13
ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرىنىڭ پۇتىنى يۇيۇشى
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن ئىلگىرى، ئەيسا بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، ئاتىنىڭ يېنىغا بارىدىغان ۋاقىت-سائەتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئۆز ئادەملىرىگە كۆرسىتىپ كەلگەن مېھىر-مۇھەببىتىنى ئاخىرغىچە تولۇق كۆرسىتىپ تۇردى.   ئەمدى كەچلىك تاماق يېيىلىۋاتقانىدى؛ ئىبلىس ئاللىبۇرۇن سىموننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتنىڭ كۆڭلىگە ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلىش ۋەسۋەسىسىنى سالغانىدى. ئەيسا ئاتىنىڭ ھەر ئىشنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرغىنىنى، ۋە ئۆزىنىڭ خۇدانىڭ يېنىدىن كېلىپ، خۇدانىڭ يېنىغا قايتىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، داستىخاندىن تۇرۇپ، تون-كۆڭلىكىنى يېشىپ، بىر لۆڭگە بىلەن بېلىنى باغلىدى. ئاندىن جاۋۇرغا سۇ قۇيۇپ، مۇخلىسلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشقا ۋە بېلىگە باغلىغان لۆڭگە بىلەن سۈرتۈپ قۇرۇتۇشقا باشلىدى. نۆۋەت سىمون پېترۇسقا كەلگەندە، پېترۇس ئۇنىڭغا:
ــ ئى رەب، پۇتۇمنى سەن يۇساڭ قانداق بولغىنى؟! ــ دېدى.
ئەيسا ئۇنىڭغا:
ــ نېمە قىلىۋاتقىنىمنى ھازىر بىلمەيسەن، لېكىن كېيىن بىلىسەن، ــ دېدى.
پېترۇس: ــ سەن مېنىڭ پۇتۇمنى يۇساڭ ھەرگىز بولمايدۇ! ــ دېدى.
ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ سېنى يۇمىسام، مېنىڭ بىلەن تەڭ نېسىۋەڭ بولمايدۇ، ــ دېدى.
سىمون پېترۇس:
ــ ئى رەب، ئۇنداقتا پەقەت پۇتلىرىمنىلا ئەمەس، قوللىرىمنىمۇ، بېشىمنىمۇ يۇغايسەن! ــ دېدى.
10 ئەيسا ئۇنىڭغا:
ــ بەدىنى يۇيۇلۇپ، تامامەن پاكىز بولغان ئادەم پەقەت پۇتلىرىنى يۇسىلا قايتا يۇيۇنۇشىنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ. سىلەر پاكىز، لېكىن ھەممىڭلار ئەمەس، ــ دېدى    11 (چۈنكى ئۇ ئۆزىنى كىمنىڭ تۇتۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلەتتى؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ «ھەممىڭلارلا پاكىز ئەمەس» دېگەنىدى). 12 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، تون-كۆڭلىكىنى كىيىپ، يەنە داستىخانغا ئولتۇرۇپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
ــ سىلەرگە نېمە قىلغىنىمنى ئۇقتۇڭلارمۇ؟ 13 سىلەر مېنى «ئۇستاز» ۋە «رەب» دەيسىلەر ۋە راست ئېيتىسىلەر، مەن شۇنداقتۇرمەن. 14 ئەگەر مەن رەب ۋە ئۇستازىڭلار تۇرۇقلۇق، پۇتلىرىڭلارنى يۇغانىكەنمەن، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشۇڭلار كېرەك.    15 مەن سىلەرگە قىلغاندەك سىلەرنىڭمۇ ھەم شۇنداق قىلىشىڭلار ئۈچۈن بۇ ئۈلگىنى قالدۇردۇم. 16 بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ، ئەلچىمۇ ئۆزىنى ئەۋەتكۈچىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ. 17 بۇ ئىشلارنى بىلگەنىكەنسىلەر، شۇنداق قىلساڭلار بەختلىكسىلەر!
 
ئەيسانىڭ ساتقۇنلۇق بىلەن تۇتۇلۇشىنى ئالدىن ئېيتىشى
مات. 26‏:20-25؛ مار. 14‏:17-21؛ لۇقا 22‏:21-23
18 مەن بۇلارنى ھەممىڭلارغا قارىتىپ ئېيتمىدىم. مەن تاللىغانلىرىمنى بىلىمەن، لېكىن مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن پۈتۈلگەن: «مەن بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ نېنىمنى يېگەنمۇ ماڭا پۇت ئاتتى!» دېگەن بۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي قالمايدۇ.    19 مەن بۇ ئىش يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال ئۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، ئۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە مېنىڭ «بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمگە ئىشىنىسىلەر.    20 بەرھەق، بەرھەق، سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، كىمكى مەن ئەۋەتكەن ھەرقانداق بىرسىنى قوبۇل قىلغان بولسا، مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ؛ ۋە مېنى قوبۇل قىلغۇچىلار مېنى ئەۋەتكۈچىنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ.
