ئىبرانىيلارغا
1
«ئىبرانىيلارغا يېزىلغان مەكتۇپ» •••• خۇدانىڭ ئوغلى پەرىشتىلەردىن ئۈستۈندۇر
خۇدا بۇرۇنقى زامانلاردا ئاتا-بوۋىلارغا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق تۈركۈم-تۈركۈم بويىچە ۋە نۇرغۇن يوللار بىلەن سۆز قىلغان بولۇپ، مۇشۇ ئاخىرقى كۈنلەردە بولسا بىزگە ئوغلى ئارقىلىق سۆزلىدى. ئۇ ئوغلىنى پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ مىراسخورى قىلىپ بېكەتكەن، ئۇنىڭ ئارقىلىق كائىناتلارنى ياراتقان.   ئۇ خۇدانىڭ شان-شەرىپىدىن پارلىغان نۇر، ئۇنىڭ ئەينىيىتىنىڭ ئىپادىسىدۇر، ئۇ قۇدرەتلىك سۆز-كالامى بىلەن پۈتكۈل كائىناتتىكى مەۋجۇداتنى ئۆز ئورنىدا تۇرغۇزۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ گۇناھلارنى تازىلاش خىزمىتىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئەرشتىكى شانۇ-شەۋكەت ئىگىسىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى.   شۇنىڭدەك، ئۇ پەرىشتىلەردىن كۆپ ئۈستۈن نام-مەرتىۋىگە مىراس بولۇپ، ئۇلاردىن شۇنچە يۈكسەك تۇردى.
چۈنكى خۇدا مۇقەددەس يازمىلاردا پەرىشتىلەرنىڭ قايسىسىغا: «سەن مېنىڭ ئوغلۇمدۇرسەن، بۈگۈن مەن سېنى تۇغدۇردۇم»، ۋە يەنە: «مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇمۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ» دېگەنىدى؟  
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ ئۆزىنىڭ تۇنجىسىنى يەر يۈزىگە ئەۋەتكەندە، «بارلىق پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا سەجدە قىلسۇن» دېگەن.  
ئۇ پەرىشتىلەر توغرۇلۇق: ــ
«ئۇ پەرىشتىلىرىنى شاماللار،
خىزمەتكارلىرىنى ئوت يالقۇنى قىلىدۇ»، دېگەنىدى؛   لېكىن ئوغلى ھەققىدە بولسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: ــ
«سېنىڭ تەختىڭ، ئى خۇدا، ئەبەدىلئەبەدلىكتۇر؛
سېنىڭ پادىشاھلىقىڭدىكى شاھانە ھاساڭ ئادالەتنىڭ ھاسىسىدۇر.  
سەن ھەققانىيەتنى سۆيۈپ، رەزىللىككە نەپرەتلىنىپ كەلگەنسەن؛
شۇڭا خۇدا، يەنى سېنىڭ خۇدايىڭ سېنى ھەمراھلىرىڭدىن ئۈستۈن قىلىپ شادلىق مېيى بىلەن مەسىھ قىلدى».  
10 خۇدا ئوغلىغا يەنە مۇنداق دېگەن: ــ
 
«سەن، ئى رەب، ھەممىدىن بۇرۇن زېمىننىڭ ئۇلىنى سالدىڭ،
ئاسمانلارنى بولسا قوللىرىڭ ياسىغاندۇر؛  
11 ئۇلار يوق بولۇپ كېتىدۇ،
لېكىن سەن مەڭگۈ تۇرىسەن؛
ئۇلارنىڭ ھەممىسى كىيىمدەك كونىراپ كېتىدۇ؛
12 سەن ئۇلارنى تون كەبى يۆگەپ قويىسەن،
شۇندا ئۇلار كىيىم-كېچەك يەڭگۈشلەنگەندەك يەڭگۈشلىنىدۇ.
بىراق سەن مەڭگۈ ئۆزگەرمىگۈچىدۇرسەن،
يىللىرىڭنىڭ تامامى يوقتۇر».  
