىھنىڭ شان-شەرىپى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يورۇمىسۇن دەپ، بۇ زاماننىڭ ئىلاھى ئېتىقادسىزلارنىڭ ئوي-زېھىنلىرىنى كور قىلدى.   چۈنكى بىز ئۆزىمىزنى ئەمەس، بەلكى مەسىھ ئەيسانى رەب، شۇنىڭدەك ئۆزىمىزنى ئەيسا ئۈچۈن سىلەرنىڭ خىزمەتكارىڭلار دەپ ئېلان قىلىمىز. چۈنكى «قاراڭغۇلۇقتىن نۇر يورۇسۇن» دەپ بۇيرۇغان خۇدا، مەسىھنىڭ دىدارىدىن ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنى تونۇتۇشقا بولغان يورۇقلۇقنىڭ بىز ئارقىلىق چېچىلىشى ئۈچۈن، بىزنىڭ قەلبىمىزنى يورۇتقاندۇر.
 
مەڭگۈلۈك شان-شەرەپنىڭ زور ۋەزنى
ئەمما قۇدرەتنىڭ غايەت زورلۇقى بىزدىن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن بولغانلىقى كۆرۈنسۇن دەپ بۇ گۆھەرگە ساپال ئىدىشلاردا قاچىلاقلىق ھالدا ئىگىدارلىق قىلىمىز.   مانا بىز ھەرتەرەپتە قىستىلىپ قالدۇق، ئەمما يەنجىلمىدۇق؛ تەمتىرەپ قالدۇق، ئەمما ئۈمىدسىزلەنمىدۇق؛ زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىمىز، ئەمما ھەمدەمسىز قالمىدۇق؛ يىقىتىلدۇق، ئەمما ھالاك بولمىدۇق؛ 10 ئەيسانىڭ ھاياتى تېنىمىزدە ئايان قىلىنسۇن دەپ، ھەردائىم تېنىمىزدە ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنى كۆتۈرۈپ يۈرىمىز.    11 چۈنكى ئەيسانىڭ ھاياتى ئۆلىدىغان ئەتلىرىمىزدە ئايان قىلىنسۇن ئۈچۈن، تىرىك قالغان بىزلەر ھەردائىم ئۆلۈمگە تاپشۇرۇلماقتىمىز.    12 شۇنىڭ بىلەن بىزدە ئۆلۈم ئىشلەۋاتىدۇ، ئەمما ھايات سىلەردە ئىشلەۋاتىدۇ. 13 ۋە «مەن ئىشەندىم، شۇڭا سۆز قىلدىم» دەپ يېزىلغاندىكىدەك ئىمان-ئىشەنچتىكى روھقا ئىگە بولۇپ، بىزمۇ ئىشەندۇق ۋە شۇنىڭ بىلەن سۆز قىلىمىز؛    14 چۈنكى رەب ئەيسانى تىرىلدۈرگەن خۇدا بىزنى ئەيسا بىلەن بىرگە تىرىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا بىزنى سىلەر بىلەن بىرگە ئۆز ئالدىغا ھازىر قىلىدۇ، دەپ بىلىمىز. 15 چۈنكى بۇ ھەممە ئىشلار سىلەر ئۈچۈندۇركى، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ۋۇجۇدىدا ئېشىپ تاشقۇچە بېغىشلانغان مېھىر-شەپقەت سەۋەبىدىن كۆپ كىشىلەرنىڭمۇ خۇدانى ئۇلۇغلاپ ئېيتقان تەشەككۈرلىرى ئېشىپ تاشىدۇ. 16 شۇڭا بىز بەل قويۇۋەتمەيمىز؛ گەرچە تاشقى ئىنسانلىقىمىز سولاشسىمۇ، دەرھەقىقەت ئىچكى ئىنسانلىقىمىز كۈندىن-كۈنگە يېڭىلانماقتا. 17 چۈنكى بىزنىڭ بىر دەقىقىلىك ۋە يېنىك جاپا-مۇشەققەتلىرىمىز بىز ئۈچۈن ئېشىپ تاشقان، مەڭگۈلۈك، زور ۋەزىنلىك شان-شەرەپنى ھاسىل قىلىدۇ. 18 شۇڭا بىز كۆرۈنگەن ئىشلارغا ئەمەس، بەلكى كۆرۈنمەس ئىشلارغا كۆز تىكىمىز؛ چۈنكى كۆرۈنگەن ئىشلار ۋاقىتلىق، ئەمما كۆرۈنمەس ئىشلار مەڭگۈلۈكتۇر.