21 ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندىن كېيىن، روھتا قاتتىق پىغان چېكىپ، مۇنداق گۇۋاھلىق بەردى:
ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئاراڭلاردا بىرەيلەن ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ!
22 مۇخلىسلار كىمنى دەۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي، بىر-بىرىگە قاراشتى. 23 ئەمدى داستىخاندا مۇخلىسلىرىدىن بىرى ئەيسانىڭ مەيدىسىگە يۆلىنىپ ياتقانىدى؛ ئۇ بولسا «ئەيسا سۆيىدىغان مۇخلىس» ئىدى.    24 سىمون پېترۇس ئۇنىڭدىن ئەيسانىڭ كىمنى دەۋاتقىنىنى سوراپ بېقىشىنى ئىشارەت قىلدى.
25 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەيسانىڭ مەيدىسىگە يۆلىنىپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن:
ــ ئى رەب، ئۇ كىمدۇر؟ ــ دەپ سورىدى.
26 ئەيسا جاۋاب بېرىپ:
ــ بۇ بىر چىشلەم ناننى ئاشقا تۆگۈرۈپ كىمگە سۇنسام، شۇدۇر، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر چىشلەم ناننى ئاشقا تۆگۈرۈپ، سىموننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتقا سۇندى. 27 يەھۇدا ناننى ئېلىۋىدى، شەيتان ئۇنىڭ ئىچىگە كىردى.
ــ قىلىدىغىنىڭنى چاپسان قىل، ــ دېدى ئەيسا ئۇنىڭغا.
28 (ئەمدى داستىخاندا ئولتۇرغانلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭ يەھۇداغا بۇ سۆزلەرنى نېمە ئۈچۈن دېگىنىنى بىلمىدى. 29 يەھۇدا ئۇلارنىڭ ئورتاق ھەميانىنى تۇتقىنى ئۈچۈن، بەزىلەر ئەيسا ئۇنىڭغا: «بىزگە كېرەكلىك ھېيتلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ كەل» ياكى «كەمبەغەللەرگە بىرەر نەرسە بەر» دەۋاتسا كېرەك، دەپ ئويلاشتى).
30 يەھۇدا بۇ بىر چىشلەم ناننى ئېلىپلا تاشقىرىغا چىقىپ كەتتى (بۇ چاغ كېچە ئىدى).
 
يېڭى ئەمر
31 يەھۇدا تاشقىرىغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئەيسا مۇنداق دېدى:
ــ ئەمدى ئىنسانئوغلى ئۇلۇغلىنىدىغان ۋاقىت-سائەت يېتىپ كەلدى ۋە خۇدا ئۇ ئارقىلىق ئۇلۇغلىنىدۇ. 32 ۋە ئەگەر خۇدا ئۇنىڭدا ئۇلۇغلانسا، خۇدامۇ ئۆزىدە ئۇنى ئۇلۇغلايدۇ، شۇنداقلا دەرھال ئۇنى ئۇلۇغلايدۇ.
  
33 بالىلىرىم، سىلەر بىلەن بىللە بولىدىغان يەنە ئازغىنا ۋاقتىم قالدى. سىلەر مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن مېنىڭ يەھۇدىيلارغا: «مەن بارىدىغان يەرگە سىلەر بارالمايسىلەر» دەپ ئېيتقىنىمدەك، بۇنى سىلەرگىمۇ ئېيتىمەن.
34 سىلەرگە يېڭى بىر ئەمر تاپشۇرىمەنكى، «بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار». سىلەرنى سۆيگىنىمدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار. 35 ئاراڭلاردا بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بولسا، ھەممە ئادەم سىلەرنىڭ مېنىڭ مۇخلىسلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىدۇ.
 
ئەيسانىڭ پېترۇسنىڭ تانىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتىشى
مات. 26‏:31-35؛ مار. 14‏:27-31؛ لۇقا 22‏:31-34
36 سىمون پېترۇس ئۇنىڭدىن:
ــ ئى رەب، قەيەرگە بارىسەن؟ ــ دەپ سورىدى.
