11
لازارۇسنىڭ ئۆلۈمى
لازارۇس دېگەن بىر ئادەم كېسەل بولۇپ قالغانىدى. ئۇ مەريەم ۋە ھەدىسى مارتا تۇرغان، بەيت-ئانىيا دېگەن كەنتتە تۇراتتى (بۇ مەريەم بولسا، رەبگە خۇشبۇي ماينى سۈركىگەن، پۇتلىرىنى ئۆز چاچلىرى بىلەن ئېرتىپ قۇرۇتقان ھېلىقى مەريەم ئىدى؛ كېسەل بولۇپ ياتقان لازارۇس ئۇنىڭ ئىنىسى ئىدى).  
لازارۇسنىڭ ھەدىلىرى ئەيساغا خەۋەرچى ئەۋەتىپ: «ئى رەب، مانا سەن سۆيگەن دوستۇڭ كېسەل بولۇپ قالدى» دەپ يەتكۈزدى.
لېكىن ئەيسا بۇنى ئاڭلاپ:
ــ بۇ كېسەلدىن ئۆلۈپ كەتمەيدۇ، بەلكى بۇ ئارقىلىق خۇدانىڭ ئوغلى ئۇلۇغلىنىپ، خۇدانىڭ شان-شەرىپى ئايان قىلىنىدۇ ــ دېدى.
ئەيسا مارتا، سىڭلىسى ۋە لازارۇسنى تولىمۇ سۆيەتتى. شۇڭا ئۇ لازارۇسنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئۆزى تۇرۇۋاتقان جايدا يەنە ئىككى كۈن تۇردى. ئاندىن كېيىن ئۇ مۇخلىسلىرىغا:
ــ يەھۇدىيەگە قايتا بارايلى! ــ دېدى.
مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا:
ــ ئۇستاز، يېقىندىلا ئۇ يەردىكى يەھۇدىيلار سېنى چالما-كېسەك قىلماقچى بولغان تۇرسا، يەنە ئۇ يەرگە قايتا بارامسەن؟ ــ دېيىشتى.  
ئەيسا مۇنداق دېدى:
ــ كۈندۈزدە ئون ئىككى سائەت بار ئەمەسمۇ؟ كۈندۈزى يول ماڭغان كىشى پۇتلاشماس، چۈنكى ئۇ بۇ دۇنيانىڭ يورۇقىنى كۆرىدۇ. 10 لېكىن كېچىسى يول ماڭغان كىشى پۇتلىشار، چۈنكى ئۇنىڭدا يورۇقلۇق يوقتۇر.
11 بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇ:
ــ دوستىمىز لازارۇس ئۇخلاپ قالدى؛ مەن ئۇنى ئۇيقۇسىدىن ئويغاتقىلى بارىمەن، ــ دەپ قوشۇپ قويدى.
12 شۇڭا مۇخلىسلار ئۇنىڭغا:
ــ ئى رەب، ئۇخلىغان بولسا، ياخشى بولۇپ قالىدۇ، ــ دېدى.
13 ھالبۇكى، ئەيسا لازارۇسنىڭ ئۆلۈمى توغرۇلۇق ئېيتقانىدى، لېكىن ئۇلار ئۇ دەم ئېلىشتىكى ئۇيقۇنى دەۋاتىدۇ، دەپ ئويلاشتى. 14 شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا ئوچۇقىنى ئېيتىپ:
ــ لازارۇس ئۆلدى، ــ دېدى. 15 ــ بىراق سىلەرنى دەپ، سىلەرنىڭ ئېتىقاد قىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭ قېشىدا بولمىغانلىقىمغا خۇشالمەن. ئەمدى ئۇنىڭ يېنىغا بارايلى، ــ دېدى.
16 «قوشكېزەك» دەپ ئاتىلىدىغان توماس باشقا مۇخلىسداشلىرىغا:
ــ بىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارايلى ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆلەيلى، ــ دېدى.
