8
زىنا ئۈستىدە تۇتۇلغان ئايال
ئەيسا بولسا زەيتۇن تېغىغا چىقىپ كەتتى. ئەتىسى سەھەردە، ئۇ يەنە ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىردى ۋە خالايىقنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشكەنىدى. ئۇ ئولتۇرۇپ، ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە باشلىدى. شۇ چاغدا، تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر زىنا قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغان بىر ئايالنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇلار ئايالنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئىنىڭدىن:
ــ ئۇستاز، بۇ ئايال دەل زىنا ئۈستىدە تۇتۇۋېلىندى. مۇسا پەيغەمبەر تەۋرات قانۇنىدا بىزگە مۇشۇنداق ئاياللارنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈشنى ئەمر قىلغان. ئەمدى سەنچە، ئۇنى قانداق قىلىش كېرەك؟ ــ دەپ سوراشتى.   ئەمدى ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشتىكى نىيىتى، ئۇنى تۇزاققا چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇدەك بىرەر باھانە ئىزدەش ئىدى. ئەمما ئەيسا ئېڭىشىپ، بارمىقى بىلەن يەرگە بىر نېمىلەرنى يازغىلى تۇردى. ئۇلار شۇ سوئالنى توختىماي سوراۋاتاتتى، ئۇ رۇسلىنىپ ئۇلارغا:
ــ ئاراڭلاردىكى كىم گۇناھسىز بولسا، بۇ ئايالغا بىرىنچى تاشنى ئاتسۇن! ــ دېدى.
ئاندىن ئۇ يەنە ئېڭىشىپ، يەرگە يېزىشنى داۋاملاشتۇردى. ئۇلار بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ئالدى بىلەن ياشانغانلىرى، ئاندىن قالغانلىرى بىر-بىرلەپ ھەممىسى ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىشتى. ئاخىرىدا ئەيسا ئوتتۇرىدا ئۆرە تۇرغان ھېلىقى ئايال بىلەن يالغۇز قالدى. 10 ئەيسا رۇسلىنىپ تۇرۇپ، شۇ ئايالدىن باشقا ھېچكىمنى كۆرمىگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن:
خانىم، ساڭا ھېلىقى شىكايەت قىلغانلار قېنى؟ سېنى گۇناھقا بېكىتىدىغان ھېچكىم چىقمىدىمۇ؟ ــ دەپ سورىۋىدى، 11 ــ ھەزرەتلىرى، ھېچكىم چىقمىدى، ــ دېدى ئايال.
ئەيسا:
ــ مەنمۇ سېنى گۇناھقا بېكىتمەيمەن. بارغىن، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە گۇناھ قىلمىغىن! ــ دېدى.  
 
ئەيسا دۇنيانىڭ نۇرىدۇر
12 شۇڭا ئەيسا يەنە كۆپچىلىككە سۆز قىلىپ:
ــ دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. ماڭا ئەگەشكەنلەر قاراڭغۇلۇقتا ماڭمايدۇ، ئەكسىچە ھاياتلىق نۇرىغا ئېرىشىدۇ، ــ دېدى.
13 پەرىسىيلەر:
ــ سەن ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ گۇۋاھلىق بېرىۋاتىسەن. شۇڭا سېنىڭ گۇۋاھلىقىڭ راست ھېسابلانمايدۇ، ــ دېيىشتى.
14 ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:
ــ ھەتتا مەن ئۆزۈمگە گۇۋاھلىق بەرسەممۇ، گۇۋاھلىقىم ھەقتۇر، چۈنكى مەن ئۆزۈمنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىمنى ۋە قەيەرگە بارىدىغانلىقىمنى بىلىمەن. لېكىن سىلەر قەيەردىن كەلگەنلىكىمنى ۋە قەيەرگە بارىدىغانلىقىمنى بىلمەيسىلەر. 15 سىلەر ئەت ئىگىلىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ھۆكۈم قىلىسىلەر. بىراق مەن ھېچكىمنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم قىلمايمەن. 16 مەن ھۆكۈم قىلساممۇ، ھۆكۈمۈم ھەقىقىيدۇر؛ چۈنكى مەن يالغۇز ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكەن ئاتا بۇ ئىشتا مەن بىلەن بىللىدۇر. 17 سىلەرگە تەۋە بولغان تەۋرات قانۇنىدا: «ئىككى ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بولسا راست ھېسابلىنىدۇ» دەپ پۈتۈلگەندۇر.    18 راست، مەن ئۆزۈم توغرامدا ئۆزۈم گۇۋاھلىق بېرىمەن، ۋە مېنى ئەۋەتكەن ئاتىمۇ مېنىڭ توغرامدا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
19 ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ ئاتاڭ قەيەردە؟ ــ دەپ سوراشتى.
ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ سىلەر يا مېنى تونۇمايسىلەر، يا ئاتامنى تونۇمايسىلەر. مېنى تونۇغان بولساڭلار، ئاتامنىمۇ تونۇيتتۇڭلار، ــ دېدى.
20 ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ئىبادەتخانىدا تەلىم بەرگىنىدە، سەدىقە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئېيتقانىدى. بىراق ھېچكىم ئۇنى تۇتمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى تېخى يېتىپ كەلمىگەنىدى.  
 
ئەيسانىڭ ئېتىقادسىزلارغا ئاگاھ بېرىشلىرى
21 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارغا يەنە:
مەن بۇ يەردىن كېتىمەن؛ سىلەر مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن ئۆز گۇناھىڭلار ئىچىدە ئۆلىسىلەر. مەن كېتىدىغان يەرگە سىلەر بارالمايسىلەر، ــ دېدى.
22 بۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار:
ــ ئۇ: «مەن كېتىدىغان يەرگە سىلەر بارالمايسىلەر» دەيدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىمەن دېگىنىمىدۇ؟ ــ دېيىشتى.
23 ئەيسا ئۇلارغا:
ــ سىلەر تۆۋەندىندۇرسىلەر، مەن يۇقىرىدىندۇرمەن. سىلەر بۇ دۇنيادىندۇرسىلەر، مەن بۇ دۇنيادىن ئەمەسمەن. 24 شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە: «گۇناھلىرىڭلار ئىچىدە ئۆلىسىلەر» دېدىم. چۈنكى سىلەر مېنىڭ «ئەزەلدىن بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمىسەڭلار، گۇناھلىرىڭلار ئىچىدە ئۆلىسىلەر، ــ دېدى.  
25 سەن زادى كىم؟ ــ دەپ سوراشتى ئۇلار.
ئەيسا ئۇلارغا: ــ باشتا سىلەرگە نېمە دېگەن بولسام، مەن شۇ. 26 ئۆزۈمنىڭ سىلەرنىڭ توغراڭلاردا ۋە ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈم قىلىدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىم بار؛ لېكىن مېنى ئەۋەتكۈچى ھەقتۇر ۋە مەن ئۇنىڭدىن نېمىنى ئاڭلىغان بولسا، بۇلارنىلا دۇنيادىكىلەرگە ئۇقتۇرۇپ ئېيتىمەن، ــ دېدى.  
27 ئۇلار ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە ئېيتقانلىرىنىڭ ئاتا توغرۇلۇق ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلمىدى. 28 شۇڭا ئەيسا مۇنداق دېدى:
سىلەر ئىنسانئوغلىنى كۆتۈرگەندىن كېيىن، مېنىڭ «ئەزەلدىن بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر ۋە شۇنداقلا ھېچ ئىشنى ئۆزلۈكۈمدىن قىلمىغانلىقىمنى، پەقەت ئاتىنىڭ ماڭا ئۆگەتكىنىنىلا سۆزلىگەنلىكىمنىمۇ بىلىسىلەر.    29 مېنى ئەۋەتكۈچى مەن بىلەن بىللىدۇر، ئۇ مېنى ئەسلا يالغۇز قويمىدى، چۈنكى مەن ھەمىشە ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىمەن.
30 ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقان چاغنىڭ ئۆزىدە، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى.
 
ھەقىقىي ئەركىنلىك توغرۇلۇق
31 ئەيسا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىيلارغا:
ــ ئەگەر مېنىڭ سۆز-كالامىمدىن چىقماي تۇرساڭلار، مېنىڭ ھەقىقىي مۇخلىسلىرىم بولغان بولىسىلەر، 32 ۋە ھەقىقەتنى بىلىسىلەر ۋە ھەقىقەت سىلەرنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرىدۇ، ــ دېدى.
