12
12-كۈي •••• رەزىل دۇنيادىن ساقلاش
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، شېمىنىت بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ
 
قۇتقۇزغايسەن، پەرۋەردىگار، چۈنكى ئىخلاسمەن ئادەم تۈگەپ كەتتى؛
ئادەملەر ئارىسىدىن سادىق مۆمىنلەر غايىپ بولدى. ◼
2 ھەربىرسى ئۆز يېقىنلىرىغا يالغان ئېيتىدۇ؛
خۇشامەتچى لەۋلەردە، ئالىكۆڭۈللۈك بىلەن سۆزلىشىدۇ.
3 پەرۋەردىگار بارلىق خۇشامەتچى لەۋلەرنى،
ھاكاۋۇرلارچە سۆزلەيدىغان تىلنى كېسىۋەتكەي!
4 ئۇلار: «تىلىمىز بىلەن غەلىبە قىلىمىز؛
لەۋلىرىمىز بولسا ئۆزىمىزنىڭكىدۇر؛
كىم بىزگە رەب بولالىسۇن؟» ــ دەيدۇ.
5 «ئېزىلگۈچى ئاجىزلارنى باسقان زۇلۇم ۋەجىدىن،
مىسكىنلەرنىڭ ئاھۇزارلىرى ۋەجىدىن،
ھازىرلا ئورنۇمدىن تۇراي» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار،
«مەن ئۇلارغا، ئۇلار زارىقىپ كۈتكەن ئازادلىقنى يەتكۈزىمەن». ◼
6 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرى بولسا ساپ سۆزلەردۇر؛
ئۇلار يەتتە قېتىم ساپلاشتۇرۇلغان،
ساپال قازاندا تاۋلانغان كۈمۈشتەكتۇر. ◘
7 سەن پەرۋەردىگار، ئۇلارنى ساقلايسەن؛
سەن مۆمىنلەرنى مۇشۇ دەۋردىن مەڭگۈگە قوغدايسەن؛ ◼
8 چۈنكى رەزىل ئادەملەر ھەرياندا غادىيىپ يۈرۈشىدۇ،
پەسكەشلىك ئىنسان بالىلىرى ئارىسىدا ئالىيجانابلىق دەپ ماختالماقتا!
 
 
◼ 12:1 «شېمىنىت بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ...» ــ «شېمىنىت» بەلكىم، «سەككىز تارلىق ساز» ياكى «سەككىز نوتىلىق كۈي» دېگەن مەنىدە. ◼ 12:5 «مەن ئۇلارغا، ئۇلار زارىقىپ كۈتكەن ئازادلىقنى يەتكۈزىمەن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلارنى «تۈفى!» دەپ مازاق قىلغۇچىلاردىن ئازاد قىلىمەن» ◘ 12:6 2سام. 22‏:31؛ زەب. 18‏:30؛ 19‏:8؛ 119‏:140؛ پەند. 30‏:5 ◼ 12:7 «سەن پەرۋەردىگار، ئۇلارنى ساقلايسەن» ــ «ئۇلار» 5-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «ئېزىلگەنلەر» ۋە «مىسكىنلەر»نى كۆرسىتىدۇ.