 
ئەيسانىڭ لازارۇسنى تىرىلدۈرۈشى
17 ئەيسا مۇخلىسلىرى بىلەن بەيت-ئانىياغا بارغاندا، لازارۇسنىڭ يەرلىككە قويۇلغىنىغا ئاللىقاچان تۆت كۈن بولغانلىقى ئۇنىڭغا مەلۇم بولدى. 18 بەيت-ئانىيا يېرۇسالېمغا يېقىن بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئالتە چاقىرىمچە يىراقلىقتا ئىدى، 19 شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن يەھۇدىيلار مارتا بىلەن مەريەمگە ئىنىسى توغرىسىدا تەسەللى بەرگىلى ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلگەنىدى. 20 مارتا ئەمدى ئەيسانىڭ كېلىۋاتقىنىنى ئاڭلاپلا، ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى. لېكىن مەريەم بولسا ئۆيىدە ئولتۇرۇپ قالدى.
21 مارتا ئەمدى ئەيساغا: ــ ئى رەب، بۇ يەردە بولغان بولساڭ، ئىنىم ئۆلمىگەن بولاتتى. 22 ھېلىھەم خۇدادىن نېمىنى تىلىسەڭ، ئۇنىڭ ساڭا شۇنى بېرىدىغانلىقىنى بىلىمەن، ــ دېدى.
23 ــ ئىنىڭ قايتا تىرىلىدۇ، ــ دېدى ئەيسا.
24 مارتا:
ــ ئاخىرقى كۈنىدە، يەنە تىرىلىش كۈنىدە ئۇنىڭ جەزمەن تىرىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن، ــ دېدى.
25 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ تىرىلىش ۋە ھاياتلىق مەن ئۆزۈمدۇرمەن؛ ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى كىشى ئۆلسىمۇ، ھايات بولىدۇ؛ 26 ۋە ھايات تۇرۇپ، ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى ئەبەدىلئەبەد ئۆلمەس؛ بۇنىڭغا ئىشىنەمسەن؟
27 ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئىشىنىمەن، ئى رەب؛ سېنىڭ دۇنياغا كېلىشى مۇقەررەر بولغان مەسىھ، خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىڭگە ئىشىنىمەن.
28 بۇنى دەپ بولۇپ، ئۇ بېرىپ سىڭلىسى مەريەمنى ئاستىغىنا چاقىرىپ:
ــ ئۇستاز كەلدى، سېنى چاقىرىۋاتىدۇ، ــ دېدى.
29 مەريەم بۇنى ئاڭلاپ، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئالدىغا باردى 30 (شۇ پەيتتە ئەيسا تېخى يېزىغا كىرمىگەن بولۇپ، مارتا ئۇنىڭ ئالدىغا مېڭىپ، ئۇچرىشىپ قالغان يەردە ئىدى). 31 ئەمدى مەريەمگە تەسەللى بېرىۋاتقان، ئۆيدە ئۇنىڭ بىلەن ئولتۇرغان يەھۇدىيلار ئۇنىڭ ئالدىراپ قوپۇپ سىرتقا چىقىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، ئۇنى قەبرىگە بېرىپ شۇ يەردە يىغا-زار قىلغىلى كەتتى، دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىشتى.
32 مەريەم ئەمدى ئەيسا بار يەرگە بارغاندا ئۇنى كۆرۈپ، ئايىغىغا ئۆزىنى ئېتىپ:
ــ ئى رەب، بۇ يەردە بولغان بولساڭ، ئىنىم ئۆلمىگەن بولاتتى! ــ دېدى.
33 ئەيسا مەريەمنىڭ يىغا-زار قىلغىنىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن يەھۇدىي خەلقنىڭ يىغا-زار قىلىشقىنىنى كۆرگەندە، روھىدا قاتتىق پىغان چېكىپ، كۆڭلى تولىمۇ بىئارام بولدى ۋە: 34 ــ ئۇنى قەيەرگە قويدۇڭلار؟ ــ دەپ سورىدى.
ــ ئى رەب، كېلىپ كۆرگىن، ــ دېيىشتى ئۇلار.
35 ئەيسا كۆز يېشى قىلدى.    36 يەھۇدىي خەلقى: ــ قاراڭلار، ئۇ ئۇنى قانچىلىك سۆيگەن! ــ دېيىشتى. 37 ۋە ئۇلاردىن بەزىلىرى:
ــ قارىغۇنىڭ كۆزىنى ئاچقان بۇ كىشى كېسەل ئادەمنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قالالماسمىدى؟ ــ دېيىشتى.