33 ئۇلار جاۋابەن: ــ بىز ئىبراھىمنىڭ نەسلىمىز، ــ ھېچقاچان ھېچكىمنىڭ قۇللۇقىدا بولمىدۇق. سەن قانداقسىگە: ئازادلىققا ئېرىشسىلەر، دەيسەن؟ ــ دېدى.
34 ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، گۇناھ سادىر قىلغان كىشى گۇناھنىڭ قۇلىدۇر. 35 قۇل ئائىلىدە مەڭگۈ تۇرمايدۇ، لېكىن ئوغۇل مەڭگۈ تۇرىدۇ. 36 شۇنىڭ ئۈچۈن ئوغۇل سىلەرنى ئازاد قىلسا، ھەقىقىي ئازاد بولىسىلەر.    37 سىلەرنىڭ ئىبراھىمنىڭ نەسلى ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن. بىراق مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىسىلەر، چۈنكى مېنىڭ سۆزۈم ئىچىڭلاردىن ئورۇن ئالمىدى. 38 مەن ئاتامنىڭ يېنىدا كۆرگەنلىرىمنى ئېيتىۋاتىمەن؛ سىلەر بولساڭلار ئۆز ئاتاڭلاردىن كۆرگەنلىرىڭلارنى قىلىۋاتىسىلەر!  
39 ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ بىزنىڭ ئاتىمىز ئىبراھىمدۇر، ــ دېدى.
ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئەگەر ئىبراھىمنىڭ پەرزەنتلىرى بولساڭلار، ئىبراھىمنىڭ ئەمەللىرىنى قىلغان بولاتتىڭلار! 40 بىراق ھازىر ئەكسىچە مېنى، يەنى خۇدادىن ئاڭلىغان ھەقىقەتنى سىلەرگە يەتكۈزگەن ئادەمنى ئۆلتۈرۈشكە قەستلەيسىلەر. ئىبراھىم ئۇنداق ئىشنى قىلمىغان. 41 سىلەر ئۆز ئاتاڭلارنىڭ قىلغىنىنى قىلىۋاتىسىلەر! ــ دېدى.
ــ بىز ھارامدىن بولغان ئەمەسمىز! بىزنىڭ پەقەت بىرلا ئاتىمىز بار، ئۇ بولسا خۇدادۇر! ــ دېيىشتى ئۇلار.
42 ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئاتاڭلار خۇدا بولغان بولسا، مېنى سۆيگەن بولاتتىڭلار؛ چۈنكى مەن خۇدانىڭ باغرىدىن چىقىپ، بۇ يەرگە كەلدىم. مەن ئۆزلۈكۈمدىن كەلگەن ئەمەسمەن، بەلكى ئۇنىڭ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنمەن.    43 سۆزلىرىمنى نېمىشقا چۈشەنمەيسىلەر؟ ئېنىقكى، مېنىڭ سۆز-كالامىم قۇلىقىڭلارغا كىرمەيۋاتىدۇ! 44 سىلەر ئاتاڭلار ئىبلىستىن بولغانسىلەر ۋە ئۇنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە ئەمەل قىلىشنى خالايسىلەر. ئۇ ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ قاتىل ئىدى ۋە ئۇنىڭدا ھەقىقەت بولمىغاچقا، ھەقىقەتتە تۇرمىغان. ئۇ يالغان سۆزلىگەندە، ئۆز تەبىئىتىدىن سۆزلەيدۇ، چۈنكى ئۇ يالغانچى ۋە شۇنداقلا يالغانچىلىقنىڭ ئاتىسىدۇر.    45 لېكىن مەن ھەقىقەتنى سۆزلىگىنىم ئۈچۈن، ماڭا ئىشەنمەيسىلەر. 46 قايسىڭلار مېنى گۇناھى بار دەپ دەلىللىيەلەيسىلەر، قېنى؟ ھەقىقەتنى سۆزلىسەم، نېمە ئۈچۈن ماڭا ئىشەنمەيسىلەر؟ 47 خۇدادىن بولغان كىشى خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلايدۇ؛ سىلەر ئۇلارنى ئاڭلىمايسىلەر، چۈنكى سىلەر خۇدادىن بولغان ئەمەسسىلەر!
48 يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا جاۋابەن:
ــ ئەجەبا، بىزنىڭ سېنى: «سامارىيەلىك ھەم جىن چاپلاشقان ئادەم»سەن دېگىنىمىز توغرا ئەمەسمۇ؟ ــ دېيىشتى.  
