10
10-كۈي •••• ــ -10كۈي -9كۈي داۋامى •••• 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ
نېمىشقا، ئى پەرۋەردىگار، يىراقتا تۇرىسەن؟
نېمىشقا ئازابلىق كۈنلەردە ئۆزۈڭنى يوشۇرىسەن؟
رەزىل ئادەملەر تەكەببۇرلۇقى بىلەن ئاجىز مۆمىنلەرنى تاپ باستۇرۇپ قوغلاپ يۈرىدۇ؛
ئۇلار ئۆزلىرى تاپقان ھىيلىلەر بىلەن ئىلىنىپ، بابلىنىدۇ.  
چۈنكى رەزىللەر ئۆز ئارزۇ-ھەۋەسلىرى بىلەن ماختىنىدۇ؛
ئاچ كۆزلەر ئۈچۈن بەخت تىلەيدۇ؛
پەرۋەردىگارنى بولسا كۆزىگە ئىلمايدۇ.
ئۇلار چىرايىدىن ھاكاۋۇرلۇق ياغدۇرۇپ،
خۇدانى ئىزدىمەيدۇ؛
ئۇلار بارلىق خىياللىرىدا: «ھېچبىر خۇدا يوقتۇر!» دەيدۇ.
ئۇلارنىڭ يوللىرى ھەمىشە راۋان بولىدۇ؛
سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭ ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن يىراق ۋە ئۈستۈن تۇرىدۇ؛
ئۇلارنىڭ رەقىبلىرى بولسا، ئۇلارغا قاراپ «تۈفى!» دەپ مازاق قىلىدۇ.
رەزىل ئادەم كۆڭلىدە: «مەن ھېچ تەۋرەنمەي تۇرىۋېرىمەن!
دەۋردىن-دەۋرگە ھېچ مۇشەققەتكە ئۇچرىمايمەن» ــ دەيدۇ.
ئۇنىڭ ئاغزى قارغاش، ئالدامچىلىق ھەم زۇلۇمغا تولغان؛
تىلى ئاستىدا ئەسكىلىك ۋە قەبىھلىك ياتىدۇ.
ئۇ مەھەللىلەردە يوشۇرۇنچە ماراپ ئولتۇرىدۇ؛
ئۇ پىنھان جايلاردا گۇناھسىزلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ؛
كۆزلىرى يوقسۇللارنى كۆزلەيدۇ؛
ئۇ چاتقاللىقىدا ياتقان شىردەك يوشۇرۇنچە پايلاپ ياتىدۇ؛
ئۇ مۆمىنلەرنى تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن يوشۇرۇنچە ماراپ ياتىدۇ؛
مۆمىنلەرنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇلارنى ئۆز تورىغا چۈشۈرىدۇ.
10  يوقسۇللار ئېزىلىدۇ، پۈكۈلىدۇ؛
دەردمەنلەر ئۇنىڭ ياۋۇزلۇقلىرى بىلەن يىقىلىدۇ.
11 ئۇ كۆڭلىدە: «تەڭرى بۇنى ئۇنتۇپ قالدى،
ئۇ يۈزىنى يېپىۋېلىپ، قارىمايدۇ؛
بۇنى ھەرگىز كۆرمەيدۇ» ــ دەيدۇ.  
12 ئورنۇڭدىن تۇرغىن، ئى پەرۋەردىگار؛
ئى تەڭرىم، قولۇڭنى كۆتۈرگىن؛
ئېزىلگەن مۆمىنلەرنى ئۇنتۇما!
13 رەزىل ئادەم نېمىشقا سەن خۇدانى كۆزىگە ئىلمايدۇ؟
ئۇ كۆڭلىدە: «خۇدا بۇنى سۈرۈشتۈرمەيدۇ!» ــ دەيدۇ.
14 سەن بۇنى كۆرگەنسەن؛
سەن ئۆز قولۇڭ بىلەن يامانلىق ھەم زۇلۇمنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن،
ئۆزۈڭ بۇلارنى كۆزلەپ يۈرىسەن؛
دەردمەنلەر ئۆزلىرىنى ساڭا ئامانەت قىلىدۇ؛
چۈنكى سەن يېتىم-يېسىرلەرگە يار-يۆلەك بولۇپ كەلگەنسەن؛
15 رەزىل، يامان ئادەمنىڭ بىلىكىنى سۇندۇرۇۋەتكەيسەن؛
ئۇنىڭ رەزىللىكىنى بىرمۇبىر سۈرۈشتۈرۈپ، ئۈزۈل-كېسىل يوقاتقايسەن.
