13
خۇدانى خۇش قىلىش
ئاراڭلاردا قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببەت توختىمىسۇن. ناتونۇش كىشىلەرگە مېھماندوست بولۇشنى ئۇنتۇماڭلار. چۈنكى بەزىلەر شۇ يول بىلەن بىلمەستىن پەرىشتىلەرنى مېھمان قىلغان. زىندانغا تاشلانغانلارنى ئۇلار بىلەن بىللە زىنداندا زەنجىرلەنگەندەك ياد ئېتىڭلار. خورلانغانلارنى ئۆزۈڭلارمۇ تەندە تۇرۇۋاتقان بەندە سۈپىتىدە ياد ئېتىپ تۇرۇڭلار.  
ھەممە ئادەم نىكاھقا ھۆرمەت قىلسۇن، ئەر-خوتۇنلارنىڭ ياتىدىغان يېرى داغسىز بولسۇن؛ چۈنكى خۇدا بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار ۋە زىنا قىلغۇچىلاردىن ھېساب ئالىدۇ. مېڭىش-تۇرۇشۇڭلار پۇلپەرەسلىكتىن خالىي بولسۇن، بارىغا قانائەت قىلىڭلار. چۈنكى خۇدا مۇنداق دېگەن:
«سەندىن ئەسلا ئايرىلمايمەن،
سېنى ئەسلا تاشلىمايمەن».  
 
شۇڭا، يۈرەكلىك بىلەن ئېيتالايمىزكى،
«پەرۋەردىگار مېنىڭ ياردەمچىمدۇر، ھېچ قورقمايمەن،
كىشىلەر مېنى نېمە قىلالىسۇن؟»  
 
سىلەرگە خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزگەن، سىلەرنىڭ يېتەكچىلىرىڭلارنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. ئۇلارنىڭ مېڭىش-تۇرۇشىنىڭ مېۋە-نەتىجىسىگە كۆڭۈل قويۇپ قاراپ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى ئۈلگە قىلىڭلار: ــ
ئەيسا مەسىھ تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەبەدىلئەبەدگىچە ئۆزگەرمەيدۇ! شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەرخىل غەيرىي تەلىملەر بىلەن ئېزىقتۇرۇلۇپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى ئىنساننىڭ قەلبى قۇربانلىققا خاس يېمەكلىكلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن قۇۋۋەتلەندۈرۈلگىنى ئەۋزەل. چۈنكى بۇنداق يېمەكلىكلەرگە بېرىلىپ كېلىۋاتقانلار ئۇلاردىن ھېچقانداق پايدا كۆرگەن ئەمەس.
10 بىزلەرنىڭ شۇنداق بىر قۇربانگاھىمىز باركى، ئىبادەت چېدىرىدا خىزمەتتە بولغانلارنىڭ ئۇنىڭدىن يېيىش ھوقۇقى يوقتۇر. 11 چۈنكى گۇناھ تىلەش سۈپىتىدە سويۇلغان، قېنى باش كاھىن تەرىپىدىن ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىلگەن قۇربانلىق ھايۋانلارنىڭ تېنى بولسا قارارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىلىپ كۆيدۈرۈلەتتى.    12 شۇڭا ئەيسامۇ ئۆز قېنى بىلەن خەلقنى پاكلاپ خۇداغا ئاتاش ئۈچۈن، شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا ئازاب چېكىپ ئۆلدى.    13 شۇنداق ئىكەن، بىزمۇ قارارگاھنىڭ سىرتىغا چىقىپ، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا قارىتىلغان ھاقارەتكە ئورتاق بەرداشلىق بېرەيلى. 14 چۈنكى يەر يۈزىدە مەڭگۈ مەۋجۇت تۇرىدىغان شەھىرىمىز يوق، بەلكى كەلگۈسىدىكى شەھەرگە ئىنتىلمەكتىمىز. 15 شۇڭا، مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا قۇربانلىق سۈپىتىدە مەدھىيىلىرىمىزنى توختاۋسىز ئاتايلى، يەنى ئۆز لەۋلىرىمىزنىڭ مېۋىسى سۈپىتىدە ئۇنىڭ نامىنى ئېتىراپ قىلايلى.    16 ئەمدى خەير-ساخاۋەت قىلىشنى ۋە بارىڭلاردىن ئورتاق تەقسىملەشنى ئۇنتۇماڭلار. چۈنكى خۇدا بۇنداق قۇربانلىقلاردىن خۇرسەن بولىدۇ.
