7
مەلكىزەدەكنىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى ھەققىدە •••• «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى» 17:14-19نى كۆرۈڭ
چۈنكى بۇ مەلكىزەدەك سالېم شەھىرىنىڭ پادىشاھى، شۇنداقلا ئەڭ ئالىي بولغۇچى خۇدانىڭ كاھىنى بولۇپ، ئىبراھىم پادىشاھلارنى يېڭىپ جەڭدىن قايتقاندا، ئۇنىڭ ئالدىغا چىققان ۋە ئۇنىڭغا بەخت تىلىگەنىدى.   ئىبراھىم بولسا ئېرىشكەن بارلىق ئولجىسىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئۇنىڭغا ئاتىغانىدى. مەلكىزەدەك دېگەن ئىسىمنىڭ بىرىنچى مەنىسى «ھەققانىيەت پادىشاھى» دېگەنلىكتۇر؛ ئۇنىڭ يەنە بىر نامى «سالېمنىڭ پادىشاھى» بولۇپ، بۇنىڭ مەنىسى «ئامانلىق پادىشاھى» دېگەنلىكتۇر؛ ئۇنىڭ ئاتىسى يوق، ئانىسى يوق، نەسەبنامىسى يوق، كۈنلىرىنىڭ باشلىنىشى ۋە ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىشى يوقتۇر، بەلكى ئۇ خۇدانىڭ ئوغلىغا ئوخشاش قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك كاھىن بولۇپ تۇرىدۇ.
ئەمدى قاراڭلار، بۇ مەلكىزەدەك نېمىدېگەن ئۇلۇغ ئادەم-ھە! ھەتتا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ چوڭى ئىبراھىممۇ ئولجىسىنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۇنىڭغا ئاتىغان. دەرۋەقە لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرىدىن كاھىنلىقنى زىممىسىگە ئالغانلار تەۋرات قانۇنى بويىچە خەلقتىن، يەنى ئۆز قېرىنداشلىرىدىن ئىبراھىمنىڭ پۇشتىدىن بولغىنىغا قارىماي تاپقىنىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى يىغىشى ئەمر قىلىنغان.   لېكىن بۇلارنىڭ قەبىلە-ئۇرۇقىدىن بولمىغان مەلكىزەدەك بولسا ئىبراھىمدىن «ئوندىن بىر ئۈلۈشى»نى قوبۇل قىلغان ئاندىن خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە ئىگە بولغۇچى ئىبراھىمغا بەخت تىلىگەن. شۈبھىسىزكى، بەخت تىلىگۈچى بەختكە ئېرىشكۈچىدىن ئۈستۈندۇر. بۇ يەردىكى «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نى قوبۇل قىلغۇچىلار ئۆلىدىغان ئادەملەردىندۇر؛ ئۇ يەردىكى «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نى قوبۇل قىلغۇچى توغرىسىدا مۇقەددەس يازمىلاردا «ئۇ ھايات ياشىغۇچى» دەپ گۇۋاھلىق بېرىلگەندۇر.
ھەتتا مۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئوندىن بىر ئۈلۈشنى ئالىدىغان لاۋىيمۇ ئەجدادى ئىبراھىم ئارقىلىق مەلكىزەدەككە ئوندىن بىر ئۈلۈشنى بەرگەن. 10 چۈنكى مەلكىزەدەك ئىبراھىمنى قارشى ئالغاندا، لاۋىينى كەلگۈسىدىكى پۇشتى بولۇش سۈپىتىدە يەنىلا ئىبراھىمنىڭ تېنىدە ئىدى، دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ.
11 ئەمدى لاۋىي قەبىلىسىنىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى ئارقىلىق مۇكەممەل ھەققانىيلىق كېلەلەيدىغان بولسا (چۈنكى شۇ تۈزۈمگە ئاساسلىنىپ تەۋرات قانۇنى ئىسرائىل خەلقىگە چۈشۈرۈلگەنىدى)، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھارۇننىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى بويىچە ئەمەس، بەلكى مەلكىزەدەكنىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى بويىچە باشقا بىر كاھىننىڭ چىقىشىنىڭ نېمە ھاجىتى بولاتتى؟
12 ئەمدى كاھىنلىق تۈزۈمى ئۆزگەرتىلگەن بولسا، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-تۈزۈممۇ ئۆزگەرتىلىشكە توغرا كېلىدۇ. 13 چۈنكى بۇ ئېيتىلىۋاتقان سۆزلەر قارىتىلغان زات بولسا باشقا بىر قەبىلىدىن بولۇپ، بۇ قەبىلىدىن ھېچكىم قۇربانگاھتا خىزمەتتە بولۇپ باقمىغان. 14 چۈنكى رەببىمىزنىڭ يەھۇدا قەبىلىسىدىن چىققانلىقى ئېنىق؛ مۇسا بۇ قەبىلە توغرىسىدا كاھىنلىققا مۇناسىۋەتلىك ھېچبىر نەرسە دېمىگەنىدى.  
