12
خۇدا ئۆز پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەيدۇ
1‏-2 ئەمدى ئەتىراپىمىزدا گۇۋاھچىلار شۇنچە چوڭ بۇلۇتتەك بىزنى ئورۇۋالغاچقا، ھەرخىل ئېغىر يۈك ھەم بىزگە ئاسانلا چىرمىشىۋالىدىغان گۇناھنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئالدىمىزغا قويۇلغان يۈگۈرۈش يولىنى چىداملىق بىلەن بېسىپ يۈگۈرەيلى؛ بۇنىڭدا كۆزىمىزنى ئېتىقادىمىزنىڭ يول باشلىغۇچىسى ۋە تاكامۇللاشتۇرغۇچىسى بولغان ئەيساغا تىكەيلى. ئۇ ئۆزىنى كۈتكەن خۇشاللىق ئۈچۈن كرېستتىكى ئازابقا بەرداشلىق بەردى ھەم ئۇنىڭدا بولغان ھاقارەتكە پىسەنت قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرغۇزۇلدى.  
كۆڭلۈڭلەرنىڭ ھېرىپ سوۋۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، گۇناھكارلارنىڭ شۇنچە قاتتىق خورلاشلىرىغا بەرداشلىق بەرگۈچىنى كۆڭۈل قويۇپ ئويلاڭلار.
گۇناھقا قارشى كۈرەشلەردە تېخى قان ئاققۇزۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتمىدىڭلار. خۇدانىڭ سىلەرگە ئۆز پەرزەنتلىرىم دەپ جېكىلەيدىغان مۇقەددەس يازمىلاردىكى مۇنۇ سۆزلىرىنى ئۇنتۇدۇڭلار: ــ
 
«ئى ئوغلۇم، پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيىسىگە سەل قارىما،
ئەيىبلەنگىنىڭدە كۆڭلۈڭ سوۋۇپ كەتمىسۇن،
چۈنكى پەرۋەردىگار سۆيگىنىگە تەربىيە بېرىدۇ،
مېنىڭ ئوغلۇم دەپ قوبۇل قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى دەررىلەيدۇ».  
 
ئازاب چەككىنىڭلارنى خۇدانىڭ تەربىيىسى دەپ بىلىپ، ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرىڭلار. چۈنكى سىلەرنىڭ تەربىيە ئېلىشىڭلارنىڭ ئۆزى خۇدانىڭ سىلەرنى ئوغلۇم دەپ مۇئامىلە قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. قايسى پەرزەنت ئاتىسى تەرىپىدىن تەربىيىلەنمەيدۇ؟ ئەمدى خۇدانىڭ تەربىيىلىشىدە ھەربىر پەرزەنتىنىڭ ئۆز ئۈلۈشى بار؛ لېكىن بۇ ئىش سىلەردە كەم بولسا ھەقىقىي ئوغۇللىرىدىن ئەمەس، بەلكى ھارامدىن بولغان پەرزەنتى بولۇپ چىقىسىلەر.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە تەربىيە بەرگەن ئەت جەھەتتىكى ئاتىلىرىمىز بار، بىز ئۇلارنىمۇ ھۆرمەتلەپ كەلدۇق. شۇنداق ئىكەن، روھلارنىڭ ئاتىسىغا تېخىمۇ ئىتائەت قىلمامدۇق؟ شۇنداقتا ھاياتىمىز ياشنىمامدۇ؟
10 ئەت جەھەتتىكى ئاتىلىرىمىز بەرھەق پەقەت ئۆزى مۇۋاپىق كۆرگەن يول بويىچە ئازغىنە ۋاقىت بىزنى تەربىيىلىگەن. لېكىن ئۇ بولسا بىزگە پايدىلىق بولسۇن دەپ، پاك-مۇقەددەسلىكىدىن مۇيەسسەر بولۇشىمىز ئۈچۈن تەربىيىلەيدۇ. 11 ئەمدى قاتتىق تەربىيە بېرىلگەن ۋاقتىدا ئادەمنى خۇش قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئادەمنى قايغۇغا چۆمدۈرىدۇ؛ بىراق بۇنىڭ بىلەن تۈزەلگەنلەرگە ئۇ كېيىن ھەققانىيلىقتىن چىققان تىنچ-خاتىرجەملىكنىڭ مېۋىسىنى بېرىدۇ.