16 پەرۋەردىگار ئەبەدىلئەبەدگىچە پادىشاھدۇر؛
ئىمانسىز ئەللەر بولسا پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدىن يوقىلار.  
17‏-18  پەرۋەردىگار، سەن ئاجىز مۆمىنلەرنىڭ ئارمانلىرىنى ئاڭلايسەن؛
ئۇلارنىڭ دىلىنى توق قىلىسەن؛
يېتىم-يېسىرلار ۋە ئېزىلگۈچىلەر ئۈچۈن ئادالەتنى ياقلاپ،
يەر يۈزىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئاجىز-مۆمىنلەرگە قايتىدىن ۋەھىمە سالغۇچى بولماسلىقى ئۈچۈن،
قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتىسەن.
 
 
10:1 «نېمىشقا، ئى پەرۋەردىگار، يىراقتا تۇرىسەن؟ نېمىشقا ئازابلىق كۈنلەردە ئۆزۈڭنى يوشۇرىسەن؟» ــ 10-كۈينىڭ 9-كۈي بىلەن سىرلىق ئالاقىسى بار؛ -9-كۈي ھەم 10-كۈيدىكى ئايەتلەر ئىبرانىي تىلىدا ئالاھىدە شەكىلگە ئىگە. ئىبرانىي يېزىقىدا 22 ھەرپ بار. بۇ ئىككى كۈيدىكى تاق ئايەتلەرنىڭ ھەربىرى ئىبرانىي ئېلىپبە تەرتىپىگە ئاساسەن يېڭى ھەرپ بىلەن باشلىنىدۇ (مەسىلەن، ئۇيغۇر تىلى بولسا، ئا-، ئە-، ب- قاتارلىق ھەرپلەر بىلەن باشلانغانغا ئوخشاش). 9-كۈي ھەم 10-كۈينى بىر-بىرىگە باغلىغاندا، تولۇق «ئېلىپبەلىك نۇسخا» پەيدا بولىدۇ. كېيىن مۇشۇنداق كۈينى «ئېلىپبە تەرتىپىلىك» كۈي دەپ ئاتايمىز. 10:2 «ئۇلار ئۆزلىرى تاپقان ھىيلىلەر بىلەن ئىلىنىپ، بابلىنىدۇ» ــ ياكى «ئاجىزلار ئۇلارنىڭ ھىيلىلىرى بىلەن ئىلىنىپ قالىدۇ». 10:2 زەب. 7‏:16؛ 9‏:15-16؛ پەند. 5‏:22 10:3 «ئاچ كۆزلەر ئۈچۈن بەخت تىلەيدۇ؛ پەرۋەردىگارنى بولسا كۆزىگە ئىلمايدۇ» ــ ياكى «ئاچ كۆزلەر ئادەمنى تىللاپ، پەرۋەردىگارنى چەتكە قاقىدۇ». 10:4 زەب. 14‏:1-3؛ 53‏:1-3 10:7 رىم. 3‏:14 10:10 «دەردمەنلەر ئۇنىڭ ياۋۇزلۇقلىرى بىلەن يىقىلىدۇ» ــ «ياۋۇزلۇقلىرى» بەلكىم كۆچمە مەنىدە بولۇپ، شىرنىڭ كۈچلۈك پۇتلىرىنى ياكى چىشلىرىنى ۋە ياكى ئوۋچىلارنىڭ تورلىرىنى (9-ئايەت) كۆرسىتىشى مۇمكىن. 10:11 «ئۇ يۈزىنى يېپىۋېلىپ، قارىمايدۇ» ــ ياكى «ئۇ يۈزىنى يېپىپ قارىمايدۇ» ياكى «ئۇ يۈزىنى يوشۇرۇپ قارىمايدۇ» 10:11 زەب. 64‏:5؛ 73‏:11؛ 94‏:7 10:16 «ئىمانسىز ئەللەر بولسا پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدىن يوقىلار» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەللەر» مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ يولىنى رەت قىلىدىغان يات ئەللەرنى كۆرسىتىدۇ. «پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ زېمىنى». خۇدانىڭ بۇ زېمىنى بولسا، ئىسرائىلغا مىراس قىلغان قانائان زېمىنى (پەلەستىن)دۇر. 10:16 زەب. 29‏:10؛ 93‏:1؛ 145‏:13؛ 146‏:10؛ يەر. 10‏:10؛ يىغ. 5‏:19؛ دان. 3‏:33؛ 6‏:27؛ 1تىم. 1‏:17 10:17‏-18 يەش. 57‏:1