2
ھاباككۇكنىڭ قارارى
«ئەمدى مەن ئۆز كۆزىتىمدە تۇرىۋېرىمەن،
ئۆزۈمنى مۇنار ئۈستىدە دەس تىكلەيمەن،
ئۇنىڭ ماڭا نېمە دەيدىغانلىقىنى،
شۇنىڭدەك ئۆزۈم بۇ داد-پەريادىم توغرۇلۇق قانداق تېگىشلىك جاۋاب تېپىشىم كېرەكلىكىنى بىلىشنى كۈتۈپ تۇرىمەن».

  
 
ھەم پەرۋەردىگار جاۋابەن ماڭا مۇنداق دېدى: ــ
«ئوقۇغانلار يۈگۈرسۇن ئۈچۈن،
بۇ كۆرۈنگەن ئالامەتنى يېزىۋال؛
ئۇنى تاختايلار ئۈستىگە ئېنىق ئويۇپ چىق؛  
چۈنكى بۇ كۆرۈنگەن ئالامەت كەلگۈسىدىكى بېكىتىلگەن بىر ۋاقىت ئۈچۈن،
ئۇ ئادەملەرگە ئاخىرەتنى تەلپۈندۈرىدۇ،
ئۇ يالغان گەپ قىلمايدۇ؛
ئۇزۇنغىچە كەلمەي قالسىمۇ، ئۇنى كۈتكىن؛
چۈنكى ئۇ جەزمەن يېتىپ كېلىدۇ، ھېچ كېچىكمەيدۇ.
قارا، تەكەببۇرلىشىپ كەتكۈچىنى!
ئۇنىڭ قەلبى ئۆز ئىچىدە تۈز ئەمەس؛
بىراق ھەققانىي ئادەم ئۆز ئېتىقاد-سادىقلىقى بىلەن ھايات ياشايدۇ.  
بەرھەق، شاراب ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ، ــ
ــ ئۇ تەكەببۇر ئادەم، ئۆيدە تىنىم تاپمايدۇ،
ھەۋىسىنى تەھتىسارادەك يوغان قىلىدۇ؛
ئۇ ئۆلۈمدەك ھېچقاچان قانمايدۇ؛
ئۆزىگە بارلىق ئەللەرنى يىغىدۇ،
ھەممە خەلقنى ئۆزىگە قارىتىۋالىدۇ.
بۇلارنىڭ ھەممىسى كېيىن ئۇ توغرۇلۇق تەمسىلنى سۆزلەپ،
كىنايىلىك بىر تېپىشماقنى تىلغا ئالىدۇ: ــ
«ئۆزىنىڭ ئەمەسنى مېنىڭ دەپ قوشۇۋالغۇچىغا ۋاي!
(بۇنداق ئىشلار قاچانغىچە بولىدۇ؟!)
گۆرۈگە قويغان نەرسىلەر بىلەن ئۆزىنى چىڭدىغۇچىغا ۋاي!»
سەندىن جازانە-قەرز ئالغۇچىلار بىراقلا قوزغالمامدۇ؟
سېنى تىترەتكۈچىلەر بىراقلا ئويغانمامدۇ؟
ئاندىن سەن ئۇلارغا ئولجا بولمامسەن؟
سەن نۇرغۇن ئەللەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن،
ھەم كىشىلەرنىڭ قانلىرى، زېمىن، شەھەر ھەم ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان ھەممەيلەنگە قىلغان زۇلۇم-زوراۋانلىقىڭ تۈپەيلىدىن،
ساقلىنىپ قالغان ئەللەر سېنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدۇ؛
ھالاكەت چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن،
ئۇۋامنى يۇقىرىغا سالاي دەپ،
نەپسى يوغىناپ ئۆز جەمەتىگە ھارام مەنپەئەت يىغقۇچىغا ۋاي!
10 نۇرغۇن خەلقلەرنى ۋەيران قىلىپ،
ئۆز جەمەتىڭگە ئاھانەت كەلتۈردۈڭ،
ئۆز جېنىڭغا قارشى گۇناھ سادىر قىلدىڭ.
