12
مەريەمنىڭ ئەيسانى ئەتىرلىشى
مات. 26‏:6-13؛ مار. 14‏:3-9
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن ئالتە كۈن ئىلگىرى، ئەيسا ئۆزى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن لازارۇس تۇرۇۋاتقان جاي ــ بەيت-ئانىياغا كەلدى. شۇ ۋەجىدىن ئۇلار ئۇ يەردە ئۇنىڭغا زىياپەت بەردى. مارتا مېھمانلارنى كۈتۈۋاتاتتى؛ لازارۇس بولسا ئەيسا بىلەن ھەمداستىخان بولغانلارنىڭ بىرى ئىدى. مەريەم ئەمدى ناھايىتى قىممەت باھالىق ساپ سۇمبۇل ئەتىردىن بىر قاداق ئەكىلىپ، ئەيسانىڭ پۇتلىرىغا قۇيدى ئاندىن چاچلىرى بىلەن پۇتلىرىنى ئېرتىپ قۇرۇتتى. ئەتىرنىڭ خۇش پۇرىقى ئۆينى بىر ئالدى. لېكىن ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىدىن بىرى، يەنى ئۇنىڭغا پات ئارىدا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى، سىموننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوت:
ــ نېمىشقا بۇ قىممەت باھالىق ئەتىر كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلىپ بېرىلىشكە ئۈچ يۈز دىنارغا سېتىلمىدى؟ ــ دېدى   (ئۇ بۇ سۆزنى كەمبەغەللەرنىڭ غېمىنى يېگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئوغرى بولغانلىقى ئۈچۈن دېگەنىدى؛ چۈنكى ئۇ مۇخلىسلارنىڭ ئورتاق ھەميانىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، دائىم ئۇنىڭغا سېلىنغىنىدىن ئوغرىلىۋالاتتى).
ئەمدى ئەيسا: ــ ئايالنى ئۆز ئىختىيارىغا قويغىن! چۈنكى ئۇ بۇنى مېنىڭ دەپنە كۈنۈم ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ ساقلىغاندۇر؛   چۈنكى كەمبەغەللەر ھەمىشە سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ، لېكىن مەن ھەمىشە سىلەر بىلەن بىللە بولمايمەن، ــ دېدى.
 
باش كاھىنلارنىڭ لازارۇسنى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستى
زور بىر توپ يەھۇدىيلار ئۇنىڭ شۇ يەردە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، شۇ يەرگە كەلدى. ئۇلارنىڭ كېلىشى يالغۇز ئەيسانى دەپلا ئەمەس، يەنە ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن لازارۇسنىمۇ كۆرۈش ئۈچۈن ئىدى. 10 لېكىن باش كاھىنلار بولسا لازارۇسنىمۇ ئۆلتۈرۈشنى مەسلىھەتلەشكەنىدى؛ 11 چۈنكى ئۇنىڭ سەۋەبىدىن نۇرغۇن يەھۇدىيلار ئۆزلىرىدىن چېكىنىپ ئەيساغا ئېتىقاد قىلىۋاتاتتى.
 
يېرۇسالېمغا تەنتەنىلىك بىلەن كىرىش
مات. 21‏:1-11؛ مار. 11‏:1-11؛ لۇقا 19‏:28-40
12 ئەتىسى، «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈشكە كەلگەن زور بىر توپ خالايىق ئەيسانىڭ يېرۇسالېمغا كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، 13 قوللىرىغا خورما شاخلىرىنى تۇتۇشقان ھالدا ئۇنى قارشى ئالغىلى چىقىشتى ۋە: «تەشەككۈر-ھوساننا! پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچى، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا مۇبارەك بولغاي!» دەپ ۋارقىراشتى.   14 ئەيسا بىر تەخەينى تېپىپ، ئۇنىڭغا مىندى؛ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق پۈتۈلگەندەك: ــ
 
15 «قورقما، ئى زىئون قىزى! مانا، پادىشاھىڭ ئېشەك تەخىيىگە مىنىپ كېلىۋاتىدۇ!».  
