4
خۇدانىڭ ئاراملىقى ھەققىدىكى ۋەدە
ئەمدى ئۇنىڭ ئاراملىقىغا كىرىپ بەھرىمەن بولۇش توغرىسىدىكى ۋەدىسى بىزگە قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاراڭلاردىكى بىرەرسىنىڭمۇ ئۇنىڭ نېسىۋىسىدىن چۈشۈپ قېلىشىدىن قورقۇنچتا ئېھتىيات قىلايلى. چۈنكى خۇش خەۋەر خۇددى چۆلدىكى ئىسرائىللارغا ئاڭلىتىلغاندەك بىزلەرگىمۇ ئاڭلىتىلدى. لېكىن ئۇلارنىڭ ئاڭلىغانلىرى ئېتىقاد بىلەن يۇغۇرۇلمىغانلىقتىن، سۆز-كالامنىڭ ئۇلارغا ھېچقانداق پايدىسى بولمىغانىدى. چۈنكى بۇ ئاراملىققا كىرگەنلەر بولسا ــ ئېتىقاد قىلغان بىزلەرمىز. خۇددى خۇدانىڭ ئېيتقىنىدەك:
«شۇڭا مەن غەزەپلىنىپ قەسەم ئىچىپ: ــ
«ئۇلار مېنىڭ ئاراملىقىمغا قەتئىي كىرمەيدۇ ــ دېگەن».
 
خۇدانىڭ ئەمەللىرى بولسا دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىلا ھەممىسى تاماملانغانىدى؛ چۈنكى يارىتىلىشنىڭ يەتتىنچى كۈنى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلارنىڭ بىر يېرىدە مۇنداق دېيىلگەن: «يەتتىنچى كۈنى كەلگەندە، خۇدا ھەممە ئەمەللىرىدىن ئارام ئالدى».   يەنە كېلىپ يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك خۇدا: «ئۇلار مېنىڭ ئاراملىقىمغا قەتئىي كىرمەيدۇ» دېگەنىدى.   بۇنىڭدىن كۆرۈنەرلىككى، خۇدانىڭ ئاراملىقىغا كىرەلەيدىغانلار بار، ئەمما ئۇنىڭ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى ئاۋۋال ئاڭلىغانلار ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا كىرەلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا ئەنە شۇ ئاراملىق توغرىسىدا ئۇزاق ۋاقىتتىن كېيىنكى مەلۇم بىر كۈننى «بۈگۈن» دەپ بېكىتىپ، داۋۇت پەيغەمبەر ئارقىلىق يەنە شۇنداق ئېيتقان: ــ
 
«بۈگۈن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار،
يۈرىكىڭلارنى قاتتىق قىلماڭلار!»
 
ئەگەر يەشۇئا پەيغەمبەر ئىسرائىللارنى ئاراملىققا كىرگۈزگەن بولسا ئىدى، خۇدا كېيىن يەنە بىر ئاراملىق كۈنى توغرۇلۇق دېمىگەن بولاتتى. قىسقىسى، شابات كۈنىدىكى بىر ئاراملىق خۇدانىڭ خەلقىنى كۈتمەكتە.
10 چۈنكى خۇدانىڭ ئاراملىقىغا كىرگۈچىلەر خۇددى خۇدا «ئۆز ئەمەل-ئىشلىرىدىن ئارام ئالغان»دەك، ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىدىن ئارام ئالىدۇ. 11 شۇڭا ھېچقايسىمىزنىڭ ئەنە شۇ ئىسرائىللاردەك ئىتائەتسىزلىك قىلغان ھالىتىدە يىقىلىپ چۈشمەسلىكى ئۈچۈن، ھەربىرىمىز بۇ ئاراملىققا كىرىشكە ئىنتىلەيلى.
12 چۈنكى خۇدانىڭ سۆز-كالامى جانلىقتۇر ۋە كۈچكە ئىگىدۇر، ھەتتا جان بىلەن روھنى، يىلىك بىلەن بوغۇملارنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتەلىگۈدەك دەرىجىدە، ھەرقانداق قوش بىسلىق قىلىچتىن ئىتتىكتۇر، قەلبدىكى ئوي-پىكىر ۋە ئارزۇ-نىيەتلەرنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغۇچىدۇر. 13 ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق مەۋجۇدات غايىپ ئەمەستۇر؛ بەلكى بىزدىن ھېساب ئالغۇچىنىڭ كۆزلىرى ئالدىدا ھەممە ئىش ئوچۇق-ئاشكارىدۇر.
 