38 ئەيسا ئىچىدە يەنە قاتتىق پىغان چېكىپ، قەبرىنىڭ ئالدىغا باردى. قەبرى بىر غار ئىدى؛ ئۇنىڭ كىرىش ئاغزىغا چوڭ بىر تاش قويۇقلۇق ئىدى. 39 ئەيسا:
ــ تاشنى ئېلىۋېتىڭلار! ــ دېدى.
ئۆلگۈچىنىڭ ھەدىسى مارتا:
ــ ئى رەب، يەرلىككە قويغىلى تۆت كۈن بولدى، ھازىر ئۇ پۇراپ كەتكەندۇ، ــ دېدى.
40 ئەيسا ئۇنىڭغا:
ــ مەن ساڭا: «ئېتىقاد قىلساڭ، خۇدانىڭ شان-شەرىپىنى كۆرىسەن» دېگەنىدىمغۇ! ــ دېدى.
41 بۇنىڭ بىلەن خالايىق تاشنى ئېلىۋەتتى. ئەيسا كۆزلىرىنى ئاسمانغا تىكىپ مۇنداق دۇئا قىلدى:
ــ ئى ئاتا، تىلىكىمنى ئاڭلىغىنىڭ ئۈچۈن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن. 42 تىلەكلىرىمنى ھەمىشە ئاڭلايدىغانلىقىڭنى بىلىمەن؛ لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، ئەتراپىمدىكى مۇشۇ خالايىق سېنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭگە ئىشەنسۇن دەپ، بۇنى ئېيتىۋاتىمەن!
43 بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا:
ــ لازارۇس، تاشقىرىغا چىق! ــ دەپ توۋلىدى.
44 ئۆلگۈچى قول-پۇتلىرى كېپەنلەنگەن، ئېڭىكى تېڭىلغان ھالدا تاشقىرىغا چىقتى. ئەيسا ئۇلارغا:
ــ كېپەننى يېشىۋېتىپ، ئۇنى ئازاد قىلىڭلار! ــ دېدى.
 
ئەيسانى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستى
مات. 26‏:1-5؛ مار. 14‏:1-2؛ لۇقا 22‏:1-2
45 مەريەمنىڭ يېنىغا پەتە قىلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئەمىللىرىنى كۆرگەن يەھۇدىيلار ئىچىدىن نۇرغۇنلىرى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. 46 لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى پەرىسىيلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئەيسانىڭ قىلغان ئىشلىرىنى مەلۇم قىلىشتى. 47 شۇڭا پەرىسىيلەر ۋە باش كاھىنلار يەھۇدىيلارنىڭ بىر كېڭەشمىسىنى يىغىپ:
ــ قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ بۇ ئادەم نۇرغۇن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى يارىتىۋاتىدۇ. 48 ئۇنىڭغا شۇنداق يول قويۇپ بېرىۋەرسەك، ھەممە ئادەم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىپ كېتىدۇ. شۇنداق بولغاندا، رىملىقلار كېلىپ بۇ بىزنىڭ جايىمىز ۋە قوۋمىمىزنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ! ــ دېيىشتى.
49 ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرى، يەنى شۇ يىلى باش كاھىن بولغان قايافا:
ــ سىلەر ھېچنېمىنى بىلمەيدىكەنسىلەر! 50 پۈتۈن خەلقنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ ئورنىغا، بىرلا ئادەمنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ئۆلۈشىنىڭ ئەۋزەللىكىنى چۈشىنىپ يەتمەيدىكەنسىلەر، ــ دېدى 51‏-52 (بۇ سۆزنى ئۇ ئۆزلۈكىدىن ئېيتمىغانىدى؛ بەلكى ئۇ شۇ يىلى باش كاھىن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەيسانىڭ يەھۇدىي خەلقى ئۈچۈن، شۇنداقلا پەقەت ئۇ خەلق ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ھەر يانغا تارقىلىپ كەتكەن پەرزەنتلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆلىدىغانلىقىدىن ئالدىن بېشارەت بېرىپ شۇنداق دېگەنىدى).  
