7
ئەيسانىڭ ئىنىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشى
بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئەيسا گالىلىيەدە ئايلىنىپ يۈردى. ئۇ يەھۇدىيەدە ئايلىنىپ يۈرۈشنى خالىمايتتى، چۈنكى شۇ يەردىكى يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا قەست قىلماقچى ئىدى. بۇ چاغدا، يەھۇدىيلارنىڭ «كەپىلەر ھېيتى»غا ئاز قالغانىدى. شۇڭا ئەيسانىڭ ئىنىلىرى ئۇنىڭغا:
ــ مۇشۇ يەردىن ئايرىلىپ يەھۇدىيەگە بارغىن، شۇنىڭ بىلەن مۇخلىسلىرىڭمۇ كارامەت ئەمەللىرىڭنى كۆرەلەيدۇ! چۈنكى ئۆزىنى خەلق-ئالەمگە تونۇتماقچى بولغان ھېچكىم يوشۇرۇن جايدا ئىش قىلمايدۇ. بۇ ئەمەللەرنى قىلىۋاتقانىكەنسەن، ئۆزۈڭنى دۇنياغا كۆرسەت! ــ دېيىشتى. چۈنكى ئۇنىڭ ئىنىلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىغانىدى.
شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا:
ــ مېنىڭ ۋاقىت-سائىتىم تېخى كەلمىدى. لېكىن سىلەرگە نىسبەتەن ھەرۋاقىت مۇناسىپتۇر. بۇ دۇنيادىكى كىشىلەر سىلەرگە ھەرگىز ئۆچ بولمايدۇ؛ لېكىن مېنى ئۆچ كۆرىدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى رەزىل دەپ گۇۋاھلىق بېرىۋاتىمەن. سىلەر بۇ ھېيتقا بېرىۋېرىڭلار. مەن ھازىرچە بۇ ھېيتقا بارمايمەن، چۈنكى مېنىڭ ۋاقىت-سائىتىم تېخى يېتىپ كەلمىدى، ــ دېدى.  
ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ، گالىلىيەدە قالدى.
 
كەپىلەر ھېيتىدا
10 ئەيسانىڭ ئىنىلىرى ھېيتقا چىققاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىمۇ ئۇنىڭغا باردى. ئەمما ئاشكارا ئەمەس، يوشۇرۇن باردى. 11 ھېيتتا يەھۇدىيلار ئۇنى ئىزدەپ: «ئۇ قەيەردىدۇر؟» دەپ سوراۋاتاتتى.
12 كىشىلەر ئارىسىدا ئۇنىڭ توغرىسىدا كۆپ غۇلغۇلا بولدى. بەزىلەر ئۇنى: «ياخشى ئادەم!» دېسە، يەنە بەزىلەر: «ياق، ئۇ خالايىقنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ!» دېيىشتى. 13 بىراق يەھۇدىي چوڭلىرىدىن قورقۇپ، ھېچكىم ئوچۇق-ئاشكارە ئۇنىڭ گېپىنى قىلمايتتى.  
14 ھېيتنىڭ يېرىمى ئۆتكەندە، ئەيسا ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ خەلققە تەلىم بېرىشكە باشلىدى. 15 يەھۇدىيلار:
ــ بۇ ئادەم ھېچقانداق تەلىم ئالمىغان تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭ قانداقمۇ مۇنچە كۆپ بىلىمى بولسۇن؟ ــ دەپ ھاڭ-تاڭ قېلىشتى.
16 ئەيسا ئۇلارغا:
ــ بۇ تەلىملەر مېنىڭ ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭكىدۇر. 17 ئۇنىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلىشقا ئۆز ئىرادىسىنى باغلىغان ھەركىم بۇ تەلىم توغرۇلۇق ــ ئۇنىڭ خۇدادىن كەلگەنلىكىنى ياكى ئۆزلۈكۈمدىن ئېيتىۋاتقانلىقىمنى بىلىدۇ. 18 ئۆز ئالدىغا سۆزلىگەن كىشى ئۆز شان-شەرىپىنى ئىزدەيدۇ، لېكىن ئۆزىنى ئەۋەتكۈچىنىڭ شان-شەرىپىنى ئىزدەيدىغان كىشى ھەق-سادىقتۇر، ئۇنىڭدا ھەققانىيسىزلىق يوقتۇر. 19 مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە تەۋرات قانۇنىنى تاپشۇرغان ئەمەسمۇ؟ لېكىن ھېچقايسىڭلار بۇ قانۇنغا ئەمەل قىلمايۋاتىسىلەر! نېمىشقا مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولىسىلەر؟ ــ دېدى.  
