6
(داۋامى)
1‏-2 شۇنىڭ ئۈچۈن، مەسىھ توغرىسىدىكى دەسلەپكى ئاساسىي تەلىمدە توختاپ قالماي، ــ يەنى قايتىدىن «ئۆلۈك ئىشلار»دىن توۋا قىلىش ۋە خۇداغا ئېتىقاد باغلاش، چۆمۈلدۈرۈلۈشلەر، «قول تەگكۈزۈش»، ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ۋە مەڭگۈلۈك ھۆكۈم-سوراق توغرىسىدىكى تەلىملەردىن ئۇل سالايلى دەپ ئولتۇرماي، مۇكەممەللىككە قاراپ ماڭايلى. خۇدا خالىغانىكەن، بىز شۇنداق قىلىمىز.    4‏-6 چۈنكى ئەسلىدە يورۇتۇلۇپ، ئەرشتىكى ئىلتىپاتتىن تېتىغان، مۇقەددەس روھتىن نېسىپ بولغان، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنىڭ ياخشىلىقىنى ھەم كەلگۈسى زاماندا ئايان قىلىنىدىغان قۇدرەتلەرنى ھېس قىلىپ باققانلار ئەگەر يولدىن چەتنىگەن بولسا، ئۇلارنى قايتىدىن توۋا قىلدۇرۇش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇلار ئۆز-ئۆزىگە قىلىپ خۇدانىڭ ئوغلىنى قايتىدىن كرېستلەپ رەسۋا قىلماقتا.  
چۈنكى كۆپ قېتىملاپ ئۆز ئۈستىگە ياغقان يامغۇر سۈيىنى ئىچكەن، ئۆزىدە تېرىغۇچىلارغا مەنپەئەتلىك زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپ بەرگەن يەر بولسا خۇدادىن بەرىكەت ئالماقتا. بىراق تىكەن ۋە قامغاق ئۆستۈرگەن بولسا، ئۇ ئەرزىمەس بولۇپ، لەنەتكە يېقىن بولۇپ، ئاقىۋىتى كۆيدۈرۈلۈشتىن ئىبارەت بولىدۇ.
لېكىن ئەي سۆيۈملۈكلىرىم، گەرچە يۇقىرىقى ئىشلارنى تىلغا ئالغان بولساقمۇ، سىلەردە بۇنىڭدىنمۇ ئەۋزەل ئىشلار، شۇنداقلا نىجاتلىقنىڭ ئېلىپ بارىدىغان ئىشلىرى بار دەپ قايىل بولدۇق. 10 چۈنكى خۇدا قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىگە قىلغان ۋە ھازىرمۇ قىلىۋاتقان خىزمىتىڭلار ئارقىلىق ئۇنىڭ نامى ئۈچۈن كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئادالەتسىزلەردىن ئەمەس.
11 ئەمما سىلەرنىڭ ئۈمىدىڭلارنىڭ تولۇق جەزم-خاتىرجەملىك بىلەن بولۇشى ئۈچۈن، ھەربىرىڭلارنىڭ ئاخىرغىچە شۇنداق غەيرەت قىلىشىڭلارغا ئىنتىزارمىز؛ 12 شۇنداقلا سۆرەلمىلەردىن بولماي، بەلكى ئېتىقاد ۋە سەۋرچانلىق ئارقىلىق خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە ۋارىسلىق قىلغانلارنى ئۈلگە قىلىدىغانلاردىن بولغايسىلەر.
 
خۇدانىڭ ئىبراھىمغا قىلغان ۋەدىلىرى جەزمەن ئەمەلگە ئاشىدۇ
13 چۈنكى خۇدا ئىبراھىمغا ۋەدە قىلغاندا، ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ھېچكىم بولمىغاچقا، ئۆزى بىلەن قەسەم قىلىپ: 14 «ساڭا چوقۇم بەخت ئاتا قىلىمەن، سېنى چوقۇم كۆپەيتىپ بېرىمەن» ــ دېدى.    15 شۇنىڭ بىلەن، ئىبراھىم ئۇزۇن ۋاقىت سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتۈپ، خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئېرىشتى.
16 چۈنكى ئىنسانلار ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىرىنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قەسەم ئىسپات-تەستىق ھېسابلىنىپ، ھەر خىل تالاش-تارتىشلارغا خاتىمە بېرىدۇ. 17 شۇنىڭدەك خۇدا، ئۆز ۋەدىسىگە ۋارىسلىق قىلغانلارغا ئۆز نىشان-مەقسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئوچۇقراق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، قەسەم قىلىپ ۋەدە بەردى. 18 شۇنىڭ بىلەن قەتئىي ئۆزگەرمەس ئىككى ئىش ئارقىلىق، كۆز ئالدىمىزدا قويۇلغان ئۈمىدنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن ھالاكەتتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ ئۇنى باشپاناھ قىلغان بىزلەر كۈچلۈك رىغبەت-ئىلھامغا ئېرىشەلەيمىز (بۇ ئىككى ئىشتا خۇدانىڭ يالغان ئېيتىشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە). 19 بۇ ئۈمىد جېنىمىزغا چىڭ باغلانغان كېمە لەڭگىرىدەك شۈبھىسىز ھەم مۇستەھكەم بولۇپ، ئەرشتىكى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى پەردىسىدىن ئۆتۈپ بىزنى شۇ يەرگە تۇتاشتۇرىدۇ. 20 ئۇ يەرگە بىز ئۈچۈن يول ئېچىپ ماڭغۇچى ئەيسا بىزدىن ئاۋۋال كىرگەن بولۇپ، مەلكىزەدەكنىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى تەرتىپىدە مەڭگۈلۈك تەيىنلەنگەن باش كاھىن بولدى.  