 
 
4:2 2كور. 2‏:17؛ 2كور. 6‏:4 4:3 2كور. 2‏:15؛ 2تېـس. 2‏:10. 4:4 «بۇ زاماننىڭ ئىلاھى ئېتىقادسىزلارنىڭ ئوي-زېھىنلىرىنى كور قىلدى» ــ «بۇ زاماننىڭ ئىلاھى» شەيتان، ئىبلىس. 4:4 يەش. 6‏:10؛ يـۇھ. 12‏:40؛ 14‏:9. فىل. 2‏:6. كول. 1‏:15. ئىبر. 1‏:3. 4:5 «بىز ئۆزىمىزنى ئەمەس، بەلكى مەسىھ ئەيسانى رەب، شۇنىڭدەك ئۆزىمىزنى ئەيسا ئۈچۈن سىلەرنىڭ خىزمەتكارىڭلار دەپ ئېلان قىلىمىز» ــ «خىزمەتكارلار» مۇشۇ يەردە گرېك تىلىدا «قۇللار» دېيىلىدۇ. دېمەك، ئۆزىنى (ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن) باشقا بىرسىنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا ساتقان كىشىلەر. 4:6 يار. 1‏:3؛ 2پېت. 1‏:19. 4:7 «...بۇ گۆھەرگە ساپال ئىدىشلاردا قاچىلاقلىق ھالدا ئىگىدارلىق قىلىمىز» ــ «ساپال ئىدىشلار» بولسا ئېتىقادچىلارنىڭ ئۆز ئاجىز ۋۇجۇد-تەنلىرى، ئەلۋەتتە. 4:7 1كور. 2‏:5؛ 2كور. 5‏:1. 4:10 «ئەيسانىڭ ھاياتى تېنىمىزدە ئايان قىلىنسۇن دەپ، ھەردائىم تېنىمىزدە ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنى كۆتۈرۈپ يۈرىمىز» ــ «ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنى كۆتۈرۈش» دېگەنلىك بەلكىم روسۇللار دائىم ئازاپ-ئوقۇبەتنى تارتقانلىقى، دائىم ئۆلتۈرۈلۈشنىڭ خەۋپىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما بۇ باياننى يەنە ھەممە ئېتىقادچى ئۈچۈن مۇھىم روھىي پرىنسىپ دېگىلى بولىدۇ. 11-ئايەتنى كۆرۈڭ. 4:10 رىم. 8‏:17؛ گال. 6‏:17؛ فىل. 3‏:10؛ 2تىم. 2‏:11،12؛ 1پېت. 4‏:13. 4:11 «چۈنكى ئەيسانىڭ ھاياتى ئۆلىدىغان ئەتلىرىمىزدە ئايان قىلىنسۇن ئۈچۈن، تىرىك قالغان بىزلەر ھەردائىم ئۆلۈمگە تاپشۇرۇلماقتىمىز» ــ «ئۆلۈمگە تاپشۇرۇلماقتىمىز» ــ خۇدا تەرىپىدىن، ئەلۋەتتە. 4:11 زەب. 44‏:22؛ مات. 5‏:11؛ رىم. 8‏:36؛ 1كور. 4‏:9؛ 15‏:49؛ كول. 3‏:4. 4:12 «شۇنىڭ بىلەن بىزدە ئۆلۈم ئىشلەۋاتىدۇ، ئەمما ھايات سىلەردە ئىشلەۋاتىدۇ» ــ مۇشۇ مۇھىم پرىنسىپ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 4:13 «مەن ئىشەندىم، شۇڭا سۆز قىلدىم» ــ «زەب.» 10:116. «ئىمان-ئىشەنچتىكى روھقا ئىگە بولۇپ، بىزمۇ ئىشەندۇق ۋە شۇنىڭ بىلەن سۆز قىلىمىز» ــ «سۆز قىلىمىز» ــ دېمەك، خۇش خەۋەرنى جاكارلايمىز. 4:13 زەب. 116‏:10 4:14 رىم. 8‏:11؛ 1كور. 6‏:14. 4:15 2كور. 1‏:11. 4:16 «گەرچە تاشقى ئىنسانلىقىمىز سولاشسىمۇ، دەرھەقىقەت ئىچكى ئىنسانلىقىمىز كۈندىن-كۈنگە يېڭىلانماقتا» ــ «تاشقى ئىنسانلىقىمىز» ئادەمنىڭ جان-تېنىنى، «ئىچكى ئىنسانلىقىمىز» ئادەمنىڭ قەلب-روھىنى، ئىچكى دۇنياسىنى كۆرسىتىدۇ. گرېك تىلىدا «تاشقى ئىنسانىمىز» ۋە «ئىچكى ئىنسانىمىز» دېيىلىدۇ. 4:17 زەب. 30‏:5؛ مات. 5‏:12؛ رىم. 8‏:18؛ 1يۇھ. 3‏:2.