11
11-كۈي •••• «قېنى، قاچمامسەن؟»
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي:
 
پەرۋەردىگارنى باشپاناھىم قىلدىم؛
ئەمدى سىلەر قانداقمۇ ماڭا: «قۇشتەك ئۆز تېغىڭغا ئۇچۇپ قاچ!
چۈنكى مانا، رەزىللەر كاماننى تارتىپ،
قاراڭغۇلۇقتىن كۆڭلى دۇرۇسلارغا قارىتىپ ئاتماقچى بولۇپ،
ئۇلار ئوقنى كىرىچقا سېلىپ قويدى؛
«ئۇللار ھالاك قىلىنسا،
ئەمدى ھەققانىيلار نېمىمۇ قىلار؟»» ــ دەۋاتىسىلەر؟
پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىدۇر،
پەرۋەردىگارنىڭ تەختى ئاسمانلاردىدۇر؛
ئۇ نەزەر سالىدۇ،
ئۇنىڭ سەزگۈر كۆزلىرى ئىنسان بالىلىرىنى كۆزىتىپ، سىنايدۇ.
پەرۋەردىگار ھەققانىي ئادەمنى سىنايدۇ؛
رەزىللەرگە ۋە زوراۋانلىققا خۇشتارلارغا ئۇ ئىچ-ئىچىدىن نەپرەتلىنىدۇ.
ئۇ رەزىللەرگە قاپقانلار، ئوت ۋە گۈڭگۈرتنى ياغدۇرىدۇ؛
پىژغىرىم قىزىق شامال ئۇلارنىڭ قەدەھىدىكى نېسىۋىسى بولىدۇ.
چۈنكى پەرۋەردىگار ھەققانىيدۇر؛
ھەققانىيلىق ئۇنىڭ ئامرىقىدۇر؛
كۆڭلى دۇرۇسلار ئۇنىڭ دىدارىنى كۆرىدۇ.
 
 
11:3 «ئۇللار ھالاك قىلىنسا،..» ــ «ئۇللار» جامائەتنىڭ ياكى جەمئىيەتنىڭ ئۇللىرىنى كۆرسىتىدۇ. 11:4 «ئۇنىڭ سەزگۈر كۆزلىرى ئىنسان بالىلىرىنى كۆزىتىپ، سىنايدۇ» ــ «ئۇنىڭ سەزگۈر كۆزلىرى» ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ كۆز قاپاقلىرى». 11:6 «پىژغىرىم قىزىق شامال ئۇلارنىڭ قەدەھىدىكى نېسىۋىسى بولىدۇ» ــ «ئۇلارنىڭ قەدەھىدىكى نېسىۋىسى» كىنايىلىك، ھەجۋىي گەپ.