11 چۈنكى تامدىن تاش نىدا قىلىدۇ،
ياغاچلاردىن لىم جاۋاب بېرىدۇ: ــ
12 يۇرتنى قان بىلەن،
شەھەرنى قەبىھلىك بىلەن قۇرغۇچىغا ۋاي!»
13 مانا، خەلقلەرنىڭ جان تىكىپ تاپقان مېھنىتىنىڭ پەقەت ئوتقا يېقىلغۇ قىلىنغانلىقى،
ئەل-يۇرتلارنىڭ ئۆزلىرىنى بىھۇدە ھالسىراتقانلىقى،
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگاردىن ئەمەسمۇ؟
14 چۈنكى خۇددى سۇلار دېڭىزنى قاپلىغاندەك،
پۈتۈن يەر يۈزى پەرۋەردىگارنى بىلىپ-تونۇش بىلەن قاپلىنىدۇ.
  
15 ئۆز يېقىنىڭغا ھاراقنى ئىچكۈزگۈچىگە ــ
ــ ئۇنىڭ ئۇيات يېرىگە قارىشىڭ ئۈچۈن،
تۇلۇمۇڭدىن قۇيۇپ، ئۇنى مەست قىلغۇچى ساڭا ۋاي!
16 شان-شەرەپنىڭ ئورنىدا شەرمەندىچىلىككە تولىسەن؛
ئۆزۈڭمۇ ئىچ،
خەتنىلىكىڭ ئايان بولسۇن!
پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولىدىكى قەدەھ سەن تەرەپكە بۇرۇلىدۇ،
شان-شەرىپىڭنىڭ ئۈستىنى رەسۋايىپەسلىك باسىدۇ.
17 لىۋانغا قىلغان زۇلۇم-زوراۋانلىق،
شۇنداقلا ھايۋانلارنى قورقىتىپ ئۇلارغا يەتكۈزگەن ۋەيرانچىلىقمۇ،
كىشىلەرنىڭ قانلىرى، زېمىن، شەھەر ھەم ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان ھەممەيلەنگە قىلغان زۇلۇم-زوراۋانلىق تۈپەيلىدىن،
بۇلار سېنىڭ مىجىقىڭنى چىقىرىدۇ.
18 ئويما مەبۇدنىڭ نېمە پايدىسى،
ئۇنى ئۇنىڭ ياسىغۇچىسى ئويۇپ چىققان تۇرسا؟
قۇيما مەبۇدنىڭمۇ ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ساختا تەلىم بەرگۈچىنىڭ نېمە پايدىسى ــ
ــ چۈنكى ئۇنى ياسىغۇچى ئۆز ياسىغىنىغا تايىنىدۇ،
دېمەك، زۇۋانسىز «يوق بولغان نەرسىلەر»نى ياسايدۇ؟
19 ياغاچقا «ئويغان!» دېگەن ئادەمگە،
زۇۋانسىز تاشقا «تۇرە!» دېگەنگە ۋاي!
ئۇ ۋەز ئېيتامدۇ؟
مانا، ئۇ ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن ھەللەندى،
ئۇنىڭ ئىچىدە ھېچ نەپەس يوقتۇر.
20 بىراق پەرۋەردىگار ئۆز مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىدۇر!
پۈتكۈل يەر يۈزى ئۇنىڭ ئالدىدا سۈكۈت قىلسۇن!.