12 شۇنىڭ ئۈچۈن، «تېلىپ ساڭگىلىغان قولۇڭلارنى، زەئىپلىشىپ كەتكەن تىزىڭلارنى رۇسلاڭلار»    13 ۋە «ئاقساق»لارنىڭ پۈكۈلۈپ قالماي، بەلكى شىپا تېپىشى ئۈچۈن پۈتلىرىڭلارنى تۈز يوللاردا ماڭدۇرۇڭلار.
 
خۇدانىڭ قورقۇنچىدا ياشاڭلار
14 بارلىق كىشىلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە ۋە پاك-مۇقەددەس ياشاشقا ئىنتىلىڭلار؛ مۇقەددەس بولمىغان كىشى ھەرگىز رەبنى كۆرەلمەيدۇ. 15 ئويغاق تۇرۇڭلاركى، ھېچكىم خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن مەھرۇم قالمىسۇن؛ ئاراڭلاردا سىلەرگە ئىش تاپقۇزۇپ سىلەرنى كۆيدۈرىدىغان، شۇنداقلا كۆپ ئادەملەرنى بۇلغاپ ناپاك بولۇشقا سەۋەب بولىدىغان بىرەر ئۆچ-ئاداۋەت يىلتىزى ئۈنمىسۇن. 16 ئاراڭلاردا ھېچبىر بۇزۇقلۇق قىلغۇچى ياكى ئۆزىنىڭ تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقىنى بىر ۋاخ تاماققا سېتىۋەتكەن ئەساۋدەك ئىخلاسسىز كىشى بولمىسۇن.    17 چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، ئەساۋ كېيىن ئاتىسىنىڭ خەيرلىك دۇئاسىنى ئېلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئىنتىلىپ كۆز ياشلىرىنى ئېقىتىپ يالۋۇرغان بولسىمۇ، ئۇ بۇ ئىشلارنى ئورنىغا كەلتۈرىدىغان توۋا قىلىش يولىنى تاپالماي، رەت قىلىندى.
  
 
سىناي تېغى ــ ئىسرائىللار تەۋرات قانۇنىنى قوبۇل قىلغان تاغ ــ ۋە زىئون تېغى، يەنى ئەرشتىكى يېرۇسالېم
18 چۈنكى سىلەر قول بىلەن تۇتقىلى بولىدىغان، يالقۇنلاپ ئوت يېنىپ تۇرۇۋاتقان ھەمدە سۈرلۈك بۇلۇت، قاراڭغۇلۇق ۋە قارا قۇيۇن قاپلىغان ئاشۇ تاغقا كەلمىدىڭلار ــ   
19 (ئۇ جايدا كاناي ساداسى بىلەن سۆزلىگەن ئاۋاز يەتكۈزۈلگەندە، بۇلارنى ئاڭلىغانلار: «بىزگە يەنە سۆز قىلىنمىسۇن!» دەپ خۇداغا يالۋۇرۇشتى؛    20 چۈنكى ئۇلار قىلىنغان ئەمرنى كۆتۈرەلمىدى. «ئەگەر بۇ تاغقا ھەتتا بىرەر ھايۋاننىڭ ئايىغى تەگسىمۇ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلسۇن» دەپ تاپىلانغانىدى؛    21 ئۇ كۆرۈنۈش شۇنداق قورقۇنچلۇق ئىدىكى، مۇسامۇ: «بەك قاتتىق قورقۇپ غال-غال تىترەپ كەتتىم» دېگەنىدى).  
22 ــ سىلەر بەلكى زىئون تېغىغا، يەنى مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ شەھىرى ــ ئەرشتىكى يېرۇسالېمغا، تۈمەنلىگەن پەرىشتىلەرگە، 23 ئىسىملىرى ئەرشتە پۈتۈلگەن تۇنجى تۇغۇلغانلارنىڭ ھېيت-مەرىكە خۇشاللىقىدا جەم قىلىنغان جامائىتىگە، ھەممەيلەننىڭ سوراقچىسى خۇداغا، تاكامۇللاشتۇرۇلغان ھەققانىي كىشىلەرنىڭ روھلىرىغا    24 ۋە يېڭى ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسى ئەيساغا، شۇنداقلا ھەم ئۇنىڭ سېپىلگەن قېنىغا كەلدىڭلار. بۇ قان ھابىلنىڭكىدىن ئەۋزەل سۆز قىلىدۇ.  