15 ئەمدى مەلكىزەدەكتەك باشقا بىر كاھىن چىققان بولۇپ، بۇ ئۆزگىرىش مۇنۇلاردىن تېخىمۇ روشەن بولىدۇ؛ 16 ئۇنىڭ كاھىنلىققا تەيىنلىنىشى ئەت ئىگىلىرىگە باغلىق ئەمر بىلەن ئەمەس، بەلكى پۈتمەس-تۈگىمەس ھاياتنىڭ قۇدرىتىدىن بولغاندۇر.
17 چۈنكى بۇ ھەقتە مۇقەددەس يازمىلاردا: «سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە مەلكىزەدەكنىڭ تىپىدىكى بىر كاھىندۇرسەن» دەپ گۇۋاھلىق بېرىلگەن.    18 چۈنكى ئالدىنقى ئەمر-تۈزۈم ئاجىزلىقى ۋە ئۈنۈمسىزلىكى تۈپەيلىدىن كۈچىدىن قالدۇرۇلغان 19 (ــ چۈنكى تەۋرات قانۇنى ھېچ ئىشنى كامالەتكە يەتكۈزەلمىدى). ئۇنىڭ ئورنىغا بىزنى خۇداغا يېقىنلاشتۇرىدىغان، ئۇنىڭدىن ئەۋزەل ئۈمىد ئېلىپ كېلىندى. 20‏-21 ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئىش خۇدانىڭ قەسىمى بىلەن كاپالەتكە ئىگە بولماي قالمىدى (ئىلگىرى ئۆتكەن كاھىنلار خۇدانىڭ قەسىمىسىز كاھىن بولغانىدى؛ لېكىن، ئەيسا بولسا ئۆزىگە: ــ
«پەرۋەردىگار شۇنداق قەسەم ئىچتى، ھەم ھەرگىز بۇنىڭدىن يانمايدۇ: ــ «سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە كاھىندۇرسەن»» دېگۈچىنىڭ قەسىمى بىلەن كاھىن بولدى).    22 ئەمدى ئەيسا شۇنداق ئۇلۇغ ئىش بىلەن ئەۋزەل بىر ئەھدىنىڭ كېپىلى قىلىندى.
23 يەنە كېلىپ، ئىلگىرى ئۆتكەن كاھىنلار كۆپ بولۇشى كېرەك ئىدى؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆلۈم تۈپەيلىدىن ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرالماي قالغان. 24 لېكىن ئەيسا مەڭگۈگە تۇرغاچقا، ئۇنىڭ كاھىنلىقى ھەرگىز ئۆزگەرتىلمەستۇر. 25 شۇ سەۋەبتىن، ئۇ ئۆزى ئارقىلىق خۇدانىڭ ئالدىغا كەلگەنلەرنى ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇشقا قادىر؛ چۈنكى ئۇ ئۇلار ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىشقا مەڭگۈ ھاياتتۇر.
26 مۇشۇنداق بىر باش كاھىن دەل بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن چىقىدىغان ــ مۇقەددەس، ئەيىبسىز، غۇبارسىز، گۇناھكارلاردىن نېرى قىلىنغان، ئەرشلەردىن يۇقىرى ئېلىپ كۆتۈرۈلگەن كاھىندۇر. 27 ئۇ ئاشۇ باش كاھىنلاردەك ھەر كۈنى ئالدى بىلەن ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈن، ئاندىن خەلقنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن قۇربانلىق سۇنۇشقا موھتاج ئەمەس. چۈنكى ئۇ ئۆزىنى قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنغاندا، ھەممەيلەن ئۈچۈن بۇنى بىر يولىلا ئادا قىلدى. 28 چۈنكى تەۋرات قانۇنى ئاجىز بەندە بولغان ئىنسانلارنى باش كاھىن قىلىپ تەيىنلەيدۇ، لېكىن تەۋرات قانۇنىدىن كېيىن كەلگەن خۇدانىڭ قەسەم-كالامى مەڭگۈگە كامالەتكە يەتكۈزۈلگەن ئوغۇلنى باش كاھىن قىلىپ تەيىنلىدى.