 
 
2:1 «... قانداق تېگىشلىك جاۋاب تېپىشىم كېرەكلىكىنى بىلىشنى...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «قانداق تېگىشلىك جاۋاب كۆرۈشنى...». «ئۇنىڭ ماڭا نېمە دەيدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئۆزۈم بۇ داد-پەريادىم توغرۇلۇق قانداق تېگىشلىك جاۋاب تېپىشىم كېرەكلىكىنى بىلىشنى كۈتۈپ تۇرىمەن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇنىڭ ماڭا نېمىنى ئېيتىدىغانلىقىنى، ھەمدە ئۆزۈمنىڭ ئۇنىڭ ماڭا بېرىدىغان تەنبىھكە نېمە جاۋاب بېرىشىم كېرەكلىكىنى بىلىشنى كۈتىمەن». ھېچ بولمىغاندا، ئۇ خۇدانىڭ تەنبىھىنى كۈتىدۇ. ھاباككۇك پەيغەمبەر كۆڭلىدە: «مېنىڭ ئەسلىدىكى داد-پەريادىمدا بەلكىم خاتالىق يېرى بولۇشى مۇمكىن» دەيدۇ، بار بولسا ئۇ خاتالىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىشقا تەييار تۇرىدۇ. شۇڭا بىزنىڭچە «جاۋاب» بولسا (1) داد-پەريادىدىكى (بار بولسا) خاتالىقىغا بولغان جاۋابكارلىقىنى، (2) كېيىن ئۇنىڭ ئۆز ئوقۇرمەنلىرىگە ياكى ئۆزىگە ئەگەشكەن ئادەملەرگە بېرىشكە تېگىشلىك جاۋابنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ بۇلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن كۈتۈۋاتىدۇ. ھاباككۇك پەيغەمبەرنىڭ خۇداغا بولغان «جاۋابى» 3-بابتا تېپىلىدۇ. 2:1 يەش. 21‏:8 2:2 «ئوقۇغانلار يۈگۈرسۇن ئۈچۈن، بۇ كۆرۈنگەن ئالامەتنى يېزىۋال...» ــ ئىككى مەنىسى بولۇشى مۇمكىن: ــ (1) ئوقۇغان كىشى كېيىن بۇ خەۋەرنى باشقىلارغا يۈگۈرۈپ يەتكۈزسۇن؛ (2) ئوقۇغان كىشى ھەرتۈرلۈك قىيىنچىلىق ئاستىدىمۇ مېنىڭ يولۇمدا يۈگۈرسۇن (مەسىلەن، «زەب.» 32:119، «يەش.» 30:40-31، «گال.» 7:5نى كۆرۈڭ). بىز ئىككىنچى مەنىگە مايىلمىز. 2:2 يەش. 30‏:8 2:3 «بۇ كۆرۈنگەن ئالامەت كەلگۈسىدىكى بېكىتىلگەن بىر ۋاقىت ئۈچۈن...» ــ «بېكىتىلگەن» ــ دېمەك، ھېچكىم (ھەتتا دۇئا ئارقىلىقمۇ) ئۇنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. «ئۇ ئادەملەرگە ئاخىرەتنى تەلپۈندۈرىدۇ» ــ سۆزمۇسۆز تەرجىمىسى: «ئۇ ئاخىرەتكە قاراپ ھاسىراپ نەپەس ئالىدۇ» (پىكرىمىزچە بۇ ئىبارە چوڭقۇر تەشنالىقنى بىلدۈرىدۇ). 2:4 «قارا، تەكەببۇرلىشىپ كەتكۈچىنى! ئۇنىڭ قەلبى ئۆز ئىچىدە تۈز ئەمەس» ــ ھەرقانداق تەكەببۇر ئادەم دۇرۇس، تۈز بولالمايدۇ. «بىراق ھەققانىي ئادەم ئېتىقاد-سادىقلىقى بىلەن ھايات ياشايدۇ» ــ بۇ سۆز خۇدانىڭ جاۋابىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق جۈملىسى. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. 2:4 رىم. 1‏:17؛ گال. 3‏:11؛ ئىبر. 10‏:38 2:5 «بەرھەق، شاراب ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ» ــ بابىللىقلار ئاخىر بېرىپ مەيخورلۇقتىن پارس ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن نابۇت بولدى. تەۋرات، «دانىيال پەيغەمبەر» 5-باب ۋە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «...