3
ئوغۇل مۇسا پەيغەمبەردىن ئۈستۈن
شۇنداق ئىكەن، ئەي مۇقەددەس قېرىنداشلار، ئەرشتىن بولغان چاقىرىققا ئورتاق نېسىپ بولغانلار، ئۆزىمىز ئېتىراپ قىلغان روسۇل ۋە باش كاھىن، يەنى ئەيساغا كۆڭۈل قويۇپ قاراڭلار. خۇددى مۇسا پەيغەمبەر خۇدانىڭ پۈتۈن ئائىلىسىدە خىزمەت قىلغاندا خۇداغا سادىق بولغاندەك، ئۇمۇ ئۆزىنى تەيىنلەپ خىزمەتكە قويغۇچىغا سادىق بولدى.   لېكىن ئۆينى بەرپا قىلغۇچى ئۆزى بەرپا قىلغان ئۆيدىنمۇ ئارتۇق شۆھرەتكە سازاۋەر بولغىنىدەك، ئۇمۇ مۇسادىن ئارتۇق شان-شەرەپكە لايىقتۇر. چۈنكى ھەممە ئۆينىڭ بەرپا قىلغۇچىسى باردۇر؛ لېكىن پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى بولسا خۇدادۇر. مۇسا بولسا خىزمەتكار سالاھىيىتى بىلەن خۇدانىڭ پۈتۈن ئائىلىسىدە سادىقلىق بىلەن كېيىنكى ئاشكارىلىنىدىغان ئىشلارغا گۇۋاھلىق بېرىش خىزمىتىنى قىلغان.   لېكىن مەسىھ بولسا خۇدانىڭ ئائىلىسىگە ئوغۇل سالاھىيىتى بىلەن ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ۋە ئەگەر بىز جاسارىتىمىز ۋە ئۈمىدىمىزدىن بولغان ئىپتىخارلىقنى ئاخىرغىچە چىڭ تۇتساق، دەرۋەقە خۇدانىڭ ئاشۇ ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بولىمىز.
 
زەبۇر، 95-كۈي ــ ئېتىقادسىزلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش
شۇڭا، مۇقەددەس يازمىلاردا مۇقەددەس روھنىڭ دېگىنىدەك،
بۈگۈن، ئەگەر سىلەر خۇدانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار،
ئەينى چاغلاردا ئۇنى غەزەپلەندۈرۈپ، چۆل-باياۋاندا ئۇنى سىنىغان كۈنىدىكىدەك،
يۈرىكىڭلارنى قاتتىق قىلماڭلار!
مانا شۇ يەردە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مېنى سىنىدى، ئىسپاتلىدى ھەم مېنىڭ قىلغانلىرىمنى قىرىق يىل كۆرۈپ كەلگەنىدى.
10 مەن شۇ دەۋردىن بىزار بولۇپ: ــ
«بۇلار كۆڭلىدە دائىم ئاداشقانلار،
مېنىڭ يوللىرىمنى ھېچ بىلىپ يەتمىگەن.
11 شۇڭا مەن غەزەپلىنىپ قەسەم ئىچىپ: ــ
«ئۇلار مېنىڭ ئاراملىقىمغا قەتئىي كىرمەيدۇ» دېدىم».  
12 ئەمدى قېرىنداشلار، ھېچقايسىڭلاردا يامان نىيەتلىك ۋە ئېتىقادسىز قەلب بولمىسۇن، شۇنداقلا ئۇنىڭ مەڭگۈ ھايات خۇدادىن يۈز ئۆرۈمەسلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈڭلار؛ 13 پەقەت «بۈگۈن»لا بولىدىكەن، ھېچقايسىڭلار گۇناھنىڭ ئازدۇرۇشلىرى بىلەن كۆڭلۈڭلارنىڭ قاتتىقلاشماسلىقى ئۈچۈن ھەر كۈنى بىر-بىرىڭلارنى جېكىلەڭلار.
14 دەسلەپتىكى خاتىرجەملىكىمىزنى ئاخىرغىچە چىڭ تۇتساقلا، دەرۋەقە مەسىھ بىلەن شېرىك بولغان بولىمىز.
15 يۇقىرىدا ئېيتىلغىنىدەك: ــ
«بۈگۈن، ئەگەر سىلەر خۇدانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار،
ئەينى چاغلاردا ئۇنى غەزەپلەندۈرگەن كۈنىدىكىدەك،
يۈرىكىڭلارنى قاتتىق قىلماڭلار!»
 