25 بۇ سۆزنى قىلغۇچىنى رەت قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن دىققەت قىلىڭلار. چۈنكى يەر يۈزىدە ئۆزلىرىگە ۋەھىي يەتكۈزۈپ ئاگاھلاندۇرغۇچىنى رەت قىلغانلار جازادىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان يەردە، ئەرشتە بىزنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدىن يۈز ئۆرۈسەك، ھالىمىز تېخىمۇ شۇنداق بولمامدۇ؟    26 ئەمدى شۇ چاغدا خۇدانىڭ ئاۋازى زېمىننى تەۋرىتىۋەتكەنىدى؛ لېكىن ئەمدى ئۇ: «ئۆزۈم يەنە بىر قېتىم زېمىننىلا ئەمەس، ئاسماننىمۇ تەۋرىتىمەن» دەپ ۋەدە قىلدى.    27 «يەنە بىر قېتىم» دېگەن بۇ سۆز تەۋرىتىلىدىغانلارنىڭ، يەنى يارىتىلغان نەرسىلەرنىڭ تەۋرىتىلىشى بىلەن يوقىتىلىدىغانلىقىنى، تەۋرەتكىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنىڭ مەڭگۈ مۇقىم بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
28 شۇنىڭ ئۈچۈن، تەۋرەتكىلى بولمايدىغان بىر پادىشاھلىققا مۇيەسسەر بولۇپ، مېھىر-شەپقەتنى چىڭ تۇتۇپ بۇ ئارقىلىق ئىخلاسمەنلىك ۋە ئەيمىنىش-قورقۇنچ بىلەن خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ئىبادەتلەرنى قىلايلى.    29 چۈنكى خۇدايىمىز ھەممىنى يەۋەتكۈچى بىر ئوتتۇر.  
 
 
12:1‏-2 «ئەمدى ئەتىراپىمىزدا گۇۋاھچىلار شۇنچە چوڭ بۇلۇتتەك بىزنى ئورۇۋالغاچقا،... » ــ «گۇۋاھچىلار» ئىككى تەرەپتىكى سۆز بولۇشى مۇمكىن: (1) يۇقىرىقى 11-بابتا تىلغا ئېلىنغان كىشىلەر بىزگە ئېتىقاد بىلەن ياشاشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ «گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى»نى ھەم (2) «ئېتىقادنىڭ بەيگىسى»دە يۈگۈرگىنىمىزدە بۇلارنىڭ ئەرشتىن بىزگە گۇۋاھچىلاردەك قاراپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «بۇلۇت» قىزىق گەپ ــ «دان.» 13:7، «مات.» 30:24، 46:26، «1تېس.» 17:4، «ۋەھ.» 7:1نى كۆرۈڭ. 12:1‏-2 رىم. 6‏:4؛ 12‏:12؛ 1كور. 9‏:24؛ ئ‍ەف. 4‏:22؛ كول. 3‏:8؛ ئىبر. 10‏:36؛ 1پېت. 2‏:1، 2؛ لۇقا 24‏:26؛ فىل. 2‏:8-11؛ ئىبر. 1‏:3؛ 8‏:1؛ 1پېت. 1‏:11. 12:4 1كور. 10‏:13. 12:5 ئايۇپ 5‏:17؛ پەند. 3‏:11-12؛ ۋەھ. 3‏:19. 12:6 «ئى ئوغلۇم، پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيىسىگە سەل قارىما، ئەيىبلەنگىنىڭدە كۆڭلۈڭ سوۋۇپ كەتمىسۇن، چۈنكى پەرۋەردىگار سۆيگىنىگە تەربىيە بېرىدۇ، مېنىڭ ئوغلۇم دەپ قوبۇل قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى دەررىلەيدۇ» ــ «پەند.» 11:3-12. 12:6 پەند. 3‏:12،11 12:12 «... «تېلىپ ساڭگىلىغان قولۇڭلارنى، زەئىپلىشىپ كەتكەن تىزىڭلارنى رۇسلاڭلار»» ــ ياكى «...