20 كۆپچىلىك:
ــ ساڭا جىن چاپلىشىپتۇ! سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان كىم ئىكەن؟ ــ دېيىشتى.  
21 ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ مەن بىر كارامەتنى يارىتىشىم بىلەن ھەممىڭلار ھاڭ-تاڭ قېلىشتىڭلار. 22 ــ ئەمدى مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە خەتنە قىلىش توغرۇلۇق ئەمر قالدۇرغان (ئەمەلىيەتتە بولسا خەتنە قىلىش مۇسا پەيغەمبەردىن ئەمەس، ئاتا-بوۋىلاردىن قالغان)، شۇڭا سىلەر شابات كۈنىگە توغرا كېلىپ قالسىمۇ شۇ كۈنىدە ئادەمنىڭ خەتنىسىنى قىلىۋېرىسىلەر.    23 ئەمدى تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىنمىسۇن دەپ شابات كۈنىدە ئادەم خەتنە قىلىنغان يەردە، مەن شابات كۈنىدە بىر ئادەمنى سەللىمازا ساقايتسام، سىلەر نېمە دەپ ماڭا ئاچچىقلىنىسىلەر؟ 24 سىرتقى قىياپەتكە قاراپ ھۆكۈم قىلماڭلار، بەلكى ھەققانىي ھۆكۈم قىلىڭلار!
 
ئەيسا قۇتقۇزغۇچى-مەسىھمىدۇ؟
25 ئۇ ۋاقىتتا يېرۇسالېملىقلارنىڭ بەزىلىرى:
ــ چوڭلار ئۆلتۈرمەكچى بولغان كىشى بۇ ئەمەسمىدى؟ 26 ئاشكارا سۆزلەۋاتسىمۇ، ئۇنىڭغا قارشى ھېچ نەرسە دېمىدىغۇ! دەرۋەقە، ئاقساقاللارنىڭ ئۇنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەنمۇ؟ 27 ھالبۇكى، بۇ ئادەمنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىز ئېنىق بىلىمىز. لېكىن مەسىھ كەلگەندە، ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەستىغۇ، ــ دېيىشتى.  
28 شۇڭا ئەيسا ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تەلىم بېرىۋېتىپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى:
ــ سىلەر مېنى تونۇيمىز ھەمدە مېنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىمنىمۇ بىلىمىز، دەۋاتىسىلەر؟! بىراق مەن ئۆزلۈكۈمدىن ئەمەس، مەن مېنى ئەۋەتكۈچىدىن كەلدىم، ئۇ ھەقتۇر؛ بىراق سىلەر ئۇنى تونۇمايسىلەر.    29 مەن ئۇنى تونۇيمەن. چۈنكى مەن ئۇنىڭ يېنىدىن كەلدىم، مېنى ئۇ ئەۋەتتى.
30 شۇڭا ئۇلار ئۇنى تۇتۇش يولىنى ئىزدەيتتى، لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭغا قول سالمىدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى تېخى يېتىپ كەلمىگەنىدى.    31 لېكىن خالايىق ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. ئۇلار: «مەسىھ كەلگەندە بۇ كىشى كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەردىن ئارتۇق مۆجىزە يارىتالارمۇ؟!» دېيىشتى.