 
13 يەنە، ئۇ قايسىبىر پەرىشتىگە: ــ
«مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلمىغۇچە،
مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرىسەن» ــ دېگەنىدى؟  
14 شۇنداق ئىكەن، پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت نىجاتقا مىراسلىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن خىزمەتچى روھلار ئەمەسمۇ؟
 
 
1:1 «تۈركۈم-تۈركۈم بويىچە» ــ ياكى «نۇرغۇن قېتىم» ياكى «نۇرغۇن ئىپادىلەر بىلەن». 1:2 «مۇشۇ ئاخىرقى كۈنلەردە بولسا» ــ «ئاخىرقى كۈنلەر» ئىنجىل بويىچە «ئاخىرقى زامانلار»، ئەيسانىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەن باشلانغان. مۇشۇ يەردە بۇ ئىبارە «مۇشۇ كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا» (يەنى، پەيغەمبەرلەر ئىنسانلارغا سۆز يەتكۈزگەن كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا) دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «ئوغلى ئارقىلىق» ــ گرېك تىلىدا «ئوغۇل ئارقىلىق». «ئۇ ئوغلىنى پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ مىراسخورى قىلىپ بېكەتكەن، ئۇنىڭ ئارقىلىق كائىناتلارنى ياراتقان» ــ مۇشۇ يەردە «ئوغلى» دېگەن گرېك ئىلىدا پەقەت «ئوغۇل» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1:2 يار. 1‏:3؛ زەب. 33‏:6؛ مات. 21‏:38؛ يـۇھ. 1‏:3؛ ئ‍ەف. 3‏:9؛ كول. 1‏:16. 1:3 «ئۇ ۇناھلارنى تاشىلاش خىزمىتىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن..» ــ كۆپ كونا كۆچۈرۈلمىلەردە «ئۇ يالغۇز ئۆزى گۇناھلارنى تاشىلاش خىزمىتىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن..» دېيىلىدۇ. 1:3 2كور. 4‏:4؛ فىل. 2‏:6؛ كول. 1‏:15. 1:4 «ئۇ (ئوغۇل) پەرىشتىلەردىن كۆپ ئۈستۈن نام-مەرتىۋىگە مىراس بولۇپ، ئۇلاردىن شۇنچە يۈكسەك تۇردى» ــ تۆۋەندىكى 5-ئايەتتە ئۇ ئالغان نام-مەرتىۋىنىڭ «ئوغۇل» ئىكەنلىكى كۆرۈنىدۇ. 1:5 «سەن مېنىڭ ئوغلۇمدۇرسەن، بۈگۈن مەن سېنى تۇغدۇردۇم»... «مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇمۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ» ــ بىرىنچى بېشارەت ئەيسانىڭ مەرىيەمدىن ئاتىسىز تۇغۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ، «زەب.» 7:2دىن ئېلىنغان؛ ئىككىنچى بېشارەت «2سام.» 14:7، «1تار.» 13:17دىن ئېلىنغان. 1:5 2سام. 7‏:14؛ 1تار. 17‏:13؛ 22‏:10؛ زەب. 2‏:7؛ روس. 13‏:33؛ ئىبر. 5‏:5. 1:6 «ئۇ ئۆزىنىڭ تۇنجىسىنى يەر يۈزىگە ئەۋەتكەندە...» ــ گرېك تىلىدا مۇشۇ يەردىكى «تۇنجى» ئادەتتە «تۇنجى تۇغۇلغان بالا»نى كۆرسىتىدۇ. سۆزنىڭ تولۇق مەنىسى «زەب.» 27:89دە ۋە «كول.» 16:1-17ئايەتتە كۆرۈلىدۇ؛ دېمەك، مەسىھ: (1) پۈتۈن ئالەم ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ؛ (2) ئالەمدىن بۇرۇن بولغان؛ (3) بەلكىم ئالەمگە ئوخشاش «يارىتىلغان» ئەمەس، بەلكى ئەسلى خۇدا ئاتىسى