3
3-كۈي •••• سەھەردىكى دۇئا
1 داۋۇت ئۆز ئوغلى ئابشالومدىن قېچىپ يۈرگەن كۈنلەردە يازغان كۈي: ــ
 
ئى پەرۋەردىگار، مېنى قىستاۋاتقانلار نەقەدەر كۆپىيىپ كەتكەن،
مەن بىلەن قارشىلىشىۋاتقانلار نېمىدېگەن كۆپ! ◼  ◘
2 نۇرغۇنلار مەن توغرۇلۇق: ــ
«خۇدادىن ئۇنىڭغا ھېچ نىجات يوقتۇر!» دېيىشىۋاتىدۇ.
سېلاھ! ◼
3 بىراق سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئەتراپىمدىكى قالقاندۇرسەن؛
شان-شەرىپىم ھەم بېشىمنى يۆلىگۈچىدۇرسەن! ◼
4 ئاۋازىم بىلەن مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىمەن،
ئۇ مۇقەددەس تېغىدىن ئىجابەت بېرىدۇ.
سېلاھ.
5 مەن بولسام ياتتىم، ئۇخلىدىم؛
ئويغاندىم، چۈنكى پەرۋەردىگار ماڭا يار-يۆلەك بولىدۇ. ◘
6 مېنى قورشاپ سەپ تۈزگەن تۈمەنلىگەن ئادەملەر بولسىمۇ،
مەن ئۇلاردىن قورقمايمەن! ◘
7 ئى پەرۋەردىگار، ئورنۇڭدىن تۇر!
مېنى قۇتقۇز، ئى خۇدايىم!
مېنىڭ بارلىق دۈشمەنلىرىمنىڭ تەستىكىگە سالغايسەن؛
رەزىللەرنىڭ چىشلىرىنى چېقىۋەتكەيسەن!
8 نىجاتلىق بولسا پەرۋەردىگاردىندۇر؛
بەرىكىتىڭ ئۆز خەلقىڭدە بولسۇن!
سېلاھ! ◘
 
 
◼ 3:1 «داۋۇت ئۆز ئوغلى ئابشالومدىن قېچىپ يۈرگەن كۈنلەردە...» ــ مۇشۇ ۋەقە، «2سام.» 15-18-بابتا خاتىرىلەنگەن. ◘ 3:1 2سام. 15،16،17،18 ◼ 3:2 «خۇدادىن ئۇنىڭغا ھېچ نىجات يوقتۇر!» ــ دېمىسەكمۇ، «نىجات» «(خۇدادىن كەلگەن) قۇتقۇزۇش» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. «سېلاھ» ــ مۇشۇ سۆز بەلكىم كۈي چالغان ۋاقتىدا مۇزىكىدىكى بىر «پائۇزا»نى كۆرسىتىشى مۇمكىن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ: ــ «توختا، ئويلان!» دېگەن ئىماسى بولۇشى مۇمكىن. ◼ 3:3 «شان-شەرىپىم ھەم بېشىمنى يۆلىگۈچىدۇرسەن!» ــ «مېنىڭ شان-شەرىپىم» دېگەن ئىبارە ئىككى بىسلىق سۆز بولۇپ، بەلكىم: (1) داۋۇتنىڭ مەدھىيىسىنىڭ تېمىسى خۇدا ئۆزىدۇر؛ (2) خۇدانىڭ داۋۇتنىڭ ئۆز خۇداسى بولغانلىقى، بۇ ناھايىتى پەخىرلىك، شەرەپلىك ئىشتۇر، دېگەن ئىككى مەنىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن. ◘ 3:5 زەب. 4‏:8 ◘ 3:6 زەب. 27‏:3 ◘ 3:8 پەند. 21‏:31؛ يەش. 43‏:11؛ يەر. 3‏:23؛ ھوش. 13‏:4؛ ۋەھ. 7‏:10؛ 19‏:1