ھەۋىسىنى تەھتىسارادەك يوغان قىلىدۇ» ــ «تەھتىسارا» ئۆلگەنلەرنىڭ روھلىرى بارىدىغان جاي. بابىللىقلار ھەر يىلى تاجاۋۇزچىلىق پىلانىنى تۈزەيتتى. ئاخىر بېرىپ بۇ تاجاۋۇزچىلىقى ئۆزىنىڭ مۇداپىئىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، پارس ئىمپېرىيەسى ئۇلارنى نابۇت قىلدى. «ئۇ ئۆلۈمدەك ھېچقاچان قانمايدۇ» ــ «ئۆلۈم» ھەردائىم ئىنسانلارنىڭ جېنىنى ئالىدۇ، ھەرگىز «بولدى» دېمەيدۇ. 2:6 «گۆرۈگە قويغان نەرسىلەر بىلەن ئۆزىنى چىڭدىغۇچىغا ۋاي!» ــ «گۆرۈگە قويغان نەرسىلەر» دېگەن ئىبارە ئىككى بىسلىق بولۇپ، باشقا بىر مەنىسى «بىر دۆۋە توپا» ــ دېمەك، ئۇلار مۇشۇ ھارام نەرسىلەر بىلەن ئۆزلىرىنى بۇلغىغانىدى. بابىل ئىمپېرىيەسى ئاياغ ئاستى قىلغان ئەللەر ھاباككۇكنىڭ بابىل توغرىسىدىكى بېشارەتلىرىنى بىلىپ يەتكەندىن كېيىن، ئۇلار بۇ ئايەتتىكى كىنايىلىك سۆزلەرنى دېگەن بولۇشى مۇمكىن. سۆزلەر «مەرسىيە» (ماتەم تۇتۇش مۇناجىتى) شەكلىدە ئېيتىلىدۇ. 2:7 «سەندىن جازانە-قەرز ئالغۇچىلار بىراقلا قوزغالمامدۇ؟» ــ «سەندىن جازانە-قەرز ئالغۇچىلار» دېگەن سۆز ئىككى بىسلىق بولۇپ، يەنە بىر مەنىسى: «(يىلاندەك) سېنى چاققۇچىلار». 2:8 «... كىشىلەرنىڭ قانلىرى، زېمىن، شەھەر ھەم ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان ھەممەيلەنگە قىلغان زۇلۇم-زوراۋانلىقىڭ تۈپەيلىدىن،...» ــ «... زېمىن، شەھەر... » ــ بۇ ئىسىملەر بىرلىك شەكىلدە (كۆپلۈك شەكىلدە ئەمەس) ئىپادىلەنگىنى ھەم ئۇ زېمىن، شەھەرنىڭ نامى ئېيتىلمىغانلىقىدىن قارىغاندا، ئۇ ئىبارە ئىسرائىل زېمىنى (پەلەستىن) ھەم يېرۇسالېمنى كۆرسەتسە كېرەك. 2:14 «چۈنكى خۇددى سۇلار دېڭىزنى قاپلىغاندەك، پۈتۈن يەر يۈزى پەرۋەردىگارنى بىلىپ-تونۇش بىلەن قاپلىنىدۇ» ــ بۇ باياننىڭ ئۆزى ھاباككۇكنىڭ داد-پەريادىغا بولغان چوڭ بىر جاۋابتۇر. جاھاندىكى ئادالەتسىزلىكلەر شۇنچە كۆپ بولغىنىنى بىلەن، ھېچ بولمىغاندا ئاخىر بېرىپ ئۇلارنىڭ ھەربىرى يوقىتىلىدۇ. باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ بېشارەتلىرى بويىچە، بابىل شەھىرى توغرۇلۇق ئىشىنىمىزكى، ئۇ ئاخىرى زاماندا قايتا قۇرۇلىدۇ. ئەمدى «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى»دە، بۇ ئايەتتە دېيىلگەندەك «پۈتۈن يەر يۈزى پەرۋەردىگارنى بىلىپ-تونۇش بىلەن قاپلىنىدۇ» ۋە شۇڭلاشقا بابىل قايتا كۆرۈنمەسكە يوقىتىلىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. 2:14 چۆل. 14‏:21 2:15 «ئۆز يېقىنىڭغا ھاراقنى ئىچكۈزگۈچىگە ــ ئۇنىڭ ئۇيات يېرىگە قارىشىڭ ئۈچۈن، تۇلۇمۇڭدىن قۇيۇپ، ئۇنى مەست قىلغۇچى ساڭا ۋاي!» ــ ھاراقكەشلەر ھەردائىم باشقىلارنى ھاراقكەشلەرگە ئايلاندۇرماقچى بولىدۇ. بىراق بابىلنىڭ «باشقىلارغا ھاراق ئىچكۈزۈش» مەقسىتى ئۇلارغا ئېزىتقۇلۇق قىلىپ، ئۆزىگە ئوخشاش بەچچىۋازلىق گۇناھىغا كىرگۈزۈپ، ئاندىن ئۇلارنى ئاسانلا كونترول قىلىشتىن ئىبارەت. 