«تېلىپ ساڭگىلىغان قولۇڭلارنى، زەئىپلىشىپ كەتكەن تىزىڭلارنى كۈچەيتىڭلار»» («يەش.» 3:35دىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن). 12:12 يەش. 35‏:3. 12:13 «... «ئاقساق»لارنىڭ پۈكۈلۈپ قالماي، بەلكى شىپا تېپىشى ئۈچۈن پۈتلىرىڭلارنى تۈز يوللاردا ماڭدۇرۇڭلار» ــ «ئاقساق»لار بەلكىم ئېتىقادى ئاجىزلارنى كۆرسىتىدۇ. 12:14 رىم. 12‏:18؛ 2تىم. 2‏:22. 12:15 قان. 29‏:17؛ روس. 17‏:13؛ 2كور. 6‏:1؛ گال. 5‏:12. 12:16 «...ئۆزىنىڭ تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقىنى بىر ۋاخ تاماققا سېتىۋەتكەن ئەساۋدەك ئىخلاسسىز كىشى بولمىسۇن» ــ «يار.» 29:25-34. 12:16 يار. 25‏:33؛ ئ‍ەف. 5‏:3؛ كول. 3‏:5؛ 1تېس. 4‏:3. 12:17 « ئۇ (ئەساۋ)... بۇ ئىشلارنى ئورنىغا كەلتۈرىدىغان توۋا قىلىش يولىنى تاپالماي...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۇ (ئەساۋ) ئۆز گۇناھىدىن توۋا قىلىش يولىنى تاپالماي...». «توۋا قىلىش» گرېك تىلىدا «ئۇنى» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بەزى تەرجىمانلار بۇ «ئۇنى» دېگەننى «گۇناھىدىن توۋا قىلىش»نى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن «يار.» 1:27-40كە قارىغاندا، ئۇنىڭ ئىزدىگىنى ئەسلىدىكى تەلۋىلىكىدىن توۋا قىلىش ئەمەس، بەلكى پەقەت پۇشايمان بىلەن ئاتىسىنىڭ خەيرلىك دۇئاسىلا ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ يەردە «توۋا قىلىش»نىڭ مەنىسى: ــ (1) ئاتىسىنىڭ قارارىنى، ياكى (2) خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئۆزگەرتىشنى بىلدۈرىدۇ (ئوقۇرمەنلەرگە ئايانكى، «توۋا قىلىش»نىڭ ئەسلىدىكى مەنىسى «كۆزقاراشنى ئۆزگەرتىش» «پوزىتسىيەنى ئۆزگەرتىش» دېگەنلىك). 12:17 يار. 27‏:36. 12:18 «يالقۇنلاپ ئوت يېنىپ تۇرۇۋاتقان ھەمدە سۈرلۈك بۇلۇت، قاراڭغۇلۇق ۋە قارا قۇيۇن قاپلىغان ئاشۇ تاغقا كەلمىدىڭلار...» ــ «ئاشۇ تاغ» بولسا يەھۇدىي خەلقى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن تەۋرات قانۇنىنى قوبۇل قىلغان سىناي تېغىنى كۆرسىتىدۇ («مىس.» 19-بابنى كۆرۈڭ). 12:18 مىس. 19‏:16،10؛ 20‏:21؛ قان. 5‏:22. 12:19 «ئۇ جايدا كاناي ساداسى بىلەن سۆزلىگەن ئاۋاز يەتكۈزۈلگەندە، بۇلارنى ئاڭلىغانلار: «بىزگە يەنە سۆز قىلىنمىسۇن!» دەپ خۇداغا يالۋۇرۇشتى» ــ «قان.» 23:15نى كۆرۈڭ. 12:19 مىس. 20‏:19؛ قان. 5‏:25؛ 18‏:16. 12:20 «چۈنكى ئۇلار قىلىنغان ئەمرنى كۆتۈرەلمىدى. ئەگەر بۇ تاغقا ھەتتا بىرەر ھايۋاننىڭ ئايىغى تەگسىمۇ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلسۇن» دەپ تاپىلانغانىدى...