17 يېتەكچىلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇلارغا بويسۇنۇڭلار. چۈنكى ئۇلار ئۆز خىزمىتىدىن خۇداغا ھېساب بېرىدىغانلار بولۇپ، ھەمىشە جېنىڭلاردىن خەۋەر ئېلىشقا ئويغاق تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ئىشى قايغۇ-ئەلەم بىلەن ئەمەس (چۈنكى ئۇنداق بولسا سىلەرگە ھېچ پايدا يەتكۈزۈلمەيدۇ) بەلكى خۇشال-خۇراملىق بىلەن ئېلىپ بېرىلسۇن.  
18 بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرۇڭلار؛ چۈنكى ۋىجدانىمىزنىڭ پاك ئىكەنلىكىگە، ھەربىر ئىشلاردا توغرا يولدا مېڭىشنى خالايدىغانلىقىمىزغا قايىل قىلىندۇق. 19 يېنىڭلارغا پاتراق قايتىپ بېرىشىم ئۈچۈن، دۇئا قىلىشىڭلارنى ئالاھىدە ئۆتۈنىمەن.
 
دۇئا
20 ئەمدى مەڭگۈلۈك ئەھدىنىڭ قېنى بىلەن قوي پادىسىنىڭ كاتتا پادىچىسى بولغان رەببىمىز ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى، خاتىرجەملىكنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدا
  
21 ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق سىلەرگە ئۆزىنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلدۇرۇپ، سىلەرنى ھەربىر ياخشى ئەمەلدە تاكامۇللاشۇرۇرۇپ ئىرادىسىنىڭ ئىجراچىلىرى قىلغاي! مەسىھكە ئەبەدىلئەبەدگىچە شان-شەرەپ بولغاي! ئامىن!   
 
ئاخىرقى سۆز
22 سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، ئى قېرىنداشلىرىم، بۇ نەسىھەت سۆزۈمگە ئېغىر كۆرمەي قۇلاق سالغايسىلەر؛ سىلەرگە مۇشۇنچىلىكلا سۆزلەرنى يازدىم، خالاس.
23 قېرىندىشىمىز تىموتىينىڭ زىنداندىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن خەۋەردار بولغايسىلەر. يېقىندا يېنىمغا كېلىپ قالسا، مەن سىلەرنى يوقلاپ بارغىنىمدا ئۇ مەن بىلەن بىللە بارىدۇ.
24 بارلىق يېتەكچىلىرىڭلار ۋە بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە سالام ئېيتقايسىلەر. ئىتالىيەدىن كەلگەنلەر سىلەرگە سالام يوللىدى. 25 مېھىر-شەپقەت ھەممىڭلارغا يار بولغاي! ئامىن!
روسۇل ياقۇپ يازغان مەكتۇپ
13:1 رىم. 12‏:10؛ ئ‍ەف. 4‏:3؛ 1پېت. 1‏:22؛ 2‏:17؛ 4‏:8. 13:2 يار. 18‏:1؛ 19‏:1؛ رىم. 12‏:13؛ 1پېت. 4‏:9. 13:3 «زىندانغا تاشلانغانلارنى ئۇلار بىلەن بىللە زىنداندا زەنجىرلەنگەندەك ياد ئېتىڭلار» ــ «زىندانغا تاشلانغانلار» ۋە «خورلانغانلار» ئېتىقادى ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. «خورلانغانلارنى ئۆزۈڭلارمۇ تەندە تۇرۇۋاتقان بەندە سۈپىتىدە ياد ئېتىپ تۇرۇڭلار» ــ بۇ جېكىلەشنىڭ مەنىسى بەلكىم: (1) ئۆزلىرىڭلار ئاجىزلىققا ۋە جىسمانىي ئازابلارغا دۇچ كەلگەنلىكىڭلار تۈپەيلىدىن مۇشۇلارنى ياد ئېتىپ تۇرۇڭلار؛ (2) ياكى ئەيسا مەسىھنىڭ تېنى بولغان جامائەت ئەزاسى سۈپىتىدە، ھېسداشلىق ۋە دەردداشلىق كۆرسىتىڭلار» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. 13:3 مات. 25‏:36. 