2:16 «ئۆزۈڭمۇ ئىچ، *خەتنىلىكىڭ ئايان بولسۇن!» ــ «خەتنىلىكىڭ ئايان بولسۇن!» دېگەن ئىبارە ئادەمنىڭ قاتتىق خىجالىتىنى كۆرسەتكىنىدىن باشقا، «سەن خۇدانىڭ ئەھدىسىگە ۋە سۆزىگە يات ئادەمسەن» دېگەن مەنىنىمۇ پۇرىتىپ بېرىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۆزۈڭمۇ (ھاراق) ئىچ، پۇلاڭلاپ يىقىل!». 2:17 «لىۋانغا قىلغان زۇلۇم-زوراۋانلىق، شۇنداقلا ھايۋانلارنى قورقىتىپ ئۇلارغا يەتكۈزگەن ۋەيرانچىلىقمۇ،...» ــ «لىۋان» رايونى گۈزەل ئورمانلىرى ھەم كۆپلىگەن ھەرخىل ياۋايى ھايۋانلىرى بىلەن داڭقى چىققان. بابىل ئىمپېرىيەسى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 605-يىلىدىكى (سۇرىيەدە يۈز بەرگەن) «كارشېمىش جېڭى»دىن كېيىن، (1) لىۋاندىكىلەرگە ۋە ئەتراپىدىكىلەرگىمۇ ئېغىر زۇلۇم يەتكۈزگەن. (2) ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلار قىلماقچى بولغان جەڭلەرنى داۋام قىلىشى ئۈچۈن ھەمدە ئۆز شەھەرلىرىنى قۇرۇش ئۈچۈن لىۋاندىن كۆپ دەل-دەرەخلەرنى كېسىپ ئېپكەتتى. (3) ئۇلار يەنە كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈنلا كۆپ ياۋايى ھايۋانلارنى رەھىمسىز ئۇسۇللار بىلەن ئوۋلىدى. مەزكۇر ئايەتتىكى بۇ سۆز بۇ ئۈچ ئىشنى كۆزدە تۇتىدۇ. 2- ۋە 3-ئىشتىن روشەنكى، ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئىي مۇھىتنى ئوبدان ئاسراشقا خۇدا ئالدىدا جاۋابكارلىقى بار. «كىشىلەرنىڭ قانلىرى، زېمىن، شەھەر ھەم ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان ھەممەيلەنگە قىلغان زۇلۇم-زوراۋانلىق تۈپەيلىدىن،...» ــ «...زېمىن، شەھەر،... تۇرۇۋاتقانلار» ــ 8-ئايەتتىكى ئىبارىگە ئوخشاش، ئىسرائىل زېمىنى (قانائان)نى ھەم يېرۇسالېمنى كۆرسىتىدۇ. 2:19 «ئۇنىڭ ئىچىدە ھېچ نەپەس يوقتۇر» ــ ياكى «ئۇنىڭ ئىچىدە ھېچ روھ يوقتۇر». «ياغاچقا «ئويغان!» دېگەن ئادەمگە، زۇۋانسىز تاشقا «تۇرە!» دېگەنگە ۋاي! ... ئۇنىڭ ئىچىدە ھېچ نەپەس يوقتۇر» ــ بۇ ئىككى ئايەت (18-، 19-) بابىللىقلارنىڭ رەزىللىكىنىڭ بۇتپەرەسلىك بىلەن باغلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. 7:1دە كۆرسىتىلگەندەك، ئۆز «خۇدالىرى»نى ئۆزى ياسىغاندىن كېيىن، ئۇلار تىرىك خۇدادىن ھېچ قورقماي، ئۆزىگە قولايلىق «ئەخلاق-پەزىلەت» مىزانلىرىنى خالىغانچە بېكىتىدۇ. 2:20 «بىراق پەرۋەردىگار ئۆز مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىدۇر!» ــ مۇشۇ يەردە پەيغەمبەر بەلكىم خۇدانىڭ ئاسماندىكى مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىنى كۆرسىتىدۇ («زەب.» 5:7، 4:11نىمۇ كۆرۈڭ).