 
16 ئەينى چاغدا ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى بۇ ئىشلارنى چۈشەنمەيتتى، لېكىن ئەيسا شان-شەرەپتە ئۇلۇغلانغاندىن كېيىن، بۇ سۆزلەرنىڭ ئۇنىڭ توغرۇلۇق پۈتۈلگەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇ ئىشلارنىڭ دەرۋەقە ئۇنىڭدا شۇنداق يۈز بەرگەنلىكىنى ئېسىگە كەلتۈردى.
17 ئەمدى ئۇ لازارۇسنى قەبرىدىن چاقىرىپ تىرىلدۈرگەن چاغدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان خالايىق بولسا، بۇ ئىشقا گۇۋاھلىق بېرىۋاتاتتى. 18 ئەيسا ياراتقان بۇ مۆجىزىلىك ئالامەتنىمۇ ئاڭلىغاچقا، ئۇنى قارشى ئېلىشقا شۇ بىر توپ ئادەملەر چىقىشقانىدى. 19 پەرىسىيلەر بولسا بىر-بىرىگە:
ــ قاراڭلار، بارلىق قىلغىنىڭلار بىكار كەتتى! مانا ئەمدى پۈتكۈل جاھان ئۇنىڭغا ئەگەشمەكتە! ــ دېيىشتى.
 
گرېكلارنىڭ ئەيسا بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىشى ــ ئۇنىڭ ئۆز ئۆلۈمى توغرۇلۇق سۆزلىشى
20 ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا ئىبادەت قىلغىلى كەلگەنلەر ئارىسىدا بىرنەچچە گرېكلارمۇ بار ئىدى. 21 بۇلار ئەمدى گالىلىيەنىڭ بەيت-سائىدا يېزىسىدىن بولغان فىلىپنىڭ يېنىغا كېلىپ:
ــ ئەپەندىم، بىز ئەيسا بىلەن كۆرۈشسەك، ــ دەپ تەلەپ قىلىشتى.
22 فىلىپ بېرىپ بۇنى ئاندرىياسقا ئېيتتى. ئاندىن ئاندرىياس ۋە فىلىپ ئىككىسى ئەيساغا مەلۇم قىلدى.
23 لېكىن ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:
ــ «ئىنسانئوغلىنىڭ شان-شەرەپتە ئۇلۇغلىنىدىغان ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى.    24 بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇغداي دېنى تۇپراق ئىچىگە چۈشۈپ ئۆلمىگۈچە، ئۆزى يەنىلا يالغۇز قالىدۇ؛ لېكىن ئۆلسە، مول ھوسۇل بېرىدۇ.    25 كىمدەكىم ئۆز ھاياتىنى ئايىسا ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ؛ لېكىن بۇ دۇنيادا ئۆز ھاياتىدىن نەپرەتلەنسە، ئۇنى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ساقلىيالايدۇ.    26 كىمدەكىم خىزمىتىمدە بولۇشنى خالىسا، ماڭا ئەگەشسۇن. مەن قەيەردە بولسام، مېنىڭ خىزمەتچىممۇ شۇ يەردە بولىدۇ. كېمدەكىم مېنىڭ خىزمىتىمدە بولسا، ئاتا ئۇنىڭغا ئىززەت قىلىدۇ.
27 ھازىر جېنىم قاتتىق ئازابلىنىۋاتىدۇ. مەن نېمە دېيىشىم كېرەك؟ «ئاتا، مېنى بۇ سائەتتىن قۇتقۇزغىن!» دەيمۇ؟ لېكىن مەن دەل مۇشۇ ۋاقىت-سائەت ئۈچۈن كەلدىم.    28 ئاتا، نامىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرگىن!».
شۇئان، ئاسماندىن بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ:
ــ ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈردۈم ۋە يەنە ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرىمەن!» ــ دېيىلدى.
29 بۇنى ئاڭلىغان شۇ يەردە تۇرغان خالايىق:
ــ ھاۋا گۈلدۈرلىدى، ــ دېيىشتى.
يەنە بەزىلەر بولسا:
ــ بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا گەپ قىلدى، ــ دېيىشتى.