 
ئەيسانى تۇتۇش ئۈچۈن قاراۋۇللارنىڭ ئەۋەتىلىشى
32 پەرىسىيلەر خالايىقنىڭ ئۇ توغرۇلۇق غۇلغۇلا بولۇۋاتقان بۇ گەپ-سۆزلىرىنى ئاڭلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرىسىيلەر بىلەن باش كاھىنلار ئۇنى تۇتۇش ئۈچۈن بىرنەچچە قاراۋۇللارنى ئەۋەتتى. 33 شۇنىڭ بىلەن ئەيسا:
ــ يەنە بىرئاز ۋاقىت سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن، ئاندىن مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ يېنىغا كېتىمەن. 34 مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن تاپالمايسىلەر. مەن بارىدىغان يەرگە بارالمايسىلەر، ــ دېدى.
35 بۇنىڭ بىلەن، يەھۇدىيلار بىر-بىرىگە:
ــ ئۇ بىز تاپالمىغۇدەك قەيەرلەرگە بارار؟ گرېكلەر ئارىسىدىكى تارقاق يەھۇدىي مۇھاجىرلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، گرېكلارغا تەلىم بېرەمدىغاندۇ؟ 36 «مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن تاپالمايسىلەر. مەن بارىدىغان يەرگە بارالمايسىلەر» دېگىنى نېمىسىدۇ؟ ــ دېيىشتى.
 
ھاياتلىق سۈيى
37 ھېيتنىڭ ئاخىرقى ھەم ئەڭ كاتتا كۈنى، ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ
كىمدەكىم ئۇسسىسا، مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ ئىچسۇن!    38 ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى كىشىنىڭ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنىدەك، ئىچ-باغرىدىن ھاياتلىق سۈيىنىڭ دەريالىرى ئېقىپ چىقىدۇ! ــ دەپ جاكارلىدى
  
39 (ئۇ بۇ سۆزنى ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغانلارغا ئاتا قىلىنىدىغان مۇقەددەس روھقا قارىتا ئېيتقانىدى. خۇدانىڭ روھى تېخى ھېچكىمگە ئاتا قىلىنمىغانمىدى، چۈنكى ئەيسا تېخى شان-شەرىپىگە كىرمىگەنىدى).
 
خەلقنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشى
40 خالايىق ئىچىدە بەزىلەر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ:
ــ كېلىشى مۇقەررەر بولغان پەيغەمبەر ھەقىقەتەن مۇشۇ ئىكەن!! ــ دېيىشتى.  
41 بەزىلەر: «بۇ مەسىھ ئىكەن!» دېيىشەتتى. يەنە بەزىلەر بولسا: «ياق، مەسىھ گالىلىيەدىن كېلەتتىمۇ؟ 42 مۇقەددەس يازمىلاردا، مەسىھ پادىشاھ داۋۇتنىڭ نەسلىدىن ھەم داۋۇتنىڭ يۇرتى بەيت-لەھەم يېزىسىدىن كېلىدۇ، دېيىلمىگەنمىدى؟» ــ دېيىشتى.
43 بۇنىڭ بىلەن، خالايىق ئۇنىڭ ۋەجىدىن ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. 44 بەزىلىرى ئۇنى تۇتايلى دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭغا قول سالمىدى.
 
يەھۇدىي ئاقساقاللىرىنىڭ ئېتىقادسىزلىقى
45 قاراۋۇللار ئىبادەتخانىدىن باش كاھىنلار بىلەن پەرىسىيلەرنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەندە، ئۇلار قاراۋۇللارغا:
ــ نېمە ئۈچۈن ئۇنى تۇتۇپ كەلمىدىڭلار؟ ــ دەپ سوراشتى.
46 قاراۋۇللار:
ــ ھېچكىم ھېچقاچان بۇ ئادەمدەك سۆزلىگەن ئەمەس! ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى.
47 پەرىسىيلەر ئۇلارغا جاۋابەن:
ــ سىلەرمۇ ئازدۇرۇلدۇڭلارمۇ؟ 48 ئاقساقاللاردىن ياكى پەرىسىيلەردىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلار بولغانمۇ؟! 49 لېكىن تەۋرات قانۇنىنى بىلمەيدىغان بۇ چۈپرەندىلەر لەنەتكە قالىدۇ! ــ دېيىشتى.