13:4 «ئەر-خوتۇنلارنىڭ ياتىدىغان يېرى داغسىز بولسۇن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى بولۇشى مۇمكىن: «نىكاھ ھەردائىم ھۆرمەتلىك ئىش، ئەر-خوتۇنلۇق ئورۇن داغسىزدۇر» ــ بۇ تەرجىمە توغرا بولسا، ئاساسىي مەنىسى ئەر-خوتۇنلۇق، شۇنداقلا ئەر-خوتۇنلۇق ئارىسىدىكى مۇھەببەتلىك جىنىسىي مۇناسىۋەت خۇدا ئالدىدا ياخشى ئىشتۇر. 13:5 «سەندىن ئەسلا ئايرىلمايمەن، *سېنى ئەسلا تاشلىمايمەن» ــ تەۋرات، «قان.» 6:31-8. 13:5 يار. 28‏:15؛ مىس. 23‏:8؛ قان. 16‏:19؛ 31‏:6، 8؛ يە. 1‏:5؛ 1تار. 28‏:20؛ پەند. 15‏:16؛ فىل. 4‏:11؛ 1تىم. 6‏:6، 8. 13:6 «پەرۋەردىگار مېنىڭ ياردەمچىمدۇر، ھېچ قورقمايمەن، كىشىلەر مېنى نېمە قىلالىسۇن؟» ــ «زەب.» 1:27، 6:118. 13:6 زەب. 54‏:4؛ 56‏:4؛ 118‏:6-7 13:7 ئىبر. 13‏:17. 13:8 «ئەيسا مەسىھ تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەبەدىلئەبەدگىچە ئۆزگەرمەيدۇ!» ــ مۇئەللىپ، بۇ ھەقىقەتنى دەل شۇ يېتەكچى قېرىنداشلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ جەۋھىرى، دېمەكچى بولۇشى مۇمكىن. 13:9 يەر. 29‏:8؛ مات. 24‏:4؛ يـۇھ. 6‏:27؛ رىم. 14‏:17؛ 16‏:17؛ ئ‍ەف. 4‏:14؛ 5‏:6؛ كول. 2‏:16؛ 2تېـس. 2‏:2؛ 2تىم. 4‏:3؛ 1يۇھ. 4‏:1. 13:10 «بىزلەرنىڭ شۇنداق بىر قۇربانگاھىمىز باركى، ئىبادەت چېدىرىدا خىزمەتتە بولغانلارنىڭ ئۇنىڭدىن يېيىش ھوقۇقى يوقتۇر» ــ بۇ «قۇربانگاھ» ئەيسا مەسىھ ئىنسانلارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن مىخلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن كرېستنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ «قۇربانگاھدىن يېيىش» بولسا ئۇنىڭ قۇربانلىقىدىن چىققان، مەڭگۈلۈك ھاياتتىكى ھەرتۈرلۈك روھىي مېۋىلەردىن بەھرىمەن بولۇشتىن ئىبارەت بولىدۇ. 13:11 «چۈنكى گۇناھ تىلەش سۈپىتىدە سويۇلغان، قېنى باش كاھىن تەرىپىدىن ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىلگەن قۇربانلىق ھايۋانلارنىڭ تېنى بولسا قارارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىلىپ كۆيدۈرۈلەتتى» ــ «لاۋ.» 27:16نى كۆرۈڭ. 13:11 مىس. 29‏:14؛ لاۋ. 4‏:21؛ 6‏:30؛ 16‏:27؛ چۆل. 19‏:3. 13:12 «شۇڭا ئەيسامۇ ئۆز قېنى بىلەن خەلقنى پاكلاپ خۇداغا ئاتاش ئۈچۈن، شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا ئازاب چېكىپ ئۆلدى» ــ دېمىسەكمۇ، ئەيسا مەسىھ ئۆلىدىغان جاي (گولگوتا) يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىنىڭ سىرتىدا ئىدى. مەسىھنىڭ بۇ «سىرتقا چىقىرىلىپ ئۆلتۈرۈلۈشى» كېيىنكى ئەگەشكەنلەرگە سىمۋول بولغان بولۇپ، خۇدانىڭ خەلقى مەسىھنىڭ ھەمراھلىقىدىن بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن «شەھەرنىڭ سىرتىدا»، يەنى ئۆز يۇرتى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشىغا تەييار تۇرۇشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىھكە ئەگەشكەن يەھۇدىي خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق ئىدى. 13-ئايەتتىكى ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ. 13:12 يـۇھ. 19‏:18،17. 