2
نىجاتقا سەل قارىماسلىق
بۇ سەۋەبتىن، ئاللىقانداق يول بىلەن ھەقىقىي يولدىن تېيىلىپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن، ئاڭلىغان ھەقىقەتلەرگە تېخىمۇ ئېتىبار قىلىشىمىز لازىم. چۈنكى پەرىشتىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن سۆز-كالامنىڭ تۇراقلىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان ھەمدە ئۇنىڭغا ھەربىر بويسۇنماسلىق ۋە ئىتائەتسىزلىك قىلىش تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدىغان يەردە،   شۇنچە ئۇلۇغ قۇتقۇزۇش-نىجاتقا ئېتىبار بەرمىسەك، بىز قانداقمۇ جازادىن قېچىپ قۇتۇلالايمىز؟! چۈنكى بۇ نىجاتنىڭ خەۋىرى دەسلەپتە رەب ئارقىلىق ئۇقتۇرۇلغان، ھەم ئۇنىڭ ھەقلىقىنى بىۋاسىتە ئاڭلىغانلارمۇ بىزگە تەستىقلىغان؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇدا بېشارەتلىك ئالامەتلەر، كارامەتلەر ۋە ھەرخىل قۇدرەتلىك مۆجىزىلەر ئارقىلىق، شۇنداقلا ئۆز ئىرادىسى بويىچە مۇقەددەس روھنىڭ ئاتا قىلغان ئىلتىپاتلىرى بىلەن تەڭ بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرگەن.
 
ئىنسانلارنى شان-شەرەپ يولىغا باشلىغۇچى نىجاتكار ــ «زەبۇر» 8-كۈي توغرۇلۇق
بىز دەۋاتقان كەلگۈسى دۇنيانى خۇدا پەرىشتىلەرنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگىنى يوق؛ بەلكى بۇ ھەقتە مۇقەددەس يازمىلارنىڭ بىر يېرىدە بىرەيلەن مۇنداق گۇۋاھلىق بەرگەندۇر: ــ
«ئى خۇدا، ئىنسان دېگەن نېمىدى،
سەن ئۇنى سېغىنىدىكەنسەن؟
ئادەم بالىسى نېمىدى،
سەن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ يوقلايدىكەنسەن؟
چۈنكى سەن ئۇنىڭ ئورنىنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن ئازغىنە تۆۋەن بېكىتكەنسەن،
سەن ئۇنىڭغا شان-شەرەپ ۋە شۆھرەتلەرنى تاج قىلىپ كىيدۈردۈڭسەن؛
ئۇنى قولۇڭ ياسىغانلارنى ئىدارە قىلىشقا تىكلىدىڭ؛  
سەن بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۇنىڭ پۇتى ئاستىدا بويسۇندۇرغانسەن».
ئەمدى «بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۇنىڭ پۇتى ئاستىدا بويسۇندۇرغانسەن» دېگىنى، ھېچقانداق نەرسە ئۇنىڭغا بويسۇنماسلىققا قالدۇرۇلمىغان، دېگەنلىكتۇر.
بىراق، ھازىرچە مەۋجۇداتلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا ئۇنىڭغا بويسۇنغانلىقىنى تېخى كۆرمەيۋاتىمىز. لېكىن بىز ئۈچۈن پەرىشتىلەردىن «ئازغىنە ۋاقىت تۆۋەن قىلىنغان»، ئۆلۈم ئازابلىرىنى تارتقانلىقى ئۈچۈن ھازىر شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت تاجى كىيدۈرۈلگەن ئەيسانى كۆرگۈچى بولدۇق؛ چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن ھەممەيلەن ئۈچۈن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىدى.
10 چۈنكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلار ئۆزى ئۈچۈنمۇ ھەم ئۆزى ئارقىلىقمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان خۇداغا نىسبەتەن، نۇرغۇن ئوغۇللارنى شان-شەرەپكە باشلىغاندا، ئۇلارنىڭ نىجاتىنىڭ يول باشلىغۇچىسىنى ئازاب-ئوقۇبەتلەر ئارقىلىق كامالەتكە يەتكۈزۈشكە لايىق كەلدى.