50 ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرى، يەنى بۇرۇن ئاخشامدا ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلگەن نىكودىم ئۇلارغا:
51 ــ تەۋرات قانۇنىمىز ئاۋۋال كىشىنىڭ نېمە قىلغىنىنى ئۆزىدىن ئاڭلاپ بىلمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ھۆكۈم چىقىرامدۇ!
52 ئۇلار جاۋاب قىلىپ: ــ سەنمۇ گالىلىيەدىنمۇ؟ مۇقەددەس يازمىلارنى كۆر، قېتىرقىنىپ ئوقۇپ باق، گالىلىيەدىن ھېچقانداق پەيغەمبەر چىقمايدۇ! ــ دېدى.
53 شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئۆيىگە كەتتى.
 
 
7:2 لاۋ. 23‏:34. 7:3 «مۇشۇ يەردىن ئايرىلىپ يەھۇدىيەگە بارغىن، شۇنىڭ بىلەن مۇخلىسلىرىڭمۇ كارامەت ئەمەللىرىڭنى كۆرەلەيدۇ!» ــ ئەيسانىڭ ئىنىلىرىنىڭ بۇ سۆزىنىڭ ئىچكى مەنىسى بەلكىم: «مۇھىم مۆتىۋەر كىشىلەرنىڭ كۆپى گالىلىيە دېگەن مۇشۇ نامرات، پىنھان جايدىن ئەمەس، بەلكى پايتەخت يېرۇسالېمدىدۇر؛ سەن شۇ يەردە ئۆزۈڭنى كۆرسىتىشىڭ كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن ھەقىقىي نام-ئىناۋىتىڭ ۋە ھەيۋىتىڭ بولىدۇ» دېگەندەك بولسا كېرەك. سەل غەلىتە ئىش شۇكى، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىشەنمىگىنى بىلەن (5-ئايەتنى كۆرۈڭ): «ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بولاي دېسەڭ، كارامەت ئەمەللىرىڭنى ئوچۇق مەيدانىدا كۆرسىتىشىڭ كېرەك» دېگەن گۇمانىي نەسىھەتنى بەرگەن (4-ئايەتنى كۆرۈڭ). 7:5 مار. 3‏:21. 7:6 «سىلەرگە نىسبەتەن ھەرۋاقىت مۇناسىپتۇر» ــ بۇ سۆزنىڭ ئىچكى مەنىسى بەلكىم ئىنتايىن ئاددىيدۇر. خۇدانىڭ ئىرادىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم خۇدانىڭ يېتەكچىلىكىنى ۋە باشپاناھلىقىنى ئىزدەپ يۈرىدۇ؛ لېكىن پەقەت ئۆز ئىرادىسىگە قارايدىغان كىشى خۇدانىڭ يېتەكچىلىكىنىڭ ۋە باشپاناھلىقىنىڭ كېرىكى يوق دەپ يۈرىدۇ ۋە شۇنداقلا، بۇ دۇنيادىكىلەردىن ھېچقانداق قارشىلىققا ياكى ئۆچمەنلىككە ئۇچرىمايدۇ، خالىغان يەرگە بېرىۋېرىدۇ. لېكىن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئىزدىگەن كىشى تەبىئىي ھالدا بۇ دۇنيادىكىلەرنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاشكارە قىلغاچقا، ئۇلارنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايدۇ (7-ئايەتنى كۆرۈڭ). 7:7 يـۇھ. 3‏:19؛ 14‏:17؛ 15‏:18. 7:8 «سىلەر بۇ ھېيتقا بېرىۋېرىڭلار. مەن بۇ ھېيتقا بارمايمەن» ــ كۆپ كونا كۆچۈرمىلەردە «سىلەر بۇ ھېيتقا بېرىۋېرىڭلار. مەن تېخى بۇ ھېيتقا بارمايمەن» ياكى «سىلەر بۇ ھېيتقا بېرىۋېرىڭلار. مەن ھازىرچە بۇ ھېيتقا بارمايمەن» دېگەن سۆز تېپىلىدۇ. «تېخى» ياكى «ھازىرچە» دېگەن سۆزلەر ئەسلىدە بولسۇن، بولمىسۇن، بەرىبىر ئايەتنىڭ مەنىسى ئاساسەن ئوخشاشتۇر؛ چۈنكى ئەيسا ئىنىلىرى ھېيتقا چىققاندىن كېيىن ئاستىرتىن باردى (10-ئايەت). بەزىلەر «ھازىرچە» دېگەننى چۈشەندۈرۈش يولىدا كىرگۈزىدۇ. 