 
 
7:1 «سالېم شەھىرى» ــ يەنى يېرۇسالېم؛ «سالېم»نىڭ مەنىسى «سالام، ئامانلىق»تۇر. 7:1 يار. 14‏:17-20. 7:3 «ئۇنىڭ ئاتىسى يوق، ئانىسى يوق، نەسەبنامىسى يوق، كۈنلىرىنىڭ باشلىنىشى ۋە ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىشى يوقتۇر، بەلكى ئۇ خۇدانىڭ ئوغلىغا ئوخشاش قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك كاھىن بولۇپ تۇرىدۇ» ــ بۇ ئايەتنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنى ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز. 7:5 «ئىبراھىمنىڭ پۇشتىدىن بولغىنى...» ــ گرېك تىلىدا: «ئىبراھىمنىڭ چاتىرىقىدىن چىققانلار...» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 7:5 چۆل. 18‏:21؛ قان. 18‏:1؛ يە. 14‏:4؛ 2تار. 31‏:5. 7:6 يار. 14‏:20. 7:7 «بەخت تىلىگۈچى» ــ ياكى «بەخت ئاتا قىلغۇچى». 7:8 «بۇ يەردىكى «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نى قوبۇل قىلغۇچىلار ئۆلىدىغان ئادەملەردىندۇر؛ ئۇ يەردىكى «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نى قوبۇل قىلغۇچى توغرىسىدا (مۇقەددەس يازمىلاردا) «ئۇ ھايات ياشىغۇچى» دەپ گۇۋاھلىق بېرىلگەندۇر» ــ «ئۆلىدىغان ئادەملەر» لاۋىيلىق كاھىنلارنى، «ھايات ياشىغۇچى» بولسا مەلكىزەدەكنى كۆرسىتىدۇ. 7:9 «ھەتتا مۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئوندىن بىر ئۈلۈشنى ئالىدىغان لاۋىيمۇ ئەجدادى ئىبراھىم ئارقىلىق (مەلكىزەدەككە) ئوندىن بىر ئۈلۈشنى بەرگەن» ــ ئوندىن بىر ئۈلۈشنى ئالغىنى لاۋىي ئۆزى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى «لاۋىيلار»دۇر. 7:11 گال. 2‏:21. 7:14 «چۈنكى رەببىمىزنىڭ يەھۇدا قەبىلىسىدىن چىققانلىقى ئېنىق؛ مۇسا بۇ قەبىلە توغرىسىدا كاھىنلىققا مۇناسىۋەتلىك ھېچبىر نەرسە دېمىگەنىدى» ــ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە كاھىنلار لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان. 7:14 يەش. 11‏:1؛ مات. 1‏:3. 7:15 «ئەمدى مەلكىزەدەكتەك باشقا بىر كاھىن چىققان بولۇپ، بۇ ئۆزگىرىش مۇنۇلاردىن تېخىمۇ روشەن بولىدۇ» ــ «بۇ ئۆزگىرىش» گرېك تىلىدا «بۇ ئىش» دېيىلىدۇ. «بۇ ئىش»نىڭ نېمە ئىكەنلىكى توغرۇلۇق باشقا پىكىردە بولغان بەزى ئالىملار بار. 7:16 «... ئۇنىڭ كاھىنلىققا تەيىنلىنىشى ئەت ئىگىلىرىگە باغلىق ئەمر بىلەن ئەمەس، بەلكى پۈتمەس-تۈگىمەس ھاياتنىڭ قۇدرىتىدىن بولغاندۇر» ــ «ئەت ئىگىلىرىگە باغلىق ئەمەس» ــ گرېك تىلىدا «ئەتلىك (دېمەك، ئىنساننىڭ ئەتلىرىگە قارايدىغان) بىر ئەمر بويىچە ئەمەس،...». دېمەك، مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە كاھىنلار لاۋىي قەبىلىسىدىن بولۇشى كېرەك ئىدى، لېكىن مەلكىزەدەكنىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى ھېچقانداق بىر قەبىلە بىلەن مۇناسىۋەتسىز، پەقەت مەڭگۈ ھايات كىشى بۇنىڭغا لايىق كېلەتتى. 7:17 «سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە مەلكىزەدەكنىڭ تىپىدىكى بىر كاھىندۇرسەن» ــ «مەلكىزەدەك» توغرۇلۇق يەنە 7-باب 1-2-ئايەتلەر ۋە «زەبۇر»دىكى 110-كۈيگە قارالسۇن. مەلكىزەدەك ئۆزى «يار.» 14-بابتا كۆرۈنىدۇ. 7:17 زەب. 110‏:4؛ ئىبر. 5‏:6. 7:19 يـۇھ. 1‏:17؛ روس. 13‏:39؛ رىم. 3‏:21،28؛ 8‏:3؛ گال. 2‏:16. 7:20‏-21 «پەرۋەردىگار شۇنداق قەسەم ئىچتى، ھەم ھەرگىز بۇنىڭدىن يانمايدۇ: ــ «سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە كاھىندۇرسەن»» دېگۈچىنىڭ قەسىمى بىلەن كاھىن بولدى» ــ زەبۇردىكى (4:110) تولۇق بايان بولسا: «پەرۋەردىگار شۇنداق قەسەم ئىچتى، ھەم بۇنىڭدىن يانمايدۇ: ــ «سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە مەلكىزەدەكنىڭ تىپىدىكى بىر كاھىندۇرسەن»». 7:20‏-21 زەب. 110‏:4. 7:25 1تىم. 2‏:5؛ 1يۇھ. 2‏:1. 7:27 لاۋ. 9‏:7؛ 16‏:6؛ ئىبر. 5‏:3.