30 ئەيسا بولسا جاۋابەن: ــ بۇ ئاۋاز مېنى دەپ ئەمەس، سىلەرنى دەپ چۈشتى. 31 ئەمدى دۇنيانىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىلىش ۋاقتى كەلدى؛ ھازىر بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارىنىڭ تاشقىرىغا قوغلىنىش ۋاقتى كەلدى.    32 ۋە مەن بولسام، يەرنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈلگىنىمدە، پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئۆزۈمگە جەلپ قىلىپ تارتىمەن، ــ دېدى 33 (ئۇنىڭ بۇنى دېگىنى ئۆزىنىڭ قانداق ئۆلۈم بىلەن ئۆلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكىنى ئىدى).
34 خالايىق بۇنىڭغا جاۋابەن ئۇنىڭدىن:
ــ بىز مۇقەددەس قانۇندىن مەسىھنىڭ ئەبەدگىچە قالىدىغىنىنى ئاڭلىغان؛ سەن قانداقسىگە «ئىنسانئوغلى كۆتۈرۈلۈشى كېرەك» دەيسەن؟! بۇ قانداقمۇ «ئىنسانئوغلى» بولسۇن؟ ــ دەپ سورىدى.  
35 شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا: ــ نۇرنىڭ ئاراڭلاردا بولىدىغان ۋاقتى ئۇزۇن بولمايدۇ. شۇڭا قاراڭغۇلۇقنىڭ سىلەرنى بېسىۋالماسلىقى ئۈچۈن، نۇر بار ۋاقتىدا ئۇنىڭدا مېڭىڭلار؛ قاراڭغۇلۇقتا ماڭغان كىشى ئۆزىنىڭ قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. 36 نۇر ئاراڭلاردا بار ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا ئىشىنىڭلار؛ بۇنىڭ بىلەن نۇرنىڭ پەرزەنتلىرى بولىسىلەر، ــ دېدى.
ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئۇلاردىن ئايرىلىپ يوشۇرۇنۇۋالدى.
 
يەھۇدىي خەلقىنىڭ مەسىھنى رەت قىلىشى
37 گەرچە ئۇ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا شۇنچە تولا مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار تېخى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىدى. 38 شۇنىڭ بىلەن يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىدا ئالدىنئالا كۆرسىتىلگەن بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇردى:
«ئى پەرۋەردىگار، بىزنىڭ يەتكۈزگەن خەۋىرىمىزگە كىممۇ ئىشەنگەن؟
ھەم «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى» بولغۇچى كىمگىمۇ ئايان قىلىنغان؟»  
 
39‏-40 خالايىقنىڭ ئېتىقاد قىلمىغىنىنىڭ سەۋەبى دەل شۇكى (خۇددى يەشايا پەيغەمبەر يەنە ئالدىنئالا ئېيتقاندەك):
 
«پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور،
قەلبىنى تاش قىلدى؛
مەقسەت، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنىڭ كۆرۈپ،
قەلبىنىڭ چۈشىنىپ،
گۇناھلىرىدىن يېنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر؛
بولمىسا، مەن ئۇلارنى ساقايتقان بولاتتىم، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار».  
 
41 بۇ سۆزلەرنى يەشايا پەيغەمبەر مەسىھنىڭ شان-شەرىپىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا قارىتا ئالدىنئالا سۆز قىلغىنىدا ئېيتقانىدى.  
42 ۋەھالەنكى، گەرچە ھەتتا يەھۇدىي ئاقساقاللىرىدىنمۇ نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار پەرىسىيلەر ۋەجىدىن قورقۇپ، ئۆزلىرىنىڭ سىناگوگتىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى ئېتىراپ قىلمىدى.    43 بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلار ئىنسانلاردىن كېلىدىغان ئىززەت-شۆھرەتنى خۇدادىن كېلىدىغان ئىززەت-شۆھرەتتىن ياخشى كۆرەتتى.