7:8 يـۇھ. 8‏:20. 7:11 يـۇھ. 11‏:56. 7:12 مات. 21‏:46؛ لۇقا 7‏:16؛ يـۇھ. 6‏:14؛ 9‏:16؛ 10‏:19. 7:13 «يەھۇدىي چوڭلىرىدىن قورقۇپ...» ــ گرېك تىلىدا «يەھۇدىيلاردىن قورقۇپ» دېيىلىدۇ. مۇشۇ يەردە «يەھۇدىيلار» چوقۇم ئۇلارنىڭ چوڭلىرىنى كۆرسىتىدۇ. 7:13 يـۇھ. 9‏:22؛ 12‏:42؛ 19‏:38. 7:14 «..كىرىپ» ــ گرېك تىلىدا «..چىقىپ». 7:15 «يەھۇدىيلار» ــ بەلكىم يەھۇدىي چوڭلار. 7:16 يـۇھ. 3‏:11؛ 8‏:28؛ 12‏:49؛ 14‏:10، 24. 7:19 «نېمىشقا مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولىسىلەر؟» ــ ياكى «نېمىشقا مېنى ئۆلتۈرگىلى ئىزدەيسىلەر؟». 7:19 مىس. 20‏:1؛ 24‏:3؛ مات. 12‏:14؛ مار. 3‏:6؛ يـۇھ. 5‏:18؛ 10‏:39؛ 11‏:53؛ روس. 7‏:53. 7:20 «سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان كىم ئىكەن؟» ــ ياكى «سېنى ئۆلتۈرگىلى ئىزدەيدىغان كىم؟». 7:20 يـۇھ. 8‏:48،52؛ 10‏:20. 7:21 «مەن بىر كارامەتنى يارىتىشىم بىلەن ھەممىڭلار ھاڭ-تاڭ قېلىشتىڭلار» ــ بۇ «بىر كارامەت»، شۈبھىسىزكى، ئۇ ئالدىنقى قېتىم يېرۇسالېمدا بولغاندا شابات كۈنىدە پالەچ ئادەمنى ساقايتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (23-ئايەت ۋە 5-بابنى كۆرۈڭ). ئەيسانىڭ سۆزىگە قارىغاندا، گەرچە بۇ مۆجىزە بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئېسىدە تېخىچە بار ئىدى. شۇ ۋەجىدىن ئۇلار ئەيسانى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولىدۇ. 22-24-ئايەتلەردە ئەيسا «شابات كۈنىدە ئادەمنى ساقايتىش تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ»، دېگەن خىيالغا قاتتىق رەددىيە بېرىدۇ. بىزنىڭچە ئۇ ئەسلىدە ئۇلارنى بۇ مەسىلە توغرۇلۇق ئويلاندۇرۇش ئۈچۈن بۇ مۆجىزىنى قەستەن شابات كۈنىدە ياراتقانىدى. 7:22 «ئەمەلىيەتتە بولسا خەتنە قىلىش مۇسا پەيغەمبەردىن ئەمەس، ئاتا-بوۋىلاردىن قالغان» ــ «خەتنە قىلىش»نى خۇدا ئەسلىدە ئىبراھىم پەيغەمبەرگە (مۇسا پەيغەمبەردىن ئىلگىرى، ئەلۋەتتە) ئۆزىنىڭ ئىبراھىم ۋە ئەۋلادلىرى بىلەن بولغان ئەھدىنىڭ سىمۋولى بولسۇن دەپ تاپشۇرغانىدى («يار.» 17-باب). «شۇڭا سىلەر شابات كۈنىگە توغرا كېلىپ قالسىمۇ شۇ كۈنىدە ئادەمنىڭ خەتنىسىنى قىلىۋېرىسىلەر» ــ ئەمر بولسا «بالا تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى خەتنىسىنى قىلىش كېرەك» («يار.» 13:17). شۇنىڭ بىلەن «سەككىزىنچى كۈن» شابات كۈنىگە توغرا كېلىپ قالسىمۇ (ۋە شابات كۈنى «ئىشلەش»كە بولمايدۇ) بالىنى سۈننەت قىلىۋېرىش كېرەك. بولمىسا تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق بولىدۇ. 