3
ھاباككۇكنىڭ دۇئاسى
ھاباككۇك پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسى،
«شىگگائون» ئاھاڭىدا: ــ
«پەرۋەردىگار، مەن خەۋىرىڭنى ئاڭلىدىم، ئەيمىنىپ قورقتۇم.
ئى پەرۋەردىگار، يىللار ئارىسىدا ئىشىڭنى قايتىدىن جانلاندۇرغايسەن،
يىللار ئارىسىدا ئىشىڭنى تونۇتقايسەن؛
دەرغەزەپتە بولغىنىڭدا رەھىمدىللىقنى ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن!
تەڭرى تېماندىن،
پاك-مۇقەددەس بولغۇچى پاران تېغىدىن كەلدى؛
سېلاھ!
ئۇنىڭ شان-شەرىپى ئاسمانلارنى قاپلىدى،
يەر يۈزى ئۇنىڭ مەدھىيىلىرى بىلەن تولدى؛
ئۇنىڭ پارقىراقلىقى تاڭ نۇرىدەك بولدى،
قولىدىن چاقماق چاققاندەك ئىككى نۇر چىقتى؛
شۇ يەردە ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتى يوشۇرۇنۇپ تۇرىدۇ.
ئۇنىڭ ئالدىدىن ۋابا،
پۇتلىرىدىن چوغدەك يالقۇن چىقماقتا ئىدى؛
ئۇ تۇرۇپ يەر يۈزىنى مۆلچەرلىدى؛
ئۇ قارىۋىدى، ئەللەرنى دەككە-دۈككىگە سالدى؛
«مەڭگۈ تاغلار» پارە-پارە قىلىندى،
«ئەبەدىي دۆڭ-ئېگىزلىكلەر» ئېگىلدۈرۈلدى،
ئۇنىڭ يوللىرى بولسا ئەبەدىيدۇر.
مەن كۇشان قەبىلىسىنىڭ چېدىرلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكتە بولغانلىقىنى،
مىدىيان زېمىنىدىكى پەردىلەرنى تىترەك باسقانلىقىنى كۆردۇم.
پەرۋەردىگار دەريالارغا ئاچچىقلاندىمىكىن؟
سېنىڭ غەزىپىڭ دەريالارغا قارىتىلدىمىكىن؟
قەھرىڭ دېڭىزغا قارىتىلدىمىكىن؟
ئاتلىرىڭغا، نىجات-قۇتقۇزۇشنى ئېپكېلىدىغان جەڭ ھارۋىلىرىڭغا مىنىپ كەلگەنغۇسەن!
سېنىڭ ئوقيايىڭ ئايان قىلىندى،
سۆزۈڭ بويىچە، ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە ئىچكەن قەسەملىرىڭ ئۈچۈن ئايان قىلىندى!
سېلاھ!
سەن يەر يۈزىنى دەريا-كەلكۈنلەر بىلەن ئايرىۋەتتىڭ.
10 تاغلار سېنى كۆرۈپ، ئازابلىنىپ تولغىنىپ كەتتى؛
دولقۇنلاپ ئاققان سۇلار كەلكۈندەك ئۆتۈپ كەتتى؛
چوڭقۇر دېڭىز ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ،
قوللىرىنى يۇقىرىغا ئۆرلەتتى.
11 ئېتىلغان ئوقلىرىڭنىڭ پارقىراق نۇرىنى كۆرۈپ،
پالىلدىغان نەيزەڭنىڭ يورۇقلۇقىنى كۆرۈپ،
قۇياش ھەم ئاي ئۆز تۇرالغۇسىدا جىم تۇردى.
12 سەن ئاچچىقىڭدا يەر يۈزىدىن ئۆتۈپ يۈرۈش قىلدىڭ؛
ئەللەرنى غەزىپىڭدە زىرائەتنى سوققاندەك سوقتۇڭ؛
13 ئۆز خەلقىڭنىڭ نىجات-قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن،
سەن ئۆز مەسىھىڭ بىلەن بىللە نىجات-قۇتقۇزۇش ئۈچۈن چىقتىڭ؛
ئۇلىنى بوينىغىچە ئېچىپ تاشلاپ،
رەزىلنىڭ جەمەتىنىڭ بېشىنى ئۇرۇپ-يانجىپ، ئۇنىڭدىن ئايرىۋەتتىڭ؛
سېلاھ!
