8
باش كاھىنىمىز ئەيسا مەسىھ ــ ئەۋزەل كاھىن، ئەۋزەل ئەھدە
ئېيتقانلىرىمىزنىڭ باش نۇقتىسى شۇكى: ئەرشتىكى ئۇلۇغ بولغۇچىنىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرغان شۇنداق بىر باش كاھىنىمىز بار. ئۇ مۇقەددەس جايلاردا، شۇنداقلا ئىنسان ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار تىككەن ھەقىقىي ئىبادەت چېدىرىنىڭ ھەممىسىدە كاھىنلىق خىزمىتىنى قىلغۇچىدۇر.
ھەربىر باش كاھىن ھەدىيە ھەم قۇربانلىقلار سۇنۇش ئۈچۈن تەيىنلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىزنىڭ بۇ باش كاھىنىمىزنىڭمۇ بىرەر سۇنىدىغىنى بولۇش كېرەك ئىدى.   دەرۋەقە ئەگەر ئۇ يەر يۈزىدە بولسىدى، ھەرگىز كاھىن بولمايتتى؛ چۈنكى بۇ يەردە تەۋرات قانۇن-تۈزۈمى بويىچە ھەدىيە سۇنىدىغان كاھىنلار ئاللىبۇرۇنلا باردۇر (بۇ كاھىنلار خىزمەت قىلىدىغان ئىبادەت چېدىرى پەقەتلا ئەرشتىكى ئىشلارنىڭ كۆچۈرۈلمىسى ۋە كۆلەڭگىسىدۇر. مۇسا دەل بۇ ئىبادەت چېدىرىنى قۇرۇشقا باشلىغاندا، خۇدانىڭ ۋەھىيسى ئۇنىڭغا كېلىپ: «ئېھتىيات قىلغىنكى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساڭا تاغدا كۆرسىتىلگەن ئۆرنەك بويىچە ياسىغىن» دەپ ئاگاھلاندۇرغان). لېكىن ھازىر ئۇ (كونا ئەھدىگە ئائىت ۋەدىلەردىن ئەۋزەل ۋەدىلەر ئۈستىگە بېكىتىلگەچ) تېخىمۇ ياخشى بىر ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسى بولغاچقا، ئۇنىڭغا بېرىلگەن كاھىنلىق خىزمىتى باشقا كاھىنلارنىڭكىدىن شۇنچە ئەۋزەل تۇرىدۇ.  
ئەگەر شۇ دەسلەپكى ئەھدە كەم-كۈتىسىز بولسا ئىدى، كېيىنكىسى ئۈچۈن ئورۇن ئىزدەشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى بولمىغان بولاتتى. لېكىن، خۇدا كونا ئەھدىنى يېتەرسىز دەپ قاراپ، ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگەن: ــ
«مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئىسرائىل جەمەتى ۋە يەھۇدا جەمەتى ئۈچۈن يېڭى بىر ئەھدىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن.   بۇ ئەھدە ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدىگە ئوخشىمايدۇ؛ شۇ ئەھدىنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىنى قولىدىن تۇتۇپ مىسىردىن قۇتقۇزۇپ يېتەكلىگىنىمدە ئۇلار بىلەن تۈزگەنىدىم؛ چۈنكى ئۇلار مەن بىلەن تۈزۈشكەن ئەھدەمدە تۇرمىدى، مەن ئۇلاردىن نەزىرىمنى يۆتكىدىم، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
10 چۈنكى شۇ كۈنلەردىن كېيىن، مېنىڭ ئىسرائىل جەمەتى بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم مانا شۇكى: ــ
«مەن ئۆز تەۋرات-قانۇنلىرىمنى ئۇلارنىڭ زېھىن-ئەقلىگە سالىمەن، ھەمدە ئۇلارنىڭ قەلبىگىمۇ پۈتىمەن؛ مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇلارمۇ مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ. 11 شۇندىن باشلاپ ھېچكىم ئۆز يۇرتدىشىغا، ياكى ئۆز قېرىندىشىغا: ــ «پەرۋەردىگارنى تونۇغىن» دەپ ئۆگىتىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى، ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە مېنى بىلىپ بولغان بولىدۇ؛ 12 چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ قەبىھلىكلىرىگە رەھىم قىلىمەن ھەمدە ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ۋە ئىتائەتسىزلىكىرىنى مەڭگۈگە ئېسىمدىن چىقىرىۋېتىمەن».