7:22 لاۋ. 12‏:3؛ يار. 17‏:10. 7:24 قان. 1‏:16،17؛ پەند. 24‏:23؛ ياق. 2‏:1. 7:27 «بۇ ئادەمنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىز ئېنىق بىلىمىز» ــ ئۇلار ئۇنى گالىلىيەلىك دەپ بىلەتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇ بەيت-لەھەمدە تۇغۇلغان، ئەلۋەتتە. «لېكىن مەسىھ كەلگەندە، ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەستىغۇ، ــ دېيىشتى.» ــ خالايىقنىڭ بۇ سۆزلىرى ئانچە توغرا ئەمەس ئىدى؛ بۇ كىشىلەر پەيغەمبەرلەرنىڭ مەسىھ توغرۇلۇق بېشارەتلىك يازمىلىرىنى تولۇق بىلمىگەن بولسا كېرەك. بەلكىم ئۇلارنىڭ كۆزدە تۇتقىنى پەقەت مەسىھنىڭ تۇيۇقسىز نامايان بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن بېشارەتلەرلا ئىدى. 7:27 مات. 13‏:55؛ مار. 6‏:3؛ لۇقا 4‏:22. 7:28 «سىلەر مېنى تونۇيمىز ھەمدە مېنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىمنىمۇ بىلىمىز، دەۋاتىسىلەر؟! بىراق مەن ئۆزلۈكۈمدىن ئەمەس، مەن مېنى ئەۋەتكۈچىدىن كەلدىم، ئۇ ھەقتۇر؛ بىراق سىلەر ئۇنى تونۇمايسىلەر» ــ بۇ سۆز ئەيسانىڭ ئۇلارنىڭ «بۇ ئادەمنىڭ... قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ئېنىق بىلىمىز» دېگىنىگە رەددىيە قىلغان جاۋابى ئىدى. ئەگەر ئۇلار خۇدانى تونۇغان بولسا ئەيسانىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلگەن بولاتتى، لېكىن ئۇلار خۇدانى تونىمايتتى (ئايەتتىكى ئاخىرقى سۆزگە قاراڭ). 7:28 يـۇھ. 5‏:43؛ 8‏:26، 42؛ رىم. 3‏:4. 7:29 يـۇھ. 10‏:15. 7:30 «شۇڭا ئۇلار ئۇنى تۇتۇش يولىنى ئىزدەيتتى...» ــ «ئۇلار» بەلكىم يەنىلا چوڭلارنى كۆرسىتىدۇ. 7:30 مار. 11‏:18؛ لۇقا 19‏:47؛ 20‏:19؛ يـۇھ. 7‏:19؛ 8‏:20، 37. 7:31 يـۇھ. 8‏:30. 7:32 «قاراۋۇللارنى ئەۋەتتى» ــ ياكى «ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنى ئەۋەتتى». لېكىن بىزنىڭچە 30- ۋە 44-ئايەتلەر (لاۋىيلاردىن بولغان) مۇشۇ كىشىلەرنى ئايرىم كۆرسىتىدۇ. 7:33 يـۇھ. 16‏:16. 7:34 يـۇھ. 8‏:21؛ 13‏:33. 7:35 «ئۇ بىز تاپالمىغۇدەك قەيەرلەرگە بارار؟ گرېكلەر ئارىسىدىكى تارقاق يەھۇدىي مۇھاجىرلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، گرېكلارغا تەلىم بېرەمدىغاندۇ؟» ــ بۇ ئايەتتىكى «گرېكلەر» قانائاننىڭ (پەلەستىننىڭ) سىرتىدا تۇرغان بارلىق يات ئەللىكلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. 