2
2-كۈي •••• خۇدانىڭ مەسىھى بارلىق ئەللەرنى ئىدارە قىلىدۇ
ئەللەر نېمىشقا چۇقان سالىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن خەلقلەر بىكاردىن-بىكار سۇيىقەست ئويلايدۇ؟  
دۇنيادىكى پادىشاھلار سەپكە تىزىلىپ،
ئەمەلدارلار قارا نىيەت ئەيلىشىپ،
پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ مەسىھى بىلەن قارشىلىشىپ: ــ
«ئۇلارنىڭ چەكلىمىلىرىنى چۆرۈۋېتەيلى،
ئۇلارنىڭ ئاسارەتلىرىنى بۇزۇپ تاشلايلى!» ــ دېيىشىدۇ.
ئاسماندا ئولتۇرغۇچى كۈلىدۇ،
رەب ئۇلارنى مازاق قىلىدۇ؛
ھەم ئاچچىقىدا ئۇلارغا سۆزلەپ،
قەھرى بىلەن ئۇلارنى ۋەھىمىگە سېلىپ: ــ
«ئۆزۈم بولسام زىئوندا، يەنى مۇقەددەس تېغىمدا،
ئۆزۈم مەسىھ قىلغان پادىشاھنى تىكلىدىم».
 
خۇدا تەيىنلىگەن مەسىھ-پادىشاھ سۆز قىلىدۇ
«مەن ئەرشتىكى پەرماننى جاكارلايمەنكى،
پەرۋەردىگار ماڭا: ــ
«سەن مېنىڭ ئوغلۇم؛
ئۆزۈم سېنى بۈگۈنكى كۈندە تۇغۇلدۇردۇم؛
مەندىن سورا، مەن ساڭا مىراس بولۇشقا ئەللەرنى،
تەئەللۇقۇڭ بولۇشقا يەر يۈزىنى چەت-چەتلىرىگىچە بېرىمەن؛
سەن تۆمۈر تاياق بىلەن ئۇلارنى بىتچىت قىلىۋېتىسەن؛
ساپال چىنىنى كۇكۇم-تالقان قىلغاندەك، سەن ئۇلارنى پارە-پارە قىلىۋېتىسەن» ــ دېدى».  
10 ئەمدى، ھەي پادىشاھلار، ئەقىلدار بولۇڭلار!
جاھاندىكى سوراقچىلار ساۋاق ئېلىڭلار؛
11 پەرۋەردىگاردىن قورقۇش بىلەن ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇڭلار؛
تىترەك ئىچىدە خۇشاللىنىڭلار!
12 ئوغۇلنىڭ غەزىپىنىڭ قوزغالماسلىقى ئۈچۈن،
ئۇنى سۆيۈڭلار؛
چۈنكى ئۇنىڭ غەزىپى سەللا قاينىسا،
يولۇڭلاردىلا ھالاك بولىسىلەر؛
ئۇنىڭغا تايانغانلار نەقەدەر بەختلىكتۇر!  
 
 
2:1 «ئەللەر نېمىشقا چۇقان سالىدۇ؟» ــ زەبۇردىكى كۈيلەردە، «ئەللەر» ياكى «يات ئەللەر» بولسا، ئىسرائىل خەلقىدىن باشقا ھەربىر خەلق-مىللەتنى كۆرسىتىدۇ. 2:1 روس. 4‏:25 2:2 «پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ مەسىھى» ــ «مەسىھ» مۇشۇ يەردە، كونا بىر ئۆرپ-ئادەتكە قارىتىلغان. تەۋراتتىكى بەلگىلىمىدە، يېڭى پادىشاھ تىكلىنىش مۇراسىمىدا بېشىغا پۇراقلىق زەيتۇن مېيى قۇيۇلاتتى. بۇ «مەسىھ قىلىش» («مەسىھلەش») دەپ ئاتالغان. «يەشايا» كىتاب، 61-بابتا «مەسىھ قىلىش» دېگەن سۆز بولسا، كېلىدىغان قۇتقۇزغۇچىنىڭ ۋۇجۇدىغا ماي ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھ قۇيۇلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ ئايەتتىمۇ ئوخشاشلا، «مەسىھ» مۇقەددەس روھ بىلەن «مەسىھ قىلىنغان ئادەم»نى كۆرسىتىدۇ. 2:3 «ئۇلارنىڭ چەكلىمىلىرىنى چۆرۈۋېتەيلى، *ئۇلارنىڭ ئاسارەتلىرىنى بۇزۇپ تاشلايلى!» ــ «ئۇلار» «خۇدا ۋە ئۇنىڭ مەسىھى»نى كۆرسىتىدۇ. 2:6 «زىئون..، يەنى مۇقەددەس تېغىم..» ــ «زىئون تېغى» يېرۇسالېم ۋە مۇقەددەس ئىبادەتخانا بۇ تاغ ئۈستىگە قۇرۇلغان. «زىئون» (ياكى «سىئون») ئەسلىدە «كۆرۈنەرلىك» دېگەن مەنىدە. ئۇ خۇدانىڭ ئۆز خەلقىگە ھىمايە بولغانلىقىغا سىمۋول قىلىنىدۇ. «ئۆزۈم مەسىھ قىلغان پادىشاھنى تىكلىدىم» ــ يۇقىرىدىكى 2-ئايەتتىكى، «مەسىھ» توغرىسىدىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. 2:7 روس. 13‏:33؛ ئىبر. 1‏:5؛ 5‏:5 2:8 زەب. 22‏:27؛ 72‏:8 2:9 «سەن تۆمۈر تاياق بىلەن ئۇلارنى بىتچىت قىلىۋېتىسەن» ــ ياكى: «سەن تۆمۈر تاياق بىلەن ئۇلارنى باشقۇرىسەن». 2:9 ۋەھ. 2‏:27؛ 19‏:15 2:11 «تىترەك ئىچىدە خۇشاللىنىڭلار!» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «تىترەك ئىچىدە ياشاڭلار!». 2:12 «ئۇنى (ئوغۇلنى) سۆيۈڭلار» ــ بۇنىڭ مەنىسى بەلكىم «خۇدانىڭ ئوغلى بىلەن ئەپلىشىۋېلىڭلار». «چۈنكى ئۇنىڭ غەزىپى سەللا قاينىسا...» ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى «چۈنكى ئۇنىڭ غەزىپى تېزلا قوزغىلىدۇ...». 2:12 زەب. 34‏:8؛ پەند. 16‏:20؛ يەش. 30‏:18؛ يەر. 17‏:7؛ رىم. 9‏:33؛ 10‏:11؛ 1پېت. 2‏:6