44 بىراق ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى:
ــ ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى ماڭىلا ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىگە ئېتىقاد قىلغۇچىدۇر. 45 كىمكى مېنى كۆرگۈچى بولسا، مېنى ئەۋەتكۈچىنى كۆرگۈچى بولىدۇ. 46 مەن ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچىلار قاراڭغۇلۇقتا قالمىسۇن دەپ، نۇر سۈپىتىدە دۇنياغا كەلدىم. 47 بىرسى سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى تۇتمىسا، ئۇنى سوراققا تارتمايمەن؛ چۈنكى مەن دۇنيادىكىلەرنى سوراققا تارتقىلى ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكىلەرنى قۇتقۇزغىلى كەلدىم. 48 بىراق مېنى چەتكە قاققۇچىنى، شۇنداقلا سۆزلىرىمنى قوبۇل قىلمىغاننى بولسا، ئۇنى سوراققا تارتقۇچى بىرسى بار. ئۇ بولسىمۇ، مەن ئېيتقان سۆز-كالامىمدۇر. ئۇ ئاخىرقى كۈنى ئۇنى سوراققا تارتىدۇ. 49 چۈنكى مەن ئۆزلۈكۈمدىن سۆزلىگىنىم يوق، بەلكى مېنى ئەۋەتكەن ئاتا مېنىڭ نېمىنى دېيىشىم ۋە قانداق سۆزلىشىم كېرەكلىكىگە ئەمر بەرگەن.    50 ئۇنىڭ ئەمرىنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. شۇڭا نېمىنى سۆزلىسەم، ئاتا ماڭا بۇيرۇغىنىدەك سۆزلەيمەن.
 
 
12:1 مات. 26‏:6؛ مار. 14‏:3؛ لۇقا 7‏:37؛ يـۇھ. 11‏:2 12:3 «ناھايىتى قىممەت باھالىق ساپ سۇمبۇل ئەتىردىن بىر قاداق» ــ «بىر قاداق» (گرېك تىلىدا «بىر لىترا») ــ رىملىقلارنىڭ قادىقى، تەخمىنەن 325 گرام. «ئەيسانىڭ پۇتلىرىغا قۇيدى ئاندىن چاچلىرى بىلەن پۇتلىرىنى ئېرتىپ قۇرۇتتى» ــ ياكى «ئەيسانىڭ پۇتلىرىغا قۇيدى ۋە چاچلىرى بىلەن ئەتىرنى پۇتلىرىغا سۈردى». 12:5 «ئۈچ يۈز دىنار» ــ شۇ چاغدا ئاددىي بىر ئىشچىنىڭ يىللىق كىرىمىگە تەڭ بولاتتى. 12:5 مار. 14‏:5. 12:6 يـۇھ. 13‏:29. 12:7 «ئۇ بۇنى مېنىڭ دەپنە كۈنۈم ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ ساقلىغاندۇر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ شۇنداق قىلىپ مېنىڭ دەپنە كۈنۈمگە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ». 12:7 مار. 14‏:8. 12:8 قان. 15‏:11؛ مات. 26‏:11؛ مار. 14‏:7. 12:9 يـۇھ. 11‏:44. 12:12 مات. 21‏:8؛ مار. 11‏:8؛ لۇقا 19‏:36 12:13 «تەشەككۈر-ھوساننا! پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچى، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا مۇبارەك بولغاي!» ــ بۇ سۆزلەر «زەب.» 25:118-26دىكى بېشارەتتىن ئېلىنغان. «ھوساننا» دېگەن سۆز «قۇتقۇزغايسەن، ئى پەرۋەردىگار» دېگەن مەنىدە. ئىنجىل دەۋرىگە كەلگەندە مەنىسى «خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە»مۇ بولۇپ قالغانىدى. «زەبۇر» 118-كۈيىدىكى ئىزاھاتلارنىمۇ كۆرۈڭ. 12:13 زەب. 118‏:25، 26. 