7:37 «ھېيتنىڭ ئاخىرقى ھەم ئەڭ كاتتا كۈنى، ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ كىمدەكىم ئۇسسىسا، مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ ئىچسۇن!» ــ ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ھېيتنىڭ ئاخىرقى كۈنى، يەنى دەل خۇدانىڭ ئىسرائىل خەلقى چۆلدىكى ۋاقتىدا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇلارنى سۇ بىلەن تەمىنلىگەن مۆجىزە ياراتقان خاتىرە كۈنىدە ئېيتقان. 7:37 لاۋ. 23‏:36؛ يەش. 55‏:1؛ يـۇھ. 6‏:35؛ ۋەھ. 22‏:17. 7:38 «ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى كىشىنىڭ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنىدەك، ئىچ-باغرىدىن ھاياتلىق سۈيىنىڭ دەريالىرى ئېقىپ چىقىدۇ!» ــ «مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغاندەك» ــ «يەش.» 11:58 ۋە «ئەز.» 1:47-12نى كۆرۈڭ. «زەب.» 15:78-16، «پەند.» 23:4، «يەش.» 3:44، 1:55، «ئەز.» 1:47-12، «يو.» 18:3، «زەك.» 1:13، 8:14مۇ بەلكىم «مۇقەددەس روھنىڭ تۆكۈلۈشى» بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. 7:38 يەش. 12‏:3. 7:39 يەش. 44‏:3؛ يو. 2‏:27-29؛ روس. 2‏:17. 7:40 «كېلىشى مۇقەررەر بولغان پەيغەمبەر ھەقىقەتەن مۇشۇ ئىكەن!» ــ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بۇ پەيغەمبەر توغرۇلۇق ئالدىن ئېيتقان بېشارىتى «قان.» 15:18دە تېپىلىدۇ. 7:40 مات. 21‏:46؛ لۇقا 7‏:16؛ يـۇھ. 6‏:14. 7:41 يـۇھ. 1‏:47؛ 4‏:42. 7:42 زەب. 132‏:11؛ مىك. 5‏:1؛ مات. 2‏:6. 7:48 يەش. 33‏:18؛ يـۇھ. 12‏:42؛ 1كور. 1‏:20؛ 2‏:8. 7:49 «تەۋرات قانۇنىنى بىلمەيدىغان بۇ چۈپرەندىلەر لەنەتكە قالىدۇ!» ــ «چۈپرەندىلەر» ئاددىي خەلقنى كۆرسىتىدۇ. ئاقساقاللار ۋە پەرىسىيلەر ئۇلارنى ئىنتايىن كەمسىتەتتى. 7:50 يـۇھ. 3‏:2؛ 19‏:39. 7:51 مىس. 23‏:1؛ لاۋ. 19‏:15؛ قان. 1‏:17؛ 17‏:8؛ 19‏:15. 7:52 «مۇقەددەس يازمىلارنى كۆر، قېتىرقىنىپ ئوقۇپ باق، گالىلىيەدىن ھېچقانداق پەيغەمبەر چىقمايدۇ!» ــ ئۇلارنىڭ بۇ سۆزىدە گالىلىيەلىك بولغان يۇنۇس پەيغەمبەرنى قەستەن ئۇنتۇغانىدى. چۈنكى تەۋراتنىڭ «يۇنۇس پەيغەمبەر» دېگەن قىسمىدا، خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە نىجات پۇرسىتىنى يەتكۈزگەنىلىكى ئېنىق خاتىرىلىنىدۇ. ئۇلار يەنە «يەش.» 12:8دىكى بېشارەت، يەنى مەسىھنىڭ ئۆز خىزمىتىنى گالىلىيەدە باشلايدىغانلىقى توغرۇلۇق بېشارەتنى قەستەن ئۇنتۇغان ئوخشايدۇ. 7:53 «شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئۆيىگە كەتتى» ــ «ھەربىرى ئۆز ئۆيىگە كەتتى» دېگەنلىك بەلكىم نىكودىمنىڭ سوئالى ئۇلارنىڭ ۋىجدانىغا سانجىلغان بولسا كېرەك.