14 سەن ئۇنىڭ نەيزىلىرى بىلەن سەردارلىرىنىڭ بېشىغا سانجىدىڭ؛
ئۇلار دەھشەتلىك قارا قۇيۇندەك مېنى تارقىتىۋېتىشكە چىقتى،
ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى ئاجىز مۆمىنلەرنى يوشۇرۇن جايدا يالماپ يۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر!
15 سەن ئاتلىرىڭ بىلەن دېڭىزدىن،
يەنى دۆۋە-دۆۋە قىلىنغان ئۇلۇغ سۇلاردىن ئۆتۈپ ماڭدىڭ!
 
16 مەن بۇلارنى ئاڭلىدىم، ئىچى-باغرىمنى تىترەك باستى؛
ئاۋازنى ئاڭلاپ كالپۇكلىرىم دىر-دىر قىلدى،
ئۇستىخانلىرىم چىرىپ كەتكەندەك بولدى،
پۇتلىرىمنى تىترەك باستى؛
چۈنكى مەن كۈلپەتلىك كۈنىدە،
يەنى ئۆز خەلقىمگە تاجاۋۇز قىلغۇچى بېسىپ كىرگەن كۈنىدىمۇ،
سەۋر-خاتىرجەملىكتە تۇرۇشۇم كېرەك.
17 چۈنكى ئەنجۈر دەرىخى چېچەكلىمىسىمۇ،
ئۈزۈم تاللىرىدا مېۋە بولمىسىمۇ،
زەيتۇن دەرىخىگە قىلغان ئەجىر يوققا چىققان بولسىمۇ،
ئېتىزلار ھېچ ھوسۇل بەرمىگەن بولسىمۇ،
قوتاندىن قوي پادىسى ئۈزۈلگەن بولسىمۇ،
ئېغىلدا كالا پادىسى يوق بولسىمۇ،
18 مەن ھامان پەرۋەردىگاردىن شادلىنىمەن،
ماڭا نىجاتىمنى بەرگۈچى خۇدايىمدىن شادلىققا چۆمۈلىمەن،
19 پەرۋەردىگار، رەب، مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمدۇر؛
ئۇ مېنىڭ پۇتلىرىمنى كېيىكنىڭكىدەك قىلىدۇ؛
مېنى يۇقىرى جايلىرىمدا ماڭغۇزىدۇ!
 
(بۇ كۈي نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن).
3:1 ««شىگگائون» ئاھاڭىدا: ــ» ــ «شىگگائون» بەلكىم «دولقۇنلۇق»، «ئوتلۇق»، «ئاشىقلىق بىلەن» دېگەن مەنىدە بولۇپ، بۇ سۆز كۈينىڭ ئېيتىلىدىغان ئاھاڭىنى بىلدۈرىدۇ. 3:2 «پەرۋەردىگار، مەن خەۋىرىڭنى ئاڭلىدىم،...» ــ ياكى «پەرۋەردىگار، مەن سەندىن خەۋەرنى ئاڭلىدىم،...». «... يىللار ئارىسىدا ئىشىڭنى تونۇتقايسەن، دەرغەزەپتە بولغىنىڭدا رەھىمدىللىقنى ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن!» ــ «يىللار ئارىسىدا» توغرۇلۇق: ــ ھاباككۇك خۇدا ئاخىرقى زاماندا ئۆز ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسىتىپ ئىسرائىلنى گۇناھتىن قۇتقۇزىدۇ، دەپ بىلدى. بىراق ھازىر «ئاخىرقى زامان» ئەمەس؛ ئەمدى ھازىر، «يىللار ئارىسىدا»مۇ خۇدا ئۆز كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسەتكەي! 3:3 «تەڭرى تېماندىن، پاك-مۇقەددەس بولغۇچى پاران تېغىدىن كەلدى» ــ «تېمان» ۋە «پاران» قانائان (پەلەستىن) زېمىنىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا، ھازىرقى «ئىئوردانىيە» زېمىنىغا جايلاشقان ئىككى رايون. بۇ يەردە (يەنى سىناي تېغىدا) مۇسا پەيغەمبەر «مۇقەددەس قانۇن»نى قوبۇل قىلدى، ئاندىن ئىسرائىللار خۇدانىڭ يېتەكچىلىكى بىلەن