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى ئۇلارغا تاپىلانغان: «ئەگەر بۇ تاغقا ھەتتا بىرەر ھايۋاننىڭ ئاياغلىرى تەگكەن بولسىمۇ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلسۇن» دېگەن ئەمرنى كۆتۈرەلمىدى». 12:20 مىس. 19‏:13. 12:21 «ئۇ كۆرۈنۈش شۇنداق قورقۇنچلۇق ئىدىكى، مۇسامۇ: «بەك قاتتىق قورقۇپ غال-غال تىترەپ كەتتىم» دېگەنىدى» ــ «قان.» 19:9. 12:21 قان. 9‏:19 12:22 گال. 4‏:26؛ ۋەھ. 3‏:12؛ 21‏:10-27. 12:23 «ئىسىملىرى ئەرشتە پۈتۈلگەن تۇنجى تۇغۇلغانلارنىڭ... جامائىتىگە...» ــ «تۇنجى تۇغۇلغانلار» دېگەن سۆز بۇ يەردە ئەيسا مەسىھگە ئېتىقاد قىلىپ، «قايتىدىن تۇغۇلغان» خۇدانىڭ پەرزەنتى دەپ ھېسابلانغانلارنى كۆرسىتىدۇ. «ئەرشتىكى يېرۇسالېمغا، تۈمەنلىگەن پەرىشتىلەرگە، ئىسىملىرى ئەرشتە پۈتۈلگەن تۇنجى تۇغۇلغانلارنىڭ ھېيت-مەرىكە خۇشاللىقىدا جەم قىلىنغان جامائىتىگە،...» ــ (22-23-ئايەت) باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ھېيت-مەرىكە خۇشاللىقىغا جەم بولىدىغان تۈمەنلىگەن پەرىشىتىلەرگە، ئىسىملىرى ئەرشتە يېزىلغان تۇنجى تۇغۇلغانلارنىڭ جامائىتىگە،...». ئىسرائىللارنىڭ ئىسىملىرىنىڭ ھەممىسى يەر يۈزىدە «رويخەت»تە پۈتۈلۈشى بۇيرۇلغانىدى («چۆل.» 1:1-18). لېكىن جامائەتتىكىلەرنىڭ ئىسىملىرى يەر يۈزىدە ئەمەس، بەلكى ئەرشتە پۈتۈكلۈكتۇر. 12:23 لۇقا 10‏:20. 12:24 «ۋە يېڭى ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسى ئەيساغا، شۇنداقلا ھەم ئۇنىڭ سېپىلگەن قېنىغا كەلدىڭلار. بۇ قان ھابىلنىڭكىدىن ئەۋزەل سۆز قىلىدۇ» ــ ئەيسا مەسىھنىڭ سېپىلگەن قېنى ئىنساننىڭ گۇناھلىرىنى تىلەپ ئۇلارنى پاك قىلىدۇ. ھابىلنىڭ قېنى بولسا ئىنتىقام دەپ ھۆركىرەپ يىغلايتتى («يار.» 10:4). 12:24 يار. 4‏:10؛ ئىبر. 10‏:22؛ 11‏:4؛ 1پېت. 1‏:2. 12:25 «...يەر يۈزىدە ئۆزلىرىگە ۋەھىي يەتكۈزۈپ ئاگاھلاندۇرغۇچى» ــ مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق سۆزلىگىنىنى كۆرسىتىدۇ. 12:25 ئىبر. 2‏:3. 12:26 «ئەمدى شۇ چاغدا خۇدانىڭ ئاۋازى زېمىننى تەۋرىتىۋەتكەنىدى...» ــ «شۇ چاغدا» ــ خۇدا سىناي تېغىدىن سۆزلىگىنىدە. «لېكىن ئەمدى ئۇ: «ئۆزۈم يەنە بىر قېتىم زېمىننىلا ئەمەس، ئاسماننىمۇ تەۋرىتىمەن» دەپ ۋەدە قىلدى» ــ «ھاگ.» 6:2نى كۆرۈڭ. 12:26 ھاگ. 2‏:5. 12:28 «تەۋرەتكىلى بولمايدىغان بىر پادىشاھلىققا مۇيەسسەر بولۇپ، مېھىر-شەپقەتنى چىڭ تۇتۇپ،...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «تەۋرەتكىلى بولمايدىغان بىر پادىشاھلىققا مۇيەسسەر بولغىنىمىزدىن مىننەتدار بولۇپ،...». 12:28 1پېت. 2‏:5. 12:29 «چۈنكى خۇدايىمىز ھەممىنى يەۋەتكۈچى بىر ئوتتۇر» ــ بۇ سۆزلەر «قان.» 24:4، 3:9دىمۇ تېپىلىدۇ. 12:29 قان. 4‏:24.