11 چۈنكى پاك-مۇقەددەس قىلغۇچى بىلەن پاك-مۇقەددەس قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى دەرۋەقە ئوخشاش بىرسىدىن كەلگەندۇر؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنى «قېرىنداش» دېيىشتىن نومۇس قىلمايدۇ.    12 خۇددى ئۇ خۇداغا (مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغاندەك):
«نامىڭنى قېرىنداشلىرىمغا جاكارلايمەن،
جامائەت ئىچىدە سېنى ناخشىلاردا كۈيلەيمەن» دېگەن.  
 
13 ئۇ يەنە: «مەن ساڭا تايىنىمەن» ۋە «قاراڭلار، مانا مەن بۇ يەردە خۇدا ماڭا ئاتا قىلغان پەرزەنتلەر بىلەن بىللە» دېگەن.  
14 پەرزەنتلەر بولسا ئەت بىلەن قاندىن تەنلىك بولغاچقا، ئوغۇلمۇ شۇ پەرزەنتلەرنىڭكىگە ئوخشاشلا ئەت ۋە قاندىن تەنلىك بولدى. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت، ئۇ ئۆلۈم ئارقىلىق ئۆلۈم ھوقۇقىنى تۇتقان ئىبلىسنىڭ كۈچىنى بىكار قىلىپ،    15 ئۆمۈر بويى ئۆلۈم قورقۇنچىدىن قۇللۇققا تۇتۇلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئازادلىققا چىقىرىش ئۈچۈن ئىدى. 16 چۈنكى ئۇ دەرۋەقە پەرىشتىلەرگە ئەمەس، بەلكى ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىغا تۇتىشىدۇ؛ 17 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ خۇداغا ئائىت ئىشلاردا رەھىمدىل ۋە سادىق باش كاھىن بولۇشى ئۈچۈن، خەلقنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قۇربانلىقىنى بېرەلىشى ئۈچۈن، ئۇ ھەر جەھەتتىن قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش قىلىنىشى كېرەك ئىدى. 18 چۈنكى ئۆزى سىناقلارنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرۈپ، ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن بولغاچقا، ئۇ سىناقلارغا دۇچ كەلگەنلەرگىمۇ ياردەم بېرەلەيدۇ.
 
 
2:2 «پەرىشتىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن سۆز-كالام» ــ مۇسا پەيغەمبەرگە يەتكۈزۈلگەن تەۋرات قانۇنىنى كۆرسىتىدۇ. 2:2 يار. 19‏:17،26؛ قان. 27‏:26؛ روس. 7‏:53؛ گال. 3‏:19. 2:3 مات. 4‏:17؛ مار. 1‏:14؛ ئىبر. 12‏:25. 2:4 مار. 16‏:20؛ روس. 14‏:3؛ 19‏:11. 2:6 زەب. 8‏:4 2:7 «سەن ئۇنىڭ ئورنىنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن ئازغىنە تۆۋەن بېكىتكەنسەن،...» ــ ياكى «سەن ئۇنىڭ ئورنىنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن ئازراق ۋاقىتلا تۆۋەن بېكىتكەنسەن،...». «ئۇنى قولۇڭ ياسىغانلارنى ئىدارە قىلىشقا تىكلىدىڭ» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە مۇشۇ سۆزلەر تېپىلمايدۇ. 2:7 زەب. 8‏:5-6 2:8 زەب. 8‏:8؛ مات. 28‏:18؛ 1كور. 15‏:27؛ ئ‍ەف. 1‏:22. 2:9 زەب. 8‏:5؛ روس. 2‏:33؛ فىل. 2‏:7، 8. 