ئەيسا جاۋابەن: ــ مەن كېتىدىغان يەرگە ھازىرچە ئەگىشىپ بارالمايسەن، لېكىن كېيىن ماڭا ئەگىشىپ بارىسەن، ــ دېدى.  
37 پېترۇس ئۇنىڭغا:
ــ ئى رەب، نېمە ئۈچۈن ھازىر سېنىڭ كەينىڭدىن ئەگىشىپ بارالمايمەن؟ سەن ئۈچۈن جېنىمنى پىدا قىلاي! ــ دېدى.
38 ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى:
ــ مەن ئۈچۈن راستتىنلا جېنىڭنى پىدا قىلامسەن؟ بەرھەق، بەرھەق، ساڭا ئېيتىپ قويايكى، خوراز چىللىغۇچە، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن!  
 
 
13:1 «ئەيسا... بۇ دۇنيادىكى ئۆز ئادەملىرىگە كۆرسىتىپ كەلگەن مېھىر-مۇھەببىتىنى ئاخىرغىچە تولۇق كۆرسىتىپ تۇردى» ــ بۇ مۇھەببەت بەلكىم تۆۋەندىكى 1-20-ئايەتلەردە مۇخلىسلىرىنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشى، شۇنداقلا 13-18-بابلاردا خاتىرىلەنگەندەك ئۇلارغا كۆرسەتكەن سەۋر-تاقەت، كەچۈرۈم، مېھرىبانلىقىنى، ئاندىن ئاخىرىدا ئۇلار ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىشىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسا كېرەك. 13:1 مات. 26‏:2؛ مار. 14‏:1؛ لۇقا 22‏:1. 13:2 لۇقا 22‏:3؛ يـۇھ. 13‏:2. 13:3 مات. 11‏:27؛ 28‏:18؛ يـۇھ. 3‏:35. 13:6 مات. 3‏:14. 13:10 «...بەدىنى يۇيۇلۇپ، تامامەن پاكىز بولغان ئادەم پەقەت پۇتلىرىنى يۇسىلا قايتا يۇيۇنۇشىنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ» ــ مۇشۇ سىرلىق گەپنىڭ مەنىسى نېمە؟ بىزنىڭچە قۇتقۇزغۇچىمىزنىڭ «پۇت يۇيۇش» دېگەن بۇ ھەرىكىتى ئۆزىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈپ كرېستلىنىشنى قوبۇل قىلىشىغا بېشارەت بولىدۇ. شۇڭا، مۇخلىسلار بۇنى قوبۇل قىلمىسا بولمايدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز. 13:10 يـۇھ. 15‏:3. 13:11 يـۇھ. 6‏:64. 13:13 مات. 23‏:8،10؛ 1كور. 8‏:6؛ 12‏:3؛ فىل. 2‏:11. 13:14 «ئەگەر مەن رەب ۋە ئۇستازىڭلار تۇرۇقلۇق، پۇتلىرىڭلارنى يۇغانىكەنمەن، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشۇڭلار كېرەك» ــ ئوقۇرمەنلەر مۇخلىسلارنىڭ مەسىھنى «ئۇستاز» ئاندىن «رەب» دەيدىغانلىقىنى (13-ئايەت)، لېكىن مەسىھ بولسا ئۆزىنى «رەب» ۋە «ئۇستاز» دەيدىغانلىقىنى بايقىيالايدۇ (13-14-ئايەت) ۋە شۇنداقلا تەرتىپنىڭ ئوخشىماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئويلىيالايدۇ. 13:14 گال. 6‏:1، 2. 13:15 1پېت. 2‏:21؛ 1يۇھ. 2‏:6. 13:16 مات. 10‏:24؛ لۇقا 6‏:40؛ يـۇھ. 15‏:20. 13:18 «مەن بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ نېنىمنى يېگەنمۇ ماڭا پۇت ئاتتى!» ــ «زەب.» 9:41نى كۆرۈڭ. 13:18 زەب. 41‏:9؛ مات. 26‏:23؛ 1يۇھ. 2‏:19 13:19 «ئۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە مېنىڭ «بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمگە ئىشىنىسىلەر» ــ ياكى «ئۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە مېنىڭ «ئۇ» (يەنى، مەسىھ) ئىكەنلىكىمگە ئىشىنىسىلەر». 