پەلەستىنگە قاراپ يول ئالدى. بۇ سۆزلەرگە ھەم باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىغا قارىغاندا، قۇتقۇزغۇچى مەسىھ ئەيسا يەر يۈزىگە قايتىپ كەلگەندىمۇ ئاۋۋال شۇ يەرگە چۈشۈپ، ئاندىن ئىسرائىلنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قانائانغا (پەلەستىنگە) قاراپ كېلىدۇ. «سېلاھ!» ــ «سېلاھ» دېگەن سۆز بەلكىم كۈي چالغان ۋاقتىدا مۇزىكىدىكى بىر «پائۇزا»نى كۆرسىتىشى مۇمكىن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ: ــ «توختا، ئويلان!» دېگەن ئىماسى بولۇشى مۇمكىن. 3:4 «ئۇنىڭ پارقىراقلىقى تاڭ نۇرىدەك بولدى» ــ ياكى «ئۇنىڭ پارقىراقلىقى چاقماقتەك بولدى». 3:5 «ئۇنىڭ ... پۇتلىرىدىن چوغدەك يالقۇن چىقماقتا ئىدى» ــ ياكى، «ئۇنىڭ ... پۇتلىرىدىن پىژغىرىن قىزىتما چىقماقتا ئىدى». 3:6 «ئۇ تۇرۇپ يەر يۈزىنى مۆلچەرلىدى» ــ ياكى «ئۇ يەر يۈزىنى سىلكىپ قويدى». ««ئەبەدىي دۆڭ-ئېگىزلىكلەر» ئېگىلدۈرۈلدى» ــ ياكى ««ئەبەدىي دۆڭ-ئېگىزلىكلەر» غۇلىتىلدى». ««مەڭگۈ تاغلار» پارە-پارە قىلىندى، «ئەبەدىي دۆڭ-ئېگىزلىكلەر» ئېگىلدۈرۈلدى، ئۇنىڭ يوللىرى بولسا ئەبەدىيدۇر» ــ تاغلار ھەم دۆڭلەر «ئەبەدىي» تۇرغاندەك بولسىمۇ، پەقەت تىرىك خۇدا ئۆزى «ئەبەدىيدۇر». باشقا ئىككى خىل تەرجىمىسى: (1) «ئۇنىڭ چىقىشلىرى ئەبەدتىن بۇيان بولغان» (2) «ئۇ قەدىمكى (ئەبەدىي) يوللاردا ماڭىدۇ». 3:7 «مەن كۇشان قەبىلىسىنىڭ چېدىرلىرى..، مىدىيان زېمىنىدىكى پەردىلەر...» ــ «كۇشان» ۋە «مىدىيان» دېگەن ئىككى ئەل 3-ئايەتتىكى «تېمان» ۋە «پاران» دېگەن رايونلاردا ئىدى. ئۇلار ئىسرائىلنىڭ قانائاننى (پەلەستىننى) ئىشغال قىلىشىغا بىرىنچى قارشى چىققان ئەللەردىن ئىدى («باتۇر ھاكىملار» 3- ھەم 7-بابلارنى كۆرۈڭ). 3:8 «پەرۋەردىگار دەريالارغا ئاچچىقلاندىمىكىن؟ سېنىڭ غەزىپىڭ دەريالارغا قارىتىلدىمىكىن؟ قەھرىڭ دېڭىزغا قارىتىلدىمىكىن؟ ئاتلىرىڭغا، نىجات-قۇتقۇزۇشنى ئېپكېلىدىغان جەڭ ھارۋىلىرىڭغا مىنىپ كەلگەنغۇسەن!» ــ بابىل ۋە مېسوپوتامىيىدىكى بۇتپەرەسلىك ئەپسانىلىرى بويىچە، دېڭىز ۋە دەريالار ئۇلارنىڭ كۈچلۈك بۇتلىرى ياكى جىن-شەيتانلىرى تۇرىدىغان «قورغان»لىرى ئىدى. بۇ ئايەت بويىچە خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ھەممە بۇت ۋە جىن-شەيتانلاردىن زور ئۈستۈن كۆرسىتىلىدۇ. 3:9 «سېنىڭ ئوقيايىڭ... سۆزۈڭ بويىچە، ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە ئىچكەن قەسەملىرىڭ ئۈچۈن ئايان قىلىندى!» ــ باشقا ئىككى خىل تەرجىمىسى: ــ «سېنىڭ ئوقيايىڭ... سېنىڭ سۆزۈڭگە تايانغان قەبىلىلەرگە ئىچكەن قەسەملىرىڭ بويىچە ئايان قىلىندى!»