زەبۇر
1
بىرىنچى بۆلۈم •••• 1-كۈي •••• ئىتائەتمەن ئادەمنىڭ بەختى
1 رەزىللەرنىڭ گېپى بويىچە ماڭمايدىغان،
گۇناھكارلارنىڭ يولىدا تۇرمايدىغان،
مەسخىرە قىلغۇچىنىڭ ئورنىدا ئولتۇرمايدىغان ئادەم بەخت تاپۇر! ◘
2 ئۇنىڭ خۇرسەنلىكى پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنىدىدۇر؛
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنى كېچە-كۈندۈز سېغىنىپ ئويلايدۇ. ◼  ◘
3 ئۇ خۇددى ئېرىق بويىغا تىكىلگەن،
ئۆز پەسلىدە مېۋىسىنى بېرىدىغان،
يوپۇرماقلىرى سولاشمايدىغان دەرەختەكتۇر؛
ئۇ نېمىلا قىلسا روناق تاپىدۇ. ◼  ◘
4 رەزىل ئادەملەر بولسا ئۇنداق بولماس؛
ئۇلار خۇددى شامال ئۇچۇرۇۋەتكەن توزاندەكتۇر. ◘
5 شۇنىڭ ئۈچۈن رەزىللەر سوراق كۈنىدە تىك تۇرالمايدۇ،
گۇناھكارلار ھەققانىيلارنىڭ جامائىتىدە ھېچ بېشىنى كۆتۈرۈپ تۇرالمايدۇ.
6 چۈنكى پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنىڭ يولىنى كۆڭلىگە پۈككەن؛
رەزىللەرنىڭ يولى بولسا يوقىلىدۇ.
 
 
◘ 1:1 زەب. 26‏:4-5؛ پەند. 1‏:10، 15؛ 4‏:14، 15؛ 1كور. 15‏:33؛ ئ‍ەف. 5‏:11 ◼ 1:2 «ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنى كېچە-كۈندۈز سېغىنىپ ئويلايدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئۇ ئۇنىڭ قانۇنىنى كېچە-كۈندۈز سېغىنىپ ئويلايدۇ» ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ زەبۇر مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. سەۋەبى، مەسىھتىن باشقا كىم «پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنى كېچە-كۈندۈز سېغىنىپ ئويلايدۇ»؟! بىردىنبىر مۇكەممەل ئادەم پەقەت ئۇدۇر. ئۇنداق بولغاندا، «ئۇنىڭ قانۇنى» ئۆزىنىڭكىدۇر! ◘ 1:2 قان. 6‏:6-9؛ 17‏:19؛ يە. 1‏:8؛ زەب. 112‏:1؛ 119‏:1 ◼ 1:3 «ئۇ نېمىلا قىلسا روناق تاپىدۇ» ــ بۇ يەردىكى «ئۇ»، خۇدانىڭ يولىدا ماڭىدىغان ئادەمنى كۆرسىتىدۇ. ◘ 1:3 يەر. 17‏:8 ◘ 1:4 ئايۇپ 21‏:18؛ زەب. 35‏:5؛ يەش. 17‏:13؛ 29‏:5؛ ھوش. 13‏:3