49 ئەيسا جاۋابەن: ــ ماڭا جىن چاپلاشقىنى يوق، بەلكى مەن ئاتامنى ھۆرمەت قىلىمەن؛ لېكىن سىلەر ماڭا ھۆرمەتسىزلىك قىلىۋاتىسىلەر. 50 مەن ئۆز شان-شەرىپىمنى ئىزدىمەيمەن؛ لېكىن بۇنى ئىزدىگۈچى ھەم ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغۇچى بىرسى بار. 51 بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ سۆز-كالامىمنى تۇتىدىغان كىشى ئەبەدىلئەبەد ئۆلۈم كۆرمەيدۇ.
52 شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا:
ــ ساڭا دەرۋەقە جىن چاپلاشقانلىقىنى ئەمدى بىلدۇق! ھەتتا ھەزرىتى ئىبراھىم ۋە پەيغەمبەرلەرمۇ ئۆلگەن تۇرسا، سەن قانداقسىگە: «مېنىڭ سۆز-كالامىمنى تۇتىدىغان كىشى ئەبەدىلئەبەد ئۆلۈم تېتىمايدۇ» دەيسەن؟ 53 ئەجەبا، سەن ئاتىمىز ئىبراھىمدىن ئۇلۇغمۇسەن؟ ئۇ ئۆلدى، پەيغەمبەرلەر ھەم ئۆلدى!؟ سەن ئۆزۈڭنى كىم قىلماقچىسەن؟
54 ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى:
ــ ئەگەر مەن ئۆزۈمنى ئۇلۇغلىسام، ئۇنداقتا ئۇلۇغلۇقۇم ھېچنەرسە ھېسابلانمايتتى. بىراق مېنى ئۇلۇغلىغۇچى ــ سىلەر «ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىز» دەپ ئاتايدىغان ئاتامنىڭ ئۆزىدۇر. 55 سىلەر ئۇنى تونۇمىدىڭلار، لېكىن مەن ئۇنى تونۇيمەن. ئۇنى تونۇمايمەن دېسەم، سىلەردەك يالغانچى بولاتتىم؛ بىراق مەن ئۇنى تونۇيمەن ۋە ئۇنىڭ سۆز-كالامىنى تۇتىمەن. 56 ئاتاڭلار ئىبراھىم مېنىڭ كۈنۈمنى كۆرىدىغانلىقىدىن يايراپ-ياشنىدى ھەم دەرۋەقە ئۇنى ئالدىنئالا كۆرۈپ شادلاندى.  
57 ــ سەن تېخى ئەللىك ياشقا كىرمەي تۇرۇپ، ئىبراھىمنى كۆردۈڭمۇ؟ ــ دېيىشتى ئۇلار.
58 ئەيسا ئۇلارغا:
ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئىبراھىم تۇغۇلماستىلا، مەن بار بولغۇچىدۇرمەن! ــ دېدى.
59 بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى چالما-كېسەك قىلغىلى قوللىرىغا يەردىن تاش ئالدى؛ لېكىن ئەيسا ئۇلارغا كۆرۈنمەي، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ ئىبادەتخانىدىن چىقىپ كەتتى.  