، ياكى: «سەن ئوقيايىڭنى ئايان قىلدىڭ، نۇرغۇن ئوقلارنىڭ ئېلىپ كېتىلىشىنى بۇيرۇدۇڭ». 3:13 «سەن ئۆز مەسىھىڭ بىلەن بىللە نىجات-قۇتقۇزۇش ئۈچۈن چىقتىڭ» ــ «مەسىھىڭ» ياكى «مەسىھ قىلغىنىڭ» ــ خۇدانىڭ يوليورۇقى بويىچە، ئىسرائىلغا يېڭى بىر پادىشاھ بېكىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بېشىغا زەيتىن مېيى سۈرۈلۈش كېرەك ئىدى. مۇشۇ مۇراسىم «مەسىھ قىلىنىش» دەپ ۋە شۇ چاغدىن باشلاپ مۇشۇ پادىشاھ «خۇدانىڭ مەسىھ قىلغىنى» دەپ ئاتىلاتتى. خۇدا داۋۇت پادىشاھنىڭ بىر ئەۋلادىنى «مەسىھ قىلىمەن»، بۇ «قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ» ئىسرائىلنى ھەم بارلىق دۇنيانى گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ، دەپ ۋەدە قىلغان. بىزنىڭچە مۇشۇ ئايەتتە بۇ «قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ» كۆرسىتىلىدۇ. «سەن ئۆز مەسىھىڭ بىلەن بىللە نىجات-قۇتقۇزۇش ئۈچۈن چىقتىڭ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سەن ئۆز مەسىھىڭنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن چىقتىڭ». «... ئۇلىنى بوينىغىچە ئېچىپ تاشلاپ، ...» ــ ياكى «ئۇنى (شۇ جەمەتنى) ئۇلىدىن ئۆگزىسىگىچە ئېچىپ تاشلاپ،...». بەزى ئالىملار «رەزىلنىڭ جەمەتىنىڭ بېشى» دېگەن سۆز ئاخىرى زاماندىكى خۇداغا قارشى چىققان، شەيتاننىڭ ۋەكىلى بولغان «دەججال»نى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىز قوشۇلىمىز. 3:14 «سەن ئۇنىڭ نەيزىلىرى بىلەن سەردارلىرىنىڭ بېشىغا سانجىدىڭ» ــ «ئۇنىڭ» ــ «رەزىلنىڭ جەمەتىنىڭ بېشىنىڭ...» (13-ئايەت)؛ بەلكىم دەججالنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. «ئۇلار دەھشەتلىك قارا قۇيۇندەك مېنى تارقىتىۋېتىشكە چىقتى» ــ «مېنى» ــ ئىسرائىل سۆزلەيدۇ. مۇشۇ ئايەتتىكى سۆزلەر ئاخىرقى زاماندىكى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئېيتقانلىرى بولسا كېرەك. 3:15 «سەن ئاتلىرىڭ بىلەن دېڭىزدىن، يەنى دۆۋە-دۆۋە قىلىنغان ئۇلۇغ سۇلاردىن ئۆتۈپ ماڭدىڭ!» ــ مۇسا پەيغەمبەر ئىسرائىلنى مىسىردىن چىقىرىپ يېتەكلىگەندە، ئۇلار قىزىل دېڭىزدىن ئۆتكەن. دېڭىزدىكى سۇلار ئۇلارغا يول ئېچىپ ئىككى تەرىپىدە «دۆۋە-دۆۋە» تۇرغانىدى. كەلگۈسى زاماندىكى ۋەقە بەلكىم بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدۇ. 3:16 «ئاۋازنى ئاڭلاپ كالپۇكلىرىم دىر-دىر قىلدى» ــ ھاباككۇك «خۇدانىڭ ئاۋازى» دەپ ئوچۇق ئېيتمايدۇ ــ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئاڭلىغۇدەك پەقەت بىرلا ئاۋاز بار، خالاس. 3:18 «ماڭا نىجاتىمنى بەرگۈچى خۇدايىم...» ــ ياكى «نىجاتىم بولغۇچى خۇدايىم...».