 
 
6:1‏-2 ««ئۆلۈك ئىشلار»دىن توۋا قىلىش» ــ «ئۆلۈك ئىشلار» بولسا خۇدانىڭ نىجاتىغا تايانماي قىلغان بارلىق ئىشلار؛ مۇشۇ يەردە مۇئەللىپ شۈبهىسىزكى كۆپ «دىنىي پائالىيەتلەر»نى «ئۆلۈك ئىشلار، خالاس» دېمەكچى. ««ئۆلۈك ئىشلار»دىن توۋا قىلىش ۋە خۇداغا ئېتىقاد باغلاش، چۆمۈلدۈرۈلۈشلەر، «قول تەگكۈزۈش»، ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ۋە مەڭگۈلۈك ھۆكۈم-سوراق توغرىسىدىكى تەلىملەر...» ــ بۇ ئالتە «ئاساسىي تەلىم»نى شەرھلەش ئۈچۈن، بىرقانچە ئىشلار ئۈستىدە توختىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بۇ ھەقتە توختىلىمىز. 6:3 «خۇدا خالىغانىكەن، بىز شۇنداق قىلىمىز» ــ «خۇدا خالىغانىكەن» دېگەنلىك گرېك تىلىدا «ئەگەر خۇدا خالىسا ــ ۋە ئۇ دەرۋەقە شۇنداق خالايدۇ» دەپ بىلدۈرىدۇ. 6:3 روس. 18‏:21؛ 1كور. 4‏:19؛ ياق. 4‏:15. 6:4‏-6 «ئەگەر يولدىن چەتنىگەن بولسا، ئۇلارنى قايتىدىن توۋا قىلدۇرۇش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇلار ئۆز-ئۆزىگە قىلىپ خۇدانىڭ ئوغلىنى قايتىدىن كرېستلەپ رەسۋا قىلماقتا» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... ئۇلار ئەگەر يولدىن چەتنەپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن خۇدانىڭ ئوغلىنى قايتىدىن كرېستلەپ، شۇنداقلا ئۇنى رەسۋا قىلىۋاتقان بولسا، مۇشۇلارنى قايتىدىن توۋا قىلدۇرۇش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس». بۇ مۇھىم ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 6:4‏-6 مات. 12‏:31؛ ئىبر. 10‏:26؛ 1يۇھ. 5‏:16. 6:10 پەند. 14‏:31؛ مات. 10‏:42؛ 25‏:40؛ مار. 9‏:41؛ يـۇھ. 13‏:20. 6:14 «ساڭا چوقۇم بەخت ئاتا قىلىمەن، سېنى چوقۇم كۆپەيتىپ بېرىمەن» ــ ئوقۇرمەنلەرگە ئايانكى، ئىبرانىي تىلىدا بۇ خىل قەسەم ئىچىش مۇنداق شەكىلدە ئىدى: «سېنى بەرىكەتلەپ بەرىكەتلەيمەن، سېنى كۆپەيتىپ كۆپەيتىمەن». بۇ شەكىلدە قەسەم ئىچكۈچى ئۆز-ئۆزى بىلەن قەسەم قىلغان دەپ ھېسابلىناتتى. بۇ ۋەدە-قەسەم ئىبراھىم ئىسھاقنى قۇربانگاھ ئۈستىگە قويغاندىن كېيىن بېرىلگەن («يار.» 17:22دە خاتىرىلىنىدۇ). 6:14 يار. 12‏:3؛ 17‏:4؛ 22‏:16-17؛ زەب. 105‏:8-9؛ لۇقا 1‏:73. 6:16 مىس. 22‏:11. 6:18 «شۇنىڭ بىلەن قەتئىي ئۆزگەرمەس ئىككى ئىش ئارقىلىق...» ــ بۇ «ئۆزگەرمەس ئىككى ئىش» بولسا خۇدانىڭ ۋەدىسى ۋە ئۇنىڭ قەسىمى بولسا كېرەك. «كۆز ئالدىمىزدا قويۇلغان ئۈمىدنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن ھالاكەتتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ ئۇنى باشپاناھ قىلغان بىزلەر كۈچلۈك رىغبەت-ئىلھامغا ئېرىشەلەيمىز» ــ «ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ» دېگەن ئىبارە «مۇشۇ رەزىل دۇنيانىڭ ئاقىۋىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ»، دېگەن مەنىدە. 6:19 «ئەرشتىكى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى پەردىسىدىن ئۆتۈپ بىزنى شۇ يەرگە تۇتاشتۇرىدۇ» ــ «ئەرشتىكى ئىبادەتخانىنىڭ پەردىسى» دېگەن ئىبارىدە بىز «ئەرشتىكى» دېگەن سۆزنى قوشۇپ كىرگۈزدۇق. چۈنكى «ئىبادەتخانىنىڭ پەردىسى» يەر يۈزىدىكى ئىبادەتخانىنى كۆرسەتكەن ئەمەس، بەلكى ئەرشتە بولغان ئىبادەتخانىنى كۆرسىتىدۇ (5:8نى كۆرۈڭ). دېمەك، ئېتىقادچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ئاسماندىكى ئىبادەتخانىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جاي بىلەن چىڭ ئالاقىسى باردۇر. 6:20 «مەلكىزەدەكنىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى تەرتىپىدە مەڭگۈلۈك تەيىنلەنگەن باش كاھىن بولدى» ــ «مەلكىزەدەك» توغرۇلۇق 7-باب 1-، 2-ئايەتلەرگە قارالسۇن. مەلكىزەدەك «يار.» 14-بابتا كۆرۈنىدۇ. 6:20 ئىبر. 3‏:1؛ 4‏:14؛ 8‏:1؛ 9‏:11.