5
1 ھەر قېتىملىق باش كاھىن ئىنسانلار ئارىسىدىن تاللىنىپ، خەلققە ۋاكالىتەن خۇداغا خىزمەت قىلىشقا، يەنى خەلقنىڭ ئاتىغان ھەدىيەلىرىنى ۋە گۇناھلار ئۈچۈن قىلغان قۇربانلىقلىرىنى خۇداغا سۇنۇشقا تەيىنلىنىدۇ. 2 ئۇنىڭ ھەرتەرەپلەپ ئاجىزلىقلىرى بولغاچقا، بىلىمسىزلەر ۋە يولدىن چەتنىگەنلەرگە مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلالايدۇ. 3 شۇ ئاجىزلىقى ئۈچۈن ئۇ خەلقنىڭ گۇناھلىرى ھېسابىغا قۇربانلىق سۇنغاندەك، ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈنمۇ قۇربانلىق سۇنۇشقا توغرا كېلىدۇ. ◘ 4 ھېچبىر كىشى بۇ شەرەپلىك مەرتىۋىنى ئۆزلۈكىدىن ئالمايدۇ، پەقەت ھارۇنغا ئوخشاش، خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغاندىلا ئۇنى ئالىدۇ. ◼  ◘ 5 خۇددى شۇنىڭدەك مەسىھمۇ باش كاھىن مەرتىۋىسىگە ئۆزىنى ئۇلۇغلاپ ئۆزلۈكىدىن ئېرىشكەن ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئۇلۇغلىغۇچى خۇدا ئۆزى ئىدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا: ــ
 
«سەن مېنىڭ ئوغلۇمدۇرسەن، بۈگۈن مەن سېنى تۇغدۇردۇم» دېگەن. ◼  ◘
 
6 ئۇ مۇقەددەس يازمىلارنىڭ يەنە بىر يېرىدە ئۇنىڭغا: ــ
«سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە مەلكىزەدەكنىڭ تىپىدىكى بىر كاھىندۇرسەن» دېگەن. ◼  ◘
7 مەسىھ يەر يۈزىدىكى كۈنلەردە، ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇۋېلىشقا قادىر بولغۇچىغا قاتتىق نىدالار ۋە كۆز ياشلىرى بىلەن دۇئا-تىلاۋەتلەر ۋە يىلىنىشلارنى كۆتۈردى. ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىكىدىن دۇئالىرى ئىجابەت قىلىندى. ◼  ◘ 8 گەرچە ئۇ خۇدانىڭ ئوغلى بولسىمۇ، ئازاب چېكىشلىرى ئارقىلىق ئىتائەتمەن بولۇشنى ئۆگەندى. ◘ 9 ئۇ مانا مۇشۇنداق مۇكەممەل قىلىنغان بولغاچقا، بارلىق ئۆزىگە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا مەڭگۈلۈك نىجاتنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى بولۇپ، ◼ 10 خۇدا تەرىپىدىن «مەلكىزەدەكنىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى تەرتىپىدە باش كاھىن» دەپ جاكارلاندى. ◼
 
ئېتىقادتىن يانماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇش
11 بۇ ئىش توغرۇلۇق ئېيتىدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىمىز بار، لېكىن قۇلاقلىرىڭلار پاڭ بولۇپ كەتكەچكە، بۇلارنى سىلەرگە ئېنىق چۈشەندۈرۈش تەس. ◼ 12 چۈنكى سىلەر ئاللىبۇرۇن تەلىم بەرگۈچى بولۇشقا تېگىشلىك بولغان چاغدىمۇ، ئەمەلىيەتتە سىلەر يەنىلا خۇدانىڭ سۆز-كالامىنىڭ ئاساسىي ھەقىقەتلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى باشقىلارنىڭ يېڭىۋاشتىن ئۆگىتىشىگە موھتاجسىلەر؛ سىلەرگە يىرىك يېمەكلىك ئەمەس، بەلكى يەنىلا سۈت كېرەكتۇر. ◘
13 چۈنكى پەقەت سۈت بىلەنلا ئوزۇقلىنىدىغانلارنىڭ بوۋاقتىن پەرقى يوقتۇر، ئۇلار ھەققانىيەت كالامىغا پىششىق بولمىغان غورىدۇر، خالاس. 14 بىراق يېمەكلىك بولسا يېتىلگەنلەر، يەنى ئۆز ئاڭ-زېھىنلىرىنى ياخشى-ياماننى پەرق ئېتىشكە يېتىلدۇرگەنلەر ئۈچۈندۇر.
 
 
◘ 5:3 لاۋ. 9‏:7؛ 16‏:6؛ ئىبر. 7‏:26. ◼ 5:4 «ھېچبىر كىشى بۇ شەرەپلىك مەرتىۋىنى ئۆزلۈكىدىن ئالمايدۇ، پەقەت ھارۇنغا ئوخشاش، خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغاندىلا ئۇنى ئالىدۇ» ــ «مىس.» 1:28دە خاتىرىلەنگەندەك، خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە ئاكىسى ھارۇننى ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى باش كاھىنى قىلىپ تەيىنلەش ھەققىدە ئەمر بەرگەن. ھارۇن لاۋىي قەبىلىسىدىن ئىدى. ◘ 5:4 مىس. 28‏:1؛ 1تار. 23‏:13؛ 2تار. 26‏:16. ◼ 5:5 «سەن مېنىڭ ئوغلۇمدۇرسەن، بۈگۈن مەن سېنى تۇغدۇردۇم» ــ «زەب.» 7:2. ◘ 5:5 زەب. 2‏:7؛ روس. 13‏:33؛ ئىبر. 1‏:5. ◼ 5:6 «مەلكىزەدەكنىڭ تىپىدىكى بىر كاھىن..» ــ «مەلكىزەدەك» توغرۇلۇق 7-باب 1-، 2-ئايەتلەرگە قارالسۇن. مەلكىزەدەك ئۆزى «يار.» 14-بابتا كۆرۈنىدۇ. «سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە مەلكىزەدەكنىڭ تىپىدىكى بىر كاھىندۇرسەن» ــ «زەب.» 4:110. ◘ 5:6 زەب. 110‏:4؛ ئىبر. 7‏:17. ◼ 5:7 «مەسىھ يەر يۈزىدىكى كۈنلەردە...» ــ گرېك تىلىدا «مەسىھ ئەتتە تۇرغان كۈنلەردە...» بىلەن بىلدۈرۈلىدۇ. ◘ 5:7 مات. 26‏:39؛ 27‏:46،50؛ يـۇھ. 17‏:1. ◘ 5:8 فىل. 2‏:6. ◼ 5:9 «مەڭگۈلۈك نىجاتنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى بولۇپ،...» ــ «بارلىققا كەلتۈرگۈچى» دېگەن ئىبارە گرېك تىلىدا «يول باشلىغۇچى» ھەم «ئۇل سالغۇچى» دېگەن يەنە ئىككى مەنىنىمۇ تەڭ بىلدۈرىدۇ. ◼ 5:10 «ئۇ (مەسىھ)... خۇدا تەرىپىدىن «مەلكىزەدەكنىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى تەرتىپىدە باش كاھىن» دەپ جاكارلاندى» ــ 7-باب 1-، 2-ئايەتلەرگە قارالسۇن. مەلكىزەدەك ئۆزى «يار.» 14-بابتا كۆرۈنىدۇ. ◼ 5:11 «بۇ ئىش توغرۇلۇق...» ــ ياكى «ئۇ توغرۇلۇق...» (يەنى، مەسىھ ھەقتە...). ◘ 5:12 1كور. 3‏:1، 2، 3.