12:15 «قورقما، ئى زىئون قىزى! مانا، پادىشاھىڭ ئېشەك تەخىيىگە مىنىپ كېلىۋاتىدۇ!» ــ «زەك.» 9:9. «زىئون قىزى» يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنى، شۇنداقلا بارلىق يەھۇدىي خەلقىنى كۆرسىتىدۇ. 12:15 يەش. 62‏:11؛ زەك. 9‏:9؛ مات. 21‏:5. 12:16 «ئەيسا شان-شەرەپتە ئۇلۇغلانغاندىن كېيىن...» ــ ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلىپ ئەرشكە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. 12:19 يـۇھ. 11‏:47. 12:20 روس. 8‏:27. 12:21 يـۇھ. 1‏:45. 12:23 «لېكىن ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ «ئىنسانئوغلىنىڭ شان-شەرەپتە ئۇلۇغلىنىدىغان ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى...» ــ گرېكلەرنىڭ (22-ئايەتتىكى) تەلىپىگە بۇ سىرلىق سۆزلەر قانداق جاۋاب بولىدۇ؟ بۇنىڭ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز. 12:23 يـۇھ. 13‏:32؛ 17‏:1. 12:24 «بۇغداي دېنى تۇپراق ئىچىگە چۈشۈپ ئۆلمىگۈچە، ئۆزى يەنىلا يالغۇز قالىدۇ؛ لېكىن ئۆلسە، مول ھوسۇل بېرىدۇ» ــ مەسىھنىڭ «ئۇرۇقنىڭ ئۆلۈشى» دېگىنى بىرخىل ئوخشىتىشتۇر. ئۇرۇق يەرگە چۈشۈپ «ئۆلمىسە» بىر تال پېتى قېلىۋېرىدۇ. تۇپراققا چۈشكەندە «ئۆلسە»، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن ئۇرۇق مېۋىلەيدۇ. 12:24 1كور. 15‏:36. 12:25 «كىمدەكىم ئۆز ھاياتىنى ئايىسا..» ــ «ئايىسا» گرېك تىلىدا «سۆيىسە» ياكى «ئامراق بولسا». 12:25 مات. 10‏:39؛ 16‏:25؛ مار. 8‏:35؛ لۇقا 9‏:24؛ 17‏:33. 12:26 يـۇھ. 14‏:3؛ 17‏:24. 12:27 «ئاتا، مېنى بۇ سائەتتىن قۇتقۇزغىن!» دەيمۇ؟»  ــ بۇ «سائەت» ئۇنىڭ كېلىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 12:27 مات. 26‏:37،38،39؛ مار. 14‏:34؛ لۇقا 22‏:44. 12:30 يـۇھ. 11‏:42. 12:31 «ھازىر بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارىنىڭ تاشقىرىغا قوغلىنىش ۋاقتى كەلدى» ــ «بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى» ــ شەيتاننى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز. 12:31 يـۇھ. 14‏:30؛ 16‏:11؛ كول. 2‏:15. 12:32 چۆل. 21‏:9؛ 2پاد. 18‏:4؛ يـۇھ. 3‏:14؛ 8‏:28. 12:34 «سەن قانداقسىگە «ئىنسانئوغلى كۆتۈرۈلۈشى كېرەك» دەيسەن؟!» ــ خالايىقنىڭ «ئىنسانئوغلى» (مەسىھ) توغرۇلۇق كۆزدە تۇتقىنى مەسىھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسىتىدىغان «يار.» 10:49، «زەب.» 35:89-37، 2:110، «يەش.» 7:9، «ئەز.» 25:37، «دان.» 14:7 ئىدى. 12:34 2سام. 7‏:16؛ 1تار. 22‏:10؛ زەب. 45‏:6-7؛ 89‏:36؛ 110‏:4؛ يەش. 9‏:5؛ يەر. 23‏:6؛ ئ‍ەز. 37‏:26؛ دان. 2‏:44؛ 7‏:14، 27؛ مىك. 4‏:7؛ ئىبر. 1‏:8. 