 
 
8:4 «ئۇستاز، بۇ ئايال دەل زىنا ئۈستىدە تۇتۇۋېلىندى» ــ «زىنا قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغان» ئايال بار ئىدى، لېكىن ئەركەك قېنى؟ 8:5 «مۇسا پەيغەمبەر تەۋرات قانۇنىدا بىزگە مۇشۇنداق ئاياللارنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈشنى ئەمر قىلغان» ــ قىزىق يېرى شۇكى، ئۇلار پەقەت «ئاياللار»نى تىلغا ئالىدۇ. ئەمەلىيەتتە تەۋرات قانۇنى بويىچە زىنا قىلغان ئەركەكلەرنىمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىش كېرەك ئىدى. 8:5 لاۋ. 20‏:10؛ قان. 22‏:22. 8:6 «ئەمدى ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشتىكى نىيىتى، ئۇنى تۇزاققا چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇدەك بىرەر باھانە ئىزدەش ئىدى» ــ ئەگەر ئەيسا «بۇ ئايالغا رەھىم قىلىش كېرەك» دېسە، ئۇلار دەرھال «سەن مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشنى ئۈندەيسەن، دەيتتى. باشقا بىر تەرەپتىن، شۇ چاغدا يەھۇدىي خەلقى رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ قانۇنى ئاستىدا تۇرغاچقا، يەھۇدىيلار ئۆزلىرى ھېچكىمگە ئۆلۈم جازاسىنى بەجا كەلتۈرۈش ھوقۇقى يوق ئىدى. شۇڭا ئەگەر ئەيسا «چالما-كېسەك قىلىنسۇن» دېسە، ئۇ چاغدا ئۇلار رىملىقلارغا «مۇشۇ كىشى رىم ئىمپېرىيەسىگە قارشى چىقتى!» دېگەندەك شىكايەت قىلاتتى. 8:7 قان. 17‏:7. 8:8 يەر. 17‏:13 8:9 «ئۇلار بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ئالدى بىلەن ياشانغانلىرى، ئاندىن قالغانلىرى بىر-بىرلەپ ھەممىسى ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىشتى» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: «ئۇلار بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ۋىجدانىنىڭ ئەيىبلىشى بىلەن ئالدى بىلەن ياشانغانلىرى، ئاندىن قالغانلىرى بىر-بىرلەپ ھەممىسى ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىشتى» دېيىلىدۇ. 8:11 «مەنمۇ سېنى گۇناھقا بېكىتمەيمەن. بارغىن، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە گۇناھ قىلمىغىن!» ــ 53:7-11:8-ئايەتلەر بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە تېپىلمايدۇ. بىزنىڭچە، بۇنىڭ سەۋەبى، بۇ «زىنا گۇناھىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى» توغرىسىدىكى ئايەتلەر بەزى كۆچۈرگۈچىلەرنىڭ زىتىغا قاتتىق تەگكەن بولسا كېرەك. 8:11 يـۇھ. 5‏:14. 8:12 يەش. 42‏:16؛ يـۇھ. 1‏:9؛ 9‏:5؛ 12‏:35،36. 8:14 يـۇھ. 5‏:31. 8:15 «سىلەر ئەت ئىگىلىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ھۆكۈم قىلىسىلەر» ــ «ئەت ئىگىلىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولسۇنكى، ئىنجىلدا «ئەت» ياكى «ئەتلەر» كۆپ يەرلەردە ئىنسانلارنىڭ خۇداغا تايانماي ئۆزلۈكىدىن ئىش قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «رىملىقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»نىمۇ كۆرۈڭ. 