16 (ئەمدى ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئۇنى غەزەپلەندۈرگەنلەر كىملەر ئىدى؟ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە مىسىردىن قۇتۇلۇپ چىققان ئاشۇ ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى ئەمەسمۇ؟ 17 ئۇ قىرىق يىل كىملەرگە غەزەپلەندى؟ يەنىلا شۇ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، يىقىلىپ جەسەتلىرى چۆلدە قالغانلارغا ئەمەسمۇ؟    18 شۇنداقلا ئۇ كىملەرگە ئۆز ئاراملىقىمغا قەتئىي كىرمەيسىلەر دەپ قەسەم قىلدى؟ ئۆزىگە ئىتائەت قىلمىغانلارنى ئەمەسمۇ؟ 19 شۇڭا بۇلاردىن كۆرۈۋالالايمىزكى، ئۇلارنىڭ ئاراملىققا كىرمەسلىكى ئېتىقادسىزلىقى تۈپەيلىدىن ئىدى).
 
 
3:1 ئىبر. 4‏:14؛ 6‏:20؛ 8‏:1؛ 9‏:11. 3:2 «مۇسا پەيغەمبەر خۇدانىڭ پۈتۈن ئائىلىسىدە خىزمەت قىلغاندا خۇداغا سادىق بولغاندەك...» ــ «خۇدانىڭ... ئائىلىسى» سۆزمۇسۆز تەرجىمىسى «خۇدانىڭ ... ئۆيى» بولۇپ، مۇسا پەيغەمبەر زامانىدا بۇ سۆز ئارقىلىق ئىسرائىل خەلقى كۆزدە تۇتۇلغانىدى. ئەيسا كەلگەندىن كېيىن پۈتۈن ئېتىقادچىلار جامائىتى كۆزدە تۇتۇلىدىغان بولغان. 3:2 چۆل. 12‏:7. 3:4 2كور. 5‏:17،18؛ ئ‍ەف. 2‏:10. 3:5 «مۇسا بولسا خىزمەتكار سالاھىيىتى بىلەن خۇدانىڭ پۈتۈن ئائىلىسىدە سادىقلىق بىلەن كېيىنكى ئاشكارىلىنىدىغان ئىشلارغا گۇۋاھلىق بېرىش خىزمىتىنى قىلغان» ــ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ (خۇدانىڭ ئائىلىسى ئىچىدە بولغان) خىزمىتى كۆپ جەھەتلەردە مەسىھ ئارقىلىق بولىدىغان نىجاتنى ئالدىنئالا كۆرسىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. «چۆل.» 7:12نى كۆرۈڭ. 3:5 قان. 18‏:15،18. 3:6 رىم. 5‏:2؛ 1كور. 3‏:16؛ 6‏:19؛ 2كور. 6‏:16؛ 1پېت. 2‏:5. 3:7 زەب. 95‏:7؛ ئىبر. 4‏:7. 3:8 مىس. 17‏:2. 3:11 «شۇڭا مەن غەزەپلىنىپ قەسەم ئىچىپ: ــ «ئۇلار مېنىڭ ئاراملىقىمغا قەتئىي كىرمەيدۇ» دېدىم» ــ «زەب.» 7:95-11. «مېنىڭ ئاراملىقىم» ــ بىرىنچىدىن خۇدا ئىسرائىللارغا ۋەدە بەرگەن قانائان (پەلەستىن) زېمىنىنى كۆرسىتىدۇ. مىسىردىن چىقىپ چۆل-باياۋاندا قىرىق يىل سەرسان بولۇپ يۈرگەن بىر ئەۋلاد ئىسرائىللار ئىتائەتسىزلىك قىلىپ ئۇ زېمىنغا كىرمىگەن. ئىككىنچىدىن، شۇنداقلا ئەڭ مۇھىمى، «ئاراملىق» بولسا، پەقەت زېمىننى ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ پاناھى، يېتەكچىلىكى ھەم شەپقىتى ئاستىدا ياشاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (4-بابنىمۇ كۆرۈڭ). 3:11 چۆل. 14‏:21-23؛ قان. 1‏:34؛ زەب. 95‏:7-11. 3:13 «پەقەت «بۈگۈن»لا بولىدىكەن، ھېچقايسىڭلار گۇناھنىڭ ئازدۇرۇشلىرى بىلەن كۆڭلۈڭلارنىڭ قاتتىقلاشماسلىقى ئۈچۈن ھەر كۈنى بىر-بىرىڭلارنى جېكىلەڭلار» ــ بۇ ئايەتتىكى «بۈگۈن» يۇقىرىدا نەقىل كەلتۈرۈلگەن «زەبۇر» 95-كۈيدىكى سۆز، ئەلۋەتتە. 3:15 ئىبر. 3‏:7. 3:17 «ئۇ قىرىق يىل كىملەرگە غەزەپلەندى؟ يەنىلا شۇ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، يىقىلىپ جەسەتلىرى چۆلدە قالغانلارغا ئەمەسمۇ؟» ــ «چۆل.» 29:14، 32نى كۆرۈڭ. 3:17 چۆل. 14‏:36؛ زەب. 106‏:26؛ 1كور. 10‏:10؛ يەھ. 5. 3:18 قان. 1‏:34.