باش كاھىنىمىز ئەيسا مەسىھ
14 شۇنداق بولغانىكەن، شۇنداقلا ئەرش-ئاسمانلاردىن ئۆتۈپ چىققان ئۇلۇغ باش كاھىنىمىز، يەنى خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا بولغانىكەن، بىز ئېتىراپ قىلغان ئېتىقادىمىزدا چىڭ تۇرايلى. 15 چۈنكى بىزگە تەيىنلەنگەن باش كاھىنىمىز ئاجىزلىقلىرىمىزغا ھېسداشلىق قىلمىغۇچى ئەمەس، بەلكى بىزگە ئوخشاش ھەرخىل ئازدۇرۇش-سىناقلارغا دۇچ كەلگەن، لېكىن گۇناھ سادىر قىلىپ باقمىغۇچىدۇر. 16 شۇڭا يۈرىكىمىز توق ھالدا رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشىش ۋە ياردەمگە ئېھتىياجلىق ۋاقتىمىزدا شاپائەت تېپىش ئۈچۈن مېھىر-شەپقەت ئايان قىلىنغۇچى تەختكە يېقىنلىشايلى.  
 
 
4:2 «چۈنكى خۇش خەۋەر خۇددى چۆلدىكى ئىسرائىللارغا ئاڭلىتىلغاندەك بىزلەرگىمۇ ئاڭلىتىلدى» ــ «چۆلدىكى ئىسرائىللارغا» گرېك تىلىدا «ئۇلارغا» دېيىلىدۇ. بۇ ئايەتتىكى «خۇش خەۋەر» خۇدانىڭ ئاراملىقىنى ئالاھىدە كۆزدە تۇتىدۇ. 4:3 زەب. 95‏:11 4:4 «يەتتىنچى كۈنى كەلگەندە، خۇدا ھەممە ئەمەللىرىدىن ئارام ئالدى» ــ «يار.» 2:2. 4:4 يار. 2‏:2؛ مىس. 20‏:11؛ 31‏:17. 4:5 «يەنە كېلىپ يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك خۇدا: «ئۇلار مېنىڭ ئاراملىقىمغا قەتئىي كىرمەيدۇ» دېگەنىدى» ــ مۇئەللىپ، گەرچە چۆلدە كەزگەن ئىسرائىللار ئىتائەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن «خۇدانىڭ ئاراملىقى»غا كىرمىگەن بولسىمۇ، كىرىش يولى تېخىچە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. 4:5 زەب. 95‏:11 4:6 «ئۇنىڭ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى ئاۋۋال ئاڭلىغانلار» ــ دېمەك، خۇدانىڭ ئاراملىقى توغرۇلۇق خۇش خەۋەر ئاڭلىغانلار؛ چۆل-باياۋاندا كېزىپ يۈرگەن ئىسرائىللارنى كۆرسىتىدۇ. 4:7 زەب. 95‏:7-8؛ ئىبر. 3‏:7. 4:8 «ئەگەر يەشۇئا پەيغەمبەر ئىسرائىللارنى ئاراملىققا كىرگۈزگەن بولسا ئىدى، خۇدا كېيىن يەنە بىر ئاراملىق كۈنى توغرۇلۇق دېمىگەن بولاتتى» ــ يەشۇئا پەيغەمبەر مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئىزباسارى بولۇپ، ئۇ ئىسرائىل خەلقىنى خۇدا ۋەدە بەرگەن زېمىنغا باشلاپ بارغان. «قان.» 20:3، 19:25، «يەشۇئا» 15:1نىمۇ كۆرۈڭ. 4:9 «قىسقىسى، شابات كۈنىدىكى بىر ئاراملىق خۇدانىڭ خەلقىنى كۈتمەكتە» ــ «شابات كۈنى» يەتتىنچى كۈنى، يەنى خۇدا ئارام ئالغان كۈنى ۋە ئۆز يەھۇدىي خەلقىگە بېكىتكەن «دەم ئېلىش كۈنى» ئىدى. 4:10 «چۈنكى خۇدانىڭ ئاراملىقىغا كىرگۈچىلەر خۇددى خۇدا «ئۆز ئەمەل-ئىشلىرىدىن ئارام ئالغان»دەك، ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىدىن ئارام ئالىدۇ» ــ بۇ ئىنتايىن مۇھىم ئايەت ئۈستىدە ھەم «خۇدانىڭ ئاراملىقى» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز. 4:12 توپ. 12‏:11؛ يەش. 49‏:2؛ ئ‍ەف. 6‏:17. 4:13 زەب. 33‏:13-15 4:14 ئىبر. 3‏:1؛ 6‏:20؛ 8‏:1؛ 9‏:11. 4:15 يەش. 53‏:9؛ 2كور. 5‏:21؛ فىل. 2‏:7؛ ئىبر. 2‏:18؛ 1پېت. 2‏:22؛ 1يۇھ. 3‏:5. 4:16 «ياردەمگە ئېھتىياجلىق ۋاقتىمىزدا شاپائەت تېپىش ئۈچۈن...» ــ گرېك تىلىدا «ياردەم» «ئادەمنىڭ (قۇتقۇزغىن! دېگەن) نىداسىغا يۈگۈرۈش» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. «مېھىر-شەپقەت ئايان قىلىنغۇچى تەخت» ــ خۇدانىڭ تەختى، ئەلۋەتتە. 4:16 رىم. 3‏:25.