8:16 «بىراق مەن ھېچكىمنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم قىلمايمەن. مەن ھۆكۈم قىلساممۇ، ھۆكۈمۈم ھەقىقىيدۇر» ــ ئەيسا مەسىھ بۇ دۇنيادا تۇرغاندا كىشىلەرنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم قىلمايتتى (سوراققا تارتمايتتى)، بەلكى ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۈستىگە، توغرا، توغرا ئەمەس، دەپ ھۆكۈم قىلاتتى. پەقەت ئاخىرەتكە كەلگەندە ئاندىن ئۇ بارلىق كىشىلەرنى سوراققا تارتىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئەلۋەتتە. پەرىسىيلەر بولسا ئۆزلىرىنى سوراقچى، مەسىھنى سوراققا تارتىش ھوقۇقىمىز بار دەپ قارايتتى. «مېنى ئەۋەتكەن ئاتا بۇ ئىشتا مەن بىلەن بىللىدۇر» ــ «بۇ ئىشتا» دېگەن سۆزلەر ئەينى تېكىستتە بولمىسىمۇ، مەنىسى دەل «مېنىڭ ھۆكۈم قىلغىنىم پەقەت ئۆزۈمدىن ئەمەس، بۇنىڭدا ئاتا مەن بىلەن بىللىدۇر» دېگەندەكتۇر. 8:17 «سىلەرگە تەۋە بولغان تەۋرات قانۇنىدا...» ــ گرېك تىلىدا «سىلەرنىڭ تەۋرات قانۇنىڭلاردا» دېيىلىدۇ. بۇ ھەجۋىي، كىنايىلىك گەپتۇر. پەرىيسىلەر دائىم: «تەۋرات قانۇنىنى تىرىشىپ-تىرمىشىپ، ھەقىقىي مەنىسى بىلەن ئۆزلەشتۈرگۈچىلەر پەقەت بىزلەرمىز» دەپ ھالىنى چوڭ قىلىپ يۈرۈشەتتى. ئەمەلىيەتتە «تەۋرات قانۇنى» خۇدانىڭ بارلىق خەلقىگە تەۋە ئىدى، ئەلۋەتتە. 34:10 ۋە 25:15نىمۇ كۆرۈڭ. «ئىككى ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بولسا راست ھېسابلىنىدۇ» ــ «قان.» 6:17. 8:17 چۆل. 35‏:30؛ قان. 17‏:6؛ 19‏:15؛ مات. 18‏:16؛ 2كور. 13‏:1؛ ئىبر. 10‏:28. 8:18 مات. 3‏:17؛ 17‏:5؛ مار. 1‏:11؛ 9‏:7؛ لۇقا 3‏:22؛ 9‏:35؛ يـۇھ. 1‏:33؛ 5‏:37؛ 6‏:27. 8:19 يـۇھ. 14‏:9؛ 16‏:3. 8:20 «سەدىقە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا» ــ ياكى «خەزىنىدە». 8:20 يـۇھ. 7‏:30. 8:21 يـۇھ. 7‏:34؛ 13‏:33. 8:23 يـۇھ. 3‏:31. 8:24 «چۈنكى سىلەر مېنىڭ «ئەزەلدىن بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمىسەڭلار، گۇناھلىرىڭلار ئىچىدە ئۆلىسىلەر» ــ ياكى «چۈنكى سىلەر مېنىڭ «مەن بولىمەن» ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمىسەڭلار، گۇناھلىرىڭلار ئىچىدە ئۆلىسىلەر». «ئەزەلدىن بار بولغۇچى» ياكى ««مەن بولىمەن» ــ بۇ خۇدانىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە ئاشكارىلىغان نامى بولۇپ («مىس.» 14:3)، ئەيسامۇ بۇ نامنى ئۆزىگە قوللانغان. باشقا بىر تەرجىمىسى: «مېنىڭ ئۇ (يەنى، مەسىھ) ئىكەنلىكىمگە...». لېكىن «يۇھاننا»دا ئوخشاش شۇ ئىبارە تېپىلىدىغان كۆپ باشقا ئايەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا (مەسىلەن، 28-، 58-ئايەت) بۇ تەرجىمىمىز توغرا بولۇشى كېرەك. 8:24 يـۇھ. 8‏:21. 8:26 «ئۆزۈمنىڭ سىلەرنىڭ توغراڭلاردا ۋە ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈم قىلىدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىم بار؛ لېكىن مېنى ئەۋەتكۈچى ھەقتۇر ۋە مەن ئۇنىڭدىن نېمىنى ئاڭلىغان بولسا، بۇلارنىلا دۇنيادىكىلەرگە ئۇقتۇرۇپ ئېيتىمەن» ــ مەسىھنىڭ پەرىسىيلەرگە ئېيتقان باشقا كۆپ سۆزلىرىگە ئوخشاش، بۇ سۆزى ئىنتايىن ئىخچامدۇر. بىزنىڭچە ئومۇمىي مەنىسى: «سىلەر توغرۇلۇق نۇرغۇن ئەيىبلەيدىغان سۆزلىرىم بار. بۇ سۆزلىرىمنى قوبۇل قىلماسلىقىڭلار مۇمكىن. لېكىن مېنىڭ بۇ سۆزلىرىم ئەمەلىيەتتە ئۆزۈمدىن ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكەن ئاتامدىندۇر؛ شۇڭا ئىشىنىشىڭلار كېرەك؛ چۈنكى نېمىنى ئۇنىڭدىن ئاڭلىسام، شۇنى دۇنياغا ئېيتىمەن» دېگەندەك بولسا كېرەك. 