13:13 «شۇنداق ئىكەن، بىزمۇ قارارگاھنىڭ سىرتىغا چىقىپ، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ...» ــ «قارارگاھنىڭ سىرتىغا چىقىش» مەسىھكە ئەگەشكەن يەھۇدىي خەلقىگە نىسبەتەن ئىبادەتخانىدىكى قۇربانلىقلاردىن، شۇنداقلا ئۇلارغا باغلىق ئەقىدىلىرىدىن ۋاز كېچىش بەكمۇ ھاقارەتلىك ئىش ئىدى. خۇددى ئەيسا مەسىھ يېرۇسالېم شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا مىخلانغاندا ھاقارەتكە قارىمىغانغا ئوخشاش، خەتنى ئوقۇۋاتقان يەھۇدىي كىتابخانلارمۇ كونا ئەقىدىلىرىدىن ۋاز كېچىشكە ۋە ئۇنىڭ تۈپەيلىدىن ئۇچرايدىغان ھاقارەتكە قارىماي، ئەيسا مەسىھكە يۈزلىنىشى كېرەك ئىدى. «... ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا قارىتىلغان ھاقارەتكە ئورتاق بەرداشلىق بېرەيلى» ــ ئەيسا مەسىھگە قارىتىلغان قارشىلىق ھەم ھاقارەتلەر بۈگۈنگە قەدەر ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بولغانلارغا قارىتىلىپ كەلمەكتە. قاراڭغۇلۇق بەرىبىر نۇرغا قارشى تۇرىدۇ، شۇڭا خۇدانىڭ خەلقى ھامان بىر تەرەپتىن بولمىسا باشقا بىر تەرەپتىن زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. 13:14 فىل. 3‏:20. 13:15 «...ئۆز لەۋلىرىمىزنىڭ مېۋىسى سۈپىتىدە ئۇنىڭ نامىنى ئېتىراپ قىلايلى» ــ «ئۇنىڭ نامى» مۇشۇ يەردە مەسىھنىڭ نامىنى كۆرسىتىدۇ. 13:15 ھوش. 14‏:3. 13:16 فىل. 4‏:18. 13:17 «ئۇلارنىڭ بۇ ئىشى قايغۇ-ئەلەم بىلەن ئەمەس ... بەلكى خۇشال-خۇراملىق بىلەن ئېلىپ بېرىلسۇن» ــ «ئۇلارنىڭ بۇ ئىشى»: (1) يېتەكچىلەرنىڭ خەۋەر ئېلىش خىزمىتى، ياكى: (2) خۇداغا ھېساب تاپشۇرۇش، ياكى: (3) بۇ ئىككىسىنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭچە ئۇ ھېساب تاپشۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. 13:17 ئ‍ەز. 3‏:18؛ 33‏:8؛ فىل. 2‏:29؛ 1تېس. 5‏:12؛ 1تىم. 5‏:17. 13:19 «يېنىڭلارغا پاتراق قايتىپ بېرىشىم ئۈچۈن، دۇئا قىلىشىڭلارنى ئالاھىدە ئۆتۈنىمەن» ــ «مېنىڭ قايتىپ بېرىشىم ئۈچۈن» دېگەنلىك بەلكىم مۇئەللىپنىڭ تۈرمىدىن ئازاد قىلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. 13:20 «مەڭگۈلۈك ئەھدىنىڭ قېنى بىلەن قوي پادىسىنىڭ كاتتا پادىچىسى بولغان رەببىمىز ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى» ــ «مەڭگۈلۈل ئەھدە» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز. «خاتىرجەملىكنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدا» گرېك تىلىدا: «خاتىرجەملىكنىڭ خۇداسى» ــ دېمەك، خاتىرجەملىك بەرگۈچى ھەم ئۆزى ھەردائىم خاتىرجەملىكتە تۇرغۇچى خۇدادۇر. 13:20 يەش. 40‏:11؛ ئ‍ەز. 34‏:23؛ يـۇھ. 10‏:11؛ 1پېت. 5‏:4. 13:21 «(خۇدا) ... ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق سىلەرگە ئۆزىنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلدۇرۇپ، سىلەرنى ھەربىر ياخشى ئەمەلدە تاكامۇللاشۇرۇرۇپ ئىرادىسىنىڭ ئىجراچىلىرى قىلغاي!» ــ «تاكامۇللاشتۇرۇش»نىڭ باشقا تەرجىمىسى: «ئەتراپلىق تەمىنلەش». 13:21 2كور. 3‏:5؛ فىل. 2‏:13.