99
99-كۈي •••• مۇقەددەس خۇداغا مەدھىيە
پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ!
خەلقلەر تىترىسۇن!
ئۇ كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرىدۇ؛
يەر-جاھان زىلزىلىگە كەلسۇن!
پەرۋەردىگار زىئوندا بۈيۈكتۇر،
ئۇ بارلىق خەلقلەر ئۈستىدە تۇرىدىغان ئالىيدۇر.
ئۇلار ئۇلۇغ ۋە سۈرلۈك نامىڭنى مەدھىيىلەيدۇ؛
ئۇ پاك-مۇقەددەستۇر!
پادىشاھنىڭ قۇدرىتى ئادالەتكە بېغىشلانغاندۇر؛
ئۆزۈڭ دۇرۇسلۇقنى مەھكەم ئورناتقانسەن؛
سەن ياقۇپ ئارىسىدا ئادالەت ۋە ھەققانىيەت يۈرگۈزگەن.
پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنى ئۇلۇغلاڭلار!
تەختىپەرى ئالدىدا ئېگىلىپ سەجدە قىلىڭلار ــ
ئۇ مۇقەددەستۇر!
ئۇنىڭ كاھىنلىرى ئارىسىدا مۇسا ۋە ھارۇن بار ئىدى،
نامىنى چاقىرغانلار ئىچىدە سامۇئىلمۇ ھازىر ئىدى؛
ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ، چاقىردى،
ئۇ ئۇلارغا جاۋاب بەردى.
خۇدا بۇلۇت تۈۋرۈكىدە ئۇلارغا سۆزلىدى؛
ئۇلار ئۇ تاپشۇرغان ئاگاھ-گۇۋاھلىقلارغا ھەم نىزام-بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىشاتتى.
ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، سەن ئۇلارغا جاۋاب بەردىڭ؛
يامان قىلمىشلىرىغا يارىشا جازا بەرگەن بولساڭمۇ،
سەن ئۇلارنى كەچۈرگۈچى ئىلاھ ئىدىڭ.
پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنى ئۇلۇغلاڭلار!
ئۇنىڭ مۇقەددەس تېغىدا ئېگىلىپ سەجدە قىلىڭلار!
چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز مۇقەددەستۇر!