8:26 يـۇھ. 7‏:28؛ 15‏:15؛ رىم. 3‏:4. 8:27 «ئۇلار ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە ئېيتقانلىرىنىڭ ئاتا توغرۇلۇق ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلمىدى» ــ «ئاتا» ئۆز ئاتىسى خۇدا، ئەلۋەتتە. دېمىسەكمۇ، مەسىھنىڭ نېمىشقا بەزىدە پەقەت «ئاتا» ۋە باشقا يەرلەردە «ئاتام» دېيىشىنى تەتقىق قىلىش بەك پايدىلىق ئىشتۇر. 8:28 «سىلەر ئىنسانئوغلىنى كۆتۈرگەندىن كېيىن...» ــ «ئىنسانئوغلىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى» ئاۋۋال ئەيسانىڭ كرېستلىنىشى، ئاندىن ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ خۇدانىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرۇشىنمۇ كۆرسىتىدۇ. 32:12-34نىمۇ كۆرۈڭ. «مېنىڭ «ئەزەلدىن بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر» ــ 24-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. 8:28 چۆل. 21‏:9؛ 2پاد. 18‏:4؛ يـۇھ. 3‏:11، 14؛ 7‏:16؛ 12‏:32، 49؛ 14‏:10. 8:29 يـۇھ. 14‏:10؛ 16‏:32. 8:30 يـۇھ. 7‏:31. 8:32 رىم. 6‏:18؛ گال. 5‏:1؛ 1پېت. 2‏:16. 8:33 مات. 3‏:9. 8:34 رىم. 6‏:20؛ 2پېت. 2‏:1. 8:35 «قۇل ئائىلىدە مەڭگۈ تۇرمايدۇ، لېكىن ئوغۇل مەڭگۈ تۇرىدۇ» ــ دېمەك، بىرسى «قۇل» بولسا (مۇشۇ يەردە «گۇناھنىڭ قۇلى») ھەرقانداق ئۆي ئىگىسى بىلەن مەڭگۈلۈك مۇناسىۋەتتە بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئائىلە ئەزاسى بولالمايدۇ؛ پەقەت ئۆي ئىگىسىنىڭ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر بىلەنلا مەڭگۈلۈك مۇناسىۋىتى بولىدۇ؛ ئۆي ئىگىسىنىڭ ئوغلى ئۆي ئىگىسىنىڭ ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ، ئەلۋەتتە. ئەمدى «ئۆي ئىگىسى» خۇدا بولسا، ئۇنىڭ ئوغلىمۇ تولۇق ھوقۇقلۇق بولىدۇ، ئەلۋەتتە. بۇ ئىش 36-ئايەتتىكى ھەقىقەت بىلەن زىچ باغلىنىدۇ. 8:36 «شۇنىڭ ئۈچۈن ئوغۇل سىلەرنى ئازاد قىلسا، ھەقىقىي ئازاد بولىسىلەر» ــ يۇقىرىقى ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ. «قۇل» «قۇل»نى ئازاد قىلمايدۇ، «قۇل»نى ئازاد قىلالايدىغان پەقەت ئۆزى ئازاد بولغان كىشى، ئەلۋەتتە. ئەمدى بۇ دۇنيادا كىم گۇناھدىن ئازادتۇر؟ مەسىھدىن باشقا ھەربىر كىشى گۇناھنىڭ قۇلىدۇر، ھەقىقىي ئازاد بولغان كىشى پەقەت «ئوغۇل»، يەنى مەسىھدۇر؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ باشقىلارنى (ئۇلاردا ئېتىقاد بولسا) گۇناھنىڭ كۈچىدىن ئازاد قىلالايدۇ. 8:36 رىم. 8‏:2. 8:38 «سىلەر بولساڭلار ئۆز ئاتاڭلاردىن كۆرگەنلىرىڭلارنى قىلىۋاتىسىلەر!» ــ ياكى «سىلەر بولساڭلار ئۆز ئاتاڭلاردىن ئاڭلىغانلىرىڭلارنى قىلىۋاتىسىلەر!». 8:38 يـۇھ. 3‏:11؛ 7‏:16؛ 12‏:49؛ 14‏:10، 24. 8:39 رىم. 2‏:28؛ 9‏:7. 8:40 يـۇھ. 17‏:17. 