53 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ، شۇ كۈندىن باشلاپ ئەيسانى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى قەستلىدى. 54 شۇنىڭ ئۈچۈن ئەيسا ئەمدى يەھۇدىيلار ئارىسىدا ئاشكارا يۈرمەيتتى، ئۇ ئۇ يەردىن ئايرىلىپ چۆلگە يېقىن رايوندىكى ئەفرائىم ئىسىملىك بىر شەھىرىگە بېرىپ، مۇخلىسلىرى بىلەن ئۇ يەردە تۇردى.
55 ئەمدى يەھۇدىيلارنىڭ «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»غا ئاز قالغانىدى. نۇرغۇن كىشىلەر تاھارەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، ھېيتتىن ئىلگىرى يېزىلاردىن يېرۇسالېمغا كېلىشتى. 56 شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇ كىشىلەر ئەيسانى ئىزدەشتى. ئۇلار ئىبادەتخانىدا يىغىلغاندا بىر-بىرىگە:
ــ قانداق ئويلاۋاتىسىلەر؟ ئۇ ھېيت ئۆتكۈزگىلى كەلمەسمۇ؟ ــ دېيىشتى.
57 باش كاھىنلار بىلەن پەرىسىيلەر بولسا ئۇنى تۇتۇش ئۈچۈن، ھەركىمنىڭ ئۇنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلسە، مەلۇم قىلىشى توغرۇلۇق پەرمان چىقارغانىدى.
 
 
11:2 «بۇ مەريەم بولسا، رەبگە خۇشبۇي ماينى سۈركىگەن، پۇتلىرىنى ئۆز چاچلىرى بىلەن ئېرتىپ قۇرۇتقان ھېلىقى مەريەم ئىدى؛ كېسەل بولۇپ ياتقان لازارۇس ئۇنىڭ ئىنىسى ئىدى» ــ بۇ ئىش دەسلەپتە «مات.» 6:26-13 ۋە «مار.» 3:14-9دە ۋە كېيىن «يۇھ.» 3:12-8دە خاتىرىلىنىدۇ. يۇھاننا ئوقۇرمەنلەر بۇ ئىشتىن ئىنجىلدىكى باشقا «بايانلار» ئارقىلىق ئاللىقاچان خەۋەر تاپقان، دەپ پەرەز قىلىدۇ. 11:2 مات. 26‏:6؛ مار. 14‏:3؛ لۇقا 7‏:37؛ يـۇھ. 12‏:3. 11:4 يـۇھ. 9‏:3؛ 11‏:40. 11:6 «شۇڭا ئۇ لازارۇسنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئۆزى تۇرۇۋاتقان جايدا يەنە ئىككى كۈن تۇردى» ــ بۇ ئايەتتىكى «شۇڭا» بەلكىم ئوقۇرمەنلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بىزدە قىلچە شۈبھە يوقكى، خۇدا ئۆزىنى سۆيگەنلەرنىمۇ ئىنتايىن سۆيگەچكە، ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ ھەقىقىي شان-شەرىپى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى كۆرۈپ چۈشىنىشى، شۇنداقلا ئېتىقادىنىڭ كۈچەيتىلىشى ئۈچۈن بەزىدە بېشىمىزدىن بۇ ئىشقا ئوخشاپ كېتىدىغان ئازابلىق ئىشلارنى ئۆتكۈزىدۇ (15-ئايەتنى كۆرۈڭ). 11:8 «ئۇستاز» ــ گرېك تىلىدا «راببى». 11:8 يـۇھ. 8‏:59؛ 10‏:31. 11:11 مات. 9‏:24؛ مار. 5‏:39؛ لۇقا 8‏:52. 11:16 ««قوشكېزەك» دەپ ئاتىلىدىغان توماس» ــ گرېك تىلىدا ««دىدىموس» دەپ ئاتىلىدىغان توماس». 11:18 «ئالتە چاقىرىم» ــ گرېك تىلىدا «ئون بەش ستادىيون». بىر «ستادىيون» 185 مېتر ئىدى. 11:24 دان. 12‏:2؛ لۇقا 14‏:14؛ يـۇھ. 5‏:29. 11:25 يـۇھ. 1‏:4؛ 3‏:16، 36؛ 5‏:24؛ 6‏:47؛ 14‏:6؛ 1يۇھ. 5‏:10. 11:26 يـۇھ. 6‏:51. 