13:19 يـۇھ. 14‏:29؛ 16‏:4. 13:20 مات. 10‏:40؛ لۇقا 10‏:16. 13:21 مات. 26‏:21؛ مار. 14‏:18؛ لۇقا 22‏:21؛ روس. 1‏:17؛ 1يۇھ. 2‏:19. 13:23 «ئەيسا سۆيىدىغان مۇخلىس» ــ بەلكىم بۇ «بايان»نىڭ مۇئەللىپى روسۇل يۇھاننا. «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 13:23 يـۇھ. 20‏:2؛ 21‏:7،20. 13:26 «بۇ بىر چىشلەم ناننى ئاشقا تۆگۈرۈپ كىمگە سۇنسام، شۇدۇر» ــ داستىخاندا ئولتۇرۇپ بىرسىگە بىر چىشلەم ناننى ئاشقا تۆگۈرگەن ھالدا سۇنۇش چوڭقۇر مۇھەببىتىنى بىلدۈرۈش ھەرىكىتى ئىدى. 13:29 يـۇھ. 12‏:6. 13:30 «بۇ چاغ كېچە ئىدى» ــ بۇ دېگەننىڭ ئەسلى مەنىسىدىن باشقا، كۆچمە مەنىسى باردۇر. يۇقىرىدىكى 5:9، 9:11-10، 35:12-36دە ئەيسانىڭ «كۈندۈز» ۋە «قاراڭغۇلۇق» ياكى «كېچە» توغرۇلۇق سۆزلىرىنى كۆرۈڭ. 13:32 «ئەگەر خۇدا ئۇنىڭدا ئۇلۇغلانسا، خۇدامۇ ئۆزىدە ئۇنى ئۇلۇغلايدۇ، شۇنداقلا دەرھال ئۇنى ئۇلۇغلايدۇ» ــ بىزنىڭ قارىشىمىزچە «ئۆزىدە» مۇشۇ يەردە «خۇدا ئۆزىدە» دېگەننى كۆرسىتىدۇ. بەزى ئالىملار مۇشۇ يەردە «ئۆزىدە» «مەسىھنىڭ ئۆزىدە» دېگەننى بىلدۈرىدۇ، دەپ قارايدۇ. «خۇدامۇ ئۆزىدە ئۇنى ئۇلۇغلايدۇ» ــ ياكى (يۇقىرىقى ئىزاھاتتا ئېيتىلغاندەك) «خۇدا ئۇنى (ئىنسانئوغلىنىڭ) ئۆزىدە ئۇلۇغلايدۇ». بۇ مۇھىم 31-32-ئايەتلەر ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز. 13:32 يـۇھ. 12‏:23؛ 17‏:1. 13:33 يـۇھ. 7‏:34؛ 8‏:21. 13:34 لاۋ. 19‏:18؛ مات. 22‏:39؛ يـۇھ. 15‏:12؛ ئ‍ەف. 5‏:2؛ 1تېس. 4‏:9؛ 1پېت. 4‏:8؛ 1يۇھ. 3‏:23؛ 4‏:21. 13:35 1يۇھ. 2‏:5؛ 4‏:20. 13:36 «مەن كېتىدىغان يەرگە ھازىرچە ئەگىشىپ بارالمايسەن، لېكىن كېيىن ماڭا ئەگىشىپ بارىسەن» ــ «كېيىن ئەگىشىپ بارىسەن» ــ پېترۇس جىسمانىي تەرەپتىن (ئۆلۈمدىن تىرىلىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈش يولىدا) پېترۇس رەبگە ئەگىشەلمىدى، ئەلۋەتتە. لېكىن ئەيسانىڭ كۆزدە تۇتقىنى روھىي جەھەتتىكى «خۇدانىڭ يولىدا پىدا بولۇش» ئىدى. شۇ تەرەپتىمۇ پېترۇس ئەيساغا ئەگىشىشكە تەييار بولمىدى. ئۇ ئاۋۋال ئەيسادىن تېنىپ، ئاندىن قاتتىق توۋا قىلىش جەريانى ئارقىلىق، شۇنداقلا مۇقەددەس روھنىڭ كېلىشى بىلەن ئۇ «كېيىن» تەييار بولىدۇ. مەسىھنىڭ «كېيىن ماڭا ئەگىشىسەن» دېگىنى بولسا، پېترۇس قاتتىق تېيىلىپ كەتكەن ۋاقتىدا ئۇنىڭغا تەسەللى يەتكۈزىدىغان قىممەتلىك ۋەدە بولىدۇ. 13:36 يـۇھ. 21‏:18؛ 2پېت. 1‏:14 13:37 مات. 26‏:33؛ مار. 14‏:29؛ لۇقا 22‏:33. 13:38 «خوراز چىللىغۇچە، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن!» ــ گرېك تىلىدا «سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانمىغۇچە، خوراز چىللىمايدۇ». 13:38 مات. 26‏:34؛ مار. 14‏:30؛ لۇقا 22‏:34.