100
100-كۈي •••• پۈتكۈل يەر يۈزى پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ياڭرىتىڭلار!
تەشەككۈر ئېيتىش ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ
 
ئى پۈتكۈل يەر-جاھان، پەرۋەردىگارغا ئاۋازىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار!
خۇشاللىق بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇڭلار،
ھۇزۇرىغا تەنتەنە-ناخشىلار بىلەن يېقىنلىشىڭلار!
بىلىپ قويۇڭلاركى، پەرۋەردىگار ھەق خۇدادۇر؛
بىزنى ياراتقان ئۇنىڭ ئۆزىدۇر، بىز ئەمەس!
بىز ئۇنىڭ خەلقىدۇرمىز،
ئۆز يايلىقىدا باققان قويلىرىدۇرمىز.  
دەرۋازىلىرىغا تەشەككۈر ئېيتىشلار بىلەن،
ھويلىلىرىغا مەدھىيەلەر بىلەن كىرىڭلار؛
ئۇنى مەدھىيىلەپ، نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار!
چۈنكى پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر؛
ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئەبەدىلئەبەدگىچە،
ئۇنىڭ ھەقىقەت-ساداقىتى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچىدۇر!
 
 
100:3 «بىزنى ياراتقان ئۇنىڭ ئۆزىدۇر، بىز ئەمەس!» ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ بىزنى ياراتقان، بىز ئۇنىڭكىدۇرمىز». 100:3 زەب. 95‏:6-7؛ ئ‍ەز. 34‏:30، 31