13 ئەمدى خۇدانىڭ بۇ ئەھدىنى «يېڭى» دېيىشى بۇرۇنقىسىنى «كونا» دېگەنلىكىدۇر؛ ئەمدى ۋاقتى ئۆتكەن، كونىرىغان ئىش بولسا ئۇزۇن ئۆتمەي يوقىلىدۇ.
 
 
8:1 ئ‍ەف. 1‏:20؛ كول. 3‏:1؛ ئىبر. 3‏:1؛ 4‏:14؛ 6‏:20؛ 9‏:11؛ 12‏:2. 8:2 «ئۇ (مەسىھ) مۇقەددەس جايلاردا، شۇنداقلا ئىنسان ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار تىككەن ھەقىقىي ئىبادەت چېدىرىنىڭ ھەممىسىدە كاھىنلىق خىزمىتىنى قىلغۇچىدۇر» ــ «مۇقەددەس جايلار» بولسا «مۇقەددەس جاي» ۋە «ئەڭ مۇقەددەس جاي» دېمەكچى. 8:3 «بىزنىڭ بۇ باش كاھىنىمىزنىڭمۇ» ــ گرېك تىلىدا «ئۇنىڭمۇ...». 8:3 ئ‍ەف. 5‏:2. 8:5 مىس. 25‏:40؛ روس. 7‏:44؛ كول. 2‏:17؛ ئىبر. 10‏:1. 8:6 «لېكىن ھازىر ئۇ ... تېخىمۇ ياخشى بىر ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسى بولغاچقا، ئۇنىڭغا بېرىلگەن كاھىنلىق خىزمىتى باشقا كاھىنلارنىڭكىدىن شۇنچە ئەۋزەل تۇرىدۇ» ــ بۇ ئايەتتە كۆرسىتىلگەن ئەھدە «يېڭى ئەھدە»، 8-12-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ. 8:6 2كور. 3‏:6. 8:7 «ئەگەر شۇ دەسلەپكى ئەھدە كەم-كۈتىسىز بولسا ئىدى، كېيىنكىسى ئۈچۈن ئورۇن ئىزدەشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى بولمىغان بولاتتى» ــ نېمىشقا روسۇل مۇشۇ يەردە: «كېيىنكىسى ئۈچۈن ئورۇن ئىزدەشكە ھاجىتى بولمىغان بولاتتى» دەيدۇ، پەقەتلا «كېيىنكىسىنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى بولمىغان بولاتتى» دېمەيدۇ؟ بەلكىم ئۇ «يېڭى ئەھدە» بېشارەت قىلغان پەيغەمبەرلەر (يەرەمىيا، ئەزاكىيال، يەشايا قاتارلىقلار)نى كۆزدە تۇتىدۇ؛ ئۇلار ئۆزى «يېڭى قەلب، يېڭى روھ»قا ئىگە بولۇشقا تەشنا بولۇپ ئىزدىگەن، «يېڭى ئەھدە» دەل مۇشۇلارغا ئايان قىلىنغان. 8:8 «لېكىن، خۇدا كونا ئەھدىنى يېتەرسىز دەپ قاراپ، ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگەن: ــ «مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئىسرائىل جەمەتى ۋە يەھۇدا جەمەتى ئۈچۈن يېڭى بىر ئەھدىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن» ــ خۇدا ئۆزى بېكىتكەن كونا ئەھدىنى «يېتەرسىز كۆرگەن»لىكى ھەيران قالارلىق كۆرۈنىدۇ، ئەلۋەتتە. يېتەرسىزلىكى بولسا دەل 19:7دە كۆرسىتىلگەندەك «تەۋرات قانۇنى ھېچ ئىشنى كامالەتكە يەتكۈزەلمىدى». «يېڭى ئەھدە» پەقەتلا خۇدانىڭ مۇكەممەل ھەققانىيلىقىنى كۆرسەتكەن بولۇپلا قالماي، بەلكى بۇ ھەققانىيلىقنىڭ ئىنسانلارنىڭ قەلبىگە قانداق ئورنىتىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 8:8 يەر. 31‏:31-34. 8:10 «چۈنكى شۇ كۈنلەردىن كېيىن، مېنىڭ ئىسرائىل جەمەتى بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم مانا شۇكى...» ــ يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ بۇ بېشارىتىدە، «شۇ كۈنلەردىن كېيىن» دېگەن ئىبارە خۇدا خەلقىنى ئۆز يۇرتىغا بابىلوندىن قايتۇرغاندىن كېيىنكى كۈنلەرنى كۆرسىتىدۇ. 8:11 يـۇھ. 6‏:45،65؛ 1يۇھ. 2‏:27. 8:12 يەر. 31‏:31-34.