2:10 «خۇداغا نىسبەتەن، نۇرغۇن ئوغۇللارنى شان-شەرەپكە باشلىغاندا...» ــ ئىنجىلدا «خۇدانىڭ ئوغۇل پەرزەنتلىرى» دائىم ئەر ھەم قىز-ئايال ئېتىقادچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «چۈنكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلار ئۆزى ئۈچۈنمۇ ھەم ئۆزى ئارقىلىقمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان خۇداغا نىسبەتەن، نۇرغۇن ئوغۇللارنى شان-شەرەپكە باشلىغاندا، ئۇلارنىڭ نىجاتىنىڭ يول باشلىغۇچىسىنى ئازاب-ئوقۇبەتلەر ئارقىلىق كامالەتكە يەتكۈزۈشكە لايىق كەلدى» ــ بۇ مۇھىم ۋە سىرلىق ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە يەنە توختىلىمىز. 2:11 «چۈنكى پاك-مۇقەددەس قىلغۇچى بىلەن پاك-مۇقەددەس قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى دەرۋەقە ئوخشاش بىرسىدىن كەلگەندۇر؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنى «قېرىنداش» دېيىشتىن نومۇس قىلمايدۇ» ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «پاك قىلغۇچى» ئەيسا مەسىھنى، «پاك قىلىنغانلار» ئۇ قۇتقۇزغانلارنى، «بىرسىدىن كەلگەن» خۇدائاتىدىن كەلگەننى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. ئەيسا مەسىھ ئۆزى قۇتقۇزغانلارنى «قېرىنداشلىرىم» دەپ ئاتايدۇ. 2:11 روس. 17‏:26. 2:12 «نامىڭنى قېرىنداشلىرىمغا جاكارلايمەن، جامائەت ئىچىدە سېنى ناخشىلاردا كۈيلەيمەن» ــ «زەب.» 22:22 («زەب.» 49:18، 9:40نىمۇ كۆرۈڭ). 2:12 زەب. 22‏:22؛ 18‏:49؛ 40‏:9 2:13 «مەن ساڭا تايىنىمەن» ... «قاراڭلار، مانا مەن بۇ يەردە خۇدا ماڭا ئاتا قىلغان پەرزەنتلەر بىلەن بىللە» ــ تەۋرات، «يەش.» 17:8-18. «ئۇ» ــ مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىشتىن ئالدىنئالا بېشارەت بەرگەن. 2:13 يەش. 8‏:17،18. 2:14 «... ئۇ ئۆلۈم ئارقىلىق ئۆلۈم ھوقۇقىنى تۇتقان ئىبلىسنىڭ كۈچىنى بىكار قىلىپ...» ــ «ئۆلۈم ھوقۇقىنى تۇتقان ئىبلىس» ــ گەرچە شەيتان ئىنسانلارنى بىۋاسىتە ھالاك قىلالمىسىمۇ، بىراق ئىنسانلارنى گۇناھ قىلىشقا ئازدۇرۇش ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. ئازدۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتى گۇناھ، گۇناھنىڭ ئاقىۋىتى بولسا مەڭگۈلۈك ئۆلۈمدۇر. 2:14 يەش. 25‏:8؛ ھوش. 13‏:14؛ يـۇھ. 1‏:14؛ 1كور. 15‏:54؛ فىل. 2‏:7؛ 2تىم. 1‏:10. 2:15 رىم. 8‏:15. 2:16 «چۈنكى ئۇ دەرۋەقە پەرىشتىلەرگە ئەمەس، بەلكى ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىغا تۇتىشىدۇ» ــ تەۋرات «يەش.» 7:41-9نى كۆرۈڭ. «ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىغا تۇتىشىدۇ» ــ گرېك تىلىدا بۇ سۆز (1) مەسىھنىڭ (ئىبراھىمغا ئوخشاش، ئېتىقاد قىلغان) ئىنسانلارنى ياردەم قولى بىلەن تۇتۇپ قۇتقۇزىدىغانلىقى؛ (2) بۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مەسىھنىڭ ئۇلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئۆزىمۇ «ئەت ۋە قاندىن بولغان بىر تەن»دە بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. 2:17 فىل. 2‏:7؛ ئىبر. 4‏:15. 2:18 ئىبر. 4‏:15،16.