11:27 مات. 16‏:16؛ مار. 8‏:29؛ لۇقا 9‏:20؛ يـۇھ. 6‏:69. 11:33 «ئەيسا ... روھىدا قاتتىق پىغان چېكىپ، كۆڭلى تولىمۇ بىئارام بولدى» ــ ئەيسا نېمىگە شۇنداق ئىنكاس قايتۇردى؟ بىزنىڭچە، بۇ ئۇنىڭ گۇناھنىڭ ئىنسانلارنى ئۆلۈمگە ۋە ھالاكەتكە، جۈملىدىن شەيتاننىڭ ئىلكىگە ئېلىپ بارغانلىقى تۈپەيلىدىن بولغان پاراكەندىچىلىك ۋە پىغان-قايغۇغا قاراپ، بۇ ئىشلاردىن قاتتىق ھاياجانلانغانلىقى ۋە بەلكىم غەزەپلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. 11:35 «ئەيسا كۆز يېشى قىلدى» ــ ئەيسانىڭ كۆز ياشلىرى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختالمىساق بولمايدۇ. 11:35 لۇقا 19‏:41. 11:42 يـۇھ. 12‏:30. 11:44 يـۇھ. 20‏:7. 11:47 زەب. 2‏:2؛ مات. 26‏:3؛ مار. 14‏:1؛ لۇقا 22‏:2؛ روس. 4‏:27. 11:48 «رىملىقلار كېلىپ بۇ بىزنىڭ جايىمىز ۋە قوۋمىمىزنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ!» ــ «بۇ بىزنىڭ جايىمىز» بىزنىڭچە ئىبادەتخانىنى كۆرسەتسە كېرەك. ئېنىقكى، بۇ ئادەملەرنىڭ ئىبادەتخانىنى «خۇدانىڭ» دېمەيدۇ، بەلكى «بىزنىڭ» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ گېپىدىن روشەنكى، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ، ئۆز خەلقىنىڭ تىنچ-ئامانلىقىنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويىدۇ. «بۇ بىزنىڭ جايىمىز» باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بىزنىڭ بۇ ئورنىمىز» (دېمەك، مەنسىپىمىز). 11:50 يـۇھ. 18‏:14. 11:51‏-52 «بۇ سۆزنى ئۇ ئۆزلۈكىدىن ئېيتمىغانىدى؛ بەلكى ئۇ شۇ يىلى باش كاھىن بولغانلىقى ئۈچۈن... ئالدىن بېشارەت بېرىپ شۇنداق دېگەنىدى» ــ دېمەك، گەرچە ئۇ ئۆزى خۇداسىز ئادەم بولسىمۇ، تەۋرات بېكىتكەن ئورۇندا تۇرغاچ، مۇقەددەس روھ ئۇنىڭ ئارقىلىق (ئۆزىنىڭ دەۋاتقىنىنىڭ مەنىسىنى تولۇق چۈشەنمىگەن ھالدا) بېشارەت بەردى. 11:51‏-52 ئ‍ەف. 2‏:14، 15، 16. 11:55 «نۇرغۇن كىشىلەر تاھارەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن...» ــ مۇشۇ يەردىكى «تاھارەت» توغرۇلۇق: مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە، بىرسى ئۆلۈك بىر نەرسىگە، قانغا ياكى مەلۇم كېسەل يارىسىغا تېگىپ كەتكەن بولسا، «ناپاك» دەپ ھېسابلىناتتى ۋە شۇنداقلا پاك ھېسابلىنىش ئۈچۈن يۇيۇنۇشى كېرەك ۋە يەنە بەزى ئەھۋاللاردىمۇ قۇربانلىق قىلىشى كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرىسىيلەر ۋە «تەۋرات ئۇستازلىرى» ئۆزلۈكىدىن بۇ ئىشلارغا نۇرغۇن باشقا مۇرەككەپ قائىدىلەرنى قوشۇۋالغانىدى. مەسىلەن، «مار.» 3:7-4نى كۆرۈڭ. شۇڭا «تاھارەت»نى ئۆتكۈزۈشكە بەزىدە خېلى ۋاقىت كېرەك بولغان. «يېرۇسالېمغا كېلىشتى» ــ گرېك تىلىدا «يېرۇسالېمغا چىقىشتى». 11:56 يـۇھ. 7‏:11.