بىلەن بىللە مەۋجۇت بولغان. يەنە بىر تەرەپتىن، «خۇدانىڭ تۇنجىسى» دېگەن سۆز مەسىھدىن كېيىن (ۋە ئۇنىڭ ئارقىلىق) خۇدانىڭ كۆپ باشقا ئوغۇل پەرزەنتلىرى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (10:2نى كۆرۈڭ). «يەر يۈزىگە ئەۋەتكەندە» ــ گرېك تىلىدا «يەر يۈزىگە ئېلىپ باشلىغاندا...». «بارلىق پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا سەجدە قىلسۇن» ــ «قان.» 43:32 ۋە «زەب.» 7:97نى كۆرۈڭ. «لۇقا» 13:2-14 ۋە «زەب.» 7:132-9نىمۇ كۆرۈڭ. 1:6 زەب. 97‏:7؛ قان. 32‏:43؛ لۇقا 2‏:8-14 1:7 «ئۇ پەرىشتىلىرىنى شاماللار، خىزمەتكارلىرىنى ئوت يالقۇنى قىلىدۇ» ــ «زەب.» 4:104. گرېك تىلىدا «شامال» ۋە «روھ» ئوخشاش بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1:7 زەب. 104‏:4 1:8 «لېكىن ئوغلى ھەققىدە بولسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن» ــ «ئوغلى» گرېك تىلىدا «ئوغۇل». «سېنىڭ تەختىڭ، ئى خۇدا...» ــ ئوقۇرمەنگە شۇ ئېنىقكى، بۇ سۆزلەر پادىشاھنىڭ ئۆزىگە ئېيتىلىدۇ. 1:8 زەب. 45‏:6 1:9 «... سەن ھەققانىيەتنى سۆيۈپ، رەزىللىككە نەپرەتلىنىپ كەلگەنسەن؛ شۇڭا خۇدا، يەنى سېنىڭ خۇدايىڭ سېنى ھەمراھلىرىڭدىن ئۈستۈن قىلىپ شادلىق مېيى بىلەن مەسىھ قىلدى» ــ (8-9-ئايەت) «زەب.» 6:45-7. «مەسىھ قىلىش» ياكى «مەسىھلىمەك» توغرۇلۇق «زەبۇر» 2-كۈيدىكى ئىزاھاتلارنى ۋە «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ. 1:9 زەب. 45‏:6، 7. 1:10 «سەن، ئى رەب، ھەممىدىن بۇرۇن زېمىننىڭ ئۇلىنى سالدىڭ، ئاسمانلارنى بولسا قوللىرىڭ ياسىغاندۇر...» ــ خۇدا بۇ ئايەتتە ئۆز ئوغلىنى «رەب» دەپ، ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن بىر ئىكەنلىكىنى، ياراتقۇچىمۇ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. «كول.» 15:1-17-ئايەتلەرگە قارالسۇن. 1:10 زەب. 102‏:25-27 1:11 يەش. 51‏:6؛ 2پېت. 3‏:7،10. 1:12 «... سەن ئۇلارنى تون كەبى يۆگەپ قويىسەن، شۇندا ئۇلار كىيىم-كېچەك يەڭگۈشلەنگەندەك يەڭگۈشلىنىدۇ. بىراق سەن مەڭگۈ ئۆزگەرمىگۈچىدۇرسەن، يىللىرىڭنىڭ تامامى يوقتۇر» ــ (10-12-ئايەت) «زەب.» 25:102-27. خۇدا يەنە ئۆز ئوغلىنىڭ مەڭگۈلۈك خۇدالىق تەبىئىتىنى كۆرسىتىدۇ. 1:12 زەب. 102‏:25-27 1:13 «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلمىغۇچە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرىسەن» ــ «زەب.» 2:110. 1:13 زەب. 110‏:1؛ روس. 2‏:34؛ 1كور. 15‏:25؛ ئ‍ەف. 1‏:20؛ ئىبر. 10‏:12. 1:14 «شۇنداق ئىكەن، پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت نىجاتقا مىراسلىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا (خۇدا تەرىپىدىن) ئەۋەتىلگەن خىزمەتچى روھلار ئەمەسمۇ؟» ــ دېمىسەكمۇ 1-باب، 4-14-ئايەتلەرنىڭ مەقسىتى، ئوغۇلنىڭ ھەممە پەرىشتىلەردىن كۆپ ئۈستۈنلۈكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر.