4
4-كۈي •••• كېچىدىكى دۇئا
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ
 
مەن نىدا قىلغىنىمدا، ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن،
ئى ماڭا ھەققانىيلىقىم ئاتا قىلغۇچى خۇدا!
بېسىم ئاستىدا قالغاندا سەن مېنى كەڭرىچىلىككە چىقاردىڭ؛
ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، دۇئايىمنى ئاڭلا!
ئى ئىنسان بالىلىرى، سىلەر مېنىڭ شان-شەرىپىمنى قاچانغىچە ئاھانەتكە قالدۇرىسىلەر؟
قاچانغىچە بىھۇدىلىكنى سۆيۈپ،
يالغاننى ئىزدەپ يۈرىسىلەر؟
سېلاھ.
بىراق شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى،
پەرۋەردىگار ئىخلاسمەنلەرنى ئۆزىگە خاس قىلغان؛
مەن ئۇنىڭغا نىدا قىلغىنىمدا، پەرۋەردىگار ئاڭلايدۇ.
ئاچچىقىڭلارغا بېرىلىپ، گۇناھ قىلماڭلار؛
ئۆز ئورنۇڭلاردا يېتىپ، قەلبىڭلاردا چوڭقۇر ئويلىنىپ،
سۈكۈت قىلىڭلار.
سېلاھ.
ھەققانىيلىق بىلەن قۇربانلىقلارنى قىلىڭلار،
ۋە پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار.
كۆپ خەلق: ــ «كىم بىزگە ياخشىلىق كۆرسىتەلىسۇن؟» ــ دەپ سورىماقتا؛
جامالىڭنىڭ نۇرى ئۈستىمىزگە چۈشسۇن، ئى پەرۋەردىگار!
ئاشلىق ۋە يېڭى شارابلىرى مولچىلىق بولغانلارنىڭ خۇشاللىقىدىنمۇ،
مېنىڭ قەلبىمنى بەكرەك خۇشاللىققا تولدۇردۇڭ.
مەن ياتاي، ھەم خاتىرجەملىكتە ئۇخلىۋالاي؛
چۈنكى مېنى بىخەتەرلىكتە ياشاتقۇچى پەقەتلا سەن، ئى پەرۋەردىگار!
 
 
4:1 «نەغمىچىلەرنىڭ بېشى» ــ ياكى «باش سازچى». داۋۇت ئىبادەتخانىدا ئۆزىنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ كۈيلىرىنى ئوقۇش ئۈچۈن مەخسۇس خورچىلار ھەم سازچىلارنى ئورۇنلاشتۇرغان. مۇشۇ يەردىكى «باش سازچى» شۈبھىسىزكى شۇلارنى باشقۇرىدىغان ئادەمنى كۆرسىتىدۇ. داۋۇت باش سازچىنىڭ مۇشۇ كۈينى ئۆز مۇزىكىسى بىلەن ئىبادەتخانىدا ئوقۇشىنى ئورۇنلاشتۇرعان بولسا كېرەك. «ئى ماڭا ھەققانىيلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدا!» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئى ھەققانىيلىقىمنىڭ خۇداسى!». باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئى مەن ئۈچۈن ئادالەتنى سورىغۇچى خۇدا!» 4:2 «قاچانغىچە بىھۇدىلىكنى سۆيۈپ، يالغاننى ئىزدەپ يۈرىسىلەر؟» ــ بۇ ئايەت بەلكىم «يالغان ئىلاھ»لار، يەنى بۇتلار توغرۇلۇق ئېيتىلغان. سۆزلىگۈچىنىڭ «مېنىڭ شان-شەرىپىم» دېگىنى بولسا، خۇدادۇر. مۇشۇ ئادەملەر ئۇنى سۆيۈپ، ئۇنى ئىزدەشنىڭ ئورنىدا بۇتلارنى ئىزدەيدۇ. 4:4 ئ‍ەف. 4‏:26 4:5 قان. 33‏:19؛ زەب. 51‏:16-19 4:8 لاۋ. 26‏:5؛ قان. 12‏:10؛ 33‏:28؛ زەب. 3‏:6