12:35 يەر. 13‏:16؛ يـۇھ. 1‏:9؛ 8‏:12؛ 9‏:5؛ 12‏:46؛ ئ‍ەف. 5‏:8؛ 1تېس. 5‏:4 12:38 «ئى پەرۋەردىگار، بىزنىڭ يەتكۈزگەن خەۋىرىمىزگە كىممۇ ئىشەنگەن؟» ھەم «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى» بولغۇچى كىمگىمۇ ئايان قىلىنغان؟» ــ «يەش.» 1:53. «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى» ــ بىر زات، يەنى دەل خۇدانىڭ مەسىھى بولسا كېرەك («يەش.» 2:53، 3-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ). 12:38 يەش. 53‏:1؛ رىم. 10‏:16. 12:39‏-40 «پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور، قەلبىنى تاش قىلدى» ــ مۇشۇ يەردە «پەرۋەردىگار» گرېك تىلىدا «ئۇ». «پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور، قەلبىنى تاش قىلدى؛ مەقسەت، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنىڭ كۆرۈپ، قەلبىنىڭ چۈشىنىپ، گۇناھلىرىدىن يېنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر؛ بولمىسا، مەن ئۇلارنى ساقايتقان بولاتتىم» ــ «يەش.» 10:6. 12:39‏-40 يەش. 6‏:9، 10؛ ئ‍ەز. 12‏:2؛ مات. 13‏:14؛ مار. 4‏:12؛ لۇقا 8‏:10؛ روس. 28‏:26؛ رىم. 11‏:8 12:41 «بۇ سۆزلەرنى يەشايا پەيغەمبەر مەسىھنىڭ شان-شەرىپىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا قارىتا ئالدىنئالا سۆز قىلغىنىدا ئېيتقانىدى» ــ گرېك تىلىدا «ئۇنىڭشان-شەرىپىنى كۆرۈپ...» دېيىلىدۇ. كىمنىڭ شان-شەرىپى؟ ئېنىقكى، «ئۇنىڭ» مۇشۇ يەردە مەسىھنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. 37-، 39- ۋە 42-ئايەتنى كۆرۈڭ (كىمگە ئېتىقاد قىلىش كېرەك؟). تولۇق ئىش «يەش.» 1:6-13دە خاتىرىلىنىدۇ. يەشايا بۇ بېشارەتنى بەرگەن چاغدا پەرۋەردىگار خۇدانىڭ شان-شەرىپىنى كۆرگەچكە، خۇلاسىمىز شۇكى، «مەسىھ ئۆزى خۇدانىڭ شان-شەرىپى ۋە ئىپادىسى»دىن ئىبارەتتۇر. 12:41 يەش. 6‏:1. 12:42 «نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار پەرىسىيلەر ۋەجىدىن قورقۇپ، ئۆزلىرىنىڭ سىناگوگتىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى ئېتىراپ قىلمىدى» ــ مۇشۇ يەردە «سىناگوگ» يەھۇدىيلارنىڭ ئومۇمىي جەمئىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. «سىناگوگتىن چىقىرىلىش» ــ كىمكى سىناگودتىن چىقىرىۋېتىلسە، يەھۇدىيلار جەمئىيىتىدىكىلەر ئۇلار بىلەن ھېچ باردى-كەلدى قىلمايتتى. 12:42 يـۇھ. 7‏:13؛ 9‏:22. 12:43 يـۇھ. 5‏:44. 12:45 يـۇھ. 10‏:30؛ 14‏:9. 12:46 يەش. 42‏:6؛ 49‏:6؛ يـۇھ. 1‏:9؛ 8‏:12؛ 9‏:5؛ 12‏:46؛ روس. 13‏:47. 12:47 يـۇھ. 3‏:17؛ 9‏:39. 12:48 مار. 16‏:16؛ يـۇھ. 3‏:18؛ 8‏:24. 12:49 «مېنىڭ نېمىنى دېيىشىم ۋە قانداق سۆزلىشىم كېرەكلىكى» ــ ياكى بولمىسا «مېنىڭ نېمە تەلىم-ئەمر بېرىشىم ۋە نېمىنى سۆزلىشىم كېرەكلىكى». 12:49 قان. 18‏:18؛ يـۇھ. 3‏:11؛ 5‏:20؛ 7‏:16؛ 8‏:28؛ 14‏:10، 24؛ 16‏:13.