8:41 «سىلەر ئۆز ئاتاڭلارنىڭ قىلغىنىنى قىلىۋاتىسىلەر!» ــ «ئۆز ئاتاڭلار» ــ ئىبلىسنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. 44-ئايەتنى كۆرۈڭ. «بىز ھارامدىن بولغان ئەمەسمىز!» ــ بۇ دارىتما گەپ. ئۇلار ئەيسانىڭ مەريەمدىن تۇغۇلۇشىنى «بىر ئاتىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئەمەس»، بەلكى «ھارامدىن بولغان» دەپ پۇرىتىپ، ئۇنىڭدىن ئېۋەن تاپماقچى ئىدى. 8:42 «مەن خۇدانىڭ باغرىدىن چىقىپ...» ــ گرېك تىلىدا «مەن خۇدانىڭ ئىچىدىن چىقىپ...». 8:42 يـۇھ. 5‏:43؛ 7‏:29. 8:44 «... ئىبلىس يالغانچى ۋە شۇنداقلا يالغانچىلىقنىڭ ئاتىسىدۇر» ــ ياكى «... ئۇ (ئىبلىس) يالغانچى ۋە شۇنداقلا يالغانچىلىقنىڭ پىرىدۇر». 8:44 يار. 3‏:1؛ 2كور. 11‏:3؛ 1يۇھ. 3‏:8. 8:47 يـۇھ. 6‏:37؛ 10‏:26،27؛ 1يۇھ. 4‏:6. 8:48 ««سامارىيەلىك ھەم جىن چاپلاشقان ئادەم»سەن» ــ «سامارىيەلىكلەر» يەھۇدىيلار كۆزگە ئىلمايدىغان بىر خەلق بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆزقارىشىچە سامارىيەلىكلەر خۇدانىڭ سۆزىنى بۇرمىلىغان كاپىرلار ۋە جىن تەگكەنلەردۇر. 8:48 يـۇھ. 7‏:20؛ 10‏:20. 8:49 يـۇھ. 7‏:18. 8:51 يـۇھ. 5‏:24؛ 11‏:25. 8:53 ئىبر. 11‏:13. 8:56 «ئاتاڭلار ئىبراھىم مېنىڭ كۈنۈمنى كۆرىدىغانلىقىدىن يايراپ-ياشنىدى» ــ ئەيسانىڭ «مېنىڭ كۈنۈم» دېگىنى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ بىزنىڭچە بۇ ئىبارە: (1) ئۇنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى كۆرسىتىدۇ؛ (2) ئۇنىڭ شان-شەرەپ ئىچىدە قايتىپ كېلىدىغان كۈنىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. ئىبراھىم قاچان ئالدىنئالا بۇنى كۆرگەن؟ يەھۇدىي «راببىلار»نىڭ كۆپىنچىسى «ئىبراھىم ئىسھاقنى قۇربانلىق قىلىشقا سۇنغان ۋاقىتتا باقىي ئالەم ئۇنىڭغا ئايان قىلىنغان» دەپ قارايتتى ۋە بىزمۇ بۇ پىكىرگە مايىلمىز. 8:56 يار. 17‏:17؛ لۇقا 10‏:24؛ ئىبر. 11‏:13. 8:58 «ئىبراھىم تۇغۇلماستىلا، مەن بار بولغۇچىدۇرمەن!» ــ «مەن بار بولغۇچىدۇرمەن» دېگىنى يەنىلا «مىس.» 14:3دە، مۇسا پەيغەمبەرگە ۋەھىي قىلىنغان، خۇدانىڭ «مەن ئۆزۈمدۇرمەن»، ياكى بولمىسا «مەن ئەزەلدىن بار بولغۇچىدۇرمەن» دېگەن ئۇلۇغ نامىنى كۆرسىتىدۇ. ئەيسانىڭ بۇ نامنى ئۆزىگە ئالغىنى ئۇنىڭ خۇدالىق تەبىئىتىنى كۆرسىتىدۇ. يەھۇدىيلار ئۇنىڭ بۇ گېپىنى توغرا چۈشىنىدۇ، لېكىن قەتئىي ئىشەنمەيدۇ (59-ئايەتنى كۆرۈڭ). 8:59 «بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى چالما-كېسەك قىلغىلى قوللىرىغا يەردىن تاش ئالدى» ــ يەھۇدىي خەلقى ئۇنىڭ سۆزىنىڭ مەنىسىنى توغرا چۈشىنەتتى، لېكىن ئىشەنمەي «كۇپۇرلۇق قىلغۇچى!» دەپ ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى ئىدى. «لېكىن ئەيسا ئۇلارغا كۆرۈنمەي، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ ئىبادەتخانىدىن چىقىپ كەتتى»  ــ بەزى كۆنا كۆچۈرمىلەردە پەقەت «لېكىن ئەيسا ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ، ئىبادەتخانىدىن چىقىپ كەتتى» دېيىلىدۇ. 8:59 لۇقا 4‏:29؛ يـۇھ. 10‏:31،39؛ 11‏:8.